يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 0

مىرادىل راخمان: قىش ۋە باھار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-2 17:10:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قىش ۋە باھار            

مىرادىل راخمان ئىزچى

سىم-سىم يامغۇر ياغار چۈشلەردە،
قار يۇپۇققا پۈركەنگەن دالا.
خىياللاردىن ئۆچمەكتە باھار،
سوخ شىۋىرغان ئۇرغان ھامانلا.

ئەتراپ تامان ئۇيقۇغا پاتقان،
تۇغۇلمىغان مەجنۇنتاللارمۇ.
تۇزۇتقانچە يۇمران قارلارنى،
يىراقلارغا يۇل ئالدىم مەنمۇ.

بىر قار گۈلى دېدى پىچىرلاپ:
سەن باھارنى سۆيىسەن بەلكىم.
كەتمە مىنىڭ باغرىممۇ ئوخشاش،
ئۇندا سىنى كۈتمەكتە بىر كىم.

دىدىم شۇئان: بولسىلا ئەگەر،
ئېھ ، راستىنلا كۈتكىنى شۇ قىز،
سىنىڭ ئىللىق باغرىڭدا بەلكىم،
قىش باھاردىن شۇ چاغ پەرىقسىز.

2016-يىلى2-مارت



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش