يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: tahir.hamut

تاھىر ھامۇت: كۆيۈكنىڭ پۇرىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-23 18:38:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچە شېئىرلارنىڭ ھەممىسىنى نەسىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن شېئىر پەقەت ئۆزىنىڭ شەكلى ئىچىدىلا شېئىر بولالايدۇ. ئۇنى نەسىرلەشتۈرۈش ھەم كۈلكىلىك ھەم ناھايىتى ئارتۇقچە ئىش بولسا كېرەك. شېئىرنى ئۆزىنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدە قويۇپ مۇھاكىمە قىلايلى، ئۇنى نەسىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلساق ئۇ ھەرگىزمۇ شېئىر بولماي قالىدۇ، نەسىر ياكى ھېكايىگە تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. قايسى شېئرنى ۋە كىملەرنىڭ شېئىرىنى سۆيۈش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز، تېگىگە يېتىپ چۈشىنەلمەسلىك ياكى تېگىگە يېتىپ تەتقىق قىلىشنى خالىماسلىق شائىر تۇغدۇرغان سەۋەنلىك ئەمەس. ئاينىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى، نۇر چاچالايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىراق نېمە ئۈچۈن نۇر چاچىدىغانلىقى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ئۇنىڭ نۇرىدىن ھوزۇرلانغاندىنمۇ بەك خاسىيەتلىك بولىدۇ. ھەممىمىز ئۆزىمىز سۆيىدىغان شېئىردىن ھوزۇرلىنايلى، ئىنسان ئۈچۈن مۇپەسسەللىك ئىزدەيدىغان ئەنئەنىۋى شېئىرلارمۇ، يېڭى ئېقىمدىكى شېئىرلارمۇ ئوخشاشلا قىممەتلىك. ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز سۆيمەيدىغانلىقىمىز سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ھوزۇرلىنىش دىتىنى كەمسىتمەيلى. مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئېيتقانىدىم، شېئىر پەقەت شېئىرلا بولالايدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ نەسىر ياكى ھېكايە بولالمايدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-5 23:17:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يىقىندىن بۇيان تاھىركامنىڭ مەيلى ئۇيغۇرچە شېئىرلرى بولسۇن ،مەيلى خەنزۇچە يازغان شېئىرلىرى بولسۇن ھەممىسىگە دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ، تاھىركام ئالدىمدا بولسا دەيدىغان گېپىم :ئوغۇل بالىكەنسىز بىز سىزگە ئەگشتۇق !

ۋاقتى: 2016-3-11 18:08:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىزنى قايتا ئۇقۇغۇنىمدىن خۇرسەنمەن .

ۋاقتى: 2016-3-17 23:25:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تاھىركامنىڭ ھەر بىر پارچە شېئىرىنى ئوقۇسام يىپيېڭى بىر دۇنيانى كۆرگەندەك بولىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش