كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 6

ئابدۇمىجت.م(ت):شەيبانىخان ۋە ئۇنىڭ ئىككى پارچە غەزىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


شەيبانىخان ۋە ئۇنىڭ ئىككى پارچە غەزىلى

      ماۋەرائۈننەھىرنىڭ خانى بولغان شەيبانى خاننىڭ لەقىمى ئەبۇل فەتھ بولۇپ، ئەسلى ئىسمى مۇھەممەدتۇر. ئۆزبېكلەرنىڭ خانى بولغان شەيبانىخان چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن جۇجىنىڭ ئولوسىدىندۇر. بەزى مەنبەلەردە شاھ بىك خان ئۆزبېك نامىدىمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ 1451-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى شاھ بۇداقنىڭ موڭغۇل خانى يۇنۇسخان تەرىپىدىن يېڭىلىپ قەتلى قىلىنىشى بىلەن يېتىم قالغان ۋە ئۆزبېك ئەمىرلىرىدىن بىرى تەرىپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغان. ئۇزۇن مەزگىللىك كۆرەشلەردىن كېيىن دادىسىنىڭ ئورنىغا چىقىپ 1501-يىلى ماۋەرائۈننەھىرنى قولغا كىرگۈزگەن، ئاندىن كېيىنلا خوراساننى قولغا كىرگۈزگەن شەيبانىخان بابۇر شاھ بىلەن قىلغان جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ سەمەرقەنىت، بەلىخ ۋە ئەندىجان شەھەرلىرىنى ئالغان. 1505-يىلى خارازەمنى، 1507-يىلى ھىراتنى قولغا كىرگۈزۈپ، بۇ زېمىنلاردىكى چاغاتاي خانلىغىغا خاتىمە بېرىپ 1510-يىلى ئىرانغا يۈرۈش قىلغان. ھەمدە ئىران شاھى ئىسمايىلخاننى سۈننى مەزھىپىگە دەۋەت قىلغان، ئەمما دەۋەتنى رەت قىلغان ئىران شاھى ئىسمائىلخان بىلەن بولغان جەڭدە يارلىنىپ ۋاپات بولغان. شەيبانىخان زالىم تەبىئەتلىك، دۆلەتنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشتىن يانمايدىغان بىر كىشى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي دۈشمەنلىرىدىن بىرى بولغان بابۇر شاھ قەيىت قىلغىنىدەك، ئەرەپ ۋە پارسچىنى ناھايتى ياخشى بىلدىغان، ئالىم ۋە سەنئەتكار كىشى ئىدى .مۇزىكا، نەققاشلىق ۋە خەتتاتلىقنى ياخشى كۆرەتتى. ھاكىمىيتى ئاستىدا نورغۇنلىغان مەدرىسلەرنى ئىنشائەتتۈرگەن، ئىلىمنى تەشۋىق قىلىدىغان كىشى ئىدى. شېئىرىيەتتە ئەھمەد يەسەۋىينى ئۇستاز بىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر پارچە دىۋان، «بەھرۇل خۇدا» ئاتلىق بىر مەسنەۋى ۋە فىقىق ئىلمىغا ئائىت بىر رىسالە قالغاندۇر. ئۇنىڭ دىۋانى تۈركىيەدە ئۆزەي ئاق بىيىق تەرىپىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى سۈپىتىدە تەييارلانغان. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئىستانبۇل توپكاپى سارىيىدا ساقلانغان ئۈچ پارچە غەزىلىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز؛

غەزەللەر

1

رەمەل: پائىلاتۇن، پائىلاتۇن، پائىلاتۇن، پائىلۇن

لەئلى ياقۇت[1] لەۋلەرىڭدىن غۇنچە خەنداندۇر[2] ساڭا،

دۇر چىشىڭنى كۆرگەلى بۇ ئەبرى نىساندۇر[3] ساڭا.


قاشلارىڭ ياسىن كۆرۈپ بۇ خەستە كۆڭلۈم قورقمادى،

كۆزلەرىڭنىڭ ئوقلارىدىن بۆيلە قۇرباندۇر ساڭا.


ئاشىقى دىلخەستەنى ھەر دەمدە ئەي ئەيسا نەفەس،

ئۆلتۈرۈبان تىرگۈزۈر سەن، بارى ئاساندۇر ساڭا.


سەن نەدىن جەۋرۇ-جەفانى بىزگە تەدبىر ئەيلەدىڭ،

ھۈسىن ئىلىنىڭ ئاراسىندا بۆيلە دەۋراندۇر ساڭا.


سەن ئەزەلدىن ئاشىنا-يۇ ھالى يات بولدۇڭ ماڭا،

ئەي شەيبانى ھەرنە قىلسا دەردى دەرماندۇر ساڭا.

2

رەمەل: فائىلاتۇن، فائىلاتۇن، فائىلاتۇن، فائىلۇن

چۈنكى ھەق قىلىدى ئىنايەت بىزگە ئىززۇ –تەختى تاج،

بىز تاكى شۈكرانەغە بەردۈك شەرىئەتكە رەۋاج.


شەرئ يولىن تۈزدۇق ئانداق كىم جاھان ئەتراپىدىن،

بارچە سۇلتانلار كېلىپ كەلتۈردىلەر بىھەد خاراج[4].


ئىختىيارىم بەسكى كۆرگەيمەن يۈزۈڭنى بىر نەزەر،

ئەي يۈزۈڭ نەززارەسى ئەھلى نەزەرغە ئېھتىياج.


ھەر جەفايۇ جەۋر ئەگەر قىلساڭ تۇرۇپ مەن جان بىلە،

مەن ئەمەسمەن ئۆزگە ئاشىقلەر كەبى نازۇك مىزاج.


بۇ شەيبانى گەرچە خان بولدى گەدايىڭدۇر سېنىڭ،

كىم فىدا ئەيلەر ساڭا يۈزمىڭ مۇنىڭدەك  تەختۇ-تاج.

3
رەمەل: فائىلاتۇن، فائىلاتۇن، فائىلاتۇن، فائىلۇن


بادە بەرگىل ساقىيا فەسلى باھار بولدى يانا،

ئۈشبۇ مەۋسۈمدە خەيالىم سەد ھەزار بولدى يانا.


ياي يۈزىن تۇتتى باھارۇ بولدى قىش ئەنقا بىگىڭ،

بادە كەلتۈرگىل ئىچەلىم لالە-زار بولدى يانا.


غۇنچە دىلبەر ئاغزىغا نىسبەت ئۆزىن قىلغان ئۈچۈن،

كىم ئانىڭ مەششاتەسىندىن تارۇمار بولدى يانا.


تەڭرى بەردى بىزگە ئەمدى ماۋەرائۇننەھىرنى،

كىم كۆرە ئالماس كىشىنىڭ كۆڭلى تار بولدى يانا.


بۇ شىبانى ئەندەلىب بولدى سۇۋارى ئىشقىدا،

كەتتى غۇسسە قايغۇ ئاندىن بەختى يار بولدى يانا.


بىر قىسىم سۆزلەرگە ئىزاھات:

[1] لەئلى ياقۇت-قىزىل ياقۇت

[2] خەندان- خۇشال بولماق، قاقاقلاپ كۈلمەك

[3] ئەبرى نىسان-شىپالىق يامغۇر، يامغۇر يېغىش

[4] بىھەد خاراج- ھەددى ھىسابسىز مال -دۇنيا

چاغاتايچە مەتىن ۋە كەمال ئارسلاننىڭ تۈركچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئابدۇمىجىت مۇھەممەد ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلىدى.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 11:53:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەل بولسۇن ،لىكىن ئىككىنجى غەزەلدە ....

مەن ئەمەسمەن ئۆزگە ئاشىقلەر كەبى نازۇك مىجەز.
دىگەن يەر قاپىيە كەلمەپتۇ ،ئەسلە مەنبەدە شۇنداقمۇ ياكى تەرجىمە قىلغاندا شۇنداق بوپ قالدىمۇ.
تاج،     رەۋاج.         خاراج.......دىگەندەك سۆزلەر قاپىيە بوپتىكەن لىكىن بىر مىسرادا قاپىيە سۆزى مىجەز بوپ قاپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-4 17:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەئلى  بىلەن لەئەلنىڭ   پەرقىنى ھېس قىلالمىدىم.  يا رەمەل بەھىرىدە  يىزىلغان شېئىرلانىڭ تىلىمۇ ئۈزگىچە  بۇلامدۇ مۇشۇنداق چۈشەنچە  بەرسىئۆئەن دەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-7 14:11:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن

ۋاقتى: 2016-3-7 14:11:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن

ۋاقتى: 2016-3-7 14:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

    تىرىشچانلىقىڭىزغا  ئاپىرىن  !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش