بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-13 11:47 PM
قۇم قەلئە
چوغلۇق
قۇم قەلئەلىرىم ئېقىپ كەتتى
دېڭىزغا...
چىرايلىق بىر قەلئە ياساۋاتىمەن دەپ ئويلايتىم
ئىچىمدىكى ئەڭ چىرايلىق گۈللىرىم ئېچىلىۋاتقان
ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ
ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئېقىن
ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىدىغان،
چوغلۇق دېگەن بىر تاللا ئىسىم
ئىشىككە چوغدەك رەڭدە يېزىپ قويۇلغان،
داتلاشماس مىسرالار
بۇلدۇقلاپ تۇرغان يۈرىكى بىلەن يۈرەكلەرگە قېتىلغان...
چىرايلىق بىر قەلئە ياساۋاتىمەن دەپ ئويلايتتىم
قۇياش ئۆڭدۈرگەن بوز دالاغا
ھاياتىمنى ئۆڭدۈرمەيدىغان،
ئىچىمدىكى مېنى يەپ تۈگىتىدىغان يالماۋۇزنى
مىسران قېلىچ بىلەن ئۇزىتىپ قويىدىغان،
مەختۇمسۇلارنىڭ بىر تال ئالمىسىدا
قاراڭغۇلىقىمنى يورۇتىدىغان...
چىرايلىق بىر قەلئە ياساۋاتىمەن دەپ ئويلايتتىم
تەپەككۇرۇم
سوقراتنىڭ
كىرىشنا مۇرتىنىڭ
جالالىدىن رۇمىينىڭ
تاملارنى ئۆرىۋەتكەن پەسلىگە ئۇچراشقىنىدا
لەپ-لەپ خىياللىرىمنى چوڭقۇرلىقىمدىن سۈزۈپ ئېلىپ
بىر تال-بىر تالدىن قوپارغىنىمدا،
تەنھالىقىمغا چىداپ ئۆتكەن قاغىنىڭ
مەغرۇر قاقىلداپ
قىزىل كۆينەك كىيگەن قىزغا ھەمرا بولغىنىدا...
چىرايلىق بىر قەلئە ياساۋاتىمەن دەپ ئويلايتتىم
قۇم قەلئەلىرىم ئېقىپ كەتتى
دېڭىزغا...
مەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ
روھىمنىڭ ھەر خىل ئاسمىنىدىن ئۆزۈمنى ھەيدەپ كېلىپ
قايتا قەلئە قۇرۇش ئىستىكىدە چوڭقۇر خىياللاردا ئېچىلدىم...
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئوپېراتىسىيە
ئوپراتىسىيە دېگەن سۆزنىڭ ساھىلىدا تۇرۇپ
دات باسقان كېچىلەرنى سۈرگۈن قىلدىم،
ئىچىمدىكى تاشقاتمىلارنى
ئېچىلىدىغان ئىشىكنىڭ تىۋىشلىرىدىن
شامالدا توزۇپ كېتىدىغان تۈزلەڭلىكلەرنىڭ
كۈنلىرىگە گۇۋاھچى قىلدىم.
بۈگۈن بىلەن سىغىشالمىغان قەدىمىي خىيالىم
چاھار بېغىمدىن خوشلىشىپ چىقتى،
مۇھەببەت ئېچىلغان بىر چىرايلىق رامكىنى
ئوپراتىسىيە ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويدۇم
ۋە كۆڭلۈم بىلەن بولغان ئارلىقىنى
كۆزۈم بىلەن بولغان دەريالىرىنى
ئۈزۈپ تاشلىدىم،
ئوپراتىسىيە يۈرىكىمنى ئاغرىتتى
بىر پاسىلدا
ھامان بىر ئوپراتىسىيە قىلىنىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم بىر كۈن،
ئوپراتىسيە، ئۆتمۈش، بۈگۈن
ئوپراتىسىيىدىن ئويغانغىنىمدا
چەكسىز گۈزەل بىر ئىدىيەم غولاپ چۈشتى،
ياكى دات باسقان بىر قەلئە
تازلىنىپ يېڭى مىھمانلىرىنى كۈتۈشتى.
غۇۋا بىر رەسىم قىيالمايۋاتقان،
ئوپراتىسىيە دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ
بارچە ئىشىكلەرنى ئېچىۋەتكەن
ۋە ھەربىر ھۈجەيرىلەردىن
ئۆزۈڭگە تەۋە ھاياتنىڭ باشلانغان ھىدى كېلىۋاتقان.
ئوپراتىسىيە
سېنى ئۆزۈڭگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان
ساھىلىڭنىڭ تۇنجى دولقۇنىدۇر...
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى