يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 971|ئىنكاس: 33

ئەرتېكىن: شۇنداق بىر تەكلىپىم بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 05:32 PM  

شۇنداق بىر تەكلىپىم بار

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن




  شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى - مېنىڭ چۈشەنچەمدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى كەڭ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، يىتىشتۈرۈش، سەھىنە ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان، قۇرۇلغاندىن بېرى مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى، مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ بىھىساب ئەجىرىدە كۆپ قېتىم ئۆزىنى يېڭىلاش ئېلىپ بارغان، بىر قەدەر مۇكەممەللىككە ۋە جەلىپ قىلىش، ئۇيۇشتۇرۇش، تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان ئۆز ئانا تورىمىز بولۇپ، جۈملىدىن، مەنمۇ يىگرمە نەچچە يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتىمدا ئاخىر مۇشۇ تور ئارقىلىق بىر كىشلىك ھۆرمەت-ئىناۋىتىمنى ۋە تېگىشلىك قەدىر قىممىتىمنى تاپتىم.
  خوش، مەقسىدىم بۇ تېمام ئارقىلىق تورىمىزنى ماختاش ۋە مۇھەررىرلەرگە خۇشامەت قىلىش ئەمەس ئەلۋەتتە، بۇنى مېنىڭ مېجەزىمنى ئاز-تولا چۈشىنىدىغان دوسىتلىرىم تامامەن چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ.
  ئۇنداقتا، مەن زادى نېمە دېمەكچى؟
  شۇنداق ئويلاپ قالدىم: يازغۇچىلار تورىمىزدا ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا خىزمەت قىلۋاتقان مۇھەررىرلەرنىڭمۇ خېلى كۆپلىرى بار ئىكەن. شۇنداقلا مەتبۇئاتلىرىمىزغا ھەر زامان كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۋاتقان ئاقكۆڭۈل، سەگەك مۇنبەرداشلىرىمىزمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ھەم نۆۋەتتە بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مەتبۇئاتلىرىمزنىڭ مۇندەرىجىلىرىنى ئىلگىرى-كېيىن بولسىمۇ يوللاپ بىزنى تولىمۇ خۇشال قىلىپ تۇرار ئىكەن. لېكىن، بىر ئىش كاللامدىن زادى ئۆتمەيدۇ؟ شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا ئاشۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر يوللاشتا بۇنچىۋالا قىينىلىپ كېتىمىز؟
  رۇشەنكى، ھازىر كۆپىنچە مەتبۇئاتلار ئېلخەت ئادىرىسى ئارقىلىق ئەسەر قوبۇللاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەلىپى شەخسى ئادىرىس ياكى مۇڭداشقۇغا ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنى بىردەك ئىشلەتمەسلىك. يەنى بەزىلىرى بولسا بۇ پىرىنسىپنى (پىرىنسىپ دېگەننىمۇ ئادەم تۈزۈيدۇ) سەل-پەل ئاددىيلاشتۇرۇپ مۇڭداشقۇ ئارقىلىق يوللانغان ئەسەرلەرگىمۇ باراۋەر مۇئامىلە قىلۋاتىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا تور دېگەننىڭ قۇلاي ۋە قۇدىرەتلىكلىكىنى چورتلا ئېنكار قىلىپ تامامەن پوچتا ئارقىلىق ئەسەر يوللاشنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ. بەلكىم، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى باردۇر. لېكىن، ئويلاپ كۆرەيلى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئەسەر قوبۇللاش پىرىنسىپلىرى بىزگە، بىزدىن چوڭلارغا ۋە بىزدىن كىچىكلەرگە، شارائىتى بارلارغا ۋە شارائىتى يوقلارغا زادى قانچىلىك قولايلىقلارنى ۋە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ بىزدە ھازىرچە شەخسىيلەر قۇرۋالغان مەتبۇئات يوق. مەۋجۇت مەتبۇئاتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقى. شۇنداق ئىكەن پارتىيىمىزنىڭ تۈپ مەقسىدى نېمە؟ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقۇ؟! خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەنلىك خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغۇ؟! ئەسەر دېگەننى بىزمۇ قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئەۋەتسەك قولايلىق بولسا شۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئەۋەتسەك (چاكىنىلىقتىن خالىي ھالدا)، ئۇلارمۇ قانداق مەقسەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئەسەر قوبۇللاش ئۆلچەملىرى بولسا شۇنى بالدۇرراق بىكار قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەقسەت بىرلا، يەنى پەقەتلا ئەسەر قوبۇللاشقۇ؟! ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى ئورتاققۇ!؟
  ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم، بولسا يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىز، جۈملىدىن، يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە گېزىت-ژۇرنال مۇھەررىرلىرى بىر ئويلىشىپ باقسا، ئاشۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر قوبۇللايدىغان ۋە ئەسەر ئەۋەتىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ تورىمىزدا بولغاندىكىن، ئاددىي ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ يۈرگىچە مۇرەككەپ ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇشۇ تورىمىزنىڭ ئۆزىگىلا بىر سەھىپە تەسىس قىلىپ ئۇنىڭغا ھەر قايسى مەتبۇئاتلارغا بىردىن كۆزنەك ئېچىپ بەرسە، (خۇددى ھازىرقى مەمۇرى مۇلازىمەت زالى دېگەندەك) مەتبۇئاتتىكى يولداشلارمۇ ئۇنى پات-پات ئېچىپ تۇرسا، بىزمۇ ئەسەرلىرىمىزنى شۇ كۆزنەككىلا ئەۋەتىپ بەرسەك. بۇنىڭدىكى بىر باش قاتىدىغان مەسىلىنى، يەنى كۆزنەككە ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنىڭ مەتبۇئات يۈزى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاشكارلىنىپ كەتمەسلىكى، ئەسەر مەتبۇئاتقىلا تەۋە بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شۇ كۆزنەككە ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنى پەقەت مەتبۇئات مۇھەررىرلىرى ۋە ئاپتۇرنىڭ ئۆزىلا كۆرەلەيدىغان چەكلىمىگە ئىگە قىلىپ تەڭشەپ قويسا قانداق بولار؟
  ئاخىردا، بۇ تەكلىپىمگە باشقىلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئىشتۇ، ياكى ئەسلىدىنلا مەن ئۆزەم تولىمۇ مەنتىقىسىز، كۈلكىلىك بىر ئىشنى ئويلاپ قالغاندىمەن. ۋەبەلكىم، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئارتۇقچە بىر ئىشلارغا ئارىلىشپمۇ يۈرگەندىمەن. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن، دۇنيادىكى نۇرغۇن كەشپىياتلارنىمۇ مانا مۇشۇنداق پارچە-پۇرات خىياللار ئارقىلىق ئىختىرا بولغان دەپ قارايمەن. شۇڭا بەك خاتا گەپنىمۇ دەپ تاشلىمىغاندىمەن دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە.
  قېنى، مەن بىرەر قۇر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قەدىردانلار نېمىلەرنى دەيدىكىن؟



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تىللاسى +444 يىغىش سەۋەبى
پاسىل + 88
رەخىمە + 166
داڭگال + 190 تەخىرسىز تەكلىپ

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-16 17:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلىي قارىمايلا ئېنكاس يوللىغىلى بولمايدىغان بىر كۆزنەككە يوللاپ ساپتىكەنمەن. قايتىدىن بۇ كۆزنەككە يۆتكەپ يوللىدىم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېغىر ئالماسلىقىنى سورايمەن.

ۋاقتى: 2016-2-17 11:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-2-17 12:33:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۇقارقى تەكلىپنى مەنمۇ قوللايمەن...!

ۋاقتى: 2016-2-17 13:02:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەكلىپ تولىمۇ ئاقىلانە ئوتتۇرغا قويۇلغان.ئىنتىرنىتتىن قانداق پايدىلنىش توغرىللىرىدا توختىماي ۋەز ئېيتىۋاتقانلار چىرايلىق تۇماقلىرىنى تىزىغا ئېلىپ قويۇپ ئويلۇشۇپ باقسا بولغۇدەك.
مۇشۇنداق يىڭىچە پىكىر،يىڭىچە تەكلىپ ،دادىل قەدەملەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە تەرەققىيەت بىزدىن ئارقىدا قالمايدۇ.ئەنۋەرجاننى  100% قوللايمەن.

ۋاقتى: 2016-2-17 13:11:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ ، ياخشى پىكىر .

مۇھەررىرلەر نىمە دەيدىكىن قېنى ؟

ۋاقتى: 2016-2-17 13:17:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى تەكلىپ بوپتۇ .مەنمۇ 100%قوللايمەن

ۋاقتى: 2016-2-17 13:23:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-2-17 01:02 PM
بۇ تەكلىپ تولىمۇ ئاقىلانە ئوتتۇرغا قويۇلغان.ئىنتىرنى ...

شۇنداق، بۇ تەكلىپ-پىكىرلەر ھەقىقەتەن ياخشى ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. مەن بۇرۇندىن تارتىپ ئەسەرنى قولدىلا يېزىپ ئەۋەتەتتىم، يېقىنقى يىللاردىن بېرى"تەرەققىيات"قا ماسلىشالماي قالدىم. توردىن ئەسەر ئەۋەتىشتىمۇ بىركىم ياردەم قىلمىسا  ئەسەرمۇ ئەۋەتەلمەيمەن. قولدا يېزىپ، يازمىچە ئەسەر ئەۋەتىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. توردا ئەۋەتىش قولايلىق بولغىنى ئۈچۈن ھازىر توردىن ئەۋەتىشنى ئۆگىنەي،دەپ تورغا ئىلمىشىپ يۈرىمەن مانا ئەمدى...

باھا سۆز

قارىغاندا بىر جاڭگالنىڭ"بۆرە"لىرى ئىكەنمىز...  ۋاقتى: 2016-2-17 01:40 PM
راستىنى ئېيسام توردا ھېلىقىدەك ئادرىسلارغا ھېچنىمە ئىۋەتەلمەيمەن  ۋاقتى: 2016-2-17 01:37 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-17 13:59:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 03:41 PM  

  ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر قايسى مەتبۇئات ئۇرۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى قۇبۇللاش ئۈچۈن مۇشۇ تورىمىزدا ئېلان بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېلان چىقارغىدەك ۋاقتى، قۇدىرىتى ۋە يۈزى بار ئىكەن-يۇ، ئەسەر قۇبۇللاش تەرتىپىنى نېمىشقا ئاددىيلاشتۇرمايدۇ؟
  مەتبۇئاتلار ھەمىشە «ئاپتۇر بولمىسا بىزمۇ بولمايمىز» دەيدىكەن، لېكىن، ئەسەر ئەۋەتكەن ئاپتۇرغا كۆپىنچىلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرمايدىكەن. ئاخىر بىزنىڭمۇ سەۋىر قاچىمىز تۇشۇپ ئەسىرىمىزنى باشقا مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىدىكەنمىز، بىر چاغدا قارىساق بىر پارچە ئەسىرىمىز ئىككى-ئۈچ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ يۈزىمىزنى قىزارتىۋاتقان...
  بەزى مۇھەررىرلەر تېخى ئارىدىن بەش-ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتسىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىغان سۇئالىمىزغا «ئەسىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئەخلاقسىزلىق، سىز سورىمىسىڭىزمۇ ئىشلەتكىمىز كەلسە ئىشلىتىمىز..» دېگەندەك قاغا پۇتى گەپلەرنى قىلىدىكەن. ئەخلاق دېگەن شۇما؟ ئەجىبا، ئۇلارنىڭ شۇنچە جاپا-مۇشەققەتتە يېزىپ تەسلىكتە ئەۋەتىپ بەرگەن ئەسىرىمىزگە قارىتا  «يا ئىشلىتىمىز»، «يا ئىشلەتمەيمىز» دەيدىغانغا بىر مىنۇت ۋاقتىمۇ چىقماسما؟ ئۇلار تېخى «ئالدىمىزدا ئەسەر دېگەن تاغدەك دۆۋىلىشىپ كەتتى، ۋاقتىمىز قىس» دەپ قويىدىكەن. ئېيتىڭلارچۇ، ھازىرقى دەۋىردە كىمنىڭمۇ ئىشى ئالدىراش ئەمەس؟
بىزمۇ سىلەردەكلا بىر كىشىلىك خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن راۋۇرۇس چىقىپ، يەنە ئەسەر يېزىۋاتىمىزغۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-17 14:02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 03:42 PM  

  ئەسەر دېگەن دېمىسەممۇ خۇددى بىزنىڭ پەرزەنتىمىزگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا بىزنىڭ قان-تەرىمىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىمىز سىڭگەن بولىدۇ. ئەي مۇھەررىرلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، كىممۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا ئالدىرمىسۇن؟

ۋاقتى: 2016-2-17 22:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلخەت مۇقىم، مۇنبەر مۇقىم ئەمەس. يەنىلا ئېلخەت قولاي. ئېلخەتتىن ئەسەر قوبۇللاش تەھرىرلىكنىڭ نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرى مەشغۇلاتىغا مۇناسىپ كېلىدۇ.


بىلىپ دەڭلار بۇ گەپنى!

ۋاقتى: 2016-2-18 14:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azizjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 01:00 AM  

ئىجادىي ئەسەرلەرغۇ بەش-ئالتە ئايغىچە بېسىلمىسىمۇ يازغان پېتى قولىڭىزدا تۇرۇپ تۇرىدۇ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزغا ھېچكىم چېقىلالمايدۇ. لېكىن تەرجىمە ئەسەرلەرگە ۋاقتىدا جاۋاپ بېرىلمىسە ، سىز بىر مەتبۇئاتقا ئەۋەتىپ بولۇپ ئىككى ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە بىرەيلەنمۇ ئوخشاش بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ باشقا مەتبۇئاتقا ئەۋەتسە، ئۇ بېسىلىپ قالسا سىزنىڭ قىلغان ئەجرىڭىز نۆلگە تەڭ دېگەن  گەپ. تېخى سىزنىڭ بىر نەچچە ئاي كېيىن بېسىلسا بىكاردىنلا ئوغرى دېگەن نامغا قالسىز، مەن ئاۋال تەرجىمە قىلغانتىم دەپ ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ بولالمايسىز. مەيلى قانداق ئەسەر بولسۇن جاۋابى ۋاقتىدىراق بېرىلگىنى ياخشى ئىدى.

ۋاقتى: 2016-2-18 20:10:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ئەۋەتكەندە بانكا كارتا نومۇرىمىزنىمۇ تەڭ ئەۋەتسەك، قەلەم ھەققىنى شۇ كارتىغىلا ئۇرسا پوچتىخانىغا يۈگۈرۈشتىن قولايمىكىن دەيمەن. مەن ھەتتا ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى قەلەم ھەققىمنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم. گېزىت-ژۇرناللاردا نەچچە يۈز يۈەن قەلەم ھەققىم بار، مەكتەپ تاپشۇرۇۋالماپتىمىش، ئۇكار ئەۋەتىپتۇمىش…

ۋاقتى: 2016-2-18 20:41:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم ھەققىنى 2ئاي يەنى ئەۋەتىلگەن پىرۋۇت ئۇستىدىكى ۋاقىتتىن بۇرۇن ئالمىسا ئوزلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىك ھىسابلىنىپ قايتۇرۋىتىلىدۇ.بۇنى بىلۋالايلى

ۋاقتى: 2016-2-18 20:45:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش