يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1388|ئىنكاس: 33

نۇربىيە ئابدۇكېرىم: 21- بەتتىكى ھادىسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-22 11:20 PM  

21 ـ بەتتىكى ھادىسە  

نۇربىيە ئابدۇكېرىم

          ( 1 )

بىز ئەسىر قىلىنغان بۇ يەردە
ۋاقىتنىڭ پىشانىسىنى شورلاشتۇرۇلدى
خۇسۇسىيلىشىۋاتقان كېلىنچەكلەر
كۆچۈرۈپ بولۇندى
ئىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەن ئىدىيەلەر
ئوپتىك نۇر تېرىغان تىراگېدىيەلەر
توخۇ كۆرىكىدەك چوقچىيىپ تۇرىۋېلىپ ھادېسىگە ياڭزىماقتا مېڭىلىرىمىزنى  

          ( 2 )
قەدىمقى دەۋىردە  
بىز تۇرغان بۇ يەر  
بىر توپ بۆرىلەرنىڭ ماكانى ئىدى
ئەركەكلىرىنىڭ شۆلگىيى
سۆڭەكلەرنى ئېرىتىشكە ئالدىرايتتى
چىشىلىرى رېجىمدا يېتىلەتتى
ئۇلاردىن قورقۇشنى ئۆگىتەتتى ئانىلىرىمىز  
خام گۆش ئەزرائىلدەك تەسۋىرلىنەتتى
بىز راستىنلا قورقاتتۇق
چاناقتىن چىقىپ كەتكەن كۆزلەرنىڭ پاجىئەسىدىن
يىلىم چۆچەكلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قوياتتۇق
چۈشۈرۈلگەن تۈكلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايتتۇق
قۇدرەتلىك تەڭرى
ئوت ۋە سۇنى تەڭ ياراتقىنى بىلەن
ئوت پەقەت كېچىدە تۇتاشتۇرۇلاتتى  
كۈندۈزى يۇيۇنساق يامان بولاتتى

          ( 3 )   
ھازىر
بىز تەقدىم قىلىنغان بۇ يەردە
مالىمان ھادىسىلەر ئىشلەپچىقىرىلماقتا   
تەنلەرنىڭ ئىمپورت ـ ئېكىسپورت قىلىنىشى  
ئىچى يوق ئادەملەرنىڭ ھايات يۈرىشى   
ئاشىقلارنىڭ كېچىدىكى شەيتاندىن خۇرسەنلىك تاپقىنىدەك تەبئىي  
بىر چىشلەم
بىر چىشلەمدىن ئۆلىۋاتقانلار  
روھلار     
ھاۋادىنمۇ قويۇقلاشتۇرۇلغان بولۇمسىزلىقتا   
تۈتۈنگە ئايلانغىلى ئۆچرەتتە ئەنە

2016 ـ 21 ـ فېۋرال ئۈرۈمچى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
گۇلنىسا ئىمىن + 100

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-22 22:37:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21 - ئەسىردىكى ھادىسە بۇندىن بۇرۇنقى ھادىسىلەرنىڭ داۋامى ...

ۋاقتى: 2016-2-22 23:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يازغۇچىلار تورىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن مۇشۇ ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ،مەيلى ئىپادىلەش ،مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن ماڭا ئەڭ يارىغان ،مىنى ئەڭ قايىل قىلغان  ،يۈرۈگۈمنىڭ بېغىشىغا تەككەن شېئىر مۇشۇ بولدى .ئاپتورغا  ئاپىرىن .

ۋاقتى: 2016-2-22 23:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 12:02 AM  

بۇ ئەسەر ماڭا تېتىدى.ماۋزۇمۇ ئۆزگۈچە.ئەگەر بۇ مۇنبەردە ئادەمنىڭ ئىسمىغا قاراپ ئىنكاس-پىكىر يىزىلمىسا بۇ ئەسەرگە ئىنكاس -مەدىيە يېغىپ كىتەتتى.

باھا سۆز

ئەڭ سىپايە تىلىمتى بولمىسا، بۇمۇ بوپتۇ.رەھمەت!  ۋاقتى: 2016-2-23 12:12 AM
ئىنكاسىڭىزنى تەھرىر قىلىپ قويدۇم، سەل سىپايىرەك بولغان ياخشى ھە؟!  ۋاقتى: 2016-2-23 12:03 AM
ۋاقتى: 2016-2-23 00:06:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ. نۇربىيەگە قۇتلۇق بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 09:14:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىر بەرگەن سۆھبەتداشلارغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2016-2-23 10:41:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ماۋۇ « ئىچى يوق ئادەملەرنىڭ ھايات يۈرىشى» دېگەن مىسرا بەكلا يارىدى. بىراق « يۈرىشى-يۈرۈشى» دەپ يېزىلارمىكى...سىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-23 10:58:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokbora تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 11:23 AM  

نۇربىيە ئابدۇكېرىم ئاپتورلىقىدىكى ‹‹21-بەتتىكى ھادىسە›› ناملىق بۇ شېئىر مەلۇم ئىزدىنىش روھىنىڭ نەتىجىسىنى ئوقۇرمەلەرگە مۇۋاپىقىيەتلىك يەتكۈزۈپتۇ. مەن بۇ ئىنكاستا ئەسەرنىڭ پەقەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىلا ئويلىغانلىرىمنى قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
‹‹21-بەتتىكى ھادىسە›› قۇرۇلمىنىڭ كېڭىيىشچانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا يەنىلا مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان. لېكىن ئەسەر گۈزەللىكىنىڭ رېتمچانلىقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قۇرۇلمىنىڭ بۇ خىل كېڭىيىشچانلىقى ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن بەدئىي گۈزەللىكىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزگەن. بۇ خىل سەلبىي تەسىر ئىككى نۇقتىدا ئەكس ئەتكەن. بىرى، ئەسەر ئىككىنجى بۆلىكى بىلەنلا ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق خاتىرلەش سەپىرىنى تاماملىغان. بىرىنجى، ئۈچۈنجى بۆلىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرغاندا ئوقۇرمەنگە نورمال پىسخىك ھالەتتە بىلىنسىمۇ ئىككىنجى بۆلەك بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەندە ئەسەرنى (شېئىرنى) ئوقۇرمەنلەرگە تۈز سىزىق ھالىتىدە چۈشەندۈرۈش رولىنى ئويناپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەسەۋۇر بوشلۇقى قالدۇرۇلماي، ئوقۇرمەن ‹‹جەريان›› ئىچىگە قويۇپ قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەن ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قانداقتۇر گۈزەل بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولسىمۇ، بۇ گۈزەللىكنىڭ مەلۇم بىر يەرلىرىدە نۇقسان بارلىقىنى سىزىدۇ. ئوقۇرمەن سەزگەن بۇ نۇقسان دەل ئەسەرنىڭ بىرىنجى، ئۈچۈنجى بۆلىكىدۇر. چۈنكى 21-بەتتىكى ھادىسىدە مەۋجۇت بولغىنى بىرىنجى، ئۈچۈنجى بۆلەكتىكى يىزىلمىلار ئەمەس، بەلكى ئىككىنجى بۆلەكتىكى خاتىرىلا، خالاس. شۇڭا ئەسەر ئاپتورنىڭ پەقەت ئىككىنجى بۆلەكنىلا ساقلاپ قىلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
ئەسەردە كۆرۈلگەن ئىككىنجى نۇقسان، ئىككىنجى بۆلەكتىكى تارىخىي ئۇچۇر ئورنىنىڭ ئالماشتۇرىۋىتىلىشى. بۇ ئالماشتۇرىۋىتىلىش ئەسەردىكى تۆۋەندىكى جۈملىلەردە كۆرۈلگەن.
1. ‹‹ئۇلاردىن قورقۇشنى ئۆگىتەتتى ئانىلىرىمىز›› ئۇلار بۆرىلەرنى ئىشارە قىلغان بولۇپ، ئانىلار بالىلارنى بۆرىلەردىن قورقۇشنى ئۈگىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە 21-بەتتىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازمىلاردا ئانىلار قورقۇشنى ئەمەس، قورقماسلىقنى ئۈگەتكەن.
2.‹‹خام گۆش ئەزرائىلدەك تەسۋىرلىنەتتى›› 21-بەتتىكى خاتىرىلەردە خام گۆشكە ئېرىشىش ئەزرائىلنىڭ تەسۋىرىدە ئەمەس باتۇرلۇقنىڭ تەسۋىرىدە كەلگەن. يەنە بىرى 21-بەتتە ئەزرائىل دېگەن سۆز ئەسەردە ئوتتۇرا ئەسىر پۇرىقىنى بېرىپ قويغان. 21-بەتتىكى خاتىرىلەردىن مەلۇمكى ئەسەر زامان-ماكان نۇقتىسىدىن كۆك تەڭرىلەر دەۋرىگە مەنسۇپ. شۇڭا بۇ ئىسىم ئورنىغا ئەينى دەۋر زامان-ماكاندىكى مۇۋاپىق بىر ئىسىمنى قويۇپ باقسا.
3.‹‹بىز راستىنلا قورقاتتۇق›› بۇ جۈملە ‹‹بىز قورقۇپ تۇرۇپ قارايتتۇق›› شەكلىدە ئېلىنسا 21-بەتتىكى بالىلارنىڭ رېئاللىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغاندەك.
ئەسەر پىكىر ئېلىنىش باسقۇچىدا بولغاچقا ئاپتورنىڭ قايتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشى تامامەن مۈمكىن. مىسالغا، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تارقالغان ‹‹ئانام چىرايلىق›› دېگەن بىر ناخشا يادىمىزدا بولسا كېرەك. بۇ ناخشىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان. دائىمي تەكرارلىنىدىغان سەۋەنلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا بولسا ناخشىدىكى مەننىڭ ئانىغا بولغان تونۇشى يەنىلا ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنى ئاشكارلىغان. ناۋادا بۇ ناخشا تېكستى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ياراملىق بىر تەھرىرنىڭ قولىغا چۈشكەن بولسا، ناخشىدىكى مەننىڭ ئانىغا بولغان تونۇشى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەمەس، ئانىسى ھايات ۋاقتىدا  ئۆزىنى ئاشكارلىغان بولسا بۇ ناخشا ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن ئۆزگىچىلىككە ئېرىشكەن بولاتتى. ئەمما تەھرىرلىك نۇقتىسىنىڭ يېتەرسىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىدە ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىللە دائىمىي تەكرارلىنىدىغان ئاجىزلىقىنى تەكرارلاش بىلەن خۇلاسىلەنگەن. دېمەكچى بولغىنىم، ئەسەر ئېلان قىلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى تەھرىرلىك نۇقتىسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاپتورمۇ مۇۋاپىق كۆرسە دېققەت قىلىپ باقسا بولىدۇ.

باھا سۆز

دېققەت-دىققەت...ئىملاغا، دوستۇم...  ۋاقتى: 2016-2-23 11:11 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 11:25:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش كۆك بۆرە سالام سىزگە، شېئىرىمغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن پىكىر قالدۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر. ئوقۇرمەننىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە دادىل پىكىر يۈرگۈزۈشى دەل ئاپتورغا قويۇپ بېرىلگەن شوتا. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا مەن ھەم پىكىرگە موھتاج، توغرا تاپقانلىرىمنى ئەلۋەتتە قۇبۇل قىلىمەن. بۇ ئەسەرنى بۇ يەرگە ئەكىلىشىمدىكى مەقسەتمۇ دەل قۇيغان كېسىكىمنى پىششىقلاش سېخىغا ئەكىرگىنىم بىلەن باراۋەر.... كېيىنكى قەدەملەردە ھەم پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرغايسىز، سىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-2-23 11:40:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«21-بەتتىكى ھادىسە» گە كۆك بۆرىنىڭ تەھلىلى بىلەن يەنە بىرقەدەم چوڭقۇرلىدىم .
نۇربىيەگە  ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 12:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلنىسا ئىمىن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-23 11:40 AM
«21-بەتتىكى ھادىسە» گە كۆك بۆرىنىڭ تەھلىلى بىلەن يەنە ب ...

رەھمەت

ۋاقتى: 2016-2-23 13:09:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  گۈلگۈننىڭ ئىزاھاتى ۋە كۆكبۆرىنىڭ تەھلىلى بۇ شېئىرنى ئوقۇرمەنلەرگە خېلىلا يېقىنلاشتۇرۇپتۇ. مەنمۇ كۆكبۆرىنىڭ 2-بۆلەكنىلا ساقلاپ قېلىش پىكرىنى ياقىلايمەن. ئەلۋەتتە، باشقىسى ئاپتۇرنىڭ ئۆزىگە باغلىق.

ۋاقتى: 2016-2-23 13:21:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربىيەنىڭ 21-بەتتىكى كەچۈرمىشلىرى ئۆزىگە تەۋە ھېسلاركەن، كۆكبۆرە ئەپەندىممۇ ئۆزى بايقىغاننى ئۆز ئۇسلۇبى بىلەن ئىپادىلەۋەرسە بولغۇدەك.

ۋاقتى: 2016-2-23 14:18:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-2-23 15:00:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھاۋا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-23 05:07 PM  
sargardan يوللىغان ۋاقتى  2016-2-23 02:18 PM
شېئىر ئەدەبىياتقا تەۋە بولغان بىلەن، ئەدەبىيات بىر ئ ...


نىمە دەرمەن ئەمدى.
نۇربىيەنىڭ خام گۈشى بىلەن كۆكبۆرىنىڭ چۈشەنگەن خام گۆشى ئاسمان زىمىن پەرىق قىلدىكەن.
نۇربىيە باشقا نىمىنى ئىشارە قىلسا، كۆكبۆركام چىقىپ چۈشەنمەستىن باشقا نەرسىنى دەپتۇ.
ئىككى ئادەمنىڭ ئويلىغىنى دىمەكچى بولغىنى باشقا باشقا نەرسە بولغانكىن، ھەم ھەر ئىككىلىسى يازالايدىغانلار بولغانكىن، ئەكبەركامنىمۇ ئويلىغىنىنى يېزىپ باقسۇن دىدىم.
لېكىن مەن ئەدەبىياتنىڭ بىر ئادەمگە ئەمەس كوللىكتىپقا تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئۈگۈتلىرىڭىزدىن ئېغىر بىلىۋالدىم.
يەنە تەلىملەر بولسا ئايىمىغايسىز!

باھا سۆز

ئاسمان زىمىن پەرىق قىلدىكەن-ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىكەن...  ۋاقتى: 2016-2-24 10:19 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش