بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-20 12:52 PM
مەن كەلدىم
تۇرسۇنئاي سۇلتان بەرگىيە
بۇ دۇنيانىڭ سوۋغاتلىرى باشلانغان يەرگە ،بۇ يەردىكى دەل-دەرەخلەر جىم-جىت سۆزلەيدۇ،بۇ يەردىكى گۈللەر غۇنچىلىرىنى تەۋرىتىش ئۈچۈن شاماللاردىن ئىجازەت ئالمايدۇ،رەڭدار گۈزەللىكنىڭ قىزغىنلىقى قامال قىلىنغان بۇ يەر شادىيانە پەسىلنىڭ مەڭگۈلۈك باغچىسى .
سەنمۇ كەلدىڭمۇ،ۋاقىت ئوردىسىنى تىىترىتىپ تۇرۇپ؟
سېنى قوبۇل قىلىشلىرىمدىن تارتىپ ئۇزۇتۇشلىرىمغىچە يۇشۇرۇنغان پەرىشان گۈزەللىكنىڭ يالتىراشلىرى سېنى لال قىلدىمۇ؟
ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر بىر مىنۇت،ئەسلىمىلىرىڭنىڭ سۇنايلىنىشلىرى ئۈچۈن قۇچىقىنى كەڭ يېيىپ ئىسكەنجىسىدىن بوشاتمىسا، تېپىرلىدىڭمۇ؟
كېچىنىڭ غۇۋا لېۋىگەمۆكۈنۈپ تۇرغان مەستخۇش تىنىقلارنىڭ لەرزان كۈيلىرىنى شاماللار ئېلىپ قاچقان ئاشۇ چۈشلەردىن قاچماقچى بولدۇڭمۇ؟
قۇپقۇرۇق تەنلەردىن قارا ئىس ياندۇرغان كېچىنىڭ يول توسۇشلىرىدىن ئەندىكتىڭمۇ؟
تاللاشلىرىڭ ئىمكانىدا ھاياتىڭدىكى ھەر بىر ئۆتەڭ،ھەر بىر يېڭىلىنىشلاردا،مېنى يۇغۇرغان ھەر بىر مىسرالاردا سۈكۈتلىرىڭنىڭ نالىسى بىھۇش. مەن دەل ئاشۇ دەملەرنىڭ ئاشىقى بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم ئامرىقىم!
مەن كەلدىم.
ھاياتلىقنىڭ ۋايىغا يېتىشى دەل مۇشۇ گۈلزارلىقتىن باشلانغان.
شادىيانە باھار ۋە ياز كۈنلىرىدىكى شېرىن ھىدلارغا لىققىدە تولغان دەملەرنىڭ مەستخۇش تىنىقلىرى ھاسىراپ تۇرۇپ ساڭا قانداق خەۋەرلەرنى بەردى؟ قارىغىنە، يۇلتۇزلارنىڭ نۇرلىرىمۇ گۈل بەرگىدىكى شەبنەمگە تىۋىنىپ،بىغۇبار مۇھەببەتنىڭ لەۋلىرى بولماقنى ئىستىمەكتە.مەن دەل ساڭا مۇشۇنداق مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن كەلدىم.ئامرىقىم، كۆكرىكىمدىكى پىچاقنى تارتىۋەتمىگىنىڭگە نە زامانلار بولدى، ئەمدى تارتقىن رەھىمسىزلىك بىلەن، ئەمدى قانلىرىم بۇلدۇقلاپ تۇرۇپ ئۇسۇلغا چۈشسۇن!
كۆزلىرىمدىكى پىغانلارنى سۈرتۈۋەت،تەلۋە شادلىقىم كېچە لېۋىدىكى تۇمانلارنى توزۇتسۇن!
جىمجىت خىياللىرىمغا ئوت يېقىۋەت،سۇكۇتلەنگەن دۇنيارىمىزنى يورۇتسۇن!
ئۆكسۈشلەرنىڭ يىپىنى ئۈزۈۋەت،باغلاقتىن باغلارغا قاراپ قىيغۇتسۇن!
مەن كەلدىم، دۇنيارىڭدا ئۆلۈمگە قۇچاق ئاچقان تاڭ يۇلتۇزلىرىدەك ئاخىرقى رەت يالتىرىغىلى!
…مەن كەلدىم!