سىڭلىم قەلبىنۇر،ياخشىمۇ سىز؟مەن بۇ نەسىرىڭىزنى بىرقانچە قېتىم قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم.ئىلگىركى نەسىرلىرىڭىزدەك بولۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ،مېنى تەسىرلەندۈردى.ئەمما ئىملا ۋە تېنىش بەلگىلىرىڭىز مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى. مەن سىزنىڭ ئىككى ئورۇندىكى جۈملىڭىزنىڭ تېنىش بەلگىسى بەلكىم مۇنداقمىكىن دەپ ئويلاپ يوللاپ قويدۇم.كۆرۈپ باقارسىز، شۇنداق بولسا قايتا تەھرىرلەپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
‹‹تۇيغۇ ئۇدارىغا چۈشكەن قەلب كۈيلىرىنىڭ تېمىم- تېمىم سىرغىشلىرى
موزىكا بۇلاقلىرىغا يۈرەكنى چۆكتۈرۈپ كەتتى.››
‹‹گۈزەل ئاۋاز دولقۇنلىرى رەڭسىز ۋە شەكىلسىز بوياقلىرىدا يالقۇنلاپ تۇرغان قىزنىڭ شەكلىنى ئىنسانلارنىڭ مۇڭسىراپ تۇرغان خىياللىرىنىڭ بېتىگە سىزاتتى ››
تېنىش بەلگە شۇنداق قويۇلمىسا،ئىپادىلەشتە ئېنىقسىزلىق كۆرۈلەمدۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم.سىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
|