بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قەلبىنۇر ئېلياس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-26 01:43 PM
دېگەيسەن
قەلبىنۇر ئىلياس
قىل ئارغامچا بولغان بولسام بوينۇڭغا ،
مەيلى توزان چېچىپ ئۆتسەڭ تۇيغۇمغا .
قەلبىڭدىكى سۈكۈناتلىق ئېغىر تاش ،
مەيلى ئەمدى چىقمىسىمۇ قولۇڭغا .
گۈل ئۈندەرگەن باغلىرىمدا ئۈزۈڭ بار ،
ئاسمىنىمدا چاقناپ تۇرغان سۆزۈڭ بار .
ئىچ- ئىچىمنى مارلاپ تۇرغان كۆزۈڭ بار ،
شەبنەم سېپەي قارچۇغۇمدىن يولۇڭغا
يامانلىقنى تىلەش ئەمدى نە ھاجەت ؟
قەلبىمىزدە بىخلاپ تۇرسا سەمىمىيەت .
بەرگىمىزدە كۈلۈپ تۇرسا پەزىلەت ،
يەنە قانداق بەدنام سىغسۇن ئويۇڭغا ؟
ھايات بىزگە , ۋاقىتلىقلا قونالغۇ ،
ئەسلىمىلەر سارايلىرى تۇرالغۇ .
پايلاپ تورار يوللىرىمنى جان ئالغۇ،
ئېسىۋالغىن كەچمىشىمنى بوينۇڭغا .
ئاي تولغاندا ، روھىم كەلدى دېگەيسەن ،
قاراڭغۇسى ،ئازابىم دەپ بىلگەيسەن.
ھىجرانىمدا جەندە كۇلا كىيگەيسەن ،
راسلاپ قويدۇم گۈل دەستىلەر تويۇڭغا .