كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 26

داڭگال: كېسەل كۆرسىتىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 04:52 PM  

                                                          كېسەل كۆرسىتىش

                                                            (مىكرو ھېكايە)

                                           خىلىل ھېبىبۇللا

-نومۇر ئېلىپ چىقتىم دوختۇر.ئۇھ،نىمانچىلا بۇ بۆلۈمنى 3-قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۋەتكەندۇ،باشلىقلارنىڭ جەمەتى ئاغرىمامدىكىنە؟
- بۇنۇڭغا ئامال يوق.كېلىڭ-يېقىنراق ئولتۇرۇڭ.نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟
-ھېچ يېرىمغۇ ئاغرىمايدۇ.
-ئەمسە ئۆزىڭىزنى بىرە قۇر تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ ئويلاپ كىرگەنمۇ؟
-ئۇنداقمۇ ئەمەس.
-ئەمسە...؟
-ئەسلىغۇ شۇنداق ياخشىتىم.مانا 2-3 كۈن بولدى گېلىمدىن پەقەت تاماق ئۆتمەس بولدى.زورلاپمۇ يىيەلمەۋاتىمەن.
-كۆڭلىڭىز ئېلىشامدۇ؟
-ياق.
-ئايالىڭىزغا سۇيۇق-سەلەڭ بىرە تاماق ئەتكۈزۈپ ئېچىپ باقتىڭىزمۇ؟
-ياق. ئايالىم يامانلاپ كەتكىنى 15 كۈندىن ئاشتى. ئۇ كۆز ئالدىمغا كەلسە تېخىمۇ ئاچمايدۇ.
-قوسقىڭىز ئاچقاندەك تۇيغۇدىمۇ بولمىسىڭىز ئاشقازىنىڭىزدا مەسىلە باردەك قېلىدۇ.سىزنى ئومۇمى يۈزلۈك بىر تەكشۈرۈپ باقىلى.
-ھاجىتى يوق.مەن چۈشەندۈرەي دوختۇر.
-يەنە باشقا ئالاھىدىرەك سەۋەپ بار ئوخشىمامدۇ؟
-شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ.راستىنى ئېيىتسام ،ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۈندىداردا "كۈلقىز" ئېسىملىك بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالغان.ئۇنۇڭ ئاۋازى بەك يېقىملىق ئىدى.ھەر قېتىم پاراڭلاشقانلىرىمىزدا ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇم ،خىزمىتىم،كۈندۈلۈك پاليەتلىرىمگە قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ مېنى بارا-بارا ئۆزىگە رام قېلىۋالدى.
-ئاندىنچۇ؟
-بىز ناھايىتىمۇ ئاسان چېقىشىپ كەتتۇق.مەن ئۇنۇڭ "ياخشى بولماسمىكى" دىگىنىگە ئۇنىماي ئۇنۇڭ بىلەن بىللە تاماق يېيىش تەكلىپىنى بەردىم.ئاخىرى بىز "شەرمىسار غىزالىق چايخانىسى " دا كۆرشىدىغان بولدۇق.
-دىمەك سىلەر كۆرۈشـتۇڭلارمۇ؟
-ۋاي كۆرۈشمەمدىغان دوختۇر،شۇ كۆرۈشۈشـتىن كېيىن تۇتقان-قويغىنىمنى بىلمەيمەن.ئىشتىھايىممۇ تۇتىلدى.
-بۇ قانداق گەپ!؟
-ئۇ كۈلقىز دەل مېنىڭ قېينىئانامكەن ئەمەسمۇ!
-ھە؟!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-26 15:58:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇنىڭ ئىملاسىنى بولسىمۇ ئوڭشىۋېتىڭە!

باھا سۆز

چالىسىنى مەن ئوڭشىۋەتتىم. «كۆرسۈتۈش» ئەمەس، »كۆرسىتىش».  ۋاقتى: 2016-2-26 04:57 PM
ئوڭشىۋەتتىم،رەھمەت!  ۋاقتى: 2016-2-26 04:33 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 16:20:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 04:55 PM  

رەھمەت ئەرچىن، مەنمۇ مۇشۇ ئىملا توغرۇلۇق بەك تىرىشىۋاتىمەن.ھەر قانچە قېلساممۇ تەلەپكە ئۇيغۇن بولماۋاتىدۇ.شۇڭا ھەممەيلەننىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
رەھمەت ئەرچىن، مەنمۇ مۇشۇ ئىملا توغرىلىق بەك تىرىشىۋاتىمەن. ھەر قانچە قىلساممۇ تەلەپكە ئۇيغۇن بولماۋاتىدۇ. شۇڭا ھەممەيلەننىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2016-2-26 16:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىق ھېكايىكەن

ۋاقتى: 2016-2-26 20:11:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزقارلىق ھىكايە بوپتۇ ھەم ھازىر مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ ياقتۇردۇم ھىكايىڭىزنى

ۋاقتى: 2016-2-27 17:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى يومۇرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يازغانسىز بۇ ھېكايىنى داڭگال؟ ئىشقىلىپ «شەرمىسار»دا تاماق يىگەندىكىن شەرمىسار بولىدىغان گەپ ئاشۇنداق. خوتۇنىنى يامانلىتىپ قويۇپ ، قېينانىسىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ....ئاقىۋىتىنى ئۆزۈم خالىغانچە قىياس قىلىپ كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ قالاي دېدى شۇ تاپتا.

ۋاقتى: 2016-2-27 17:04:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ، بىر ئوقۇسا كۈلكىلىك ، قىزىقارلىق تۇيۇلغىنى بىلەن ، بەكرەك ئويلاپ باقسا ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ قالدىكەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-27 17:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 05:01 PM
قايسى يومۇرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يازغانسىز بۇ ھېكايىنى د ...

لىكىن  بۇ يۇمۇردىن كەلگەن  ئەمەس. يۇمۇرنى سىز خېلى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلەۋاتىسىز ،توختاپ قالماڭ ،بىزمۇ زېرىكىپ قالمايلى.ئەمما  بۇنۇڭدىكى بەزەن تەپسىلاتلارنى مەن راس كۆرمىسەممۇ ئاڭلىغىنىم ئىشەنىچلىك.

ۋاقتى: 2016-2-28 12:09:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال ئىنىم.ئىجادىيىتىڭگە بارىكاللا.مەن ھىكايەڭنى ئوقۇۋىتىپ ئاخىرىغا بارماي بۇ  ئايال چوقۇم ئۆزىنىڭ ئايالى بولىشى مومكىن.دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئەمما ئۇ قېنانىسى بولۇپ چىقتى.ساڭا يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-28 19:09:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى كۈنىمىزدە ئۈندىداردىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان يانفون مەستانىلىرى (يانفون قۇللىرى) نىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ بۇنىڭدەك ئىشلارنى.قىسقا بولغىنى بىلەن قىزىقارلىق،ئويلاندۇرىدىغان ھېكايە بوپتۇ.

ۋاقتى: 2016-2-29 11:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە ئۇسۇلدا يېزلىپتۇ .

دۇختۇر  دىيەگىنۇز قويالمايدىغان ئاغرىىقكەن بۇ  .  

ۋاقتى: 2016-2-29 11:39:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ياخشى يېزىلىپتۇ، ھارمىغايسىز !

ۋاقتى: 2016-2-29 12:05:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ھېكايىدە تولىمۇ ئاچچىق بىر ھەقىقەت باركەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەجۋىلىكى كۈچلۈك،جايىدا چىقىپتۇ.داڭگال ئىنىمنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-29 18:27:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ئېلياس يوللىغان ۋاقتى  2016-2-29 11:24 AM
ئۆزگىچە ئۇسۇلدا يېزلىپتۇ .

دۇختۇر  دىيەگىنۇز قويالماي ...

شۇنداق ھەدە! بۇ كېسەل كېڭىيىپ كەتتى. ئۇنۇڭ تۈرلىرىمۇ ئاۋۇپ يوغانراق دوختۇرخانىدىن بىرەنى ئېچىپ مەخسۇس مۇشۇ خېلدىكى كىسەللەرنى تۇتۇپ داۋالاش  باسقۇچىغا بېرىپ يەتتى.

باھا سۆز

ئاندىن ياشلا ۋە بالىلارنى  ۋاقتى: 2016-2-29 06:37 PM
يەنە ياش تۈركۈمى بويىچە. ئاۋال بۇۋاي- مۇمايلارنى ئاندىن ئوتترا ياشلىقلار....  ۋاقتى: 2016-2-29 06:36 PM
پىسخىكا دۇختۇرىغا ...ئەر ، ئاياللار تۈركۈمى بويىچە داۋالاش كېرەك .  ۋاقتى: 2016-2-29 06:32 PM
ۋاقتى: 2016-2-29 18:37:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ھا زىريېزۋاتقان ھېكايەمدىمۇشۇنداق بىرۋەقەلىك باربىر يىگىت قەينئاپىسىنى ئېلىپ قاچىدۇ
ئەسلىدە ئۇئايالىنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش