قار ياغدى
گۈلباھار ئابدۇقادىر تاشقىن
قار ياغدى بىز ماڭغان توپىلىق يولغا،
قەلبىمگە قار تامان توزۇتۇپ خىيال.
ئىزلىرىڭ قارلارغا كەتتى كۆمۈلۈپ،
كۆڭلۈڭنىڭ شاخلىرى سۇندى ئېھتىمال.
گۈركىرەپ كۆيمەكتە ئىچىمدىكى ئوت،
سېغىنىش ھەر كويغا تاشلايدۇ مېنى.
كەچمىشكە تەقدىرداش كوچا چىرىقى،
ئۆتكۈزەر مەن بىلەن ئۇزاق كېچىنى.
زەي، نىمكەش تۇيغۇدا كۆردۈم كۆزۈمنى،
سوئاللار ياغدۇرار قۇرۇپ كەتكەن گۈل.
گۈزەل ھەم ۋاپاسىز قىسقا ھاياتتا،
نېمىشقا كۆڭۈلدىن سۇ ئىچمەس كۆڭۈل؟
بىر ئاچچىق ئاغرىقتىن تولغىنار جىسمىم،
قولۇمدا بىر تۇتام دورا رېتسىپى.
دەممۇ-دەم جېنىمنى قىينايدۇ ھىجران؟
مەڭگۈ دەپ بېرىشكەن ۋەدىلەر قېنى؟
قار ياغقان دالىدەك مۇزلىماقتىمەن،
ھوجرامدا لىپمۇ-لىق تاماكا ئىسى.
مەن تەلۋە،بەختسىز،ۋېسالسىز ئاشىق،
ئاخىرى ھاراقتىن ئالدىم دەردىمنى.
كۈتىمەن تەلمۈرۈپ ئۆزۈمنى-ئۆزۈم،
دېرىزە تۈۋىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
سۆيگۈ دەپ قان بولغان مۇشتەك يۈرىكىم،
ھاياتقا-ئۆلۈمدىن قۇرماقتا توزاق.
2016.2.14
|