يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 359|ئىنكاس: 7

بەگيار(ت): دادام بەرگەن گۈل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 03:05 AM  

دادام بەرگەن گۈل

(ھېكايە)

پاك ئىن سۇك (كورىيە)


    يەكشەنبە كۈنلىرى دادام كالا ياكى مىكىجىن يىتىلەپ بازارغا ماڭاتتى.
    -بۈگۈن بالدۇرراق قايتىڭ،ئۆتۈنەي.پەقەت ھاراق ئىچمەڭ،-ئانام ھەر دائىم دادام مېڭىشتىن بۇرۇن شۇنداق دەيتتى، بىراق دادام بۇ گەپلەرنى ئاڭلىمىغاندەك ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلاتتى.
    - سەن جىق گەپ قىلما، بالدۇر قايتىپ كېلىشىم كېرەكلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلەن،-دەيتتى دادام نارازى ئاھاڭدا.
ئەھۋال ھەمىشە شۇنداق، ئانامنى گەپلىرى بىھۇدە بولۇپ چىقاتتى. دادام بازاردىن قايتقاندا غەرق مەست بولۇپ دەلدەڭشىگىنىچە قانداقتۇر بىر ناخشىنى ئېيتقىنىچە ئۆيگە كىرىپ كېلەتتى. بىچارە ئانام... يېرىم كېچىگىچە سېۋەت توقۇغاچ دادامنى ساقلاپ ئولتۇرىدىغان ئانام...يەرگە ئاران-ئاران دەسسەپ كەلگەن دادامنىڭ قولىدا قارا قەغەز قۇتا بۇلاتتى. دادام قوپال بولسمۇ،لېكىن ماڭا ئۇنى-بۇنى ئالغاچ كېلىش ئۇنىڭ ئۇنۇتماس ئادىتى ئىدى. قۇتا ئىچىدە ئىزىلىپ كەتكەن خورما، ئۇۋۇلۇپ كەتكەن شاكىلاتلار ۋە پارچە نانلار ئارلىشىپ ياتقان بولاتتى. شۇ چاغدا مەن دادامنىڭ يانچۇقىدا كالىنى ساتقان پۇلدىن قانچىلىك قالغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئانامنىڭ نارازى بولغان قىياپىتىنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقىرالمايمەن.
      كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى، دادامنىڭ چاچلىرىغا قىروۋ قوندى، مەن توي قىلىپ، باشقا بىر ئۆينىڭ ئايالىغا ئايلاندىم. بالىلىرىنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن جېنى ئاغرىسىمۇ، داۋالىنىشقا ۋاقت تاپالمىغان ئانام ئاغرىپ يېتىپ قالدى. ئانام كېسەل بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، ھەتتا قازانغا چۆپ سېلىپ قاينىتىشنىمۇ بىلمەيدىغان دادام تامامەن باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالغانىدى. مەن ھەر قېتىم ئۆيگە بارغىنىمدا، ئاشخانا چىننىدەك يالتىراپ تۇراتتى، ئاشخانىنىڭ تېگىدىن يىڭننىڭ ئۇچى چۈشۈپ كەتسىمۇ تاپقىلى بولاتتى. گەرچە ئىشىنىش قىيىن بولسىمۇ، دادام ئۆزىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. بىر نەچچە يىل بۇرۇن سەھرادىكى ئۆيىمىزگە كەلگەنىدىم. ئانامنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىشىم بىلەنلا ئۈستەل ئۈستىدىكى لوڭقىغا سېلىپ قويۇلغان بىر دانە ئەتىرگۈلگە كۆزۈم چۈشتى.
      -ئانا، بۇ ئەتىرگۈل قەيەردىن كېلىپ قالدى؟ بەك چىرايلىق ئىكەن، -دېدىم گۈلدىن كۆزۈمنى ئۈزمەستىن.
     -ھە، داداڭ مېنى گۈلگە قاراپ زۇقلىنىپ ياتسۇن، دەپ ئېلىپ كەپتىكەن،- دېدى ئانام كۆزلىرىدە ئۆزگىچە بىر مېھر چاقنىغان ھالدا.
بىر نەچچە ئايدىن كېيىن بارسام، ئاشۇ ئەتىرگۈل يەنىلا ئۈستەل ئۈستىدىكى لوڭقىدا تۇراتتى. ئانام بۇ سولىشىپ، قۇرۇپ قالغان گۈلدىن كۆزىنى ئۈزمەي ياتاتتى.
     -ئانا،مۇشۇ قۇرۇپ قالغان گۈلگە قاراپ ياتتىڭىزمۇ، ئەچىقىپ تاشلىۋەتسىڭىز بولمامدۇ،-دېدىم گۈلنى ئېلىش ئۈچۈن قولۇمنى سۇنۇپ. ئانام بولسا، گۈلگە مېھرى بىلەن قاراپ شۇنداق دېدى:
    -بۇ قانداقلا بولمىسۇن، داداڭنىڭ كۆڭلىغۇ،ئۇنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەلەيمەن.
يۈرىكىم شۇررىدە ئېرىپ، قەلبىم ھاياجانغا تولدى. دادام ياش ۋاقتىدا قەلبدە ساقلاپ كەلگەن مۇھەببىتىنى مانا ئەمدى قېرىپ قالغاندا ئانامغا ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ۋە مانا مۇشۇ گۈل بىلەن قوشۇپ تەقدىم قىلىۋاتاتتى.دادام بىلەن ئانامنىڭ ئوتلۇق مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ بەلگىسى بولغان مانا مۇشۇ بىر دانە قۇرۇپ قالغان ئەتىرگۇل كۆزۈمگە گۈزەللىك ۋە مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك تىمسالى (سىمۋولى) بولۇپ كۆرۈندى. كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى، لەۋلىرىمگە تەبەسسۇم يۈگۈردى.

     ئۆزبېكچە«كىتاب دۇنياسى»گېزىتنىڭ 2016-يىل 23-فېئورال سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 13:22:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىدىكى ئەر-خوتۈنلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى مېنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى. تەرجىمە ئەجرىڭىزگە رھمەت ئېيتىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-27 16:15:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكىجىن دېگەن قانداق نەرسە ؟

باھا سۆز

بەگيار،مىكىجىن دېگەن چوشقىنىڭ چىشىسى.  ۋاقتى: 2016-2-27 10:54 PM
چوشقىنىڭ كۈچۈكى-مىكىجىن دېيىلىدۇ.  ۋاقتى: 2016-2-27 05:34 PM
ۋاقتى: 2016-2-27 23:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەرجىمىسى ياخشى بولمىسا بۇنچىلىك تېتىملىق چېقمايدۇ.بۇ بىزدەك باشقا ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلمەيدىغانلارغا سۇنۇلغان مىننەتسىز ئەجىر!

ۋاقتى: 2016-2-27 23:43:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تەرجىماننىڭ جانلىق تەرجىمە ماھارىتى ۋە بەدئىي دېتى بۇ ئەسەرنى يۈرەككە تېگىدىغان ھالەتتە نامايەن قىپتۇ مانا ، ھوزۇر ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم .

ۋاقتى: 2016-2-28 12:40:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەرجىمە بولۇپمۇ ئەدەبىي تەرجىمە يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋەپۇختا تەرجىمە ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدىغان مۈشكۇل خىزمەت.نەچچە ئون يىللىق كەسپى تەرجىمانلىق ھاياتىمدا بۇ نوقتىنى چوڭقۇر ھىس قىلغانمەن.گەرچە ئەسلى تىكىست بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرمىگە بولساممۇ،بەگيار ئەپەندىنىڭ تەرجىمىسىدىكى مەن ھېس قىلغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن،بۇ ھىكايە مۇۋاپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلىنىپتۇ دە پ قارىدىم.بەگيار ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك قەدەم ئىزلىرىنى تەبرىكلەيمەن ۋە تېخىمۇ يۈكسەك پەللە تىلەيمەن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش