يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 270|ئىنكاس: 6

ئىزنار: سەنمۇ مەندەك خىيالدا بەلكىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-4 14:35:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
سەنمۇ مەندەك خىيالدا بەلكىم

مۇختەرجان مەمەتتۇرسۇن

مەن يىغلىدىم قولۇمدە سۈرەت،
بوينۇڭدىكى مەرۋايىت مارجان.
كۆز ئالدىمدا ئەمەس سەن لېكىن،
ۋە قوزغالدى مەندە ھاياجان.

چاچلىرىڭنى سىلىسام قانچە،
مىدىرلىماي تۇردى يەنە جىم.
لەۋلىرىڭگە لىۋىمنى ياقتىم،
ۋە سۆيمىدىڭ مېنى سەن جېنىم.

قۇچاقلىغىم كەلدى ھەم سېنى،
كەل باغرىمغا ئۆزۈڭنى ئاتقىن.
كېچەلەردە قويۇپ بەرگىم يوق،
سۆيگۈم ئۈچۈن مەشئەل بوپ يانغىن.

ھەم كەلمىدى سېنىڭدىن سادا،
كۈلۈپ تۇرۇپ تۇرسىمۇ سۈرەت.
سەنمۇ مەندەك خىيالدا بەلكىم،
كەل يېنىمغا بىر دەم تۇرۇپ كەت.

2016 - يىلى 3 - مارت، لەنجۇ.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-5 20:28:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەرىكەتلىك بولۇڭ.

ۋاقتى: 2016-3-4 17:24:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە سۆيمىدىڭ مېنى سەن جېنىم.  دېگەننى   سۆيمىدىڭكى مېنى سەن جېنىم  دەپ ئالسىڭىز قانداق بولار؟

ۋاقتى: 2016-3-4 19:08:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكىلىرىڭلاردىن ھۇزۇرلاندىم مۇختەرجان ،
خاتىرجەم بولۇڭلار قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىڭلاردا جانانىڭلار قەشقەرنىڭ ئانارىدەك كۈلۈپ ئالدىلارغا چىقىشى مومكىن‹‹چاخچاق››

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 23:10:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماس يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 05:24 PM
ۋە سۆيمىدىڭ مېنى سەن جېنىم.  دېگەننى   سۆيمىدىڭكى مېنى س ...

سىز دېگەندەك ئالساممۇ بولىدىكەن رەھمەت ، تەكلىپ بېرىپ تۇرۇڭ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 23:11:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇپقۇن1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 07:08 PM
لىرىكىلىرىڭلاردىن ھۇزۇرلاندىم مۇختەرجان ،
خاتىرجەم ب ...

ئەسەرلىرىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ...

ۋاقتى: 2016-3-5 15:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزنار يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 11:11 PM
ئەسەرلىرىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ...

ھازىر مېنىڭ ئەسەرلىرىم ئەخلەت ساندۇقىنىڭ دائىملىق مىھمانلىرى بوپ قالدى ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرلىرىم مۇنبەر يۈزىدە كۆرۈنمەيدۇ.لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش