كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 2

پەرىدە ئىسمائىل مېھرى:ئىسمائىل دادام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئ‍ىسمائىل دادام

پەرىدە ئ‍ىسمائ‍ىل مېھرى

ئۆتۈپ كەتتى دادام  قىران يېشىدا،
خۇدانىڭ قېشىدا ئ‍ۇ ،خۇدا بېشىدا
قۇرال تۇتقان قوللىرى بىلەن،
قەھرىمانە تونلىرى بىلەن ،
بىشارىتى بار كۆرگەن چۈشۈمدە ،
ھەربىر ئ‍ىشىدا.
ئ‍ىللەللا  دىدىم ،
ياكى دىمىدىم ،
يۇم-يۇم يىغلار يامغۈر پەرىشان،
،قىسسىسىنى يېزىپ تېشىدا.

دادام ئ‍ۆتۈپ كەتتى ،
شوپۇر دادام ،جاھاننى ھەيدىگەن دادام،
پولات قورغان پەيلىدە قارام ...قارام...
سايىسىدە بوستانلىق ،قەددى تاغ دادام.
دۇئاسىدا رازىلىق بېرىپ.
ئ‍ۆزىنى ئۆرىگەن ئ‍اغرىق بېشىمدىن  ،
قىلدىم خۇداغىمۇ تارلىق ئ‍ىچىمدىن  .
يۈرىكىدە  بىر ۋەتەن گۈلزارلىق  دادام.   
مېنىڭ دادام  يۈرىكىم دادام ....
كۆزلىرىدە بىر ۋەتەن ئ‍اسمانلىق دادام،
خىسلىتىدە بىر ۋەتەن ئ‍وكيانلىق دادام ،
ھېكمىتى بىر ۋەتەن جەڭگاھلىق دادام ،
ۋەتىنى -كۆنچىنىڭ ئ‍ىچىدە دادام ،
نۇر چىراق راببانغا كېچىدە دادام ،
روھىڭدىن تىۋىنىپ بىر بۇردا تىلەر،
مەدىتىم، دەرمانىم ،دەۋرانىم ...دادام.

ئ‍انىنىڭ پۇتىغا باش قويۇپ ياتقان.
ئ‍اتىنىڭ يېنىدا خىيالغا پاتقان .
خەنجىرى قولۇمدا تەۋەرۈك دادام .
دۇئاسى
جىلۋىلەپ خىزىرنىڭ چېھرىدەك  جۇلا  ،
يوپيورۇق  قەلبىمگە قۇرۇلغان  دادام.

بىشارەت ئ‍ۇنىڭ ھەر قىلغان ئ‍ىشلىرى ،
ئ‍ۆتۈپ كەتتى ئ‍ىسمائىل دادام....


2016-يىلى 2-مارت (ئاتۇش)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 22:29:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىغا بولغان سېغىنىشىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز.  ماڭا ئوخشاش دادىسى بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ يۈرىگىنى ئەزگۈدەك.   مۇشۇ تاپتا كۆز جىيەكلىرىم نەمدىلىۋاتىدۇ......
رەھمەت سىزگە.   

ۋاقتى: 2016-3-3 23:26:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاتىلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش