بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-16 05:32 PM
شۇنداق بىر تەكلىپىم بار
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى - مېنىڭ چۈشەنچەمدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى كەڭ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، يىتىشتۈرۈش، سەھىنە ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان، قۇرۇلغاندىن بېرى مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى، مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ بىھىساب ئەجىرىدە كۆپ قېتىم ئۆزىنى يېڭىلاش ئېلىپ بارغان، بىر قەدەر مۇكەممەللىككە ۋە جەلىپ قىلىش، ئۇيۇشتۇرۇش، تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان ئۆز ئانا تورىمىز بولۇپ، جۈملىدىن، مەنمۇ يىگرمە نەچچە يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتىمدا ئاخىر مۇشۇ تور ئارقىلىق بىر كىشلىك ھۆرمەت-ئىناۋىتىمنى ۋە تېگىشلىك قەدىر قىممىتىمنى تاپتىم.
خوش، مەقسىدىم بۇ تېمام ئارقىلىق تورىمىزنى ماختاش ۋە مۇھەررىرلەرگە خۇشامەت قىلىش ئەمەس ئەلۋەتتە، بۇنى مېنىڭ مېجەزىمنى ئاز-تولا چۈشىنىدىغان دوسىتلىرىم تامامەن چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ.
ئۇنداقتا، مەن زادى نېمە دېمەكچى؟
شۇنداق ئويلاپ قالدىم: يازغۇچىلار تورىمىزدا ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا خىزمەت قىلۋاتقان مۇھەررىرلەرنىڭمۇ خېلى كۆپلىرى بار ئىكەن. شۇنداقلا مەتبۇئاتلىرىمىزغا ھەر زامان كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۋاتقان ئاقكۆڭۈل، سەگەك مۇنبەرداشلىرىمىزمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ھەم نۆۋەتتە بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مەتبۇئاتلىرىمزنىڭ مۇندەرىجىلىرىنى ئىلگىرى-كېيىن بولسىمۇ يوللاپ بىزنى تولىمۇ خۇشال قىلىپ تۇرار ئىكەن. لېكىن، بىر ئىش كاللامدىن زادى ئۆتمەيدۇ؟ شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا ئاشۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر يوللاشتا بۇنچىۋالا قىينىلىپ كېتىمىز؟
رۇشەنكى، ھازىر كۆپىنچە مەتبۇئاتلار ئېلخەت ئادىرىسى ئارقىلىق ئەسەر قوبۇللاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەلىپى شەخسى ئادىرىس ياكى مۇڭداشقۇغا ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنى بىردەك ئىشلەتمەسلىك. يەنى بەزىلىرى بولسا بۇ پىرىنسىپنى (پىرىنسىپ دېگەننىمۇ ئادەم تۈزۈيدۇ) سەل-پەل ئاددىيلاشتۇرۇپ مۇڭداشقۇ ئارقىلىق يوللانغان ئەسەرلەرگىمۇ باراۋەر مۇئامىلە قىلۋاتىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا تور دېگەننىڭ قۇلاي ۋە قۇدىرەتلىكلىكىنى چورتلا ئېنكار قىلىپ تامامەن پوچتا ئارقىلىق ئەسەر يوللاشنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ. بەلكىم، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى باردۇر. لېكىن، ئويلاپ كۆرەيلى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئەسەر قوبۇللاش پىرىنسىپلىرى بىزگە، بىزدىن چوڭلارغا ۋە بىزدىن كىچىكلەرگە، شارائىتى بارلارغا ۋە شارائىتى يوقلارغا زادى قانچىلىك قولايلىقلارنى ۋە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ بىزدە ھازىرچە شەخسىيلەر قۇرۋالغان مەتبۇئات يوق. مەۋجۇت مەتبۇئاتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقى. شۇنداق ئىكەن پارتىيىمىزنىڭ تۈپ مەقسىدى نېمە؟ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقۇ؟! خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دېگەنلىك خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغۇ؟! ئەسەر دېگەننى بىزمۇ قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئەۋەتسەك قولايلىق بولسا شۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئەۋەتسەك (چاكىنىلىقتىن خالىي ھالدا)، ئۇلارمۇ قانداق مەقسەتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئەسەر قوبۇللاش ئۆلچەملىرى بولسا شۇنى بالدۇرراق بىكار قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەقسەت بىرلا، يەنى پەقەتلا ئەسەر قوبۇللاشقۇ؟! ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى ئورتاققۇ!؟
ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم، بولسا يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىز، جۈملىدىن، يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە گېزىت-ژۇرنال مۇھەررىرلىرى بىر ئويلىشىپ باقسا، ئاشۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر قوبۇللايدىغان ۋە ئەسەر ئەۋەتىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ تورىمىزدا بولغاندىكىن، ئاددىي ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ يۈرگىچە مۇرەككەپ ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇشۇ تورىمىزنىڭ ئۆزىگىلا بىر سەھىپە تەسىس قىلىپ ئۇنىڭغا ھەر قايسى مەتبۇئاتلارغا بىردىن كۆزنەك ئېچىپ بەرسە، (خۇددى ھازىرقى مەمۇرى مۇلازىمەت زالى دېگەندەك) مەتبۇئاتتىكى يولداشلارمۇ ئۇنى پات-پات ئېچىپ تۇرسا، بىزمۇ ئەسەرلىرىمىزنى شۇ كۆزنەككىلا ئەۋەتىپ بەرسەك. بۇنىڭدىكى بىر باش قاتىدىغان مەسىلىنى، يەنى كۆزنەككە ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنىڭ مەتبۇئات يۈزى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاشكارلىنىپ كەتمەسلىكى، ئەسەر مەتبۇئاتقىلا تەۋە بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شۇ كۆزنەككە ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنى پەقەت مەتبۇئات مۇھەررىرلىرى ۋە ئاپتۇرنىڭ ئۆزىلا كۆرەلەيدىغان چەكلىمىگە ئىگە قىلىپ تەڭشەپ قويسا قانداق بولار؟
ئاخىردا، بۇ تەكلىپىمگە باشقىلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئىشتۇ، ياكى ئەسلىدىنلا مەن ئۆزەم تولىمۇ مەنتىقىسىز، كۈلكىلىك بىر ئىشنى ئويلاپ قالغاندىمەن. ۋەبەلكىم، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئارتۇقچە بىر ئىشلارغا ئارىلىشپمۇ يۈرگەندىمەن. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن، دۇنيادىكى نۇرغۇن كەشپىياتلارنىمۇ مانا مۇشۇنداق پارچە-پۇرات خىياللار ئارقىلىق ئىختىرا بولغان دەپ قارايمەن. شۇڭا بەك خاتا گەپنىمۇ دەپ تاشلىمىغاندىمەن دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە.
قېنى، مەن بىرەر قۇر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قەدىردانلار نېمىلەرنى دەيدىكىن؟