كارىز
ئۆمەرجان ئولمايىت
كۈي ياڭرىتىپ ئاقىدۇ تىنماي،
تەشمىلەردىن. تىلمىلارغا سۇ.
كىمدۇر ئۇنى بۇنچە ئاققۇزغان،
بىلسەڭ دوستۇم ئەجداد دېگەن شۇ.
ئەجدادلارنىڭ قەدىمى ئوخشاش،
يەتكەن جايى چىمەن-گۈلىستان.
كۈي ياڭرىتىپ ئاققان بۇ سۇغا،
ھەۋەس قىلار بىپايان ئاسمان.
ئۇ بولسىمۇ كارىزنىڭ سۈيى،
ئۇندا سوقار ئەجداد يۈرىكى.
ھارارەتلىك قاقاس زېمىندا،
ھەممىمىزنىڭ ھايات تۆرىكى.
تومۇرۇمدا تىنىمسىز ئاققان،
ئەجداد روھى-كارىزنىڭ سۈيى.
قىتئەلەردە ياڭرار سامادا،
ئەجداد روھى-كارىزنىڭ كۈيى.
|