يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 216|ئىنكاس: 6

شۈكران:بىر ناچارغا ساتىرا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      بىر ناچارغا ساتىرا

زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكران

ناچارنىڭ ئ‍ەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ناچار،
نەپ چىقسا يېنىڭدا سېنى دوست تاپار
بېشىڭغا كۈن كەلسە نەگىدۇر قاچار،
يەپ تۇرۇپ تۇزىڭنى تۇزلۇقنى چاقار.
   "ھەقىقەت..." دەپ تېخى شالىنى چاچار.


زالالەت ھامىيگە قىلىدۇ تازىم،
دەيدۇكى:" سىز ئ‍ۇچۇن بار تۈمەن نازىم-
كېرەكمۇ؟! قاۋايمەن تۆت پەسىل يازىم-
ئ‍اھ!! ساختا شان-شەرەپ بەك ماڭا لازىم···"
جاھالەت ئ‍شىكىدە ئ‍ىت كەبى ياتار·


كەپ قالسا ئ‍امىتى ئ‍ەگەر تېرىقتەك،
قىلنىمۇ يارىدۇ قىلغا قىرىقتەك،
كۆرسىتەر دەريانى گاھى ئ‍ېرىقتەك....
توۋا !! شۇ قېلغىنى توغرا قىلىقتەك-
ھەقىقەت نۇرىنى ئ‍ېتەكتە ياپار·

ھاياتلىق كۈيىنى تەتۈر چالىدۇ،
"دوپپسنى ئ‍ال " دىسە باشنى ئ‍الىدۇ،
ھەتتا جان-جىگەرگە زەھەر سالىدۇ،
ئ‍ۇ سەۋەپ نۇرغۇنلار دەردتە قالىدۇ.
پەرۋاسىز شۇ يولدا تىنىمسىز چاپار....

ناچارنىڭ ئ‍وقىدىن ساقلىسۇن ئ‍ىگەم!
يولىدىن،قولىدىن،تىلىدىنمۇ ھەم،
ھەر دىلغا پاك غۇرۇر بولسۇن مۇجەسسەم،
پاكلانغان ھاياتتا بولىدۇ زوق، تەم·
ياخشىلىق ئ‍ىنسانغا كەڭرى يول ئ‍اچار!···
.
             9-يانۋار        ئ‍اتۇش

باھا سۆز

تۇزىڭنى-تۇزۇڭنى، قېلغىنى-قىلغىنى، دىسە-دېسە،...  ۋاقتى: 2016-3-4 09:18 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 23:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنلىق ئىپادىلەنگەن ئېسىل ساتىرا بوپتۇ ، ئىزلىنىشلىرىڭىزغا بەركەت يار بولغاي .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 09:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ېيتقىنىڭىز كەلسۇن! رەھمەت ،

ۋاقتى: 2016-3-4 09:25:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، بىراق « بىر ناچارغا» دەپ ماۋزۇ قويغاندىن كېيىن « ساتىرا»نى يەنە ئۇلاپ يېزىش بىھاجەتمىكىن...يەنە بىرى « ناچارنىڭ ئ‍ەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ناچار، » دېگەن مىسرا شېئىرنى تەقلىدىي شېئىر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۆزگەرتسىڭز بولارمىكىن. ئىملاغا سەل قارىماڭ، بۇ ھەممىدىن مۇھىم. ماڭا يەنە مۇنۇ كۇبلېت:
« ناچارنىڭ ئ‍وقىدىن ساقلىسۇن ئ‍ىگەم!
يولىدىن،قولىدىن،تىلىدىنمۇ ھەم،
ھەر دىلغا پاك غۇرۇر بولسۇن مۇجەسسەم،
پاكلانغان ھاياتتا بولىدۇ زوق، تەم·
ياخشىلىق ئ‍ىنسانغا كەڭرى يول ئ‍اچار!···»  
خېلى يارىدى. تەشەككۈر، سىزگە ئامەت يار بولسۇن!

باھا سۆز

ناچار سۆزى- باھالاشقىلا قارىتىلمىغان ئىكەن-دە. ئىلغار-ناچار، ياخشى-يامان.....  ۋاقتى: 2016-3-4 06:41 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 17:58:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ كۆرسەتمە بەرگىنىگە تەشەككۈر ، "ئ‍ېسىلنىڭ ئ‍ەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ئ‍ېسىل"دەيدىغان بىر مىسرا بار،مەن ناچارنى يازغانلىقىم ئ‍ۈچۈن شۇنىڭغا ئ‍وخشىتىپراق ئ‍الدىم،ئىملاغا سەل قاراش چوڭ خاتالىق،"ۇڭنى" "ىڭنى" "ۇم"ۇم" "ىم"قاتارلىق ئ‍لانمىلاردا ئ‍الماشتۇرۇپ قويۇش ئ‍ەھۋاللىرى ساقلىنىۋاتىدۇ،  ئۇيغۇر تىلى ئ‍ىملا لوغىتى ھەققىدە ئ‍ۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەرسىزمۇ؟تەمىنلىيەلەرسىزمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش