ئەما يۈرەك
ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن
مەنزىل مەندىن كەتتى ياتلىشىپ،
يۈرەك ئۇخلاپ ياتىدۇ چۆلدە.
قۇنۇۋالدى بىر جۇپ كىپىنەك،
لېۋىڭدىكى ئېچىلغان گۈلگە.
بۇرنىمىزغا پۇرايدۇ ھىجران،
يۈرىكىمگە ياغار سىغىنىش.
ھوجرامدىكى سۇنغان ئەينەكتەك،
كۆزۈڭدىن ھەم كۆكلەپ چىقار قىش.
ئۈنۈۋالدى تۈمەن مىڭ يانتاق،
سەندىن ماڭا باشلانغان يولغا.
ئىككى قىرغاق يېقىشقاندا لەۋ،
كۆيۈپ كېتەر بىر قانلىق جىلغا.
2016-يىلى2-ئاينىڭ2-كۈنى گۇما
|