سەنمۇ مەندەك خىيالدا بەلكىم
مۇختەرجان مەمەتتۇرسۇن
مەن يىغلىدىم قولۇمدە سۈرەت،
بوينۇڭدىكى مەرۋايىت مارجان.
كۆز ئالدىمدا ئەمەس سەن لېكىن،
ۋە قوزغالدى مەندە ھاياجان.
چاچلىرىڭنى سىلىسام قانچە،
مىدىرلىماي تۇردى يەنە جىم.
لەۋلىرىڭگە لىۋىمنى ياقتىم،
ۋە سۆيمىدىڭ مېنى سەن جېنىم.
قۇچاقلىغىم كەلدى ھەم سېنى،
كەل باغرىمغا ئۆزۈڭنى ئاتقىن.
كېچەلەردە قويۇپ بەرگىم يوق،
سۆيگۈم ئۈچۈن مەشئەل بوپ يانغىن.
ھەم كەلمىدى سېنىڭدىن سادا،
كۈلۈپ تۇرۇپ تۇرسىمۇ سۈرەت.
سەنمۇ مەندەك خىيالدا بەلكىم،
كەل يېنىمغا بىر دەم تۇرۇپ كەت.
2016 - يىلى 3 - مارت، لەنجۇ.
|