كۆرۈش: 1197|ئىنكاس: 33

مەردان: «جۇاڭزى» دىن پارچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«جۇاڭزى»دىن پارچىلار

مەردان ئەھەتئېلى تەرجىمىسى


ئەڭ ئاۋۋال يوقلۇقلا بار ئىدى، بارلىقمۇ، ئاتاقمۇ يوق ئىدى؛
دۇغلۇق كائىناتنىڭ تۇنجى ھالىتى ئىدى، مەۋجۇتلۇق شەكىللەنمىگەنىدى؛
دۇغلۇقتىن مەۋجۇتلۇقنىڭ شەكىللىنىشى مانا بۇ يارىلىشتۇر؛
مەۋجۇتلۇقنىڭ ئارىلىقسىز ئايرىلىشى مانا بۇ ئاتىلىشتۇر؛
جىملىقتىكى ھەرىكەتتىن شەيئىنىڭ، شەيئىدىن جىسمانىيەتنىڭ تۇغۇلۇشى مانا بۇ شەكىل دېمەكتۇر؛
شەكىلنىڭ روھنى ساقلىشى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يۈرىشى مانا بۇ خۇسۇسىيەتتۇر؛
خۇسۇسىيىتىڭنى ياخشىلىساڭ يارىلىشىڭغا ھەتتا ئەڭ ئاۋۋالغا قايتىسەن؛
ئەڭ ئاۋۋال دېمەك يوقلۇق دېمەكتۇر، يوقلۇق دېمەك ھەممە دېمەكتۇر؛
بۇ خىل بىرلىشىش قۇشنىڭ سايرىشىغا ئوخشايدۇ، قۇش گەرچە سايرىغىنىنى بىلمىسىمۇ، تەبىئەت بىلەن شۇنچىلىك بىرلىشىپ كەتكەن؛
مانا مۇشۇنداق بىلمەسلىكتە ۋە قارىغۇلۇقتا بىرلىشىش يۈكسەك كامالەتتۇر، بۇ خىل كامالەتتە ھەممە يۈرىشىدۇ.



باھا سۆز

ياخشىلىساڭنى تازا قىلساڭ؛ ئاتاقنى ئات دەپ ئوقۇغايسىز.  ۋاقتى: 2016-3-8 12:23 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 02:26:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇستاز ئېيتاركى: " داۋنىڭ چوڭلۇقتا چېكى يوق، كىچىكلىكتە چۈشۈمى يوق، ئۇ ھەممىدە ھازىردۇر.
شۇنچىلىك بىپايانكى، داۋ ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىرمۇ نەرسە يوق؛ شۇنچىلىك چوڭقۇركى، قاراڭغۇ تەكتىنى ئىلغا قىلغىلى بولماس.
ئەخلاقنى ۋە ساداقەتنى تەكىتلەش روھنىڭ يېتەرسىزلىكىدۇر، كامالەتكە يەتمىگەن ئىنسان قانداقمۇ بۇلارغا ھۆكۈم قىلالىسۇن؟!
جاھان كامالەتكە يەتكەن ئىنساننىڭ ئىلكىدە بولسا نەقەدەر كۆڭۈلدىكىدەك بولاتتى-ھە؟! بىراق جاھاندارچىلىق ئۇنى چۈشەپ قويالمايدۇ؛
ئۇ ھوقۇق كۈرەشلىرىگە ئەگەشمەيدۇ؛ ھادىسىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزىتىپ، مەنپەئەتكە بېرىلمەيدۇ؛
ماھىيەتتە تۇرىدۇ؛ يىلتىزنى تۇتقا قىلىدۇ؛
ئۇ ئاسمان-زېمىننى ئۇنتۇغان، بارچە شەيئىنى ئارقىسىغا تاشلىغان؛ شۇڭا ئۇنىڭ روھىمۇ بۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان؛
ئۇ داۋنى تۇيغان؛ تەرىقەتنى بىلگەن؛ ساداقەتنى رەت قىلغان؛ قائىدە-يوسۇننى تەرك ئەتكەن؛
مانا بۇ كامالەتكە يەتكەن ئىنساننىڭ تىنچلىقىدۇر."




ۋاقتى: 2016-3-7 10:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىڭىز شۇنداق تۇيلۇق چىقىپتۇ. «كىچىكلىكتە چۈشۈمى يوق»---بەك جىپسىلىشىپتۇ. جۇاڭزىمۇ ھازىر لاۋزى بىلەن بىرلىكتە غەرپ پەيلاسوپلىرىنى ھەيرانلىقتا قالدۇرىۋاتقان بىر مۇتەپەككۈر. بولۇپمۇ، ياپونىيەلىكلەر بەك چوڭ بىلىدىكەن.

باھا سۆز

رەھمەت.  ۋاقتى: 2016-3-7 01:56 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 13:48:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەر كىتابلارنى ئەتىۋارلىشىدۇ، كىتاب دېمەك سۆزدۇر، سۆزنىڭمۇ ھەم ئەتىۋارلايدىغىنى بار.
سۆزنىڭ ئەتىۋارلايدىغىنى بولسا مەنىدۇر، مەنىنىڭ ھەم مەنبەسى باردۇر.
ئەمما مەنىنىڭ مەنبەسىنى سۆزلىگىلى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ كىشىلەر سۆزلىرىنى ئەتىۋارلاپ كىتاب پۈتۈپ قالدۇرىشىدۇ.
لېكىن مەن ئۇنى ئەتىۋارلىمايمەن، چۈنكى ئەتىۋارلانغىنى ئەتىۋارلىنىدىغىنى ئەمەس.
كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغىنى شەكىل بىلەن تۈستۇر، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى بولىدىغىنى ئات بىلەن ئاۋازدۇر.
ئەپسۇس، كىشىلەر شەكىل، تۈس، ئات ۋە ئاۋازلارنى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى دەپ بىلىشىدۇ! ئەمما بۇلار ئۇنى بىلىشكە يەتمەيدۇ،
بىلگۈچى سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىگۈچى بىلمەيدۇ، ۋەھالەنكى كىشىلەر بۇنى چۈشەنسۇنمۇ؟



ۋاقتى: 2016-3-8 01:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاتاقنى ئات دەپ ئالساڭ تېخىمۇ چۈشىدۇ.

باھا سۆز

راست دەيسەن  ۋاقتى: 2016-3-8 12:21 PM
ۋاقتى: 2016-3-8 04:04:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كەچتىن بېرى جۇاڭزىنىڭ كىتابىغا قاراپ چىقتىم، ئېسىل باشلاپسەن، تېمىنى داۋاملاشتۇرىۋەر، بايىقىدەك سۆزلەر تەدرىجىي ئوڭشىلىپ كېتىدۇ....!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 12:30:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگە بولمىسا ئۆز بولماس، ئۆز بولمىسا ئۆزگىمۇ كۆرۈنمەس.
مانا بۇ ماھىيەتكە يېقىن ئويلىنىشتۇر، بىراق بۇلارنىڭ نېمە تەرىپىدىن بولىۋاتقانلىقىنى يەنىلا ئاڭقىرىغىلى بولمايدۇ.
گويا راستىنلا بىر ئورۇنلاشتۇرغۇچى باردەك، بىراق ئۇنىڭ يىپ ئۇچىنى تاپقىلى بولمايدۇ،
تۇيغىلى ۋە چىن پۈتكىلى بولىدۇ، بىراق شەكلىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، شەپىسى بار سۈرىتى يوقتۇر.
يۈز سۆڭەك، توققۇز تۆشۈك، ئالتە ئەزا تېنىمدە تەڭلا مەۋجۇت، مەن زادى قايسىسىغا بەكرەك يېقىن؟
ھەممىسىنىڭ خىزمىتى ئوخشاش ياقامدۇ ياكى بەزىلىرىنىڭ بەكرەكمۇ؟
ئۇنداقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتكار قۇلمۇ؟ ئەجىبا ھەممىسى قۇل بولسا، بىر-بىرسىنى باشقۇرالماسلىقى كېرەكمۇ؟
ياكى ئۇلار دەملىشىپ غوجا بولامدۇ؟ ئەجىبا بۇندا راستىنلا بىر باشقۇرغۇچى مەۋجۇتمۇ؟
مەيلى بۇلار ئايدىلاشسۇن ئايدىڭلاشمىسۇن، ئۇنىڭ بار يوقلىقىغا ئۆزگىرىش ئەكىلەلمەيدۇ.
ئادەم شەكىلگىلا كىرىدىكەن، باشتىن-ئاياق ئۆزىنىڭ يوقۇلۇشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرالمايدۇ.
شەيئىلەر بىلەن بەزىدە قارشىلىشىپ، بەزىدە ماسلىشىدۇ.
بۇلار خۇددى ئاتنىڭ چېپىشىدەك داۋاملىشىدۇ، ھېچبىر كۈچ توختىتالمايدۇ، بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ؟!
ئۇلار بىر ئۆمۈر قۇلچىلىق قىلسىمۇ، مېۋىگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ؛
بىر ئۆمۈر مۇشەققەتتە ئۆتسىمۇ، ئۆلگەندىن كېيىنكى بارار جايىنى بىلەلمەيدۇ. بۇنىڭغا ئېچىنماي تۇرغىلى بولامدۇ؟
كىشىلەر ئادەمنىڭ روھى ئۆلمەيدۇ دېيىشىدۇ، لېكىن بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟
تەننىڭ زەئىپلىشىشىگە ئەگىشىپ، روھمۇ تەڭلا زەئىپلىشىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنارلىقى بارمۇ؟
ھايات ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ئازغۇن ۋە نادانلىقتا ئۆتەمدۇ؟ ياكى بىر مەنلا مۇشۇنداق ئازغۇن، نادانمۇ؟
ياكى ھەممە ئادەم مەندەك نادانمۇ؟



ۋاقتى: 2016-3-8 16:45:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاۋزىنىڭ "داۋ دې جىڭ"دىگەن ئەسىردىكى بىر قىسىم نەرسىلەر بۇ يازمىدىممۇ ئازراق ئىپادىلەندىمۇ-قانداق؟ياخشى باشلىنىش بوپتۇ."داۋ'بىلەن ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك چوڭقۇرلىيالىغۇدەكمىز...!

باھا سۆز

شۇڭا، لاۋجۇاڭ دەيدۇ ئەمەسمۇ!  ۋاقتى: 2016-3-8 05:22 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-9 00:26:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆلەڭگىنىڭ قاراڭغۇسى كۆلەڭگىدىن سورىدى:
" ھېلى ماڭىسەن، ھېلى توختايسەن؛  ھېلى ئولتۇرىسەن، ھېلى قوپىسەن، نېمانداق ئۆزۈڭدە تۇرالمايسەن؟"
كۆلەڭگە ئېيتتى: "مەن بىر نەرسىگە ئەگەشكەنلىكىمدىن مۇشۇنداق بولغانمىدۇ؟
مەن ئەگەشكەن نەرسىنىڭمۇ ئەگىشىدىغان نەرسىسى بولغانلىقتىن مۇشۇنداق بولغانمىدۇ؟
مەن ئەگەشكەن نەرسە يىلاننىڭ قاسرىقىدەك ياكى تومۇزغىنىڭ قانىتىدەك بىر نەرسىمىدۇ؟  
نېمە ئۈچۈن بۇنداقلىقىنى مەن قانداق بىلەي؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەمەسلىكىنى يەنە قانداق بىلەي؟"
جۇاڭزى بىر قېتىم لەپىلدەپ پەرۋاز قىلىۋاتقان چىرايلىق بىر كېپىنەك بولۇپ چۈش كۆرۈپ، ئۆزىنى شۇنچە ئازادە ۋە خۇشال ھېس قىلدى،
ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ جۇاڭزى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنىدى.
تۇيۇقسىز ئويغىنىپ، گاڭگىراش ئىچىدە ئۆزىنىڭ جۇاڭزى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
زادى جۇاڭزى كېپىنەك بولۇپ چۈش كۆردىمۇ؟ ياكى بىر كېپىنەك جۇاڭزى بولۇپ چۈش كۆرۈۋاتامدۇ؟
جۇاڭزى بولۇش بىلەن كېپىنەك بولۇش ئەلۋەتتە پەرقلىق.
مانا بۇ  ئۆز بىلەن ئۆزگىنىڭ ئالمىشىشى ۋە بىرلىكىدۇر.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-9 23:46:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋ يوشۇرۇن بولغانلىقتىن، بار بىلەن يوق پەيدا بولغان؛
سۆز مەجھۇل بولغانلىقتىن، راست بىلەن يالغان پەيدا بولغان.
داۋ بولغان لېكىن مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ سۆز مەۋجۇت لېكىن بولماستۇر.
بولۇش ئەۋج ئالسا، داۋ ئۇنتۇلىدۇ؛ گەپ ئەۋج ئالسا، سۆز چېكىنىدۇ.
ئۆزگىسى يوق ئۆز يوق؛ ئۆزى يوق ئۆزگە يوق.
ئۆزگە ئۆزدىن، ئۆز ئۆزگىدىن كەلگەندۇر.
شۇڭلاشقا ئۆزۈم ئۆزگىدۇر دېيىلىدۇ.
شۇڭلاشقا ئۆلۈم تۇغۇمدۇر، تۇغۇم ئۆلۈمدۇر؛
بولۇم بولۇمسىزلىقتۇر، بولۇمسىزلىق بولۇمدۇر؛
بارلىق يوقلۇقتۇر، يوقلۇق بارلىقتۇر؛
چۇۋۇش قۇرۇشتۇر، قۇرۇش چۇۋۇشتۇر؛
بىمەنىلىكنى تۇيغانلىق مەنىنى تۇيغانلىقتۇر.
مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە كېلىدىغىنى داۋدۇر؛
مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپمۇ بىلگىلى بولمايدىغىنى داۋدۇر.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 20:25:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىمىي بولماسلىق ئەڭ چوڭ يوسۇندۇر، ئوبيېكتى بولماسلىق ئەڭ چوڭ تەرىقەتتۇر؛
ئويى بولماسلىق ئەڭ چوڭ ئەقىلدۇر، كارى بولماسلىق ئەڭ چوڭ رەھىمدۇر؛
ئىسپاتى بولماسلىق ئەڭ چوڭ ئىشەنچتۇر.
ئىرادىنىڭ ئالقىنىدىن قۇتۇل، قەلبنىڭ باغلىقىدىن قۇتۇل،
ئەخلاقنىڭ يۈكىدىن قۇتۇل، داۋنىڭ توسۇقىدىن قۇتۇل.
شەۋكەت، بايلىق، ھۆرمەت، نوپۇز، نام، مەنپەئەت بۇ ئالتىسى ئىرادىنىڭ ئالقىنىدۇر؛
قىياپەت، ھەرىكەت، شەھۋەت، ئەقىل، ھېسسىيات، نىيەت بۇ ئالتىسى قەلبنىڭ باغلىقىدۇر؛
يىرگىنىش، تاقەت قىلىش، خۇشاللىنىش، غەزەپلىنىش، ئارزۇ قىلىش، ھەسرەتلىنىش بۇ ئالتىسى ئەخلاقنىڭ يۈكىدۇر؛
يىراقلىشىش، يېقىنلىشىش، ئېلىش، بېرىش، ئويلاش، ئېرىشىش بۇ ئالتىسى داۋنىڭ توسۇقىدۇر.
بۇ تۆت ئالتە كۆكرىكىڭدە تەۋرىمىسە تۈزلىنەرسەن،
تۈزلەنسەڭ تىنچلىنارسەن،
تىنچلانساڭ سۈزۈلەرسەن،
سۈزۈلسەڭ ھېچقانداق بولارسەن،
ھېچقانداق بولساڭ ھېچنېمە قىلماي ھەممىنى قىلارسەن.
ئاڭسىز قىلغىنىڭ ھەقىقىي قىلغىنىڭدۇر؛
قىلىش ئۈچۈن قىلغىنىڭ ماھىيەتنى يوقاتقىنىڭدۇر.
بىلىم ئېرىشىشتىن كېلىدۇ؛
ئەقىل ئويلاشتىن كېلىدۇ؛
كۆرۈشنىڭ چېكى بولغىنىدەك،
ئەڭ ئەقىللىق ئادەمنىڭمۇ بىلمەيدىغىنى بولىدۇ.
قىلغۇڭ يوق تۇرۇپ قىلىدىغىنىڭ ئەخلاق دېيىلىدۇ،
باشقىلار ئۈچۈنلا قىلىدىغىنىڭ تۈزۈم دېيىلىدۇ.
نامدىكىسىگە تەتۈر قىلغىنىڭ،
ئەمەلدىكىسىگە ئوڭ قىلغىنىڭ ھېسابلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-11 21:44:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شاھزادە خەن ۋۇدى چۈشتىن بۇرۇن رۇچىلار مەدرىسىگە، چۈشتىن كېيىن داۋچىلار مەدرىسىگە بارىدىكەن. بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رۇشۇناس ئۇستازى خەنۋۇدىغا "ئىنسان غايە بىلەن ياشاش كېرەك، ئۆزىگە مەڭگۈلۈك نىشان تىكلەش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا مەنىلىك ياشىغىلى بولىدۇ" دەپتۇ، چۈشتىن كېيىن داۋشۇناس ئۇستازى "ئىنساننىڭ نىشان تىكلىۋېلىشى بىر توساق، ھېچقانداق ئۇبيېكت بولمىغاندىلا ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكىنى قۇبۇل قىلغىلى بولىدۇ' دەپتۇ. ئەتىسى شەنبە كۈنى، خەن ۋۇدى ھېچقايسى مەدرىسىگە بارماي، چارھارباغدا ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ، خەلپەت بۇ ئىشىنى پادىشاھغا يەتكۈزۈپتۇ، پادىشاھ ئاچچىقلىغىنىچە، خەن ۋۇدىنى چاقىرىپ سوراپتۇ، خەن ۋۇدى، "رۇ نىشان دەيدىكەن، داۋ گۇمان دەيدىكەن، رۇ ئېنىق دەيدىكەن، داۋ مەجھۇل دەيدىكەن، رۇ ئىنسانىيلىق دەيدىكەن، داۋ ئىنسانسىزلىق دەيدىكەن، مەن قايسىگە ئىشىنىشنى بىلمەي، شۇلارنى مۇتائىلە قىلدىم، شۇڭا مەدرىسىگە بارمىدىم" دەپتۇ، پادىشاھمۇ نېمە قىلىشنى بىلمەپتۇ؟

زادى قانداق قىلىش كېرەك، ھاياتنىڭ مەنىلىكلىكىگە ئىشىنىش كېرەكمۇ، مەنىسىزلىكلىكىگە ئىشىنىش كېرەكمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-12 14:49:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يورۇق نۇر ھېچنېمىدىن سورىدى: "سەن زادى مەۋجۇتمۇ مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟"
يورۇق نۇر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ رويىغا سەپ سالدى.
ھېچنېمە قاراڭغۇ ۋە قۇپقۇرۇق ئىدى.
پۈتۈن كۈن قارىدى، كۆرمىدى؛ پۈتۈن كۈن قۇلاق سالدى، ئاڭلىمىدى؛ پۈتۈن كۈن سىلاشتۇردى، تۇتالمىدى.
يورۇق نۇر دېدى: " نېمە دېگەن يۈكسەك مۇقام-ھە!  نېمىمۇ بۇ دەرىجىگە يېتەلىسۇن؟!
مەن پەقەت يوق بولالايدىكەنمەن، يوقلۇقتىكى يوق بولالمايدىكەنمەن؛
يوق بولغاندىمۇ بىر بارلىققا باغلىنىپ قالىدىكەنمەن،  قانداقمۇ بۇ مۇقامغا يەتكىلى بولار!؟"



ۋاقتى: 2016-3-13 00:06:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالام، مەردان، قانداق ئەھۋالىڭ،


تېماڭغا دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتىمەن، ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى باشلاپسەن، تەرجىمە تىلىڭمۇ شۇنداق ياخشى، تەرجىمە تىلىڭغا ھەۋەس قىلدىم...! ئىشلىرىڭ خەيرلىك بولسۇن...!
_دىلئاچاردىن


باھا سۆز

ساڭىمۇ سالام بولسۇن!  ۋاقتى: 2016-3-15 11:52 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش