كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 2

ئۆمەرجان ئولمايىت : كارىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كارىز
ئۆمەرجان ئولمايىت
كۈي ياڭرىتىپ ئاقىدۇ تىنماي،
تەشمىلەردىن. تىلمىلارغا سۇ.
كىمدۇر ئۇنى بۇنچە ئاققۇزغان،
بىلسەڭ دوستۇم ئەجداد دېگەن شۇ.

ئەجدادلارنىڭ قەدىمى ئوخشاش،
يەتكەن جايى چىمەن-گۈلىستان.
كۈي ياڭرىتىپ ئاققان بۇ سۇغا،
ھەۋەس قىلار بىپايان ئاسمان.

ئۇ بولسىمۇ كارىزنىڭ سۈيى،
ئۇندا سوقار ئەجداد يۈرىكى.
ھارارەتلىك قاقاس زېمىندا،
ھەممىمىزنىڭ ھايات تۆرىكى.

تومۇرۇمدا تىنىمسىز ئاققان،
ئەجداد روھى-كارىزنىڭ سۈيى.
قىتئەلەردە ياڭرار سامادا،
ئەجداد روھى-كارىزنىڭ كۈيى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 09:40:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم، مانا ماۋۇ شېئىرىڭىز خېلى ياخشى چىقىپتۇ. ئەسلى بۇ شېئىر مۇشۇ يەردىلا:
« كۈي ياڭرىتىپ ئاقىدۇ تىنماي،
تەشمىلەردىن. تىلمىلارغا سۇ.
كىمدۇر ئۇنى بۇنچە ئاققۇزغان،
بىلسەڭ دوستۇم ئەجداد دېگەن شۇ.»
  تۈگىسىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇۋېرەركەن...ئامەت يار بولسۇن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 10:16:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹دوستۇم، مانا ماۋۇ شېئىرىڭىز خېلى ياخشى چىقىپتۇ.››...


رەخمەت ئاداش ، ياخشى تىلەكلەر بىرگە يار بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش