يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 2

تۈركناز: قالار ماڭا جىمجىت يالغۇزلۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-3 11:25:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قالار ماڭا جىمجىت يالغۇزلۇق

روزىگۈل ئابدۇرېشىت (تۈركناز)


خىيالىمدا سۆيگۈڭ كۈۋەجەر،
تاتلىققىنە سۆيسەڭ مەڭزىمگە.
يول ئالدىڭسەن قەلبىم بېغىغا،
مۇھەببەتنى باشلاپ كېچىگە.


ئاشىق قىلدىڭ مېنى بىر بېقىپ،
تولغىنىمەن يار ۋەسلىڭ ئۈچۈن.
كۈل بولغۇم بار ئوتلۇق كۆزۈڭدە،
كىرپىكىڭنى ياپىسەن نېچۈن.

جانغا پاتتى ئازاپ خەنجىرى،
مىڭ بىر ئۆلدۈم ئىزدەپ تاپالماي.
يارىلاندى نازۇك تۇيغۇلار،
بۇ دەردىمنى ھېچبىر ئېيتالماي.

سۇغۇرلسام خىيال قوينىدىن،
كۆز ئالدىمدىن كىتەرسەن ئۇچۇپ.
قالار ماڭا جىمىجىت يالغۇزلۇق،
يانماقتىمەن بىر يۇلتۇز بولۇپ....


2016-2-29  يوپۇرغا

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:08:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى تۇيغۇلار شۈنچە سۈزۈك ئىپادە قىلىنىپتۇ. شېئىرنىڭ ئىملالىرىنى،  جايىغا چۈشمىگەن قىسمەن جايلىرىنى تۈزىۋەتسىڭىز بولغۇدەك!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-3 19:33:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 07:08 PM
شېئىردىكى تۇيغۇلار شۈنچە سۈزۈك ئىپادە قىلىنىپتۇ. شېئى ...

ماقۇل تېخىمۇ دىققەت قىلىمەن ئىملاغا رەھمەت سىزگە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش