قېلىن قار
تاھىر ھامۇت
ئەڭ مۇھىم نەرسە تېخىچە تېپىلـمىغان شۇ ئىككى كۈندە ،
ئۈرۈمچىدە قېلىن قار ياغدى .
بۇ ــ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، دەپ قارىلىدۇ .
ياقا يۇرتلۇق باققال قېلىن قاردا پىيادە كۈچىنىپ كېتىپ بارىدۇ .
بۇنداق ئادەملەر ھەرقانداق چاغدا ئادەم جىق يەرگە بارسا چوقۇم بالاغا قالىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ ، دەپ پەرەز قىلىنىدۇ .
ئۆيىدىن چىقىشنى خالـمىغان جەسۇر ئادەملەر
قار ياغمايدىغان جايلارنى ۋە يوقاپ كەتكەن بوۋاينى ۋە قاردا پېتىپ قالغان ئاپتوموبىلنى ۋە تۆرەلـمىگەن بالىنى ۋە ئاقمىغان ئىشلىرىنى سۇس ھەسرەت بىلەن مۇلاھىزە قىلىشىدۇ .
لېكىن ، قېلىن قار
قىماۋازنڭ كۆڭلىدەك گول ۋە يۇمشاق ۋە چىداملىق ،
كېيىن مەينەت ئىكەنلىكى چوقۇم ئاشكارىلىنىدۇ
ۋە يەنچىلىپ قاتىدۇ ۋە ئاستا ـ ئاستا ئېرىپ كېتىدۇ .
خۇددى مۇشۇ قېلىن قاردەك
نۇرغۇن جەسۇر ئادەم
نۇرغۇن قېتىم
بەل قويىۋېتىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغاندۇ ـ ھە !
كەلگەنلەر بار .
كەتكەنلەر بار .
كەتمىگەنلەر يوق .
كەلـمىگەنلەر بار .
ئىككى كۈن ياغقان بۇ قېلىن قار
بۇ دۇنياغا كەلـمىگەن ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ شاتلىقى ئىدى ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ .
2015 ـ يىل 11 ـ دىكابىر، ئۈرۈمچى
|