كىرپىكىڭدە تۈنەر سانسىز رىۋايەت
ئەنۋەرجان ساۋۇت
دىدارسىزلىق جاندىن ئۆتتى مەلىكەم،
دىلغا توشۇپ كەتتى يۈرەك سۆزلىرىم،
بېقارارلىق كۈۋەجىگەن كۈنلەردە،
گۈل بويۇڭدا قېتىپ قالار كۆزلىرىم.
شۇنچە مۇڭلۇق مۇزىكىنىڭ كۈيى بار.
ئىسمىڭدىكى مەسىت قىلغۇچى ھەرپتە.
ئىنتىزارلىق دولقۇنلىرى لەڭ ئۇرار،
نازلىرىڭدىن قۇتراپ كەلگەن كەيىپتە.
تولۇنئاينى ئەگەشتۈرگەن كېچەمدە،
ئىزىڭ بويلاپ قېچىپ كېتەر خىياللار.
شەبنەم سۆيگەن لېرىكامسەن ئەي سەنەم،
ئېتىكىڭدە پىلدىرلايدۇ مىسرالار.
ئالما،ئانار يۈزلىرىڭدىن رەڭ ئالغان،
كىرپىكىڭدە تۈنەر سانسىز رىۋايەت.
ئۆلسەم ئۆلەي زىندانلاردا بېئەجەل،
سېنى سۆيۈش بولسا ئەگەر جىنايەت.
توپان بولۇپ بېسىپ كەلسە سېغىنىش،
ئاھ كۆزلىرىم لۆممىدە قىپ ياشلىنار.
ۋۇجۇدۇمنى تىترەتكۈچى ئۈنۈڭدە،
مىڭ ئىككىنچى كېچە بەلكىم باشلىنار.
2016-يىلى 19-فېۋرال، جۈمە.
|