يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 414|ئىنكاس: 21

قەلبىنۇر ئىلياس : دېگەيسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 01:43 PM  



دېگەيسەن


قەلبىنۇر ئىلياس


قىل ئارغامچا بولغان بولسام  بوينۇڭغا ،
مەيلى توزان چېچىپ ئۆتسەڭ تۇيغۇمغا .
قەلبىڭدىكى سۈكۈناتلىق ئېغىر تاش ،
مەيلى ئەمدى چىقمىسىمۇ قولۇڭغا .


گۈل ئۈندەرگەن  باغلىرىمدا ئۈزۈڭ بار ،
ئاسمىنىمدا چاقناپ تۇرغان سۆزۈڭ بار .
ئىچ- ئىچىمنى مارلاپ تۇرغان كۆزۈڭ بار ،
شەبنەم سېپەي قارچۇغۇمدىن يولۇڭغا


يامانلىقنى تىلەش ئەمدى نە ھاجەت ؟
قەلبىمىزدە بىخلاپ تۇرسا سەمىمىيەت .
بەرگىمىزدە كۈلۈپ تۇرسا پەزىلەت ،
يەنە قانداق بەدنام سىغسۇن ئويۇڭغا ؟


ھايات بىزگە , ۋاقىتلىقلا قونالغۇ ،
ئەسلىمىلەر سارايلىرى تۇرالغۇ .
پايلاپ تورار يوللىرىمنى  جان ئالغۇ،
ئېسىۋالغىن كەچمىشىمنى بوينۇڭغا .


ئاي تولغاندا ، روھىم كەلدى دېگەيسەن ،
قاراڭغۇسى ،ئازابىم دەپ بىلگەيسەن.
ھىجرانىمدا جەندە كۇلا كىيگەيسەن ،
راسلاپ قويدۇم گۈل دەستىلەر تويۇڭغا .

باھا سۆز

ئۈندەرگەن-ئۈندۈرگەن، مارلاپ-مارىلاپ، قارچۇغۇم-قارىچىقۇم...  ۋاقتى: 2016-2-26 09:56 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-26 21:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىڭلىم قەلبىنۇر،چوڭقۇر پەلسەپىۋىي پىكىرلەر ئىپادىلىنىدىغان نەسىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ ھوزۇرلىنىۋاتاتتۇق.بۇ قېتىم بۇ شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم.سىزگە كۆپ ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

باھا سۆز

رەھمەت ئاكا!  ۋاقتى: 2016-2-29 10:27 AM
ۋاقتى: 2016-2-26 21:56:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئ‍وقۇيتۇم،بۇ شېئىرمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ

باھا سۆز

تەشەككۈر!  ۋاقتى: 2016-2-29 10:27 AM
ۋاقتى: 2016-2-26 22:36:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سزگە ئالى ئىېتىرام!

باھا سۆز

سىزگىمۇ ئېھتىرام ئۇكام!  ۋاقتى: 2016-2-29 10:28 AM
ۋاقتى: 2016-2-27 14:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەسرلا يېزىپ شېئىر يازالمايدىغان ئوخشايدۇ،دىسەم شېئىرنىمۇ شۇنداق ياخشى يېزىپسىز مانا

قەلبىنۇر، مۇبارەك بولسۇن.

باھا سۆز

ۋۇي راستمۇ؟  ۋاقتى: 2016-2-29 10:28 AM
ۋاقتى: 2016-2-27 14:51:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر يازغىنى بولىدىغان دورا چېقىپتۇ دەيدۇ-راسمىدۇ ھەدە؟

ۋاقتى: 2016-2-27 15:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ شېئىر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،قاپىيەلىرىمۇ .تىلىمۇ بەك ئۆزگىچە

ۋاقتى: 2016-2-27 16:55:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ھەدە، سىزگە بىر ناخشا ئېيتىپ بېرەي ھە؟!

بىر دانە ئەردىم دادەي
مىڭ دانە بولدۇم.
ئەقلى ھوشۇمدىن دادەي
بىگانە بولدۇم يارەي
خۇشتارمەن ساڭا ئامرىقىم
يارىم دېگەيسەن...........

ئىجادىيتىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن ھەدە!

باھا سۆز

بۇ ناخشىڭىز گۈپپىدە يۈرەكىلا تەگدى  ۋاقتى: 2016-2-29 10:29 AM
ۋاقتى: 2016-2-28 01:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن پەيزى يىزىپسىز،ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا!

باھا سۆز

رەھمەت!  ۋاقتى: 2016-2-29 10:29 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-29 10:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر يازغىنى بولىدىغان دورا چېقىپتۇ دەيدۇ-راسمىدۇ ھەدە؟




بۇنىڭدىن خەۋەرسىزكەنمەن داڭگال . ئامما مەن قەلەم تۇتۇشنى شىئېر يېزىشتىن  باشلىغان .

ۋاقتى: 2016-2-29 10:53:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ شېئىردا بەكلا قاپىيە قوغلىشىپ كېتىپسىز، ئ‍ازدۇر كۆپتۇر رىتىمدىن چىقىپ كەتكەن يەرلىرىمۇ بابار، بوغۇم ئ‍اتىپ كېتىش ئ‍ەھۋالىمۇ ھەم مەۋجۇت

باھا سۆز

راسچىللىق بىلەن يېزىلغان ئىنكاس بوپتۇ .  ۋاقتى: 2016-2-29 11:09 AM
ۋاقتى: 2016-2-29 10:55:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ شېئىردا بەكلا قاپىيە قوغلىشىپ كېتىپسىز، ئ‍ازدۇر كۆپتۇر رىتىمدىن چىقىپ كەتكەن يەرلىرىمۇ بار، بوغۇم ئ‍ارتىپ كېتىش ئ‍ەھۋالىمۇ ھەم مەۋجۇت

باھا سۆز

قاپىيە قوغلاشقىنىم راس، رىتىمغا يەنە بىر قاراي ئۇكام . تەشەككۈر!  ۋاقتى: 2016-2-29 11:10 AM
ۋاقتى: 2016-2-29 18:17:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 02:51 PM
شېئىر يازغىنى بولىدىغان دورا چېقىپتۇ دەيدۇ-راسمىدۇ ھە ...

ئۇنداقتا 1000سوملۇق دوراسېتۋالاي يازغۇچىلارمۇنبرى دە ئەسەرلىرىم خېلى سالماقنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ نادىرلانغان تېمام يوقكەن......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش