قەلبىڭ قەلبىمنىڭ ئەكسى بولسا
بەرگىيە
نەھاجەت،سۆزلەرنىڭ رەڭگىنى يېشىل بوياشقا تىرىشىش،مۇھەببەتنىڭ ئاھاڭىنى قەستەن ئەكىس سادالىق قىلىپ ياڭرىتىش،قۇترىغان تۇيغۇلارنى تەن ئۇستىخانلىرىغا ئېسىپ گۈلدۈرلىتىش.
بىزنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز بولمىغان،مەڭگۈلۈك خوشلىشىمىزمۇ بولمايدۇ.پەقەت ئىككىمىزگە تەۋە بىر يول،بىر ئاسمان،بىر بۇلاق بولىدۇ. يۈكسەك سۆيگۈنىڭ باشلىنىشى ھەم ئاخىرلىشىشلىرى بولمىغاندەك، بۇ ئاسماننىڭ بۇلۇتلىرى رەڭدار،يامغۇرلىرى شېرىن،بۇ يولنىڭ خۇشاللىقلىرى ئاسماندىكى ئايغا ئۇلانغاندىن بېرى كائىناتنى بىر قاتلىغان،قايغۇلىرى قوياشتا كۆيگەن،مۇھەببەت سەۋداسى بۇلاقتا قاينىغان يۈرەكلەر كەبى…
قەلبىڭ قەلبىمدە قالسا
كۆزلىرىڭ يېرىم يۇمۇلمامدۇ ، كۆزلىرىمنىڭ كۆزلىرىڭدە تۈنىشى ئۈچۈن
چۈشلىرىڭ چۈشلىرىمنى ئىزلەپ يالغۇز ئاياغ يوللاردا تېنىمەمدۇ،
ئۆكسىگەن نۇرلاردا روھ ئۆزىنى چىڭ قۇچاقلاپ ياتقان تەندىن ئاجراپ ئاسمىنىمىزدا بىرلەشمەمدۇ،
قەلبىڭ قەلبىمگە ئىھتىرام بىلدۈرسە
جىمجىتلىقمۇ چۈشەكەپ كۈلىدۇ،يۇلتۇزلارنىڭ ئوكيانلارغا شۇڭغۇشى يۈرەكلەرنىڭ بېغىشىنى ئۈزىدۇ، چۈش ۋە روھ قەسىرىدە شېرىن پەپىلەشلەردە سۈبھى گۈللىرىدىكى ئۇياتچان بەرگىلەر نازلىق شەبنەملەردە يۇيۇنىدۇ.
قەلبىڭ قەلبىمنىڭ ئەكسى بولسا
ئىشەنگىن!
گۈللەرنىڭ قەسرىدە تويىمىز بولىدۇ. ئۇ گۈلزارلىق بىزنى ئاداققىچە كۈتكەن ئاشۇ روھزارلىقتا مەڭگۈ، مەڭگۈ جۇلالايدۇ…
2016-3-3