كۆرۈش: 106|ئىنكاس: 9

ئۇپقۇن: ئەما يۈرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەما يۈرەك

ئابلىكىم مۇھەممەت ئۇپقۇن

مەنزىل مەندىن كەتتى ياتلىشىپ،
يۈرەك ئۇخلاپ ياتىدۇ چۆلدە.
قۇنۇۋالدى بىر جۇپ كىپىنەك،
لېۋىڭدىكى ئېچىلغان گۈلگە.

بۇرنىمىزغا پۇرايدۇ ھىجران،
يۈرىكىمگە ياغار سىغىنىش.
ھوجرامدىكى سۇنغان ئەينەكتەك،
كۆزۈڭدىن ھەم كۆكلەپ چىقار قىش.

ئۈنۈۋالدى تۈمەن مىڭ يانتاق،
سەندىن ماڭا باشلانغان يولغا.
ئىككى قىرغاق يېقىشقاندا لەۋ،
كۆيۈپ كېتەر بىر قانلىق جىلغا.
2016-يىلى2-ئاينىڭ2-كۈنى گۇما

باھا سۆز

كۆزۈڭدىن ھەم كۆكلەپ چىقار قىش-كۆزلىرىڭدىن تۆكۈلەر جۇت-قىش...دېسىڭىز...  ۋاقتى: 2016-3-13 09:23 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 00:09:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزۈڭدىن ھەم كۆكلەپ چىقار قىش.

كۆزلىرىڭدىن تامار جۇدۇن-قىش.

ۋاقتى: 2016-3-7 00:09:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلغا خېلى كۈچەپسىز.داۋاملىق ئالغا!!


ۋاقتى: 2016-3-7 11:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەما يۈرەك»شېئىر ياخشى چىقىپتۇ،تەپەككۇرلىرىڭىز ھېرىپ قالمىغاي!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-12 22:12:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-12 22:14:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدجان قادىرى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 12:09 AM
كۆزۈڭدىن ھەم كۆكلەپ چىقار قىش.

كۆزلىرىڭدىن تامار جۇدۇ ...

سىز دىگەندەك ئالسام ياخشى چىقىدىكەن راس،رەھمەت ئاكا.

ۋاقتى: 2016-3-13 00:33:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ، ئىملادىكى قىسمەن نۇقسانلارغا دىققەت قىلغايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-13 02:34:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنھانى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-13 12:33 AM
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ، ئىملادىكى قىسمەن نۇقسانلارغا دىق ...

كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: تۈنۈگۈن 05:59 PM | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بۈگۈنۈم
ئ‍ابلىكىم مۇھەممەت ئ‍ۇپقۇن

خىيال دەرياسىدا ئ‍ۈزدۈم توختىماي،
ئ‍الدىمدا بىر بېتى قاتلانغان كىتاب.
قىسايغان چۈشلىرىم كەتتى پوتەكلەپ،
ھىجراننىڭ جامىغا چىلاندىم شۇ تاب.

كۆز قىسار رۇجەكتە نەمخۇش ھاياجان،
يېمەكتە تۇيدۇرماي جىمجىتلىقىمنى.  
بىر تامچە شەبنەمدەك سىڭسەم ۋاقىتسىز،
كېپەللەپ قويارسەن ئ‍اجىز تېنىمنى.

بىھۇدە ئ‍ۆزىنى ئ‍الدىغان يۈرەك،
كۈتۈشتىن تاڭلارغا ئ‍ايلاندى تالاي.
چۈشلەرنىڭ بەرگىدە كەتسەم ئ‍ۇيقىغا،
لېۋىمدە ئ‍ېچىرقاپ كەتتى تولۇن ئ‍اي.

ئ‍ۆتمۈشكە ئ‍ايلىنىپ كېتىمەن بۈگۈن،
يارلانغان قەلبىمنى گۈللەرگە كۆمۈپ.
بىر گۇڭگا تۇرمۇشنىڭ ئ‍ورمانلىرىدا،
ھەسرەتكە ئ‍ايلىنىپ چېقارمەن ئ‍ۈنۈپ.  
2016-يىلى3-ئاينىڭ17-كۈنى كورلا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش