قالار ماڭا جىمجىت يالغۇزلۇق
روزىگۈل ئابدۇرېشىت (تۈركناز)
خىيالىمدا سۆيگۈڭ كۈۋەجەر،
تاتلىققىنە سۆيسەڭ مەڭزىمگە.
يول ئالدىڭسەن قەلبىم بېغىغا،
مۇھەببەتنى باشلاپ كېچىگە.
ئاشىق قىلدىڭ مېنى بىر بېقىپ،
تولغىنىمەن يار ۋەسلىڭ ئۈچۈن.
كۈل بولغۇم بار ئوتلۇق كۆزۈڭدە،
كىرپىكىڭنى ياپىسەن نېچۈن.
جانغا پاتتى ئازاپ خەنجىرى،
مىڭ بىر ئۆلدۈم ئىزدەپ تاپالماي.
يارىلاندى نازۇك تۇيغۇلار،
بۇ دەردىمنى ھېچبىر ئېيتالماي.
سۇغۇرلسام خىيال قوينىدىن،
كۆز ئالدىمدىن كىتەرسەن ئۇچۇپ.
قالار ماڭا جىمىجىت يالغۇزلۇق،
يانماقتىمەن بىر يۇلتۇز بولۇپ....
2016-2-29 يوپۇرغا
|