يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 509|ئىنكاس: 12

مېھرىبان نىياز چوغلۇق: قۇم قەلئە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-13 11:47 PM  

قۇم قەلئە

چوغلۇق


قۇم قەلئەلىرىم ئېقىپ كەتتى
دېڭىزغا...
چىرايلىق بىر قەلئە ياساۋاتىمەن دەپ ئويلايتىم
ئىچىمدىكى ئەڭ چىرايلىق گۈللىرىم ئېچىلىۋاتقان
ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ
ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئېقىن
ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىدىغان،
چوغلۇق دېگەن بىر تاللا ئىسىم
ئىشىككە چوغدەك رەڭدە يېزىپ قويۇلغان،
داتلاشماس مىسرالار
بۇلدۇقلاپ تۇرغان يۈرىكى بىلەن يۈرەكلەرگە قېتىلغان...
چىرايلىق بىر قەلئە ياساۋاتىمەن دەپ ئويلايتتىم
قۇياش ئۆڭدۈرگەن بوز دالاغا
ھاياتىمنى ئۆڭدۈرمەيدىغان،
ئىچىمدىكى مېنى يەپ تۈگىتىدىغان يالماۋۇزنى
مىسران قېلىچ بىلەن ئۇزىتىپ قويىدىغان،
مەختۇمسۇلارنىڭ بىر تال ئالمىسىدا
قاراڭغۇلىقىمنى يورۇتىدىغان...
چىرايلىق بىر قەلئە ياساۋاتىمەن دەپ ئويلايتتىم
تەپەككۇرۇم
سوقراتنىڭ
كىرىشنا مۇرتىنىڭ
جالالىدىن رۇمىينىڭ
تاملارنى ئۆرىۋەتكەن پەسلىگە ئۇچراشقىنىدا
لەپ-لەپ خىياللىرىمنى چوڭقۇرلىقىمدىن سۈزۈپ ئېلىپ
بىر تال-بىر تالدىن قوپارغىنىمدا،
تەنھالىقىمغا چىداپ ئۆتكەن قاغىنىڭ
مەغرۇر قاقىلداپ
قىزىل كۆينەك كىيگەن قىزغا ھەمرا بولغىنىدا...
چىرايلىق بىر قەلئە ياساۋاتىمەن دەپ ئويلايتتىم
قۇم قەلئەلىرىم ئېقىپ كەتتى
دېڭىزغا...
مەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ
روھىمنىڭ ھەر خىل ئاسمىنىدىن ئۆزۈمنى ھەيدەپ كېلىپ
قايتا قەلئە قۇرۇش ئىستىكىدە چوڭقۇر خىياللاردا ئېچىلدىم...

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى


ئوپېراتىسىيە


ئوپراتىسىيە دېگەن سۆزنىڭ ساھىلىدا تۇرۇپ
دات باسقان كېچىلەرنى سۈرگۈن قىلدىم،
ئىچىمدىكى تاشقاتمىلارنى
ئېچىلىدىغان ئىشىكنىڭ تىۋىشلىرىدىن
شامالدا توزۇپ كېتىدىغان تۈزلەڭلىكلەرنىڭ
كۈنلىرىگە گۇۋاھچى قىلدىم.
بۈگۈن بىلەن سىغىشالمىغان قەدىمىي خىيالىم
چاھار بېغىمدىن خوشلىشىپ چىقتى،
مۇھەببەت ئېچىلغان بىر چىرايلىق رامكىنى
ئوپراتىسىيە ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويدۇم
ۋە كۆڭلۈم بىلەن بولغان ئارلىقىنى
كۆزۈم بىلەن بولغان دەريالىرىنى
ئۈزۈپ تاشلىدىم،
ئوپراتىسىيە يۈرىكىمنى ئاغرىتتى
بىر پاسىلدا
ھامان بىر ئوپراتىسىيە قىلىنىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم بىر كۈن،
ئوپراتىسيە، ئۆتمۈش، بۈگۈن
ئوپراتىسىيىدىن ئويغانغىنىمدا
چەكسىز گۈزەل بىر ئىدىيەم غولاپ چۈشتى،
ياكى دات  باسقان بىر قەلئە
تازلىنىپ يېڭى مىھمانلىرىنى كۈتۈشتى.


غۇۋا بىر رەسىم قىيالمايۋاتقان،
ئوپراتىسىيە دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ
بارچە ئىشىكلەرنى ئېچىۋەتكەن
ۋە ھەربىر ھۈجەيرىلەردىن
ئۆزۈڭگە تەۋە ھاياتنىڭ باشلانغان ھىدى كېلىۋاتقان.
ئوپراتىسىيە
سېنى ئۆزۈڭگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان
ساھىلىڭنىڭ تۇنجى دولقۇنىدۇر...

2016-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-14 00:24:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئر يازماق بەك ئاسان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ دېسە... شېئىرى جۈملە تۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، رېتىم ھەتتاكى ئەركىن شېئىردىكى ئىچكى رېتىم ۋە قاپىيەنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، شېئىرى ھېكمەتنى ئىپادىلەش  تېخىمۇ ئارتۇقچە. شېئىرى پاساھەت نەسىرنى مىسرالارغا تىزىپ قويۇش بىلەنلا تامام. بىز جاھاننىڭ كەينىدە قاپتۇق.

ۋاقتى: 2016-2-14 01:36:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى قاپىيەگە  قاتتىق  ئەمەل قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەندىن ۋاز كېچىشنىڭ يولىنى دەل فىرانسىيە  شائىرلىرى ئېچىپ بەردى . رومانتىزملىق شائىرلار  شېئىردىكى قاپىيە ،تۇرقالارغا ئالاھىدە ئېتىبار  بېرىپ كەلگەن بولۇپ  . ئۇلار شېئىرنى رىتمچانلىقى كۈچلۈك بولغان ھەم شائىرنىڭ قايناق ھېسياتى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن ژانىر  دەپ قارىغان بولسا ،  نەسىرنى ئەقلىيى ھۆمۈملەرنى ۋە باياننى ئاساس قىلغان ھەم  رىتمچانلىقى تۈۋەن بولغان ژانىر  دەپ قارىغان  . ئۇلار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شېئىر بىلەن نەسىرنىڭ چېگىرىسنى ئايرىپ تاشلىغان . ئەمما رىمبونىڭ 1872- يىلى يازغان ‹‹رەڭلىك رەسىملەر توپلىمىغا ››كىرگۈزلگەن  ‹‹دېڭىز ساھىلى››(31) ناملىق شېئىرى  نەسىر بىلەن شېئىرنىڭ  ئوتتۇرسدىكى بىر شەكىلدە يېزلغان بولۇپ . بۇ شېئىر فىرانىسيە تارىخدا تۇنجى قېتىم ئەركىن شەكىلدە يېزلغان ھەم  تۇنجى قېتىم ئۇزۇن مىسرانى ئىشلەتكەن  شېئىر ئىدى .  شېئىرنىڭ مىسراسى ئۈزۈن بولۇپ قالماي ئاخىردىكى سۆزلەر يا  ئاچ قاپىيەدە  يا توق قاپىيە بولۇپ كەلمىگەن .  بۇ بىر پارچە شېئىرلار ئەمەس ئۇنىڭ مەزكۈر توپلىمىدىكى نۇرغۇن شېئىرلار  نەسىر بىلەن شېئىرنىڭ پاسىلى  پۈتۈنلەي  بۈزۈپ تاشلانغان ھالەتتە يېزلغان. بۇ جەھەتتە  ئۇ  بودلېرغا قارىغاندا ئالدىغا يوغان  بىر قەدەم تاشلىغان .  رىمبو يۇقىرقىدەك ھەم  ئۈزۈن ھەم قىسقا مىسرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن شېئىر شەكىلىنى دادىللىق بىلەن ئىجات قىلغاندىن كېيىن . ئۇ ئىجات قىلغان ئەركىن شېئىر  شەكلى فىرانىسىيەدە  تازا  مۇدا بولۇشقا باشلىغان . شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىر تەتقىقاتچىلىرى  : ‹‹ئەركىن شېئىر  ھازىرقى زامان لىرىك شېئىر شەكلىنىڭ تىپىك بەلگىسى .   بۇ خىل شېئىر شەكىلى مەيلى ئاڭسز ياكى ئاڭلىق ھالدا  چۈشۈنۈلسۇن  ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا ئارتور رىمبوغا تۇتشقان .››(32) دەپ خۇلاسە چىقىرشقان .

ۋاقتى: 2016-2-15 12:22:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن شېئىر شائىرىغا ئازادىلىك بېغشلايدۇ

ۋاقتى: 2016-2-15 14:39:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەلبەتتە، بۈركۈت ئىككى خىل بولىدۇ بىرى قولغا ئۈگىتىلگەن يەنى بىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىغان...ئوخشاشلا ئىككىلىسى ئوۋنى ئالىدۇ...مېنىڭچە ئەركىن شېئىر خۇددى ئۆز ئالدىغا پەرۋاز قىلىپ ئوۋ ئوۋلايدىغان بۈركۈتكە تىمسال بولىدۇ!...

ۋاقتى: 2016-2-15 18:51:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناچۇق0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 12:24 AM
شېئر يازماق بەك ئاسان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ دېسە... شېئىرى ج ...


ۋاقتى: 2016-2-15 18:52:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ
روھىمنىڭ ھەر خىل ئاسمىنىدىن ئۆزۈمنى ھەيدەپ كېلىپ
قايتا قەلئە قۇرۇش ئىستىكىدە چوڭقۇر خىياللاردا ئېچىلدىم...  بۇ مىسرالار بەك ياىشى يىزىلىپتۇ  سۈيۈندىم ماڭا بەك ياقتى .

ۋاقتى: 2016-2-16 19:50:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھرىباننىڭ ئەسەرلىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن، ئوقۇشى ئۇتۇقلۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2016-2-16 21:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكىل مۇھىم ئەمەس ، پەقەت ئىستىتىك زوق كېمەيمىسىلا بولدى . ئاپتۇر بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرسىدا ئورتاق ھېس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاساسەن مۇۋاپىقىيەتلىك چىقتى دېسەك بولىدۇ .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 23:13:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مۇلاھىزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شېئىرلىرىمنى ياختۇرۇپ ئوقۇغان ئەزىزلىرىمگە كۆپ رەھمەت...

ۋاقتى: 2016-2-19 23:53:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، مەن شېئىر دىگەن گەپنى دەسلەپتە چۈشەنگەن  ۋاقىتلاردا شېئىر دىگەندە مەزمۇن، تۇراق، قاپىيە، ....دىگەنلەر بولاتتى، ئاشۇلارنىڭ بىرى كەم قالسا شېئىر ھىساپلانمايتتى،  خەلق تىلىغا يېقىن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلاتتى، ئۇ چاغدىكى شېئىرلارنى ئاددى ئوقۇرمەنلەرمۇ ئوقۇپلا تەكتىگە يىتىپ، شائىرنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىننى، قايسى ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرگىننى بىلەلەيتتى، ھازىر مەن راستلا جەمىيەتنىڭ، زاماننىڭ ئارقىدا قالغان ئوخشايمەن، ئۈزەم ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىدىغان بىر سادىق ئوقۇرمەن، خېلى مۇرەككەپ نەرسىلەرنىمۇ چۈشىنىپ، ھەزىم قىلالايتتىم، لېكىن ھازىرقى شېئىرلارنى قانچە تىرىشىپمۇ چۈشىنىپ، تەكتىگە يىتەلمەيۋاتىمەن، قارىغاندا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى مەڭگۈ چۈشەنمىگۈدەك، پەقەت شېئىرنىڭ يازغۇچىسىلا نىمە دىمەكچى بولغىننى بىلسە كىرەك، ھازىر قانچە مۇرەككەپ، قانچە گۇڭگا، قانچە چۈشىنىكسىز بولسا شۇنچە قارشى ئېلىنامدىغاندۇ، ياكى باشقا سەۋەپ بارمىدۇ،

ۋاقتى: 2016-2-23 23:17:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېر ھېسسياتنىڭ ئەركىن تىزىلمىسى،شئېر ئەسلىدىنلا گۈزەل شۇنداقتىمۇ ئۇنى رەتكە تېزساق تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ،خۇددى بىردەستە گۈلنى ھەر خىل تىزساق گۈزەللىكى ھەر خىل بولغىنىدەك.

ۋاقتى: 2016-2-25 15:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     چوغلۇق ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى مۇشۇنداق بىر يېڭىچە شەكىلدە ئىپادىلەپ باقماقچى بولغان. قەلەم تەۋرەتمىگەندىن تەۋرەتكەن تۈزۈك، تەۋرەتكەن ئىكەنمىز قەلبلەرنى تىترەتكەن تۈزۈك. مەن چوغلۇقنىڭ شېئىر يېزىقچىلىق مەشىقىنى توختىتىپ قويماسلىقىنى، ئۈزۈكسىز ئالغا بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش