كۆرۈش: 348|ئىنكاس: 2

تاھىر ھامۇت : قېلىن قار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-1 20:56:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قېلىن قار

تاھىر ھامۇت

ئەڭ مۇھىم نەرسە تېخىچە تېپىلـمىغان شۇ ئىككى كۈندە ،  
ئۈرۈمچىدە قېلىن قار ياغدى .
بۇ ــ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، دەپ قارىلىدۇ .

ياقا يۇرتلۇق باققال قېلىن قاردا پىيادە كۈچىنىپ كېتىپ بارىدۇ .
بۇنداق ئادەملەر ھەرقانداق چاغدا ئادەم جىق يەرگە بارسا چوقۇم بالاغا قالىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ ، دەپ پەرەز قىلىنىدۇ .

ئۆيىدىن چىقىشنى خالـمىغان جەسۇر ئادەملەر
قار ياغمايدىغان جايلارنى ۋە يوقاپ كەتكەن بوۋاينى ۋە قاردا پېتىپ قالغان ئاپتوموبىلنى ۋە تۆرەلـمىگەن بالىنى ۋە ئاقمىغان ئىشلىرىنى سۇس ھەسرەت بىلەن مۇلاھىزە قىلىشىدۇ .

لېكىن ، قېلىن قار
قىماۋازنڭ كۆڭلىدەك گول ۋە يۇمشاق ۋە چىداملىق ،
كېيىن مەينەت ئىكەنلىكى چوقۇم ئاشكارىلىنىدۇ
ۋە يەنچىلىپ قاتىدۇ ۋە ئاستا ـ ئاستا ئېرىپ كېتىدۇ .  

خۇددى مۇشۇ قېلىن قاردەك  
نۇرغۇن جەسۇر ئادەم
نۇرغۇن قېتىم
بەل قويىۋېتىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغاندۇ ـ ھە !

كەلگەنلەر بار .
كەتكەنلەر بار .
كەتمىگەنلەر يوق .
كەلـمىگەنلەر بار .
ئىككى كۈن ياغقان بۇ قېلىن قار
بۇ دۇنياغا كەلـمىگەن ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ شاتلىقى ئىدى ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ .

2015 ـ يىل 11 ـ دىكابىر، ئۈرۈمچى   

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-2 12:14:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەشۇ كۈنى قار ئۈرۈمچىدىلا ياغمىدى.

ۋاقتى: 2016-3-2 12:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى مۇشۇ قېلىن قاردەك  
نۇرغۇن جەسۇر ئادەم
نۇرغۇن قېتىم
بەل قويىۋېتىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغاندۇ ـ ھە !

  جەسۇر ئادەمنىڭ قېلىن قاردەك بەل  قويۇۋېتىشىنى قارنىڭ ئىرىپ كىتىشى دەپ تۇيدۇم،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش