يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: بەرگىيە

بەرگىيە: مەن كەلدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-3 18:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرنىڭ جىدىلى كىيىن خېلى بولغۇدەكتە.ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكى يەنە بىر نامايەن بوپتۇ.مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-3 18:49:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىدىن ئېسىل نەسىرلەردىن ھوزۇر ئالدىم.بەركەتلىك بولغايسىز سىڭلىم!

باھا سۆز

رەھمەت، مەدەتلىرىڭىزدە!  ۋاقتى: 2016-3-14 01:01 PM
ۋاقتى: 2016-3-3 21:03:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ نەسىرلەرنى ئوقۇپ قۇشلارنىڭ ناھايىتى يېقىشلىق بىر ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، كۆز تەگمىسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 11:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربلەر يولغا چىقتى
بەرگىيە
بىر پىيالە مەي،ياق،بەرگىن ۋىسال شەربىتى.
مەيلىكى بولسىمۇ زەھەر،نە بولساق بولدۇق،ئاخىرقى تىنىقتا،قالسۇن ئۇنىڭ لەززىتى.
سۆيگۈنىڭ قارامتۇل لەززىتى قارا كۆزلىرىڭنىڭ قاراقلىرىدا ئولتۇرۇپ تىنماي ئۆز ئادرىسىنى ئىزلەيدۇ.
مەن كۆزلىرى قىيا يۇمۇلغان دۇنيارىڭ ئۈچۈن ھەربلەر تىزىپ ئولتۇرۇپ ھەر بىر ھەربتە مىڭ قېتىم جان بېرىشلىرىڭدىن ھوزۇرلىنىشنى ئىستەيمەن.
تېنىڭنىڭ پاراسلاپ كۆيۈشلىرىنى،
كۆكرىكىڭدە ئۆلۈم ئاتلىرىنىڭ دۇپۇلدەشلىرىنى،
قانلىرىڭنىڭ شارقىراشلىرىنى ئاڭلايمەن.
ھەربلەر يولغا چىقماقچى
ساڭا يازغان تۇنجى خېتىمنى ئۆلۈمىڭ بىلەن باشلاپ ،ھاياتىمدا ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن!
رەڭدار بۇلۇتلارنىڭ سايىلىرى يۇمران قاراشلىرىڭغا يۇشۇرۇنۇپتۇ،يامغۇرلىرى قارچۇقلىرىڭغا.
پىچىرلاپ تۇرۇپ ساڭا سۇۋانغان شاماللار ئۈستۈنكى تۈگمىسى ئېچىلغان ئاپئاق كۆينىكىڭنىڭ ئاراچلىرىدىن كىرىپ،سالقىن مەڭزىنى ياقماققا ئۇرۇنىدۇ كۆكرىكىڭگە.
قىرغاقلاردا سۇنايلانغان قوياش جان-جەھلى بىلەن ئىلىشىپ،ئۆزىنى بوغۇزلاپ پىداكارلىق قېنىدا يالتىرايدۇ كەچكى شەپەقتە.
ساڭا دىمەكچى بولغان ھەر بىر گېپىمدە قەدىمكى گۈزەل نۇردەك چاقناشلىرىڭنىڭ بارلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟دىمەككى ،تۇيغۇمنىڭ رەڭلىرى سەندە ياسانغان،ئېتىراپ قىل،سەن ئۆزۈڭنى مەندە تونۇغان.مەنكى بىر رەسسام كەبى سېنىڭ قاش-كۆزلىرىڭ،تۇرقۇڭ،ھالىتىڭنى ئۆزۈم خالىغان رەڭدە بوياش ئۈچۈن سېنى قەلبىمگە مەھكەم تۇتقۇن قىلغان.
شۇندىن بېرى....
ياشاپ كەلدىڭ ھاياتىمنىڭ كەڭ ئېتەكلىرىدە
ئېقىپ كەلدىڭ يارىلىشنىڭ ئېقىنلىرىدا
جىلۋىلەندىڭ گۈلگۈن قوياشنىڭ مەڭزىدە،نۇرلانغان ئاينىڭ چىھرىدە
ھەربلەر يولغا چىقتى
چۈشلەر قىيامىنىڭ سەندە مەڭگۈ مەي بولۇشلىرى ئۈچۈن
ئېزىتقۇ يوللار مەنزىلىڭگە پات يېتىشلىرى ئۈچۈن
چېچەك ئاداققى ھىدلىرىنىڭ باھارىڭدا لىققىدە ھىدلىنىشلىرى ئۈچۈن
ئىھ مەڭگۈلۈك ئازاب،سېنى بىر تېمىم،بىر تېمىمدىن يۇتۇشلىرى ئۈچۈن
چۈنكى
ھەر بىر ھەربتە سۆيگۈمدىن رەڭلەنگەن شېرىن ئازاب
ھەر بىر ھەرپتە سېغىنىشىمدىن پۈتۈلگەن مىڭ پارچە كىتاب
ھەر بىر ھەربتە مەن،ئەكس ساداسىدا سەن
شۇنىڭ ئۈچۈنكى،
ھاياتىڭنىڭ خارابزارلىقىدىكى ئەقىدىسى ئۈچۈن ھەربلەر يولغا چىقتى。
2016-2-24

باھا سۆز

ھەربىلەر ئۇرۇشقا ماڭدى دەپ قويۇڭ  ۋاقتى: 2016-3-4 01:02 PM
ۋاقتى: 2016-3-9 19:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر -بىرىدىن ئىسىل چىقىپتۇ ھەدە ،ئاپىرېن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-14 12:20:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىڭ قەلبىمنىڭ ئەكسى بولسا
بەرگىيە
نەھاجەت،سۆزلەرنىڭ رەڭگىنى يېشىل بوياشقا تىرىشىش،مۇھەببەتنىڭ ئاھاڭىنى قەستەن ئەكىس سادالىق قىلىپ ياڭرىتىش،قۇترىغان تۇيغۇلارنى تەن ئۇستىخانلىرىغا ئېسىپ گۈلدۈرلىتىش.
بىزنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز بولمىغان،مەڭگۈلۈك خوشلىشىمىزمۇ بولمايدۇ.پەقەت ئىككىمىزگە تەۋە بىر يول،بىر ئاسمان،بىر بۇلاق بولىدۇ. يۈكسەك سۆيگۈنىڭ باشلىنىشى ھەم ئاخىرلىشىشلىرى بولمىغاندەك، بۇ ئاسماننىڭ بۇلۇتلىرى رەڭدار،يامغۇرلىرى شېرىن،بۇ يولنىڭ خۇشاللىقلىرى ئاسماندىكى ئايغا ئۇلانغاندىن بېرى كائىناتنى بىر قاتلىغان،قايغۇلىرى قوياشتا كۆيگەن،مۇھەببەت سەۋداسى بۇلاقتا قاينىغان يۈرەكلەر كەبى…
قەلبىڭ قەلبىمدە قالسا
كۆزلىرىڭ يېرىم يۇمۇلمامدۇ ، كۆزلىرىمنىڭ كۆزلىرىڭدە تۈنىشى ئۈچۈن
چۈشلىرىڭ چۈشلىرىمنى ئىزلەپ يالغۇز ئاياغ يوللاردا تېنىمەمدۇ،
ئۆكسىگەن نۇرلاردا روھ ئۆزىنى چىڭ قۇچاقلاپ ياتقان تەندىن ئاجراپ ئاسمىنىمىزدا بىرلەشمەمدۇ،
قەلبىڭ قەلبىمگە ئىھتىرام بىلدۈرسە
جىمجىتلىقمۇ چۈشەكەپ كۈلىدۇ،يۇلتۇزلارنىڭ ئوكيانلارغا شۇڭغۇشى يۈرەكلەرنىڭ بېغىشىنى ئۈزىدۇ، چۈش ۋە روھ قەسىرىدە شېرىن پەپىلەشلەردە سۈبھى گۈللىرىدىكى ئۇياتچان بەرگىلەر نازلىق شەبنەملەردە يۇيۇنىدۇ.
قەلبىڭ قەلبىمنىڭ ئەكسى بولسا
ئىشەنگىن!
گۈللەرنىڭ قەسرىدە تويىمىز بولىدۇ. ئۇ گۈلزارلىق بىزنى ئاداققىچە كۈتكەن ئاشۇ روھزارلىقتا مەڭگۈ، مەڭگۈ جۇلالايدۇ…
2016-3-3

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-14 13:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نىگاھىڭ
بەرگىيە
بىر نىگاھتا
مۇھەببەتنىڭ شولىسى چۈشتى يوللىرىمغا،بىر كۈلۈمسىرەش چەكسىزلىكى يېيىلدى قاراشلىرىمغا،بىر خۇشپۇراقلىق جىلۋىلەندى ياپراقلاردا ، بەرگىلەردە،باغلاردا،تىنىقلاردا...
ساڭا سۆزلەشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،چىرايلىق مۇھەببەت تىللىرى مېنىڭ بولدى،ئۇندا تۆكۈلگەن سۆزلەر سېنىڭ بولدى.
كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،ھەر بىر گەپنى شۇ قەدەر يېقىملىق،گۈزەل،ئازابلىق قىلىمەنكى...
مەغرۇر قۇش ئىدىم،ئۇچالماس بولدۇم...
تاڭ سەھەرلەردە ئېچىلىشقا ئىنتىلگەن گۈل ئىدىم،ئېچىلالماس بولدۇم...
پەسىللەرگە يورغىلانغان قەلەم ئىدىم، يازالماس بولدۇم...
نىگاھىڭ ئەركىنلىكىمنى ھىچ تەمتىرىمەي،ھىچ سورىماي بۇلاپ كەتكەن دەقىقىلەردە سەندىن سورايمەنكى:
سەن مەن ماڭغان ئاشۇ يوللاردا كۆزلىرىڭ بىلەن مېڭىپ باقتىڭمۇ؟
بىئىختىيار ھۇجۇم كەبى تىكىلىشلەردە ماڭغان يوللىرىڭدىن ئېزىپ باقتىڭمۇ؟
ئازغان يوللار باشلىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە سولىنىپ باقتىڭمۇ؟
سۇغۇق سولىنىشتىن تىترەپ تۇرۇپ بىر نىگاھنىڭ پاللىدە قاراڭغۇ زۇلمىتىڭنى يورۇتۇشىنى،
زىمىستان سۇغۇقنى ئىللىتىۋىتىشىنى،
ئۆچمەس يالقۇنىدا تېنىڭنى كۆيدۈرۈشلىرىنى،
كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ سۆيگۈ ئوتى دەپ ئاتىلىشىنى ،
ئاتالغان سۆيگۈگە ھاياتىڭنى ئەبەدىيلىك ئىئانە قىلىۋىتىشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟
ساڭا شۇنى ئېيتىپ بېرىمەنكى:
بىر نىگاھسىز
مەن ئۇنتۇش ئۈچۈن تاپانلىرىم قان-قان بولغۇچە تىكەنلىك يوللاردا يۈگۈرۈپ باققان
سۆيگۈمنى ئۆلتۈرۈشۈم ئۈچۈن ئاۋال ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ باققان
يارىتىش بىلەن يارىلىشنىڭ ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى،يارىتىلغىنىمدا يارىلىشىمنىڭ سېنىڭ ئالقانلىرىڭدا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ باققان
ماڭا ئورۇنلىشىۋالغان سەن ئۈچۈن ،ئازابلىق بولسىمۇ ياشاشقا ئىنتىلىپ ، تىرىشىپ ياشاپ قالغان.
سەندىن شۇنى تىلەيمەنكى:
بارچە غۇۋالاشماقتا تۇمان كەبى ھەمدە مەن ساڭا يېيىلماقتىمەن ئاپئاق بۇلۇت كەبى
يول-يوللارغا تۇتىشىپ كەتتى،ھەمدە مەن ساڭا يۈگۈرمەكتىمەن كۆكرىكىمدىكى تۇلپار تۇياقلىرى كەبى
سەھەر يۇلتۇزلىرىدەك يورۇشلارنى ھەدىيە قىل ھەمدە ئۇ يورۇشلاردا نۇرلاندۇرغىن سەندە قالغان ھاياتنى
سەن يورۇيدىغان ھەر تاڭ ئۈچۈن پىچىرلايمەنكى:
بىر قارا، بىر كۆز تاشلا،كۆز ياشلارنى كۈلكە قىلغىن،ئۆلۈملەرنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ مېنىڭ ھاياتىمدا ياشاش ئۈچۈن كەل ھەمدە ياشات مېنى نىگاھىڭدا!
2015-3-9-كۈنى

ۋاقتى: 2016-3-18 13:31:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرلەرنى ئۇقۇۋېتىپ ئاياللار دۆلىتىدە تېنەپ يۈرگەندەك تۇيغىغا كېلىپ قالدىم ...

ۋاقتى: 2016-3-23 18:03:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىر گۈلىستانىدىكى خۇشپۇراقلىرىڭىز يۈرەكلەرنى لال قىلدى، ھەدە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش