كۆرۈش: 132|ئىنكاس: 4

سەپەرۇپ بەندۇك: بىلەرمەنلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەپەرۇپ بەندۇك
             بىلەرمەنلىك
             ( نەسر)                              
بىلەرمەنلىك – بىلىمسىزلىكنىڭ ئىپادىسى، ئەخلاقسىزلىقنىڭ بەلگۈسى.
بىلەرمەنلىك- بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى قەستەن بىلىش قىياپىتىگە كېرىۋالغان قۇلاق موللىسى.
بىلەرمەنلىك – ئۆزى بىلەلمەي ، باشقىلارنىڭ بىلگەنلىرىگە قوشۇلغان ئارتۇقچە ئاۋاز.
بىلەرمەنلىك- ھەقىقىي بىلىشتىن يىراقتا قالغان مەنىسىز پاراڭ.
بىلەرمەنلىك- باشقىلار ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆز- ئۆزىدىن
پەخىرلەنگەن قۇرۇق گەپ خالتىسى.
بىلەرمەنلىك- ياخشى ئېتىلگەن تاماققا ئارتۇقچە قويۇلغان تۇز.
بىلەرمەنلىك- ئۆزىنى باشقىلارگە كۆز- كۆز قىلىش بەدىلىگە ئېرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمى يوق غەلبە.
بىلەرمەنلىك- نائۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولىدىن چىققان تاشلاندۇق بۇيۇم.
بىلەرمەنلىك- گاچىنىڭ ئۆز- ئۆزىگە ئېيتىلغان مەزمۇنسىز ناخشا،سازلىمىغان دۇتاردىن چىققان يېقىمسىز ئاھاڭ.
بىلەرمەنلىك- مەن ھەقىقىي بىلىشكە تەقەزا ، ئۇ ئاڭلاپ بورغىلاشقا تەقەزا بولغان شاتۇتى.
دېمەك، بىلەرمەنلىك- مەنمەنچىلىكنىڭ مەنبەسى، كەمتەرلىكنىڭ كۈشەندىسى ، ھەقىقىي بىلىشنىڭ دۇشمىنىدۇر.   

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 19:35:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلەرمەنلىك – بىلىمسىزلىكنىڭ ئىپادىسى، ئەخلاقسىزلىقنىڭ بەلگىسى.
بىلەرمەنلىك- بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى قەستەن بىلىش قىياپىتىگە كىرىۋالغان قۇلاق موللىسى.
بىلەرمەنلىك – ئۆزى بىلەلمەي ، باشقىلارنىڭ بىلگەنلىرىگە قوشۇلغان ئارتۇقچە ئاۋاز.
بىلەرمەنلىك- ھەقىقىي بىلىشتىن يىراقتا قالغان مەنىسىز پاراڭ.
بىلەرمەنلىك- باشقىلار ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆز- ئۆزىدىن
پەخىرلەنگەن قۇرۇق گەپ خالتىسى.
بىلەرمەنلىك- ياخشى ئېتىلگەن تاماققا ئارتۇقچە قۇيۇلغان تۇز.
بىلەرمەنلىك- ئۆزىنى باشقىلارگە كۆز- كۆز قىلىش بەدىلىگە ئېرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمى يوق غەلىبە.
بىلەرمەنلىك- نائۇستا ھۈنەرۋەننىڭ قولىدىن چىققان تاشلاندۇق بۇيۇم.
بىلەرمەنلىك- گاچىنىڭ ئۆز- ئۆزىگە ئېيتىلغان مەزمۇنسىز ناخشا،سازلىمىغان دۇتاردىن چىققان يېقىمسىز ئاھاڭ.
بىلەرمەنلىك- مەن ھەقىقىي بىلىشكە تەقەززا ، ئۇ ئاڭلاپ بورغىلاشقا تەقەززا بولغان شاتۇتى.
دېمەك، بىلەرمەنلىك- مەنمەنچىلىكنىڭ مەنبەسى، كەمتەرلىكنىڭ كۈشەندىسى ، ھەقىقىي بىلىشنىڭ دۇشمىنىدۇر.   


ۋاقتى: 2016-3-5 09:43:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى يازمىڭىز ماڭا ئىلھام ئاتا قىلدى. تەشەككۈرلەر بولسۇن. ئامەتلىك بولۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 11:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مۇھەممەدتوختى سەببەت ئىملادىكى خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۇزۇتۇئوپ قۇيغىنىڭىزغا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت!

باھا سۆز

تۇزۇتۇئوپ-تۈزىتىپ...  ۋاقتى: 2016-3-5 02:29 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش