يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 14

پىنھانى: كىرپىكىڭدە تۈنەر سانسىز رىۋايەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-22 00:12:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كىرپىكىڭدە تۈنەر سانسىز رىۋايەت

ئەنۋەرجان ساۋۇت

دىدارسىزلىق جاندىن ئۆتتى مەلىكەم،
دىلغا توشۇپ كەتتى يۈرەك سۆزلىرىم،
بېقارارلىق كۈۋەجىگەن كۈنلەردە،
گۈل بويۇڭدا قېتىپ قالار كۆزلىرىم.

شۇنچە مۇڭلۇق مۇزىكىنىڭ كۈيى بار.
ئىسمىڭدىكى مەسىت قىلغۇچى ھەرپتە.
ئىنتىزارلىق دولقۇنلىرى لەڭ ئۇرار،
نازلىرىڭدىن قۇتراپ كەلگەن كەيىپتە.

تولۇنئاينى ئەگەشتۈرگەن كېچەمدە،
ئىزىڭ بويلاپ قېچىپ كېتەر خىياللار.
شەبنەم سۆيگەن لېرىكامسەن ئەي سەنەم،
ئېتىكىڭدە پىلدىرلايدۇ مىسرالار.

ئالما،ئانار يۈزلىرىڭدىن رەڭ ئالغان،
كىرپىكىڭدە تۈنەر سانسىز رىۋايەت.
ئۆلسەم ئۆلەي زىندانلاردا بېئەجەل،
سېنى سۆيۈش بولسا ئەگەر جىنايەت.

توپان بولۇپ بېسىپ كەلسە سېغىنىش،
ئاھ كۆزلىرىم لۆممىدە قىپ ياشلىنار.
ۋۇجۇدۇمنى تىترەتكۈچى ئۈنۈڭدە،
مىڭ ئىككىنچى كېچە بەلكىم باشلىنار.

2016-يىلى 19-فېۋرال، جۈمە.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-22 13:21:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم، لىرىكىڭىزدىن ئۆكسۈپ چىقىۋاتقان ئاشىق نىداسى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.  

ۋاقتى: 2016-2-22 13:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىېئرىڭىزدا بىر يېڭىلىق بار،چوڭقۇرلۇق بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 21:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرئىرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ۋە مېنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن دوسىتلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن !!! ياخشى تەكلىپ- پىكىرلەر بولسا بەرگەيسىلەر !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 21:48:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىمنىڭ تېمىسىنى «مىڭ ئىككىنچى كېچە » گە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدىم . مۇشۇنداق بولسا تېما تېخىمۇ ياخشى چىققۇدەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 21:49:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ ئىككىنچى كېچە

ئەنۋەرجان ساۋۇت

دىدارسىزلىق جاندىن ئۆتتى مەلىكەم،
دىلغا توشۇپ كەتتى يۈرەك سۆزلىرىم،
بېقارارلىق كۈۋەجىگەن كۈنلەردە،
گۈل بويۇڭدا قېتىپ قالار كۆزلىرىم.

شۇنچە مۇڭلۇق مۇزىكىنىڭ كۈيى بار.
ئىسمىڭدىكى مەسىت قىلغۇچى ھەرپتە.
ئىنتىزارلىق دولقۇنلىرى لەڭ ئۇرار،
نازلىرىڭدىن قۇتراپ كەلگەن كەيىپتە.

تولۇنئاينى ئەگەشتۈرگەن كېچەمدە،
ئىزىڭ بويلاپ قېچىپ كېتەر خىياللار.
شەبنەم سۆيگەن لېرىكامسەن ئەي سەنەم،
ئېتىكىڭدە پىلدىرلايدۇ مىسرالار.

ئالما،ئانار يۈزلىرىڭدىن رەڭ ئالغان،
كىرپىكىڭدە تۈنەر سانسىز رىۋايەت.
ئۆلسەم ئۆلەي زىندانلاردا بېئەجەل،
سېنى سۆيۈش بولسا ئەگەر جىنايەت.

توپان بولۇپ بېسىپ كەلسە سېغىنىش،
ئاھ كۆزلىرىم لۆممىدە قىپ ياشلىنار.
ۋۇجۇدۇمنى تىترەتكۈچى ئۈنۈڭدە،
مىڭ ئىككىنچى كېچە بەلكىم باشلىنار.

2016-يىلى 19-فېۋرال، جۈمە.

ۋاقتى: 2016-2-22 22:23:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اھ كۆزلىرىم لۆممىدە قىپ ياشلىنار--قىپ نىڭ ئورنىغا باشقا سۆز ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قېلىمەن.قۇرۇلما-بوغۇم ئىتىۋارى ئۈچۈن "قېلىپ"نى مەجبۇر مۇشۇنداق ئاپسىز.

ۋاقتى: 2016-2-22 22:51:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پارچە شېئىرنى زوق بىلەن تەكرار ئوقۇدۇم. بەركەتلىك بولۇڭ. شېئىر  دىلنى سۆيۈندۈردى.

ۋاقتى: 2016-2-22 22:54:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرپىكىڭدە تۈنەر سانسىز رىۋايەت  مەن بۇ مەۋزۇنى ياقتۇردۇم. مېنىڭچە بو مەۋزۇ كېيىنكى مەۋزۇغا قارىغاندا جەلپكار بىلىندى.

ۋاقتى: 2016-2-23 00:05:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگەرتكەن تېمىڭىز شىېرىڭىزغا ماسلىشىپ، بەدىيلىكىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، مەزمۇنىنى زور دەرجىدە بىيىتىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-2-23 17:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت ھەم بەرىكەت تىلەيمەن ، لىرىكىڭىز ياخشى چىقىپتۇ  . ياقتۇردۇم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 17:34:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال تەكلىپىڭىز ئورۇنلۇق،ئاشۇ مىسرانى ئازراق ئۆزگەرتىپ ئىملادىكى نوقساننى تۈزىۋىتەي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 17:37:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى شېئىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت! شېئىرنىڭ ماۋزۇسىدا مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ پىكىرىدە قىلىشنى تاللىدىم. ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 17:38:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامچە قوللاپ قۇۋەتلىگىنىڭىزگە رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 17:41:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر شېئىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! ئىلھام پەرىسى ھەممىمىزگە قۇچاق ئاچقاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش