ئىسمائىل دادام
پەرىدە ئىسمائىل مېھرى
ئۆتۈپ كەتتى دادام قىران يېشىدا،
خۇدانىڭ قېشىدا ئۇ ،خۇدا بېشىدا
قۇرال تۇتقان قوللىرى بىلەن،
قەھرىمانە تونلىرى بىلەن ،
بىشارىتى بار كۆرگەن چۈشۈمدە ،
ھەربىر ئىشىدا.
ئىللەللا دىدىم ،
ياكى دىمىدىم ،
يۇم-يۇم يىغلار يامغۈر پەرىشان،
،قىسسىسىنى يېزىپ تېشىدا.
دادام ئۆتۈپ كەتتى ،
شوپۇر دادام ،جاھاننى ھەيدىگەن دادام،
پولات قورغان پەيلىدە قارام ...قارام...
سايىسىدە بوستانلىق ،قەددى تاغ دادام.
دۇئاسىدا رازىلىق بېرىپ.
ئۆزىنى ئۆرىگەن ئاغرىق بېشىمدىن ،
قىلدىم خۇداغىمۇ تارلىق ئىچىمدىن .
يۈرىكىدە بىر ۋەتەن گۈلزارلىق دادام.
مېنىڭ دادام يۈرىكىم دادام ....
كۆزلىرىدە بىر ۋەتەن ئاسمانلىق دادام،
خىسلىتىدە بىر ۋەتەن ئوكيانلىق دادام ،
ھېكمىتى بىر ۋەتەن جەڭگاھلىق دادام ،
ۋەتىنى -كۆنچىنىڭ ئىچىدە دادام ،
نۇر چىراق راببانغا كېچىدە دادام ،
روھىڭدىن تىۋىنىپ بىر بۇردا تىلەر،
مەدىتىم، دەرمانىم ،دەۋرانىم ...دادام.
ئانىنىڭ پۇتىغا باش قويۇپ ياتقان.
ئاتىنىڭ يېنىدا خىيالغا پاتقان .
خەنجىرى قولۇمدا تەۋەرۈك دادام .
دۇئاسى
جىلۋىلەپ خىزىرنىڭ چېھرىدەك جۇلا ،
يوپيورۇق قەلبىمگە قۇرۇلغان دادام.
بىشارەت ئۇنىڭ ھەر قىلغان ئىشلىرى ،
ئۆتۈپ كەتتى ئىسمائىل دادام....
2016-يىلى 2-مارت (ئاتۇش)
|