ئاز ۋە كۆپ
تاھىر ھامۇت
بىلـمەيسىلەر
ھەممە ۋەھىمە كۆپتىن كېلىدۇ
ئىشەنمىسەڭلار
« كۆپ ، كۆپ ، كۆپ » دەپ توۋلاپ بېقىڭلار
لەۋلىرىڭلار پۈرۈلگەندە
يۈرىكىڭلار ئاغىدۇ
نەپەس ئېغىزىڭلاردىن ئېتىلىپ چىققاندا
پۇت ـ قولۇڭلار تىترەيدۇ
بۇ ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ
چىرايىدا قان قالمايدۇ!
نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان قىممەتلىك ھايۋانلار
ساناق سانىيالمايدىغان غەلىتە قۇرت ـ قوڭغۇزلار
چۈشىمىزگىلا كىرىدىغان تېپىلغۇسىز دەرەخلەر
رىۋايەتلەردىكى بىباھا قۇشلار
كام ئۇچرايدىغان رەڭلىك مىتاللار
ئاز بىلەن كۆپنىڭ پەرقىنى قانداق بىلسۇن؟
ئۇلار ئۈمىدۋارلىقتىنمۇ بەتتەر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ
پەرۋاسىز ھالدا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ
دۇنيانى تۇتۇپ تۇرغىنى كۆپلۈك قوشۇمچىسىدۇر
دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنى ئىپادىلەيدىغىنى كۆپ چېكىتتۇر
ھەممىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغىنى كۆپىيىش سىستېمىسىدۇر
لېكىن بىلىپ قويۇڭلار:
كۆز يەتمەس دېڭىزدىكى سۇ بېلىقنى قىينايدۇ
چەكسىز چۆل ـ باياۋان كەسلەنچۈكنى قىينايدۇ
بەھەيۋەت تاغۇ ـ داۋان چاققاقنى قىينايدۇ
يەتتە قات ئاسمان قۇشقاچنى قىينايدۇ
تەكرارلايمەن
ئوڭ قۇلاق ، سول قۇلاق ، ئوبدان ئاڭلاڭلار
ھەممە ئازاب ئازغا كېلىدۇ
ئىشەنمىسەڭلار
«ئاز ، ئاز ، ئاز » دەپ پىچىرلاپ بېقىڭلار
2016 ـ يىل 14 ـ فېۋرال
|