يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 753|ئىنكاس: 15

تاھىر ھامۇت : ئاز ۋە كۆپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-18 19:45:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئاز ۋە كۆپ

تاھىر ھامۇت

بىلـمەيسىلەر
ھەممە ۋەھىمە كۆپتىن كېلىدۇ
ئىشەنمىسەڭلار
« كۆپ ، كۆپ ، كۆپ » دەپ توۋلاپ بېقىڭلار
لەۋلىرىڭلار پۈرۈلگەندە
يۈرىكىڭلار ئاغىدۇ
نەپەس ئېغىزىڭلاردىن ئېتىلىپ چىققاندا
پۇت ـ قولۇڭلار تىترەيدۇ
بۇ ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ
چىرايىدا قان قالمايدۇ!

نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان قىممەتلىك ھايۋانلار
ساناق سانىيالمايدىغان غەلىتە قۇرت ـ قوڭغۇزلار
چۈشىمىزگىلا كىرىدىغان تېپىلغۇسىز دەرەخلەر
رىۋايەتلەردىكى بىباھا قۇشلار
كام ئۇچرايدىغان رەڭلىك مىتاللار
ئاز بىلەن كۆپنىڭ پەرقىنى قانداق بىلسۇن؟
ئۇلار ئۈمىدۋارلىقتىنمۇ بەتتەر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ
پەرۋاسىز ھالدا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ

دۇنيانى تۇتۇپ تۇرغىنى كۆپلۈك قوشۇمچىسىدۇر
دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنى ئىپادىلەيدىغىنى كۆپ چېكىتتۇر
ھەممىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغىنى كۆپىيىش سىستېمىسىدۇر

لېكىن بىلىپ قويۇڭلار:
كۆز يەتمەس دېڭىزدىكى سۇ بېلىقنى قىينايدۇ
چەكسىز چۆل ـ باياۋان كەسلەنچۈكنى قىينايدۇ
بەھەيۋەت تاغۇ ـ داۋان چاققاقنى قىينايدۇ
يەتتە قات ئاسمان قۇشقاچنى قىينايدۇ

تەكرارلايمەن
ئوڭ قۇلاق ، سول قۇلاق ، ئوبدان ئاڭلاڭلار
ھەممە ئازاب ئازغا كېلىدۇ
ئىشەنمىسەڭلار
«ئاز ، ئاز ، ئاز » دەپ پىچىرلاپ بېقىڭلار

2016 ـ يىل 14 ـ فېۋرال

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 21:22:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان قىممەتلىك ھايۋانلار
ساناق سانىيالمايدىغان غەلىتە قۇرت ـ قوڭغۇزلار
چۈشىمىزگىلا كىرىدىغان تېپىلغۇسىز دەرەخلەر
رىۋايەتلەردىكى بىباھا قۇشلار
كام ئۇچرايدىغان رەڭلىك مىتاللار
ئاز بىلەن كۆپنىڭ پەرقىنى قانداق بىلسۇن؟
ئۇلار ئۈمىدۋارلىقتىنمۇ بەتتەر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ
پەرۋاسىز ھالدا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ

ئېسىل مىسرالار ئىچىدىكى ئېسىل مىسرالار

ۋاقتى: 2016-2-18 21:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەن قەدەملىرىگە مەرھابا.....ئاجايىپ ئىسىل ئەسەر بىلەن بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلغانلىقلىرىغا تەشەككۈر.....!

ۋاقتى: 2016-2-18 21:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرارلايمەن
ئوڭ قۇلاق ، سول قۇلاق ، ئوبدان ئاڭلاڭلار
ھەممە ئازاب ئازغا كېلىدۇ

  ئاددى ،ساز بىلدۈرگۈ.

ۋاقتى: 2016-2-19 10:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون ئاز ۋە ئون كۆپ
  1. چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلار ئاز،چىرىكلىك ھادىسلىرى كۆپ.
      2. بىۋاستە ھالدا سىياسى جەھەتتە چىرىكلىشىش ھادىسلىرى ئاز،
ئىختىسادى جەھەتتە چىرىكلىشىش ھادىسلىرى كۆپ.
               3. ئىدارە-ئورگانلاردا چىرىكلىشىش ھادىسلىرى ئاز،كارخانىلاردا
      چىرىكلىشىش ھادىسلىرى كۆپ.
                4. كەسپى ئورگانلاردا چىرىكلىشىش ئاز، جامائەت ئىشلىرى ئورگانلىرىدا
          چىرىكلىشىش ھادىسلىرى كۆپ.
             5. بىۋاستە چىرىكلىشىش  ھادىسلىىرى ئاز، ۋاستىلىق چىرىكلەشكەنلەر كۆپ.
             6. ئوچوقتىن-ئوچوق ھالدا چىرىكلىشىش ھادىسلىرى ئاز،شەكلى ئۆزگەرگەن
      ھالدىكى چىرىكلىشىش ھادىسلىرى كۆپ.
                         7. كاتىۋاشلارنىڭ چىركلىىششكە ئۆزى قول سالىدىغانلىرى ئاز، تۇققانلىرى،دوستلىرى،
      جەمىيەتتىكى بىكار تەلەپ كىشىلەرنىڭ قول سالىدىغانلىرى كۆپ.
   8. تەشەببسكارلىق بىلەن پارا بەر دەيدىغانلار ئاز،تەشەببۇسكارلىق بىلەن
        پارا بىرىدىغانلار كۆپ.
   9. پارا بىرىدىغانلارنى توسىدىغانلار ئاز،پارا بىرىدىغانلارغا يول ئېچىپ
           بىرىدىغانلار كۆپ.
   10. پارا ئالغانلاردىن جىسمانى جەھەتتە ساق تۇرىدىغانلارئاز،
          پارا ئالغانلاردىن ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلار كۆپ.

ۋاقتى: 2016-2-19 10:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر ھامۇتنىڭ مۇنبەرنى بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ئاۋاتلاشتۈرۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلارغا مۇھتاج.

ۋاقتى: 2016-2-19 11:00:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىر ئوقۇۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ ھەم سۆيۈنۈپ ئوقۇسۇم ، تەشەككۈر ..

ۋاقتى: 2016-2-19 11:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلـمەيسىلەر
ھەممە ۋەھىمە كۆپتىن كېلىدۇ
ئىشەنمىسەڭلار
« كۆپ ، كۆپ ، كۆپ » دەپ توۋلاپ بېقىڭلار
لەۋلىرىڭلار پۈرۈلگەندە
يۈرىكىڭلار ئاغىدۇ
نەپەس ئېغىزىڭلاردىن ئېتىلىپ چىققاندا
پۇت ـ قولۇڭلار تىترەيدۇ
بۇ ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ
چىرايىدا قان قالمايدۇ!

بۇ مىسرالارنى ئوقۇپ راستىنلا كۆپ كۆپ كۆپ  دەپ توۋلاپ بېقىپتىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-19 14:13:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قالتىس...

ۋاقتى: 2016-2-19 15:10:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۈندىم............

ۋاقتى: 2016-2-19 19:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزدىن شۇنداق زوق ئالىمەن، ھاياجانلىنىمەن. مۇنبەردە ھەردەم كۆرۈشنى ئىستەيمەن. ھىچنېمە دېمەي جىم-جىم ئوقۇپ قويۇپ يۈرۈۋېرىشكە چىدىمىدىم، ئېسىل شېئىرلىرىڭىزنى مەدھىيە ھاجەت بولمىسىمۇ ...........

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 20:32:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، تۇردىبەگ قىزى ، مەن سىلەر بولغاچقىلا شېئىر يازىمەن

ۋاقتى: 2016-2-22 14:47:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تاھىر ئاكامنىڭ شېئىرى نەق يۇرەككە بارىدۇ، چىدىغىلى بولمايدىغان ھاياجان قەلبىمنى چىرمىۋالىدۇ........

ۋاقتى: 2016-2-22 16:47:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تاھىركا، ئارقا-ئارقىدىن ئېسىل شېئىرلىرىڭىزنى يوللاپ بۇ مۇنبەرگە جان كىرگۈزىۋېتىپسىز، شېئىرلىرىڭىزنى بۇ يەردە قايتا كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 17:07:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، نۇربىيە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش