بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-20 09:43 PM
ئانا تىل
(ئابدۇللا نەئىمى غەزىلىگە تەخمىس)
ئانا تىلنىڭ كانىدىن زەر-ئۈنچىلەر قازغۇم كېلۇر،
ئانا تىل بىرلە ۋەتەن تارىخىنى يازغۇم كېلۇر،
ئانا تىل دۈشمەنلىرىنىڭ كۆكسىنى يارغۇم كېلۇر،
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
مەدرىسەلەردىن كېلۇر ئوردو، ئەرەب، پارسچە... ئۈن،
(ئانا تىلدا سۆزلىسە ياخشى يېشىلمەمدۇ تۈگۈن؟)
ئاھ، نادانلىقتىن ۋەتەن-ئەلنىڭ بېشىغا چۈشتى كۈن،
يۇرتىمىزدا قەدرى يوق نەرسە ئانا تىلدۇر بۈگۈن،
بىلمىگەنلەرگە ئۇنىڭ قەدرىنى بىلدۈرگۈم كېلۇر.
ئانا تىل ــ ئۇيغۇر تىلى قوزغايدۇ بىزدە ئىپتىخار،
ھەر سۆزى، ھەر جۈملىدە چەكسىز قۇۋۋەت ھەم ئىقتىدار،
«مەڭگۈ تاش»، «دىۋان لۇغەت»...تاڭدا قۇياشتەك يالتىرار،
بىز بالىلارغا ئاتالاردىن قېلىپدۇر يادىكار،
ياخشى ئاسراپ مەڭگۈ ئەۋلادلارغا قالدۇرغۇم كېلۇر.
كۈي تۆكەرمەن ئانا تىل بىرلە ۋەتەن-ئەل ئىشقىدا،
ئۇنى قوغداشقا قىلارمەن ھەر قاچان مىڭ جان پىدا،
(ئايرىلار بولسام ئەگەر بولسۇن بۇ جان تەندىن جۇدا)،
بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامىرىكا ۋە ئافرىقىدا،
سەرف ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
تارىخىڭ پارلاقكى سېھرىي قۇدرىتىڭگە يوق گۇمان،
سەن گويا تومۇردا قان، سەنسىز چىرايلار زەپىران،
سەن بىلەن ئەجدادلىرىم پۈتكەچ ئۇلۇغ قامۇس، دىۋان،
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىفتىخار ئەتكۈم كېلۇر.
ئەي ئانا تىل، خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك دىلدارى سەن،
ھەق سۆيەر ئەۋلادىمىزنىڭ چىن يۈرەك ئىزھارى سەن،
چىن مۇھەببەت ئىزلىگەنلەرنىڭ ئۇلۇغ دوست-يارى سەن،
سەن قىزىل گۈل ياكى بۇلبۇلنىڭ كۆڭۈل گۈلزارى سەن،
ئۇشبۇ سۈرەتلەردە سېنى ھەر زامان كۆرگۈم كېلۇر.
سەن بىلەن ئوتلۇق يۈرەكتىن ئەلگە ئېيتسام «ئەسسالام»،
«ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!» دەپ ياغدى ھۆرمەت-ئىھتىرام،
شۇ ھامان ئويناپ يۈرەك بولدى تومۇردا قان قىيام،
ئالما سەن ياھۇد ئانا سەن ياكى سەن شەمامى شام،
ئەتىرگۈلدەك بۇي ئالىپ باشىمغا قىستۇرغۇم كېلۇر.
ئاھ، سېنىڭسىز قاغجىراپ قالمامدۇ بۇ دىل مۈلكىمىز؟
ئاھ، سېنىڭسىز قايدا بۇلبۇل كۈيىدەك شاد كۈلكىمىز؟
ئاھ، سېنىڭسىز قاپقارا جاڭگالغا بەنتتۇر قەلبىمىز،
قىزمۇ سەن، قۇزىمۇ سەن ياكى قېزى بىلەن قىمىز؟
ياخشى كۆرگەن ياخشىدىن ياخشىغا ئوخشاتقۇم كېلۇر.
خۇددى سالغاندەك يۈگەن چىلان تورۇقنىڭ ئاغزىغا
ئۆز تىلىنى بۇزغۇچى ئاغزى پۇچۇقنىڭ ئاغزىغا،
ھەم قۇرۇق گەپ ساتقۇچى قەلبى قۇرۇقنىڭ ئاغزىغا
ئۆز تىلىنى تاشلىغان ئاغزى بۇزۇقنىڭ ئاغزىغا،
تازا قاتتىق چەملىك كەفشىم بىلەن ئۇرغۇم كېلۇر.
كىم تۇتۇپ ئۇستاز يۈسۈپ، مەھمۇد كەبى سەرخىلىنى،
ئۆگىنىپ بىر قانچە تىل، نۇرلاندۇرۇپ ھەم دىلىنى،
كۈي تۆكۈپ ئۆتكۈزسە قۇتلايمەن ئۇنىڭ ئاي-يىلىنى،
ئۆز تىلىدىن ئۆزگە تىلنى ئىستىگەنلەر تىلىنى
ئارىدەك تىلغۇچ بىلەن نەچچە تىلىم تىلغۇم كېلۇر.
ھەم گۇمان قىلغاچ ئۇنىڭ ۋىجدانىنىڭ بار-يوقىدىن،
ئاجرىتىپ چەك-چېگرىنى ئۇنداق توخۇنىڭ پوقىدىن،
ھەر قەدەمدە ياغدۇرۇپ ئۇنىڭغا نەپرەت ئوقىدىن،
ئۆز ئاتاسى، ئۆز تىلى، ئۆز دىنىدىن، ئۆز يۇرتىدىن،
بىرسىدىن تانغان بىرىگە ئوخشادۇر دېگۈم كېلۇر.
ئەسلىدە كۆپ تىل بىلىش قىلغاي جاھانغا ھەمنەپەس،
ئانا تىلدىن باشقا تىل بىلمەككە قىلساڭ گەر ھەۋەس،
ئانا تىلنى ئۆگىنش شەرتىدە ئۆگەن، بىل پەۋەس،
ئانا تىلنى تاشلىغان ئادەم ۋەتەنگە دوست ئەمەس،
بىلكى ھەممە يۇرتىدىن بىگانە دەپ ئېيتقۇم كېلۇر.
ئانا تىلسىز ھېچ ئېتەك غۇنچە-چېچەككە تولمىدى،
ئانا تىلسىز ھېچ زەپەر قۇچماققا مۇمكىن بولمىدى،
دەيدۇ تۇغلۇق: ئانا تىل بولغاچ ئىرادەم سولمىدى،
ئانا تىلدا ھەممىنى يازماققا مۈمكىن بولمىدى،
ۋەر نە ھەممە سۆزنى مەن ئۇيغۇرچىلاپ يازغۇم كېلۇر.
ئىزاھات:
«ئانا تىل» ناملىق بۇ مەشھۇر غەزەل (ئۈچ بېيىت) ئىلگىرى ئاتاقلىق شائىر، مەتبۇئاتچى قۇتلۇق شەۋقى قەلىمىگە مەنسۇب دەپ قارالغان. دەسلەپ «ئېلىببە» كىتابقا، كېيىن، يەنى 2008-يىلقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈزۈلگەن «تىل- ئەدەبىيات» تاللانما دەرسلىكىنىڭ شېئىر-نەسىر قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئارىلىقتا ئابدۇرېھىم ھېيت تەرىپىدىن ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغان. قىسقىسى، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ماتېرىياللارغا شۇ تەرىقىدە كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، ھەممەيلەن دېگۈدەك «ئانا تىل»نى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ دەپ قارىغان. مەنمۇ شۇ قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە «ئانا تىل»نىڭ قۇتلۇق شەۋقىگە مەنسۇپ دەپ قارالغان تولۇقسىز نۇسقىسىغا تەخمىس باغلاپ مۇشۇ مۇنبەردە ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم مەن بۇ شېئىرنى قۇتلۇق شەۋقى بىلەن زامانداش بولغان ئەسلىي ئاپتورنىڭ، يەنى ئابدۇللا نەئىمىنىڭ نامىدا قايتا تەخمىس باغلاپ ئېلان قىلدىم. بۇ شئېر 1930-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېزىلغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇ دەۋرنىڭ قارىشى بويىچە ياندىشىپ باقتىم. ئەلۋەتتە، مۇنبەرداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەسلىي شېئىرنى، شېئىردىكى ئاكتىۋال تەشەببۇسلارنى ئەينى دەۋر ئۆلچىمى، دەۋر تەلىپى بويىچە قوبۇل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇ تەخمىسكە قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ «ئانا تىل بايرىمى»نى تەبرىكەيمەن. ـ
ـــ مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
|