كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 15

تاشقىن: قار ياغدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                  قار ياغدى

       گۈلباھار ئابدۇقادىر تاشقىن

     قار ياغدى بىز ماڭغان توپىلىق يولغا،
     قەلبىمگە قار تامان توزۇتۇپ خىيال.
     ئىزلىرىڭ قارلارغا كەتتى كۆمۈلۈپ،
     كۆڭلۈڭنىڭ شاخلىرى سۇندى ئېھتىمال.

     گۈركىرەپ كۆيمەكتە ئىچىمدىكى ئوت،
     سېغىنىش ھەر كويغا تاشلايدۇ مېنى.
     كەچمىشكە تەقدىرداش كوچا چىرىقى،
     ئۆتكۈزەر مەن بىلەن ئۇزاق كېچىنى.

     زەي، نىمكەش تۇيغۇدا كۆردۈم كۆزۈمنى،
     سوئاللار ياغدۇرار قۇرۇپ كەتكەن گۈل.
     گۈزەل ھەم ۋاپاسىز قىسقا ھاياتتا،
     نېمىشقا كۆڭۈلدىن سۇ ئىچمەس كۆڭۈل؟

     بىر ئاچچىق ئاغرىقتىن تولغىنار جىسمىم،
     قولۇمدا بىر تۇتام دورا رېتسىپى.
     دەممۇ-دەم جېنىمنى قىينايدۇ ھىجران؟
     مەڭگۈ دەپ بېرىشكەن ۋەدىلەر قېنى؟


     قار ياغقان دالىدەك مۇزلىماقتىمەن،
     ھوجرامدا لىپمۇ-لىق تاماكا ئىسى.
     مەن تەلۋە،بەختسىز،ۋېسالسىز ئاشىق،
     ئاخىرى ھاراقتىن ئالدىم دەردىمنى.

     كۈتىمەن تەلمۈرۈپ ئۆزۈمنى-ئۆزۈم،
     دېرىزە تۈۋىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
     سۆيگۈ دەپ قان بولغان مۇشتەك يۈرىكىم،
     ھاياتقا-ئۆلۈمدىن قۇرماقتا توزاق.

               2016.2.14












ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 07:56:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلىق زاباي كەنسىزدە   ،  ياخشى چېقىتۇ ئالغا!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 19:02:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزنار يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 07:56 AM
داڭلىق زاباي كەنسىزدە   ،  ياخشى چېقىتۇ ئالغا!!!

   شۇ ئەمەسمۇ...

ۋاقتى: 2016-3-4 20:49:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلباھار خانىم بۇ ھېجران لىرىكىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، لىكىن زابوي بوپقالماڭ يەنە !  

ۋاقتى: 2016-3-4 20:53:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىسرالار بەك ياقتى:       گۈركىرەپ كۆيمەكتە ئىچىمدىكى ئوت،      سېغىنىش ھەر كويغا تاشلايدۇ مېنى.      كەچمىشكە تەقدىرداش كوچا چىرىقى،      ئۆتكۈزەر مەن بىلەن ئۇزاق كېچىنى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 21:38:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنھانى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 08:49 PM
گۈلباھار خانىم بۇ ھېجران لىرىكىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، لىك ...

   زابوي بوپ قالسام قاۋاقتىن قايتۇرۇپ كېلەرگە سىلەر بار.شۇڭا مەن خاتىرجەم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 21:39:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماس يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 08:53 PM
بۇ مىسرالار بەك ياقتى:       گۈركىرەپ كۆيمەكتە ئىچىمدى ...

  ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-3-5 14:18:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكىڭىز تولىمۇ مۇڭلۇق،يۈرەكنى تىتىرەتكۈدەك ياخشى يېزىلىپتۇ.
تۇيغۇلار ئەسەبىيلەشكەندە نېمىلەرنى قىلمايدۇ،ئادەم.
شۇنداقتىمۇ،ئەشۇ «تاماكا ئىسى، ھاراق»دېگەندەك سۆز-ئۇقۇملارنى ئىشلەتمەيمۇ يەنىلا ياخشى يازالىشىڭىز مۈمكىن ئىدى،
جەمئىيەتتە شىددەت بىلەن يامراۋاتقان ئەخلاق كىرزىسى بولۇپمۇ كىچىككىنە تۇرۇپ يولدىن چىقىپ كېتىۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزنى ئويغا سېلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە،خەلقىمىزگە يېڭىچە روھ تەقدىم قىلىش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان  قەلەمكەشلىرىمىز جۈملىدىن ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ قەلىمىدە بۇنداق تەسۋىرلەرنىڭ شېئر مىسرالىرىدا كۆرۈلىشى دېگەندەك مۇۋاپىق ئەمەسمىكىن دەپ قارىدىم.
تەكلىۋىم ياقمىغان بولسا،ئەپۇ قىلارسىز(بىرمەزگىل مۇشائىرە يېزىشقىنىمىزنىڭ يۈزىدىن بولسىمۇ،چاخچاق)
ئىجادىيتىڭىزگە مۇۋەپىقىيەتلەر يار بولسۇن،ئامان بولۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 14:27:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان يۈسۈپ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 02:18 PM
لىرىكىڭىز تولىمۇ مۇڭلۇق،يۈرەكنى تىتىرەتكۈدەك ياخشى ي ...

   قۇبۇل قىلىشقا ئەرزىيسىغان تەكلىپلەرنى بىرىپسىز.تولىمۇ خۇشال مەن.بۇ تەكلىپلەر ئالغا بېسىشىمدىكى داغدام يول.رەھمەت سىزگە.قايتا قاراپ چىقاي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 15:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                      قار ياغدى

           گۈلباھار ئابدۇقادىر تاشقىن
   
      قار ياغدى بىز ماڭغان توپىلىق يولغا،
      قەلبىمگە قار تامان توزۇتۇپ خىيال.
      ئىزلىرىڭ قارلارغا كەتتى كۆمۈلۈپ،
      كۆڭلۈڭنىڭ شاخلىرى سۇندى ئېھتىمال.

      گۆركىرەپ كۆيمەكتە ئىچىمدىكى ئوت،
      سېغىنىش ھەر كويغا تاشلايدۇ مېنى.
      كەچمىشكە تەقدىرداش كوچا چىرىقى،
      ئۆتكۈزەر مەن بىلەن ئۇزاق كېچىنى.

      زەي، نىمكەش تۇيغۇدا كۆردۈم كۆزۈمنى،
      سوئاللار ياغدۇرار قۇرۇپ كەتكەن گۈل.
      گۈزەل ھەم ۋاپاسىز قىسقا ھاياتتا،
     نېمىشقا كۆڭۈلدىن سۇ ئىچمەس كۆڭۈل؟

      بىر ئاچچىق ئاغرىقتىن تولغىنار جىسمىم،
      قولۇمدا بىر تۇتام دورا رېتسىپى.  
      دەممۇ-دەم جېنىمنى قىينايدۇ ھىجىران،
      مەڭگۈ دەپ بېرىشكەن ۋەدىلەر قېنى؟

      قار ياغقان دالىدەك مۇزلىماقتىمەن،
      ھوجرامدا لىپمۇ-لىق ئازاپنىڭ ئىسى.
      مەن شۇنداق بەختسىز،ۋېسالسىز ئاشىق،
      ئاخىرى ناخشىمدىن ئالدىم دەردىمنى.

      كۈتىمەن تەلمۈرۈپ ئۆزۈمنى-ئۆزۈم،
      دېرىزە تۈۋىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
      سۆيگۈ دەپ قان بولغان مۇشتەك يۈرىكىم،
      ھاياتقا ئۆلۈمدىن قۇرماقتا توزاق.


      2016.3.5
      

      
     
  

باھا سۆز

مانا مۇنداق بولسىمۇ شېئرغا نوقسان يەتمەپتۇ. (ناخشىمدىن-ناخشىدىن،ناخشامد...)  ۋاقتى: 2016-3-5 05:10 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 15:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taxkin888 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 02:27 PM
قۇبۇل قىلىشقا ئەرزىيسىغان تەكلىپلەرنى بىرىپسىز.تول ...

   ئەمەتجان ئەپەندى،ئۆزگەرتىپ باقتىم.قېنى كۆرۈپ بېقىڭ.پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 18:19:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taxkin888 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 03:24 PM
قار ياغدى

           گۈلباھار ئابدۇقادىر تاشقى ...

      ئاخىرى ناخشامدىن ئالدىم دەردىمنى.

ۋاقتى: 2016-3-5 22:21:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taxkin888 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 06:19 PM
ئاخىرى ناخشامدىن ئالدىم دەردىمنى.

دوستلارنىڭ سەمىمى تەكلىپى ئالغا ئىلگىرلەش يۇلىمىزنى تېخىمۇ داغدام قىلغۇسى. سىزدىكى كەڭ قورساقلىق، كەمتەرلىك ئوبرازىڭىزنى يارقىن گۈزەل قىلدى.سالامەت بۇلۇڭ.مەن سىزنىڭ شېىرلىرىڭىزنى ئىزدەپ ئۇقۇيدىغان ئۇقۇرمىنىڭىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 00:27:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆتتاش يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 10:21 PM
دوستلارنىڭ سەمىمى تەكلىپى ئالغا ئىلگىرلەش يۇلىمىزنى  ...

   بەرگەن باھايىڭىزغا لايىقلىشىش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىمەن.رەھمەت سىزگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش