شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئىبراھىم نىياز يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شېئىرىي ئىجادىيەتتىن سىرت يەنە ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى بىلەنمۇ ئىزچىل شوغۇللىنىپ ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مويەننىڭ «قىرىق بىر پو» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلغاندىن باشقا «قىزىل خەت»،«ئۈچ ئاچا-سىڭىل» قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنىمۇ تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. يېقىندا ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى خارۇكى مۇراكامىنىڭ «ئۇيقۇسىز ئۆتكەن ئون يەتتە كۈن» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلدى. قويۇق پىسخىك تەسۋىر، چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر بىلەن تويۇنغان، ھەجىمى ئىنتايىن ئىخچام بولغان بۇ روماننى چوقۇم بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.