بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-26 04:52 PM
كېسەل كۆرسىتىش
(مىكرو ھېكايە)
خىلىل ھېبىبۇللا
-نومۇر ئېلىپ چىقتىم دوختۇر.ئۇھ،نىمانچىلا بۇ بۆلۈمنى 3-قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۋەتكەندۇ،باشلىقلارنىڭ جەمەتى ئاغرىمامدىكىنە؟
- بۇنۇڭغا ئامال يوق.كېلىڭ-يېقىنراق ئولتۇرۇڭ.نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟
-ھېچ يېرىمغۇ ئاغرىمايدۇ.
-ئەمسە ئۆزىڭىزنى بىرە قۇر تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ ئويلاپ كىرگەنمۇ؟
-ئۇنداقمۇ ئەمەس.
-ئەمسە...؟
-ئەسلىغۇ شۇنداق ياخشىتىم.مانا 2-3 كۈن بولدى گېلىمدىن پەقەت تاماق ئۆتمەس بولدى.زورلاپمۇ يىيەلمەۋاتىمەن.
-كۆڭلىڭىز ئېلىشامدۇ؟
-ياق.
-ئايالىڭىزغا سۇيۇق-سەلەڭ بىرە تاماق ئەتكۈزۈپ ئېچىپ باقتىڭىزمۇ؟
-ياق. ئايالىم يامانلاپ كەتكىنى 15 كۈندىن ئاشتى. ئۇ كۆز ئالدىمغا كەلسە تېخىمۇ ئاچمايدۇ.
-قوسقىڭىز ئاچقاندەك تۇيغۇدىمۇ بولمىسىڭىز ئاشقازىنىڭىزدا مەسىلە باردەك قېلىدۇ.سىزنى ئومۇمى يۈزلۈك بىر تەكشۈرۈپ باقىلى.
-ھاجىتى يوق.مەن چۈشەندۈرەي دوختۇر.
-يەنە باشقا ئالاھىدىرەك سەۋەپ بار ئوخشىمامدۇ؟
-شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ.راستىنى ئېيىتسام ،ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۈندىداردا "كۈلقىز" ئېسىملىك بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالغان.ئۇنۇڭ ئاۋازى بەك يېقىملىق ئىدى.ھەر قېتىم پاراڭلاشقانلىرىمىزدا ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇم ،خىزمىتىم،كۈندۈلۈك پاليەتلىرىمگە قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ مېنى بارا-بارا ئۆزىگە رام قېلىۋالدى.
-ئاندىنچۇ؟
-بىز ناھايىتىمۇ ئاسان چېقىشىپ كەتتۇق.مەن ئۇنۇڭ "ياخشى بولماسمىكى" دىگىنىگە ئۇنىماي ئۇنۇڭ بىلەن بىللە تاماق يېيىش تەكلىپىنى بەردىم.ئاخىرى بىز "شەرمىسار غىزالىق چايخانىسى " دا كۆرشىدىغان بولدۇق.
-دىمەك سىلەر كۆرۈشـتۇڭلارمۇ؟
-ۋاي كۆرۈشمەمدىغان دوختۇر،شۇ كۆرۈشۈشـتىن كېيىن تۇتقان-قويغىنىمنى بىلمەيمەن.ئىشتىھايىممۇ تۇتىلدى.
-بۇ قانداق گەپ!؟
-ئۇ كۈلقىز دەل مېنىڭ قېينىئانامكەن ئەمەسمۇ!
-ھە؟!
|