قىش ۋە باھار
مىرادىل راخمان ئىزچى
سىم-سىم يامغۇر ياغار چۈشلەردە،
قار يۇپۇققا پۈركەنگەن دالا.
خىياللاردىن ئۆچمەكتە باھار،
سوخ شىۋىرغان ئۇرغان ھامانلا.
ئەتراپ تامان ئۇيقۇغا پاتقان،
تۇغۇلمىغان مەجنۇنتاللارمۇ.
تۇزۇتقانچە يۇمران قارلارنى،
يىراقلارغا يۇل ئالدىم مەنمۇ.
بىر قار گۈلى دېدى پىچىرلاپ:
سەن باھارنى سۆيىسەن بەلكىم.
كەتمە مىنىڭ باغرىممۇ ئوخشاش،
ئۇندا سىنى كۈتمەكتە بىر كىم.
دىدىم شۇئان: بولسىلا ئەگەر،
ئېھ ، راستىنلا كۈتكىنى شۇ قىز،
سىنىڭ ئىللىق باغرىڭدا بەلكىم،
قىش باھاردىن شۇ چاغ پەرىقسىز.
2016-يىلى2-مارت
|