بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھاۋا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-23 05:40 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام.
مېنىڭ كىملىكىم تىزىملىتىپ كىرگەن ئارخىۋىمدا يېزىقلىق، خالىسىڭىز شۇ يەردىن كۆرىۋىلىڭ!
ئىنكاسىمدىكى نۇربىيەنىڭ گۆشى دىگىنىم چاقچاقمۇ ئەمەس، ھەم سىزنى تەھلىل قىلغىنىممۇ ئەمەس.
بۇ مۇشۇنداقلا بىر ئېيتىلما، خۇددى پالانچىنىڭ قىزى دىگەندەكلا ئاددى گەپ.
سىز شېئىرىڭىزدا يۇشۇرۇن ئاڭلارنى تەسۋىرلەپ كېلىپ 21-ئەسىردىكى ئانىلارنىڭ قىزلىرىغا قىلغان ئەخلاق تەربىيەسىدىن گەپ باشلاپ، قىزلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى قۇلاقتا تۇتۇپ ئانىلىرى تەسۋىرلەپ بەرگەن "ئەزرائىل"لاردىن قورقانلىقىنى، يەنە شۇنىڭغا ماس ھالدا بىر قىسىم گۈزەل گۈدەك ئەقىدىلەرگە مايىل بولغانلىقىنى، كەينىدىن نۇرغۇن مۇستەھكەم نەرسىلەرنىڭ قالايماقان بولغانلىقىنى سەل ئېچىنىش ئارلاش ئىپادىلەپ چىقىپسىز، ئوچۇق قىسمىدىكى مەلۇماتلار كۆكبۆرىنى بۇ شېئىرنى ئىپتىدائىي مەنزىرىدە كۆرۈشكە باشلاپ قويۇپتۇ. ئەمىلىيەتتە يازغىنىڭىز تۈنۈگۈن، بۈگۈن ھەم ئەتە.
بەكمۇ يىراق زامان ئەمەس، دەل مۇشۇ 21-ئەسىر.بۆرىلەر ھەرگىزمۇ كۆك تەڭرىلەر دەۋرىدىكى بۆرىلەر ئەمەس، بەلكى قىزلىرىغا ئانىلىرى ئىپپىتىنى مۇقەددەس بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەرلەرنى ھۈجۈ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن تېپىپ چىققان ئوخشىتىشلىرى.
شېئىرىڭىزنىڭ ھەممە بۆلىكى ئۆز لايىقىدا ئورنىنى تاپقان، بۇ سىزنىڭ نورمال بىر ئايال سۈپىتىدە تۇرۇپ بېشىڭىزدىن كەچۈرگەن ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى.
مەن شۇنى چۈشەندىم، ھەم كۆكبۆرىنىڭ تەھلىللىرىنى شېئىرغا تازا ماس كەلمەپتۇ دەپ قاراپ كىچىككىنە ئىنكاس يېزىپ قويسام، سەرگەنداننىڭ نازۇك كۆڭلىنى ئاغرىتىپ گۇمانغا سەپ قويدۇمغۇ تاڭ!