يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 626|ئىنكاس: 11

قەلبىنۇر ئىلياس(ئىزگۈگە): قىز ۋە مېلودىيە (نەسر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹‹ئىزگۈ›› گە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر  
قىز ۋە مېلودىيە


(نەسر)

قەلبىنۇر ئىلياس






ۋاقىت خۇددى  سېھىرلەنەگندەك  زاماننىڭ يېشىل پەردىسىنى قايرىدى.
ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدىن  چىقىپ كەلگەن  قىز ،ئىنسانىيەت  دېڭىزىنىڭ  ئىچىدە دولقۇنلاپ ،ئۇنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىغا قاراپ ئېقىۋاتاتتى...
سۆيگۈ   چەكسىز ئىمكانتەتلىرى بىلەن   ئازاپتىن قوپۇرۇلغان باغرىغا  ئۇنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ قويدى. چۈنكى   ھەر- بىر ماكان گۈزەللىكىنىڭ  ئاسمىنىدا   ئەركىنلىك قوياشىدەك قىزلار چاقنايتتى...
تۇيغۇ ئۇدارىغا چۈشكەن     قەلب كۈيلىرىنىڭ  تېمىم -تېمىم  سىرغىشلىرى   موزىكا  بۇلاقلىرىغا  يۈرەكنى  چۆكتۈرۈپ  كەتتى .يۈرەك  گويا  بىر يۇتۇم مەينى ئىچىپ  غەرىق مەس بولغان قۇشتەك    ئاستا- ئاستا لەپەڭشىپ  ، ئۇشبۇ  نازۇك دەرەخنىڭ شېخىغا  قوناتتى.   مەزلۇميەت بېغىنىڭ ئەۋرىشىم ئۆسكەن بۇ قىزلىق دەرىخىنىڭ ھەر بىر شاخچىلىرىغا   مۇزىكا ئەسۋاپلىرى ئېسىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا تەككەن  كۆڭۈل بارماقلىدىن لەرزان ئاۋاز ئېقىملىرى يامرايتتى...
گۈزەل ئاۋاز دولقۇنلىرى- رەڭسىز ۋە شەكىلسىز بوياقلىرىدا  يالقۇنلاپ تۇرغان قىزنىڭ شەكلىنى ئىنسانلارنىڭ مۇڭسىراپ تۇرغان خىياللىرىنىڭ بېتىگە  سىزاتتى .  ئاندىن ئۇنى  ئارمان بىلەن قوپۇرۇلغان ئازاپ مۇنارىنىڭ ئىچىدىكى خۇپىيانە دىل ساندۇقلىرىدا ساقلاشقا قالدۇراتتى .

قىز، پىنھان بۇلاقلار كۆزىدىن قايناپ چىققان   چىرايلىق بىر كۈيگە ئايلىنىپ كېتىش ئۈچۈن، ئەدىبلەر تەپەككۈرىنىڭ ئىچىدە تىرىك پېتى ئولتۇرۋالاتىتى.  ئۇلارنىڭ تاتلىق ئىبارىلىرى ئىچىدە يېزىلاتتى.   بۇ يېزىلغان تېكىستلەردىن قېپ- قىزىل بىر پارچە  ئۇيۇل قاننىڭ بۈيۈكلىكى تەرىپلىنەتتى . ئۇنىڭ سېھرى قۇدرىتى   رىياللىق بىلەن چۈشنۈڭ ئارىسىدىكى    غۇۋا تىل مەنزىرىسىدەك  ، لېرىكىلىق چايقىلىپ تۇرىدىغان قەلبلەر قىرغاقلىرىغا  قىزنىڭ زۇمرەتتەك  تۇيغۇلىرىنى ياقۇتتەك چاچاتى...
مۇزىكانىت، ئۇنى شائېرلارنىڭ ئاشىق بولغان تۇيغۇسىدىن تاپتى .  كۆيىۋاتقان دېڭىزنىڭ ئىچىدىن   سۈزۈپ ئالدى .  سېغىنىچ پەردىسىگە ئوخشايدىغان سۈزۈك بىر ۋەزىننىڭ ئىچىگە    مېھرى  بىلەن  چۆكتەردى  .
قىز،  بىر پارچە تۇيغۇ ئەينىكى ئىچىدە تۇرغان تەن لاتاپىتىنىڭ  ئىچىدىن  قايتا ئۇچۇپ چىقىپ ،   ئالەم   چېھرىگە  قاراپ  كۈلۈمسىرىدى .  ئاندىن ئۇنىڭ  ئىچكىرسىگە قاراپ بىر ئېرىق زۇمرەت سۇدەك يامرىدى  .

بۇ ،   مۇھەببەت  دۇنياسىدا قىيام بولغان  شىئېردەك مۇكەمەللىك ئىدى ...
مۇزىكانىت، ئۇشبۇ  چىنلىقنى نوتىلار شاخلىرىغا چېچەكتەك قونداردى.   رېتىم زېننەتلىرى بىلەن پەردازلىدى .ئاندىن  يېقىملىق بىر  ئىنسان يۈرىكىنىڭ  نىپپىز شايىگە ئورۇلۇپ تۇرغاندەك   سۆيۈملۈك ھالىتىنى   گۈزەل ئاۋازلار دولقۇنلىرى ئارىسىدا     دولقۇنلاتتى ...
ئۇ قىز قەلبىدىكى  نوتىلارنىڭ چېلىنۋاتقان ئەسۋاپلار باغرىغا سەكرەپ چىقىپ ئۇسۇل ئوينايدىغانلىقىنى ، ئۈممۈد يېپىغا باغلانغان جىمىكى ئىنسانىيەت توپىنىڭ  ئۇنىغا تەڭكەش بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇ تاپ قىز ئەۋرىشىملىك ۋە جۇشقۇنلۇق گېرەلەشكەن مۇڭ ۋە  خوشاللىقلار تەپچىرەپ تۇرغان بىر  يارقىن  مېلۇدىيەدەك  ،   دۇنيانىڭ گۈزەللىك لېۋىدە لەۋلەندى،   ئاندىن  مەنىۋىي ھاياتلىقنىڭ  چىنلىق  ئىمكانيەتلىرى ئىچىدە قەدرىنى تاپتى .
   دېمەك ئۇ ، بىر پارچە لاۋىلداۋاتقان  يالقۇندەك تۇرمۇش  قۇچىقىغا  قاراپ  ئىسسىقىناڭ   تاراۋاتاتتى...


‹‹ئىزگۈ›› گە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر  




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-1 23:06:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىڭلىم قەلبىنۇر،ياخشىمۇ سىز؟مەن بۇ نەسىرىڭىزنى بىرقانچە قېتىم قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم.ئىلگىركى نەسىرلىرىڭىزدەك بولۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ،مېنى تەسىرلەندۈردى.ئەمما ئىملا ۋە تېنىش بەلگىلىرىڭىز مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى. مەن سىزنىڭ ئىككى ئورۇندىكى جۈملىڭىزنىڭ تېنىش بەلگىسى بەلكىم مۇنداقمىكىن دەپ ئويلاپ يوللاپ قويدۇم.كۆرۈپ باقارسىز، شۇنداق بولسا قايتا تەھرىرلەپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
  ‹‹تۇيغۇ ئۇدارىغا چۈشكەن  قەلب كۈيلىرىنىڭ  تېمىم-  تېمىم  سىرغىشلىرى   
موزىكا  بۇلاقلىرىغا  يۈرەكنى  چۆكتۈرۈپ  كەتتى.››
  ‹‹گۈزەل ئاۋاز دولقۇنلىرى رەڭسىز ۋە شەكىلسىز بوياقلىرىدا يالقۇنلاپ تۇرغان قىزنىڭ شەكلىنى ئىنسانلارنىڭ مۇڭسىراپ تۇرغان خىياللىرىنىڭ بېتىگە  سىزاتتى ››
   تېنىش بەلگە شۇنداق قويۇلمىسا،ئىپادىلەشتە ئېنىقسىزلىق كۆرۈلەمدۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم.سىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-1 23:37:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېتملىق نەسىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، ھەدە!

ۋاقتى: 2016-3-2 15:02:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىنىڭچە نەسرىڭىز خېلىلا ياخشى چىقىپتۇ،بىر خىل تېتىملىق،مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە چىن دىلىمدىن

تىلەكداشمەن ئەزىزىم...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-2 18:20:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم قەلبىنۇر،ياخشىمۇ سىز؟مەن بۇ نەسىرىڭىزنى بىرقانچە قېتىم قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم.ئىلگىركى نەسىرلىرىڭىزدەك ....


تەشەككۈر پولات ئاكا !
ياخشى تەھرىرلىمەپتىمەن .

ۋاقتى: 2016-3-4 12:29:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرايلىق يېزىلغان نەسىرلىرىڭىزنى ئوقىمىغىلى خېلى بوپتىكەن ھەدە!

ۋاقتى: 2016-3-4 22:53:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتا تەھرىرلەپ چىقىپسىز.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

چاپچاللىق ئاكىڭىزدىن سىزگە ۋە ئائى؛ىڭىزگە سالام بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-4 22:53:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتا تەھرىرلەپ چىقىپسىز.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

چاپچاللىق ئاكىڭىزدىن سىزگە ۋە ئائى؛ىڭىزگە سالام بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-5 12:17:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇڭلۇق بىر ناخشىدەك نەسىر بوپتۇ،مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!...

ۋاقتى: 2016-3-31 12:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇزىكانىت، ئۇشبۇ  چىنلىقنى نوتىلار شاخلىرىغا چېچەكتەك قونداردى.   رېتىم زېننەتلىرى بىلەن پەردازلىدى .ئاندىن  يېقىملىق بىر  ئىنسان يۈرىكىنىڭ  نىپپىز شايىگە ئورۇلۇپ تۇرغاندەك   سۆيۈملۈك ھالىتىنى   گۈزەل ئاۋازلار دولقۇنلىرى ئارىسىدا   دولقۇنلاتتى ...


ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۆزگىچە...
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-31 13:51:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىرنى ئۆز تۇيغۇمدا بىر پارچە شېئىرغا ئايلاندۇرىۋەتتىم. تىلنىڭ نەپىسلىكى نەسىردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ. قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ نەسىرچىلىك مەنزىللىرىگە شانلىق نەتىجىلەر يار بولۇشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-6-19 22:15:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز ئۆزى بىر سىمپۇنىيە ئۇنى چالىدىغان مۇزىكانىت يىگىتلە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش