يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 15

تۇغلۇق: ئانا تىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-20 09:43 PM  

                       ئانا تىل

      (ئابدۇللا نەئىمى غەزىلىگە تەخمىس)

ئانا تىلنىڭ كانىدىن زەر-ئۈنچىلەر قازغۇم كېلۇر،
ئانا تىل بىرلە ۋەتەن تارىخىنى يازغۇم كېلۇر،
ئانا تىل دۈشمەنلىرىنىڭ كۆكسىنى يارغۇم كېلۇر،
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

مەدرىسەلەردىن كېلۇر ئوردو، ئەرەب، پارسچە... ئۈن،
(ئانا تىلدا سۆزلىسە ياخشى يېشىلمەمدۇ تۈگۈن؟)
ئاھ، نادانلىقتىن ۋەتەن-ئەلنىڭ بېشىغا چۈشتى كۈن،
يۇرتىمىزدا قەدرى يوق نەرسە ئانا تىلدۇر بۈگۈن،
بىلمىگەنلەرگە ئۇنىڭ قەدرىنى بىلدۈرگۈم كېلۇر.

ئانا تىل ــ ئۇيغۇر تىلى قوزغايدۇ بىزدە ئىپتىخار،
ھەر سۆزى، ھەر جۈملىدە چەكسىز قۇۋۋەت ھەم ئىقتىدار،
«مەڭگۈ تاش»، «دىۋان لۇغەت»...تاڭدا قۇياشتەك يالتىرار،
بىز بالىلارغا ئاتالاردىن قېلىپدۇر يادىكار،
ياخشى ئاسراپ مەڭگۈ ئەۋلادلارغا قالدۇرغۇم كېلۇر.

كۈي تۆكەرمەن ئانا تىل بىرلە ۋەتەن-ئەل ئىشقىدا،
ئۇنى قوغداشقا قىلارمەن ھەر قاچان مىڭ جان پىدا،
(ئايرىلار بولسام ئەگەر بولسۇن بۇ جان تەندىن جۇدا)،
بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامىرىكا ۋە ئافرىقىدا،
سەرف ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.

تارىخىڭ پارلاقكى سېھرىي قۇدرىتىڭگە يوق گۇمان،
سەن گويا تومۇردا قان، سەنسىز چىرايلار زەپىران،
سەن بىلەن ئەجدادلىرىم پۈتكەچ ئۇلۇغ قامۇس، دىۋان،
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىفتىخار ئەتكۈم كېلۇر.

ئەي ئانا تىل، خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك دىلدارى سەن،
ھەق سۆيەر ئەۋلادىمىزنىڭ چىن يۈرەك ئىزھارى سەن،
چىن مۇھەببەت ئىزلىگەنلەرنىڭ ئۇلۇغ دوست-يارى سەن،
سەن قىزىل گۈل ياكى بۇلبۇلنىڭ كۆڭۈل گۈلزارى سەن،
ئۇشبۇ سۈرەتلەردە سېنى ھەر زامان كۆرگۈم كېلۇر.

سەن بىلەن ئوتلۇق يۈرەكتىن ئەلگە ئېيتسام «ئەسسالام»،
«ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!» دەپ ياغدى ھۆرمەت-ئىھتىرام،
شۇ ھامان ئويناپ يۈرەك بولدى تومۇردا قان قىيام،
ئالما سەن ياھۇد ئانا سەن ياكى سەن شەمامى شام،
ئەتىرگۈلدەك بۇي ئالىپ باشىمغا قىستۇرغۇم كېلۇر.

ئاھ، سېنىڭسىز قاغجىراپ قالمامدۇ بۇ دىل مۈلكىمىز؟
ئاھ، سېنىڭسىز قايدا بۇلبۇل كۈيىدەك شاد كۈلكىمىز؟
ئاھ، سېنىڭسىز قاپقارا جاڭگالغا بەنتتۇر قەلبىمىز،
قىزمۇ سەن، قۇزىمۇ سەن ياكى قېزى بىلەن قىمىز؟
ياخشى كۆرگەن ياخشىدىن ياخشىغا ئوخشاتقۇم كېلۇر.

خۇددى سالغاندەك يۈگەن چىلان تورۇقنىڭ ئاغزىغا
ئۆز تىلىنى بۇزغۇچى ئاغزى پۇچۇقنىڭ ئاغزىغا،
ھەم قۇرۇق گەپ ساتقۇچى قەلبى قۇرۇقنىڭ ئاغزىغا
ئۆز تىلىنى تاشلىغان ئاغزى بۇزۇقنىڭ ئاغزىغا،
تازا قاتتىق چەملىك كەفشىم بىلەن ئۇرغۇم كېلۇر.

كىم تۇتۇپ ئۇستاز يۈسۈپ، مەھمۇد كەبى سەرخىلىنى،
ئۆگىنىپ بىر قانچە تىل، نۇرلاندۇرۇپ ھەم دىلىنى،
كۈي تۆكۈپ ئۆتكۈزسە قۇتلايمەن ئۇنىڭ ئاي-يىلىنى،
ئۆز تىلىدىن ئۆزگە تىلنى ئىستىگەنلەر تىلىنى
ئارىدەك تىلغۇچ بىلەن نەچچە تىلىم تىلغۇم كېلۇر.

ھەم گۇمان قىلغاچ ئۇنىڭ ۋىجدانىنىڭ بار-يوقىدىن،
ئاجرىتىپ چەك-چېگرىنى ئۇنداق توخۇنىڭ پوقىدىن،
ھەر قەدەمدە ياغدۇرۇپ ئۇنىڭغا نەپرەت ئوقىدىن،
ئۆز ئاتاسى، ئۆز تىلى، ئۆز دىنىدىن، ئۆز يۇرتىدىن،
بىرسىدىن تانغان بىرىگە ئوخشادۇر دېگۈم كېلۇر.

ئەسلىدە كۆپ تىل بىلىش قىلغاي جاھانغا ھەمنەپەس،
ئانا تىلدىن باشقا تىل بىلمەككە قىلساڭ گەر ھەۋەس،
ئانا تىلنى ئۆگىنش شەرتىدە ئۆگەن، بىل پەۋەس،
ئانا تىلنى تاشلىغان ئادەم ۋەتەنگە دوست ئەمەس،
بىلكى ھەممە يۇرتىدىن بىگانە دەپ ئېيتقۇم كېلۇر.

ئانا تىلسىز ھېچ ئېتەك غۇنچە-چېچەككە تولمىدى،
ئانا تىلسىز ھېچ زەپەر قۇچماققا مۇمكىن بولمىدى،
دەيدۇ تۇغلۇق: ئانا تىل بولغاچ ئىرادەم سولمىدى،
ئانا تىلدا ھەممىنى يازماققا مۈمكىن بولمىدى،
ۋەر نە ھەممە سۆزنى مەن ئۇيغۇرچىلاپ يازغۇم كېلۇر.


                  ئىزاھات:

      «ئانا تىل» ناملىق بۇ مەشھۇر غەزەل (ئۈچ بېيىت) ئىلگىرى ئاتاقلىق شائىر، مەتبۇئاتچى قۇتلۇق شەۋقى قەلىمىگە مەنسۇب دەپ قارالغان. دەسلەپ «ئېلىببە» كىتابقا، كېيىن، يەنى 2008-يىلقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈزۈلگەن «تىل- ئەدەبىيات» تاللانما دەرسلىكىنىڭ شېئىر-نەسىر قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئارىلىقتا ئابدۇرېھىم ھېيت تەرىپىدىن ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغان. قىسقىسى، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ماتېرىياللارغا شۇ تەرىقىدە كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، ھەممەيلەن دېگۈدەك «ئانا تىل»نى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ دەپ قارىغان. مەنمۇ شۇ قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە «ئانا تىل»نىڭ قۇتلۇق شەۋقىگە مەنسۇپ دەپ قارالغان تولۇقسىز نۇسقىسىغا تەخمىس باغلاپ مۇشۇ مۇنبەردە ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم مەن بۇ شېئىرنى قۇتلۇق شەۋقى بىلەن زامانداش بولغان ئەسلىي ئاپتورنىڭ، يەنى ئابدۇللا نەئىمىنىڭ نامىدا قايتا تەخمىس باغلاپ ئېلان قىلدىم. بۇ شئېر 1930-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېزىلغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇ دەۋرنىڭ قارىشى بويىچە ياندىشىپ باقتىم. ئەلۋەتتە، مۇنبەرداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  ئەسلىي شېئىرنى، شېئىردىكى ئاكتىۋال تەشەببۇسلارنى ئەينى دەۋر ئۆلچىمى، دەۋر تەلىپى بويىچە  قوبۇل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە  بۇ تەخمىسكە قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ «ئانا تىل بايرىمى»نى تەبرىكەيمەن.  ـ


                    ـــ مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-20 23:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىز(ئۇيغۇر تىلى) تەپەككۇرنىڭ،جەمىيەتنىڭ،تەبىئەتنىڭ شۇنداقلا كائىناتتىكى ماۋجۇداتلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى،مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ماھيەتلىك بەلگىسىنى بەك ئېنىق ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان پاسائەتلىك تىلدۇر.مەسىلەن:ئىشەكنىڭ بالىسىنى تەخەي،كالىنىڭ بالىسىنى موزاي،......ھەممىنى ۋا ۋا، نەن ،نۈي،........دىمەيدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-20 23:24:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا تىل ھەققىدە ھەتتا ‹‹چۈش»كۆرىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرسەك تىخىمۇ  بولاتتى...

ۋاقتى: 2016-2-21 00:32:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا تىلىم سۆيۈملۈك سۆيگەن تىلىم.

ۋاقتى: 2016-2-21 10:10:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئانا تىل ھەققىىدىككى ئەسەرلەرنى پەرزەنىتلىرىمىزگە ،ھازىرقى ئەۋلاتلىرىمىزغا كوپرەك ئوقۇپ بىرەيلى ،ئوقۇشقا دەۋەت قىلايلى

ۋاقتى: 2016-2-21 12:24:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ئانا تىل ھەققىدىكى بۇ تەخمىس-ئوقۇرمەن قەلبىدە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئويغۇتىدىغان جەڭگىۋار خىتاپنامە بوپتۇ،ياشىسۇن ئانا تىل!
شائىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ تېنىگە ئېسەنلىك،قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-2-21 12:29:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

... شۇنىڭ ئۈچۈن قازاق خەلقى تىل-ئەدەبىياتنى ئانا تىل-دەپ ئاتىشىدۇ...

ۋاقتى: 2016-2-21 13:57:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل خۇددى ئاق سۈت بەرگەن ئانىغىلا ئوخشايدۇ ،بۇ ئانىلارنى قەدىرلەش كېرەك

ۋاقتى: 2016-2-21 17:02:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىم جان تىلىم، مىڭ جان تىلىم ياشىسۇن،
تومۇرۇمدا قان تىلىم، ۋىجدان تىلىم ياشىسۇن.
كۆكتىن تامغان ئەسلىمىز، يەردىن ئۈنگەن نەسلىمىز،
ئەجدادىمدىن بەلگۈ-قۇت، نىشان تىلىم ياشىسۇن.
                                         
                                       -خاتىرەمدىن


..................................................

بايرىمىڭىزغا قۇت بولسۇن دوستۇم،.. ياشاڭ..


ۋاقتى: 2016-2-21 18:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن پۈتۈلگەن ۋە سۇنۇلغان بۇ تەخمىسكە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-21 18:39:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



     بەكلا پاساھەتلىك چىقىپتۇ. قوللارغا دەرد كەلمىسۇن، ئۇكام !

ۋاقتى: 2016-2-23 12:09:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق ئەپەندى سىزگە سەمىمىي تەشەككۇر ئېيتىمەن.
ئابدۇللا نەئىمى غەزىلىگە يازغان تەخمىسىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. ۋاقىت جەھەتتىن، ئارزۇ- ئۈمىد جەھەتتىن، ئىلمىي ھەقىقەت جەھەتتىن ئېتيقاندا سىز يازغان بۇ تەخمىس بەك ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ. سىزگە تەنىمۇ ئۇتۇق يار بولسۇن!

باھا سۆز

تەنىمۇ-يەنىمۇ...  ۋاقتى: 2016-2-27 11:07 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-23 23:15:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن يوللىغان يازمامغا قېرىنداشلارنىڭ سۆيۈنگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدۇم. ھەممىڭلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-14 17:12:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى "شاھنامە' داستانىدا

ئوتتۇز يىل ئەجرىمدىن بۇ بولدى بىنا،
ئىراننى قۇتقۇزدۇم فارس تىلىدا!

دەپ يازغان. ئانا تىل مۇھىم بولغان ئىكەن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئەمەلىي تىل شارائىتىدا ئانا تىلغا ئېتىبار بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2016-3-14 21:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭگە دەرت كەلمىسۇن ،داۋاملىق ئالغا!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش