سەپەرۇپ بەندۇك
بىلەرمەنلىك
( نەسر)
بىلەرمەنلىك – بىلىمسىزلىكنىڭ ئىپادىسى، ئەخلاقسىزلىقنىڭ بەلگۈسى.
بىلەرمەنلىك- بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى قەستەن بىلىش قىياپىتىگە كېرىۋالغان قۇلاق موللىسى.
بىلەرمەنلىك – ئۆزى بىلەلمەي ، باشقىلارنىڭ بىلگەنلىرىگە قوشۇلغان ئارتۇقچە ئاۋاز.
بىلەرمەنلىك- ھەقىقىي بىلىشتىن يىراقتا قالغان مەنىسىز پاراڭ.
بىلەرمەنلىك- باشقىلار ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆز- ئۆزىدىن
پەخىرلەنگەن قۇرۇق گەپ خالتىسى.
بىلەرمەنلىك- ياخشى ئېتىلگەن تاماققا ئارتۇقچە قويۇلغان تۇز.
بىلەرمەنلىك- ئۆزىنى باشقىلارگە كۆز- كۆز قىلىش بەدىلىگە ئېرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمى يوق غەلبە.
بىلەرمەنلىك- نائۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولىدىن چىققان تاشلاندۇق بۇيۇم.
بىلەرمەنلىك- گاچىنىڭ ئۆز- ئۆزىگە ئېيتىلغان مەزمۇنسىز ناخشا،سازلىمىغان دۇتاردىن چىققان يېقىمسىز ئاھاڭ.
بىلەرمەنلىك- مەن ھەقىقىي بىلىشكە تەقەزا ، ئۇ ئاڭلاپ بورغىلاشقا تەقەزا بولغان شاتۇتى.
دېمەك، بىلەرمەنلىك- مەنمەنچىلىكنىڭ مەنبەسى، كەمتەرلىكنىڭ كۈشەندىسى ، ھەقىقىي بىلىشنىڭ دۇشمىنىدۇر.
|