بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-18 04:56 PM
سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان تەھلىلىڭىزنى مەن ئېتراپ قىلدىم. بىراق بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولمىغان
لىقىنى ئەسكەرتتىم. ئاخىرىدا ئادەتتىكى ،نورمال ھالەتتىكى ئازابقا يولۇقۇش بىلەن سەنئەتكار
يەنى شائىرنىڭ شېئىرىي تەپەككۇر قىلىشقا ئاتلانغاندىكى يولۇققان ئازابلىنىشنىڭ تۈپتىن ئوخشى
مايدىغانلىقىنى ،ئاۋالقىسى نورماللىق،ئەقلىيلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كېيىنكىسى بولسا ھېسسىيلىق،ئوبرازلىق تەپەككۇئرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم.
لېكىن قايىل بولماپسىز.سەنئەت ئىجادىيىتى جۈملىدىن شېئىريەت ئىجادىيىتى ئىلمىي
ئىجادىيەت ئەمەس. مەن سىزنىڭ تەھلىلىڭىزنى يەككە پەن -پىسخىكىلىق ئانالىز نۇقتىسىدىن
ھەقىقەتەن توغرا دەپ قارايمەن. لېكىن ئىستىتىكا ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن توغرا بولغان
دەپ قارىيالمايمەن. سەۋەبى بىرلا : سىزنىڭ تەھلىلىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئازابى ئەمەس
روھ سەنئەتكاررى بولغان شائىرنىڭ ئازابى. ناۋادا تەھلىلىڭىز ئىستېتىكا ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسى
دىن توغرا دەپ قارىلىدىغان بولسا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي شائىر بىلەن ھەقىقىي شېئىرلار
نىڭ يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرىقىچىلىكمۇ كېرىكى قالمايدۇ. سىزنىڭ ماقالىڭىز پىسخىلوگىيە نۇقتىسىدىن مۇنەۋەر ماقالە. ئىستېتىكا ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئىنتايىن ئۆلچەمسىز ماقالە.
ئوچۇق ئېيتقاندا شائىر بىلەن شېئىرنى ئەڭ ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان
ماقالە.
تالاش-تارتىش قىلىش ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن ئۆز
گېپىمدە قالىمەن. سىزمۇ ئۆز پىكىرىڭىزدە قاپسىز. كۆز قاراشنى ئۆز-ئارا بىر -بىرىگە زورلاش
ياخشى ئىش ئەمەس.ئىجادىيەت،ئوقۇرمەنلىك، پىكىر قىلىش قاتارلىق ئۈچ خىل پائالىيەتنىڭ
ھەممىسى ئىختىيارلىق،ئەركىنلىكنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا گەپنى ئۆز پىكىرىمىزدە قالغانلىق خۇلا
سىمىز بىلەن ئاخىرلاشتۇرايلى.