كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 14

نۇرمۇھەممەت ھاشىم(ئىزگۈگە): شائىرلارنىڭ مەخپىيىتى:ئازاب توقۇش ۋە ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-13 09:58 PM  

نۇرمۇھەممەت ھاشىم

ئىزگۇ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تەۋسىيە:


                    شائىرلارنىڭ مەخپىيىتى:توقۇلما ئازاب ۋە ئۆزىنى قەسىتلەش خاتىرسى


                            (شائىرلارنىڭ ئازاب ئېڭى ھەققىدە پىسخىكىلىق ئانالىز)   
         
     ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى،ئەمما ئۇ ئۇنى تاللىماستىن باشقا بىرىنى تاللىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭقۇر ئازابقا پاتتى...
    ئۇ ئەتراپىغا قارىدى،ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك نادانلىق ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىچارىلەرچە ياشاۋاتاتتى،لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ
  شۇقەدەر بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقلىرىنى سەزمەيتتى.بۇنىڭدىن ئۇنىڭ يۈرىكى لەرزىگە كېلىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇلارغا خىتاب قىلدى، توختىماستىن سۆزلىدى.ئۇ تاكى ھېرىپ ماغدۇرىدىن كەتكۈچە،ھەتتا ئورنىدىن تۇرالمىغۇدەك بولۇپ قالغۇچە سۆزلىدى.ئۇ سەل دىمى بېسىلغاندەك بولغاندا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىغا قارىدى، ئۇ ئەتراپىغا قارىدىيۇ يېقىلپ چۈشكىلى تاسلا قالدا:ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغان، قىلچە پەرۋا قىلمىغان ھالەتتە يەنىلا ئالدىراش قەدەملەر بىلەن شۇ قاراڭغۇ تەرەپكە قاراپ كېتىشىۋاتاتتى.بۇنىڭغا ئۇنىڭ يۈرىكى پەقەت چىدىمىدى، ۋاك قىلىپ يېرىلغاندەك بولدى.ئۇ تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا ئازاب ۋە نەپرەت ئىچىدە تارام-تارام كۆز يېشىنى توختىتىۋالالماي قالدى...                     
   ئۇ ئىنتايىن قالتىس ئىدى،ئەقىل-پاراسىتى ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى.ئۇنىڭ روھىدا پۈتكۈل ئالەمنى قولىغا ئېلىپ ئويناتقۇدەك كۈچ-قۇدرەت ۋە
دانىشمەنلىك خۇددى قېنىغا پاتماي قالغان كەلكۈن مەزگلىدىكى دەريا سۈيىدەك توختىماستىن لەڭ ئۇراتتى.بىراق بۇ رەزىل «جەمىيەت»ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى تارتىۋالدى، ھەتتا ئۇنىڭ بىرەر نەرسىگىمۇ ئېرىشىشىغا يول قويمىدى.ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ قىلمايدىغان ئاشۇ ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان «ئادەم»لەر ھەممىگە ئېرىشىپ كوچا-كويلارغا پاتماي نوچىلىق بىلەن بەئەينى بىر شىردەك ھۆركۈرەپ يۈرىيدۇ. بۇ نېمە دېگەن«ئادالەتسىزلىك».ئۇ بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىدى.قاغىش نەپرەت ئىچىدە يەرگە بىرنى تۈكۈردى...                    
    تەقدىر نېمە دېگەن رەھىمسىز!ئۇ كىچىكىدىنلا ئۆزىنىڭ يىتىم ئىكەنلىگىنى بىلگەن.بۇ بىۋاپا ئالەم ئۇنى سەبى چېغىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىغان
ئىدى، شۇنداقلقىغا باقماي بۇ تەقدىر ئۇنى تاكى ئۇ چوڭ ئادەم بولغۇچە قېىيناپ ، ھېچ سەۋەبسىز جازالاپ يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلىۋەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئاستا-ئاستا كۈچ-ماغدۇرىدىن قېلىۋاتقانلىغىنى سېزەتتى.ئۇ قاراڭغۇلۇق قاپلىغان دېرىزىدىن قازان كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاپقارا كۆرۈنگەن ئاسمان گۆمبىزىدىكى خىرە پىللىدەپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ «مەن بۇنداق ياشاشقا چىداشلىق بېرەلمەيمەن ،ئەمدى بۇ ھاياتقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن »دەپ ئويلىدى-دە، بىردىنلا غۇلاپ چۈشكەن تامدەك يېقىلىپ چۈشتى.                                                
...                                                               
     يۇقارقى بايانلار ئادەملەر دۇچ كېلىدىغان ئازابلىق قىسمەتلەرنىڭ تىپىك كارتىنىلىرىنىڭ بىر قىسمى،بۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ ئوتتۇرغا قويۇشقا  
توغرا كەلسە يەنە نەچچە يۈزلىگەن تەسۋىرلەشلەرنى بايان قىلىشقا بولىدۇ.بىراق بۇ ماقالىنىڭ مەقسىدى ئادەملەرنىڭ  قانداق ئىشلار سەۋەبىدىن ئازابلىنىدىغانلىغىنى بايان قىلىش ئەمەس، بەلكى ئازابنىڭ قانداق پىسخكىلىق جەريان ئىكەنلىگى ، شۇنداقلا ئەدەبى ئەسەرلەردىكى ،بولۇپمۇ شېئىرىيەتتىكى ئازاب ئېڭىنىڭ نېمىلىگى ۋە ئۇنىڭ پىسخكىلىق نۇقتىدىن قانداق ئەھمىيىتى بارلىغى ،كىشىلەرگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىغى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش.               
    ئەدەبىيات-سەنئەت قاراشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋرى بارلىكى ئادەملەرگە  ئايانكى تارىختىن بىرى ئەڭ مۈنەۋەر ،ئەڭ كۆپ ،ئەڭ كەڭ تارقالغان
  ھەم يۇقۇرى باھا بېرىلگەن نۇرغۇن ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ كۆپى دېگۈدەك ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرى ۋە ئازاب –ئوقۇبەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ياكى خاتىرلىگەن ئەسەرلەردۇر.ئىستېتىك نۇقتىدىنمۇ «تىراگىدىيىلىك يۈكسەكلىك»نى قايسى دەرىجىدە ئىپادىلىيەلگەنلىگى ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى باھالاشنىڭ موھىم ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.ئەمىلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ بىر شېئىرغا ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىدە ھېس قىلغان تەسىراتىمنىممۇ شۇ:ئاشۇ نالۇ-پەرياد ،قايغۇ-ئەلەم ،ھەسرەت-نادامەت، ئازاب- ئوقۇبەت ۋە دادۇ-پىغان ئەڭ كۈچلۈك ،ئاڭ يارقىن ۋە ئەڭ يېڭىچە ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر ئادەمدە ناھايتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ،ئوقۇسا ئوقۇغۇسىنى كەلتۈرىدۇ ،ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەم قەلبىدە بىر كۈچلۈك سىزىم ۋە ھەرخىل تەسەۋۇرلارنى پەيدا قىلالايدۇ.مېنىڭ چۈشىنىشىمدىمۇ نۇرغۇن ئوقۇرمەن ئاشۇنداق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرۈدۇ ۋە ئۆزىدە شۇنداق بىر چوڭقۇر ئازاب ۋە ھەسرەت-نادامەتتەك بىر سىزىملەرنى قوزغىيالغان ئەسەرلەرنى«قالتىس يېزىلغان ئەسەركەن»دەپ ئويلايدۇ، شۇنداق ئەسەرلەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيدۇ.ئادەملەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق تىراگىدىيىلىك مەزمۇندىكى ئەسەرلەرگە خۇشتارلىق قىلىدۇ؟ مەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن شېئىرلاردىكى ئازاب ئىپادىلىرىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بىلەن ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.بىر خىلى شائىرلارنىڭ بىۋاستە ھالدا ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى ۋە تەقدىر-قىسمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «شەخىس تەجىربىلىرى»نى ئىپادىلەيدىغان ياكى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر .بۇ خىل ئەسەرلەر «كەچۈرمىش»ئالاھىدىكلىكىگە ئىگە خۇسۇسى تەجىربىلەر بىلەن تولغان «ھاياتتا مۇشۇنداق بىر خىل ئازابلارمۇ مەۋجۇت»دېگەن مەقسەتتە يېزىلغا،ھېچ بولمىغاندىمۇ مۇشۇ مەنەگە يېقىنلاشقان. يەنە بىر خىلى بولسا ،شائىرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر خىل كوللىكتىپنىڭ ياكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئادەملەرنىڭ خاتالىقلىرى ،بىپەرۋالىقلىرى ،مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرى  شۇنداقلا چۈشكۈنلۈكلىرى ھەققىدە شائىرلارنىڭ يېزىپ قالدۇرغان خاتىرلىرىدۇر.مەيلى شەخىسنىڭ ئازابلىرى بولسۇن ياكى كوللىكتىپنىڭ ئازابلىرى بولسۇن ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنگە يەتكۈزمەكچى بولىدىغىنى تىراگىدىيە دەپ ئاتالغان ئازاب تۇيغۇسىدۇر. ئادەتتە ئوقۇرمەنلەر ئادەملەرنىڭ يۈرىكىنى تىتىرتىپ روھىنى زىلزىلىگە سالغۇدەك تىراگىدىيىلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن «مەن بۇ ئەسەردىكى تىراگىدىيىلىك كەيپىياتتىن ئاجايىپ ئىستىتىك زوققا ئېرىشتىم »دەپ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىدۇ.بۇ يەردە دېيىلگەن ئىستېتىك زوق ھەم شۇنىڭغا يېقىندىن ماسلىشىدىغان تىراگىدىيىلىك لەزەت زادى قانداق تەسىرات ياكى قانداق سىزىم؟ئەمىلىيەتتە كىتابخاننىڭ تىرىگىدىيىلىك ئەسەرلەردىن ئالىدىغان ئىستېتىك لەززەت دەپ ئاتالغان تەسىرات ياكى سىزىمنىڭ ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا ئېرىشىدىغان تەسرات ياكى سىزىمىدىن پەرىقلىنىدىغان يېرى يوق.ئادەم ئالدىراپ مېڭىپ بەدىنىنى ئىشىككە ياكى بىرەر يەرگە ئۇرىۋالسا ئادەم ئاغرىق ھېس قىلىدۇ،ئادەم بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ھوزۇر ھېس قىلالمايدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم تىراگىدىيىلىك شىئېرلار ئوقۇش ئارقىلىق ئالىدىغان تەسىراتى ئىستېتىك لەززەت ئەمەس ئەكسىچە ئازاب ۋە قايغۇدۇر.تىراگىدىيە دېمەك ئازابتۇر،ئازابلىنىش بولسا خۇشال بولۇش ،زوقلىنىشنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر تەسىراتتۇر.«تىراگدىيىلىك ئەسەرلەردىن ئىستېتىك زوق ئېلىش»-بۇنداق دېيىش ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆز تەسىراتى ياكى ھېسياتىنى خاتا بايان قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئاشۇنداق تىراگىدىيىلىك ئەسەرلەرنىڭ ئادەمنىڭ قەلبىدە قوزغايدىغان تەسىراتى ياكى ئوي پىكىرلىرى باشقا مەزمۇندىكى ئەسەرلەرگە قارىغاندا ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ،ئۇنداق ھالەتتە پەيدا بولىدىغان ھېسيات لەززەت ياكى ھوزۇر بولماستىن ئەكسىچە ئازاب ياكى قايغۇدۇر.ھەممىمىز بىلىمىزكى ئازاب ۋە قايغۇ بىلەن لەززەت ۋە ھوزۇر دېگەن سۆزلەرنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىلىرى بىر-بىرىدىن ئاسمان-زېمىن  پەرىقلىنىدىغان ،ئۆزئارا ئەكسىچە ئۇقۇمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سۆزلەردۇر.ئادەملەر ئادەتتە ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە قىلغان خىلمۇخىل ئىشلىرى ئارقىلىق ھېسيات جەھەتتە كۈچلۈك قوزغىلىشقا ،ھاياجانغا ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ،بۇ خىل قوزغىلىشلاردا ئادەملەر ھوزۇرغا ئېرىشكىنى ئۈچۈن ،تىراگىدىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۆزىدە قوزغالغان كۈچلۈك كەيپىياتنى شۇ سەۋەپتىن«ھوزۇر» دەپ خاتا قارىۋالغان .تىراگىدىك ئەسەرلەرنىڭ ئادەمنىڭ قەلبىدە قوزغايدىغىنى ئېنىقلا ئازابلىق ھەم قايغۇلۇق كەيپىيات.مەن مۇتلەق جەزىملەشتۈرىمەنكى قولىغا يىڭنە سانچىلسا ھېچكىم ھوزۇر ھېس قىلالمايدۇ،ئەكسىچە ئازاب ئاغرىق ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئازاب –ئوقۇبەت ۋە ئېچىنىشلىق تەقدىر-قىسمەتلەر ھەم قايغۇ –ئەلەملەر ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەرنىڭ كىتابخانىلارنىڭ قەلبىدە قوزغايدىغىنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش نەرسىلەر –ئازاب ۋە قايغۇ ئەلەم.بۇ ئىنسان تەبىئىتىگە ماس ھەم ئۇيغۇن بولغان ئىنتايىن بىر تەبىئىي نورمال ئەھۋال. بىراق ئادەمنىڭ قولىغان يىڭنە سانچىلىپ كەتسە ئاغرىق،ئازاب ھېس قىلىدىغانلىغى ئۈچۈن يىڭنە سانچىلىپ كېتىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان ياكى قوغدايدىغان ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى شۇنچىلىك نورمال دەپ قارىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز قەلبىدە ئازاب ياكى قايغۇ-ئەلەم قوزغايدىغان تىراگىدىك ئەسەرلەرگە مەپتۇنلىغى ھەم بۇ ھەقتىكى چوڭقۇر ئىزدىنىشلىرى ھېچبىر ئادەمنى ھەيران قالدۇرمايدىغان بىر نورمالسىز نورمالنى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى.ئەزەلدىن ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار مۈنەۋەر شائىر ،ئازاب ،قايغۇ-ئەلەم ،ھەسرەت-نادەمەت ياكى نالۇ- پەرياد ئەڭ كۈچلۈك ،ئەڭ يارقىن ۋە چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن شېئىرلار ياخشى شېئىر دەپ قارىلىپ كەلدى.بۇنداق ئەسەرلەرنى ياخشى دەپ قاراش ،بۇ خىل كەيپىياتقا مەستانىلەرچە بېرىلىش خۇددى ئۆز بەدىنىگە يىڭنە سانچىپ قاناتقاندەك بىر ئىش تۇرسا ،كىشىلەر نېمە ئۈچۈن تىراگىدىيەدىن ئىبارەت يىڭنە ئارقىلىق ئۆز يۈرىكىىنى قانىتىشقا –ئۆزىنى ئۆزى ئازابلاشقا خۇشتار؟                                   
    بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئادەمدىكى ئازابنىڭ نېمىلىگى ۋە قانداق پەيدا بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت پىسخىكىلىق جەرياننى بايان قىلىپ
ئۆتسەك ، كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تىراگىدىك ئەسەر ئارقىلىق تەكرار ئازابلىنىشقا يۈگۈرەيدىغانلىغىنىڭ جاۋابى ئۆزلىگىدىن ئايان بولىدۇ.              مېنىڭچە ھازىرغىچە پىسخولوگىيىلىك ياكى روھ ھەم ئاڭغا مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيىلەرنى تىلغا ئالغاندا ئاۋىستىرىيەلىك روھىي ئانالىز تەلىماتىنىڭ
پىشۋاسى سىگمۇنىد فرېۇدنى تىلغا ئالماي ئۆتەلمەيمىز.فرېئۇد ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى (بۇ يەردىكى دېيىلگەن روھىي دۇنيا قەلىبنى،ئادەمنىڭ ئېڭىنى ياكى پىسخىك ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ)ئەسلى ئۆز،ئۆز ۋە ھالقىما ئۆزدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامغا بۆلگەن.ئەسلى ئۆز دېگىنى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلى تەبىئىي ھالەتتە مەۋجۇت بولىدىغان ئىنىستىنكىت دەپ ئاتالغان ياشاش ئىقتىدارى ،ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە جىنسىي ئىقتىدار دېگەندەك ئادەمدە تۇغۇلىشى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان ئىقتىدارلاردىن بولۇپ،بۇ ئىقتىدارلار ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلماستىن پەقەتلا پەقەت ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى ،ئۆز ئىستىكىنى ۋە ئۆز ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنىلا مەقسەت قىلىدۇ.ھالقىما ئۆز بولسا پۈتۈنلەي ئىجتىمائىيلاشقان ئەقلىيلىك،لوگىكىلىق ۋە  رېئاللىق پىرىنسىپ ھەم مىزانلىرىنى تولۇق ئۆلچەم قىلغان ھەممىنى مىزان ۋە ئۆلچەملەر بىلەن تەكشۈرۈپ چەكلەپ تۇرىدىغان ئىقتىدار.ئەسلى ئۆز بىلەن ھالقىما ئۆز ئاساسەن پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ھالەتتە بولۇپ،ئەسلى ئۆز ئۆز ئىستىكىدىن باشقا ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمايدىغان ياۋايى ھايۋان،ھالقىما ئۆز بولسا ئۆزىنى چەكلەشتە چېكىگە يەتكەن بىر ئەۋلىيا.ئۆز بولسا دەل ئەسلى ئۆز بىلەن ھالقىما ئۆز ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرمىچىلىق قىلىپ ،ئەسلى ئۆزنى ئىستىكىنىڭ ئازراق بولسىمۇ قېنىشىغا كۆندۈرۈپ،ھالقىما ئۆزنى قائىدىلىرىنى ئازراق بوشاشتۇرۇپ مۇرەسسەلىشىشكە ئۈندەيدىغان بىر ئىقتىدار.مۇز تاغ نەزىريىسى بويىچە قارىغاندا ئادەمنىڭ ئېڭى خۇددى دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن مۇزتاغقا ئوخشايدۇ.مۇزتاغنىڭ دېڭىز يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ بىزگە كۆرۈنىدىغان قىسمى ئادەملەرنىڭ ئوچۇق ،ئاشكارا ئېڭىنى ئىپادە قىلسا ،مۇزتاغنىڭ دېڭىز سۈيىگە چۆكۈپ تۇرغان غايەت زور قىسمى ئوچۇق ئېڭىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىغا چۆكۈپ تۇرغان يۇشۇرۇن ئېڭىمىزنى (ئەسلى ئۆز ياكى ئاڭسىزلىغىمىزنى)ئىپادا قىلىدۇ.ئادەتتە بىز بەش سەزگۈ ئەزايىمىز( كۆرۈش سەزگۈسى ،ئاڭلاش سەزگۈسى،تەم سەزگۈسى ،پۇراش سەزگۈسى ۋە تېگىش سەزگۈسى)ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا مېڭىمىزدا تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى ئىدراك قىلىپ بىلىمىز،بۇ بىزنىڭ ئوچۇق ئېڭىمىزدا يۈز بېرىدۇ، بىز  بۇ بىلىش جەريانىنى ئېنىق ئاڭقىرىپ تۇرىمىز.بىراق بىز ئۆزىمىزنى چوڭقۇر ھەم ئىنچىكە كۈزىتىدىغان بولساق ئۆزىمىزدە بىز ئوچۇق ئېڭىمىز ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ باشقۇرالمايۋاتقان بىر كۈچ بارلىغىنى ،بۇ كۈچنىڭ بەدەن ئورگانىزملىرىمىزنىڭ فونكىتسىيىسىنى ،چۈش كۆرۈشىمىزنى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمىز دېگەندەك نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىمىزنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز.                                                        
     فرېئۇد ئۇل سالغان روھىي ئانالىز تەلىماتىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇر ،پىسخىلوگلار ۋە ئالىملارنىڭ تەتقىقات ۋە تەجىربە جەريانلىرى
ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ(ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ بۇ ئىقتىدارىنىڭ ھەرخىل ئەسەرلەردە ھەرخىل نام بىلەن ئاتىلىشى بار)ئادەمنىڭ بەدەن ئورگانىمزملىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ھەم فونكىتسىيىسىنى ،مىتابولىزىمىنى،ئادەمنىڭ ئىممونىت سېستىمىسىنى باشقۇرغاندىن سىرت ، ئادەمنىڭ غەلبە-مەغلۇبىيىتى،كېسەللىك ياكى ساغلاملىقىى شۇنداقلا پۈتكۈل تەقدىر قىستىنى كونتىرول قىلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى.ئادەمنىڭ ئازابى ياكى خۇشاللىقىنىمۇ مۇشۇ نەزىرىيىلەر ئارقىلىىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدىغان بولۇپ ،ئادەمنىڭ مەلۇم ئىشلاردىن ئازابلىنىشى ياكى ئازاب ھېس قىلىشى بىر پىسخىكىلىق ۋە فىزولوگىيىلىك جەريان بولۇپ ،ئازابنىڭ پەيدا بولۇش ،داۋاملىشىش ھەم يوقىلىشىنى ئاڭ ۋە يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشى كونتىرول قىلىدۇ.                                                         
    بۇ ماقالىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ئادەمنىڭ پىسخىلىق ھالىتى ياكى كەيپىياتى ھېسابلىنىدىغان ئازابنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قانداق
  داۋاملىشىدىغانلىغى ھەم شائىرلارنىڭ ئازاب ئېڭى ئارقىلىق شېئىرلارغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن كىتابخانىلارغا قانداق پىسخىك تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىغى ھەققىدە يۇشۇرۇن ئاڭ نەزىرىيىسى ئارقىلىق پىسخىلىق ئانالىز يۈرگۈزۈش ،شۇڭا يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ كۈچى ياكى ئىقتىدارى ھەققىدىكى نەزىيىلەر ھەققىدە بۇ يەردە كۆپ توختالمايمىز.                                         
     ئادەم قانداق ئازابلىنىدۇ؟                                            
    رېئاللىقتا ئازاب مەۋجۇت ئەمەس،ئازابنى ئادەملەر ئۆز ئېڭىدا ،قەلبىدە ياكى خىيالىدا خۇددى ياغاچچى بىر پارچە ياغاچ ئەكىلىپ ئۇنىڭدىن
ئورۇندۇق ياسىغاندەك ياساپ چىقىدۇ.                                                  
     بۇنداق دېيىشنىڭ ئاساسى نېمە؟                                       
    تۆۋەندىكى مىسال كەلتۈرۈلگەن ئەھۋالدىكى ئازابلىنىش ياكى قايغۇرۇشنى كۆرۈپ باقايلى.ئەمەت ئۆز يۇرتىدىن يىراق بىر جايدا خىزمەت بىلەن   
ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن يېقىن بىر ئادىمى ئۇ يوق ۋاقىتتا تاسادىپىي ھادىسە بىلەن قازا قىلىپ كەتتى.بۇ ئىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىككى خىل پەرىقلىق ۋاقىتتا خەۋەر قىلىندى دەپ مۆلچەرلەيلى.بىرخىلى ئۇنىڭ يېقىنى قازا قىلىپ كەتكەن شۇ كۈنى ئۇنىڭغا دەرھال خەۋەر قىلىندى.ئۇ يېقىن ئادىمنىڭ قازا قىلىپ كەتكەنلىگىدىن چوڭ يوقىتىش ھېس قىلىپ قاتتىق قايغۇرۇپ بەك ئازابلاندى...ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا ئەمەت يېراقتا بولغانلىغى ۋە بەك قايغۇرۇپ ئىشلىرىغا تەسىر يەتمىسۇن دەپ قارالغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگى خەۋەر قىلىنمىدى. ئەمەت ئالتە ئايدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ئۇ يېقىنىنىڭ قازا قىلىپ كەتكەنلىگىنى ئۇقۇپ بەك قايغۇرۇپ قاتتىق ئازابلاندى...بۇ ئىككى خىل پەرىقلىق ۋاقىتتا يېقىنىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئازابلىنىشتا ماھىيەتلىك پەرىق يوق،بىزنىڭ بۇنى بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويۇشىمىزنىڭ مەقسىتى پەقەت ئازابلانغۇچى «بۇ ئادەمنى بەك ئازابلايدۇ ياكى ھەسرەت چەككۈزىدۇ»دەپ قارىغان ئىشنىڭ (شۇنداق قارىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ )ئادەمنى بىۋاستە ئازابلىيالايدىغان ئالاھىدىلىك ياكى ھەرقانداق بىر تەسىر بېرىش شەكلىنىڭ ھەم كۈچىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلاش.ئەمەت يېقىن ئادىمى ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى خەۋەر قىلىنمىغانلىغى ئۈچۈن ھەم «ئۇ يېقىنىمنىڭ ئۆلۈمى بەك قايغۇلۇق ئىش بولدى،مەن بۇنىڭدىن بەك ئازابلىنىمەن»  دەپ ئويلاپ ئۆزىگە ئازابلىنىش بۇيرىقى بەرمىگەنلىگى ئۈچۈن ئازابلانمىدى.ئەمەت ئالتە ئايغىچە –يېقىنىنڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگىدىن خەۋەر تاپمىغۇچە ،ئوچۇق ئېڭىدا ئازاب ۋە قايغۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا ئۇچۇر ياكى بىشارەت بەرمىگەچكە ئازابلانمىدى.ئەمىلىيەتتىمۇ ھەرقانداق بىر ئادەم ھەرقانچە يېقىنى ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىسە ياكى بۇ شۇم خەۋەردىن خەۋەر تاپمىسا ئۆلۈم قايغۇسى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئاسماندىن توككىدە قىلىپ چۈشكەندەك ئۆزلىگىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ.بۇنىڭدىن شۇنى چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ،ئالەمدە ئادەملەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ يوقىتىش ھېسابلىنىدىغان ئۈلۈم بولسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق بىر ئىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئادەمنىڭ ئۆز ئېڭىنىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق دەھشەتلىك بىر ئىش بولغان تەقدىردىمۇ ئادەمنى بىۋاستە ئازابلىيالايدىغان تەسىر كۈچى ياكى مەلۇم بىر ئىش ھەم ھادىسە ۋە شەيئى مەۋجۇت ئەمەس.                                                         
     شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر روھىي ئازاب ئۇ ئادەمنى قانداق شەكىلدە ، قانداق ۋاقىتتا ياكى قانداق ھالەتتە ئازابلىغان بولۇشىدىن قەتئىي
نەزەر،ئۇ باشقا ئادەملەر تەرىپىدىن ياكى مەلۇم بىر خىل سىرتقى  كۈچ تەرىپىدىن پەيدا قىلىنماستىن بەلكى ئازابلانغۇچىنىڭ ئۆز قەلبىدە ،ئېڭىدا ۋە روھىي ئالىمىدە پەيدا قىلىپ ياساپ چىقىلىدۇ.                                                     
   بۇ يەرگە كەلگەندە بەزىلەرنىڭ «ئەمىسە ئادەم يېقىن ئادىمى ئۆلۈپ قالغاندا ،ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ،ئارزۇ-ئارمانلىرى بەربات
بولغاندا قانداقمۇ ئازابلانماي تۇرغىلى بولسۇن.سىزنىڭچە قانداق قىلغاندا ئازابتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟»دەپ سورىغۇسى كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ،ئادەم ئازابلىنىشقا توغرا كەلگەندە ئازابلىنىش نورمال ئەھۋال،ئەكسىچە يېقىن ئادىمى ئۆلۈپ قالغاندا ئۇنىڭ بېشىدا كۈلۈپ ئولتۇرۇش ئىنتايىن نورمالسىزلىق.بىراق ئازابنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋىتىش ،سوزىۋىتىش ھەم ئۇنى بىر ئىستېتىك لەززەت قاتارىدا كۆرۈش ئىنتايىن نورمالسىزلىق،ھەتتا ئىنتايىن قورقۇنچلىق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان بىر خاتالىق.چۈنكى چوڭقۇرلاشتۇرىۋىتىلگەن،سوزىۋىتىلگەن ۋە دائىم ھېس قىلىنىدىغان ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈن قورقۇنچلىقكى توختىماي داۋاملىشىدىغان ئازاب تۇيغۇسى بەدەن ئورگانىزملىرىدا زىيانلىق ئاجرالمىلارنى پەيدا قىلىدۇ،بۇ خىل ئاجرالمىلار داۋاملىق ئاجرىلىپ چىقىش جەريانلىرى ئارقىلىق بەدەن ئورگانىزملىرىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ،بەدەن ئورگانىزملىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىىش ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى چىكىندۈرۈپ ، ئادەمنى بەختسىزلىككە مەھكۈم قىلىدۇ.بەلكىم ئوقۇرمەنلەر بىلىشى مۇمكىن،بىز ئۇيغۇرلاردا بەك يىغلاڭغۇلۇق ھەم قەغىشلىق قىلىپ كېتىدىغان بوۋاقلارنى ئاتا-ئانىسىغا بەخىتسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ،ئسىمىنى يۆتكەپ باقىدىغان ياكى بالىنى ياتقۇزىدىغان ئۆينى ئالماشتۇرۇپ باقىدىغان ئادەتلەر بولىدىغان.بۇ ئادەت رۇشەن ھالدا ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى بىلەن ئالاقىدار بولغان بىر پىسخىلىق تونۇش بولۇپ ،بۇ ئازاب ئادەمنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ دېگەن قارىشىمىز بىلەن ماھىيەتلىك ئورتاقلىققا ئىگە.
    مەن ئەمدى ئازابنىڭ قانداق بولۇپ ئادەمنىڭ بەدىنى ھەم بەدەن ئورگانىزملىرىنى زەئىپلەشتۈرۈپ،قانداق قىلىپ ئادەمنى بەختسىزلىككە دۇچار
  قىلىدىغانلىقى ھەقققىدىكى ئاساسىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتەي.                  
   ئازابلىنىش ئالدى بىلەن پىسخىلىق ھالەت.ئازابنى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاڭ جەھەتتىكى تونۇش ،ھېسسى جەھەتتىكى ھېس قىلىش جەريانىدىن
ئىبارەت بىر پىسخىلىك پائالىيەت مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.ئادەم ئازابلانغان ۋاقىتتا ئازاب ئالدى بىلەن ئاڭدا ئويلاش شەكلىدە پەيدا بولۇپ ،بۇ پاسىپ ئۇچۇرلار بەدەن ئورگانىزىملىرىنىڭ فونكىتسىيىسىنى باشقۇرىدىغان يۇشۇرۇن ئاڭغا يېتىپ كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يۇشۇرۇن ئاڭ بەدەن ئورگانىزىملىرىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ بەدەن ئورگانىزملىرىدا خېمىيىلىك ئۆزگىرىش جەريانلىرى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان بەزى سۇيۇقلۇقلارنى ھاسىل قىلىپ ئادەمدە بىئاراملىق سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ.ئازاب ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش پاسىپ كەيپىياتلار نەتىجىسىدە ئاجرىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇقلار ئادەم بەدىنىدىكى ئورگانىزملارنىڭ فونكىتسىيىسىنى بۇزۇپ تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئادەمدىكى كېسەللىك ھالىتىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.مەن بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر ئەمىلىي ئەھۋالنى تىلغا ئېلىپ ئۆتسەم دوستلار ئاڭدا پەيدا بولغان ئوينىڭ قانداق قىلىپ ئورگانىزملاردا زىيانلىق خېمىيىلىك ئاجرالمىلارنى ئاجىرتىپ چىقىرىپ ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغانلىغىنى ئوڭايلا ھېس قىلىپ ياكى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.ئادەتتە ئادەملەر ئۇسساش ھېس قىلغاندا «ئاۋۇ بوتۇلكىدىكى سۇنى ئېلىپ ئىچەي»دەپ ئويلاش ئارقىلىق پۇت-قولىنى ھەركەتلەندۈرۈپ بېرىپ بوتۇلكىدىكى سۇنى ئېلىپ ئىچىپ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرىدۇ. يەنى ئادەم پۇت-قولى دېگەندەك مەلۇم ئەزا ھەم بەزى ئورگانىزىملىرىنىڭ بەزىبىر خىل ھەركىتىنى ئۆزىنىڭ ئوچۇق ئېڭى ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە كونتىرول قىلالايدۇ.بىراق ئادەم ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ،قان بېسىمىنى ھەم تەر بەزلىرىنىڭ تەر ئىشلەپ چىقىرىشى ۋە مىتابولىزىم دېگەندەك باشقا نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ فونكىتسىيىسىنى ئىدارە قىلالمايدۇ.ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە يۇشۇرۇن ئاڭ يېتەكچىلىك قىلىدۇ.مۇنداق ھالەتتىكى يۇقارقى ئەھۋالدا بەدەن ئەزالىرىڭىز ھەم بەدەن ھالىتىڭىزدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىغىنى تەسەۋۇر قىلىپ كۆرەيلى:سىز يولدا كېتىۋىتىپ بىر دوقمۇشتىن قايرىلدىڭىز، دەل شۇ ۋاقىتتا لىققىدە يۈك بېسىلغان بىر ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسى قاتتىق سىگىنال باسقىنىچە ناھايتى تېز سۈرەتتە سىزتەرەپكە قايرىلىپ ،ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان بىر قورقۇنىچلىق ھالەتتە شىددەت بىلەن سىزگە قاراپ كەلدى.سىز قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىغىڭىزنى ھېس قىلىپ قورقۇنچ ئىچىدە قېقىپ قويغان قوزۇقتەك قاتقىنىڭىزچە كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ قالدىڭىز.ۋۇجۇدىڭىز يېنىككىنە تىترەپ كەتتى.تىترەكلىرىڭىز ئاخىرلاشماي تۇرۇپ بىر كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۈزىڭىزنى سىپاپ ئۆتۈپ كەتكەنلىگىنى سېزىپ،ھايات قالغان ئوخشايمەن ،دەپ ئويلاپ كۆزىڭىزنى ئېچىپ ھېلىقى ماشىنىنىڭ سىزدىن خىلى ئۇزاپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ «ئوھ»دەپ چوڭقۇر نەپەس ئالدىڭىز.بۇ ۋاقىتتا ھەرقانداق بىر ئادەم دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈتمەستىن بەدىنىدىكى مۇنۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەم ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ:بۇنداق ھالەتتە ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ ،يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ پىشانىسى سوغۇق تەر بىلەن نەمدىلىدۇ.بۇ سىزنىڭ «بۇ ماشىنا مېنى سوقىۋىتىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم»دەپ ئويلىغان قورقۇنچقا تولغان ئويىڭىزنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزغا شۇنداق ئۇچۇر ياكى بىشارەت بەرگىنى ئۈچۈن ،بەدەن ئورگانىزملىرىڭىزنى ۋە ئۇلارنىڭ فونكىتسىيىسىنى كونتىرول قىلىدىغان يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئېڭىڭىزدىن يېتىپ كەلگەن بىشارەتكە ماسلىشىپ پەيدا قىلغان ئاقىۋىتى.بۇ مىسالدا كۆرسىتىلگەن بەدەن ئەزالىرىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن ئۈزلۈكسىز يېتىپ كېلىۋاتقان ئوي-خىياللاردىكى ئازابلىنىشنىڭ بىشارىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ بەدەندە پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋىتىنىڭ ماھىيتى ئوخشاش بولۇپ ،بىز شېئىر بولسۇن ياكى باشقا بىر سەۋەپ ،ۋاستە ئارقىلىق ئېرىشىدىغان بارلىق ئازاب،قايغۇ-ئەلەم ۋە ھەسرەت-نادامەتلەر باشقا ھەممە پاسىپ سەلبىي ئوي-خىيال ۋە ئىدىيىگە ئوخشاش بىزنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلىقىمىزغىلا ئەمەس،يەنە بەدىنىمىز ۋە ئورگانىزىملىرىمىزنىڭ نورمالنى ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.تەڭپۇڭلىغى بۇزۇلغان ياكى كېسەللەنگەن ئورگانىزملار نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ-دە، ئەقلىي ئىقتىدارى ياكى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئەمدى بۇ ئەقلىي ئىقتىدارى ياكى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىغىنى داۋاملىق تەسەۋۇر قىلىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق.                                
       مەن يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئازاب ھەرقانداق بىر ئازابلانغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيتى،ئادەم ئازابلىنىشنى ئويلىماي ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسە،
ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنى ئازابلىق ئوي-خىياللار بىلەن بىشارەتلەش ئارقىلىق ئۇنى ئازابلىنىش پىروگىراممىسى بىلەن پىروگىراممىلىۋەتمەي ئاكتىپ يۆنىلىشتە بەختكە پىروگىراممىلىسا ئادەم ھېچ بولمىغاندا ئازابتىن ،بەختسىزلىكتىن يىراق تۇرىدۇ.   
       ئادەمنىڭ بەدىنى ۋە ئورگانىزملىرىنى ،تەقدىر قىسمىتىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغان يۇشۇرۇن ئاڭ مەلۇم ئەھۋالدا يەنىلا بىر سىرلىق كۈچ.ئۇ ئۆز
نۆۋىتىدە يەنە ئادەملەرنىڭ ئەستە ساقلاش ئىسكىلاتى.ئادەمنىڭ تۇغۇلغىنىدىن ئۆلگىچە بولغان بارلىق جەرياندىكى بەش سەزگۈ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئېڭىغا كىرىپ كەلگەنلىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسە يۇشۇرۇن ئاڭدا تولۇقى بىلەن ساقلىنىدۇ.دەل يۇشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان مۇشۇ ئۇچۇرلار خۇددى كومپىيوتىرلارنىڭ پىروگىراممىسىدەك ئادەملەرنىڭ ياشاش پىروگىراممىسىغا ئايلىنىدۇ،ئادەملەر ئۆزى بىلمەستىن ئۆزىنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىگە ئالدىنئالا ئىچىپ قويۇلغان يولغا-پىروگىراممىلانغان تەرەپكە ماڭىدۇ.ئەلۋەتتە ،ئادەمنىڭ ئېڭىدا كۆپ تەكرارلانغان ئوي-پىكىرلەر ياكى خىيال تەسەۋۇرلار  ئەڭ كۈچلۈك ياكى ئەڭ تېز ئىجرا قىلىنىدىغان پىروگىراممىغا ئايلىنىپ ئەڭ تېز رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ چىقىرىدىغىنى «تارتىش كۈچىنىڭ قانۇنىيىتى»بولۇپ ،ئەگەر يۇشۇرۇن ئاڭغا ئاڭ ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز كىرىپ كېلىدىغان ئۇچۇرلار ئازاب ،بەختسىزلىك، قايغۇ، ئۈمىدسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىش،  ھەسەتخورلۇق،ئۆزىنى كەمسىندۇرۇش ،ۋاز كېچىش ،مەغلۇبىيەت ،نەپرەت، ئاجىزلىق ،ئىلاجىسىزلىق  ... دېگەندەك پاسىپ ،سەلبىي ئۇچۇرلار بولىدىكەن ،ئۇنداقتا يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا ،رېئاللىقىغا دائىم تارتىپ ئەكىلىپ بېرىدىغان نەرسىلەر ئاشۇ ئادەمنى بەختسىزگە ئايلاندۇرىدىغان قىسمەتلەر بولىدۇ.يۇشۇرۇن ئاڭ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا ،ئېڭىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا يۇشۇرۇنغان بىر تەڭداشسىز كۈچكى ،ئادەمنىڭ بەختلىك ياكى بەخىتسىز بولۇشى ،ساغلام ياكى كېسەلچان بولۇشى ،غالىب ياكى مەغلۇبىيەتچى بولۇشى شۇنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.يۇشۇرۇن ئاڭ ھەم مۇستەقىل ھەم ئادەم بىلەن چوڭقۇر باغلانغان بىر كۈچ.ئۇ قوبۇل قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئۇچۇرنى ئادەمنىڭ ئېڭى ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ،ئۇنىڭ قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلىرى ئىجابىي ياكى سەلبىي بولسۇن ئىجرا قىلىۋىرىدۇ.ئۇنىڭ قەتئىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يوق ،ئۇ ئەقىلىي ھۆكۈم ياكى لوگىكىلق ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ، كىرگۈزۈلگە ئۇچۇر توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن ئۇ ئىجرا قىلىۋىتىدۇ.شۇڭا ئادەم ئوچۇق ئېڭىدىن ئازابلىق ئوي-خىياللارنى ئۆتكۈزىۋەرسە، ئازابلىق كارتىنىلارنى تەسەۋۇر قىلىۋەرسە ئۇنداق ئادەمنىڭ ھاياتىغا ،تەقدىرىگە ھەم قەلبىگە ھەم تېنىگە كىرىپ كېلىدىغان نەرسىلەر دەل ئاشۇ نەرسىلەر بولىدۇ.سىز ئويلىغان نەرسىلەرنى، سىز خىيال قىلغان نەرسىلەرنى يۇشۇرۇن ئاڭ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز دەپ بىلىپ ئىجرا قىلىشقا، ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا باشلايدۇ.شۇ سەۋەپتىن بەزى پىسخولوگلار يۇشۇرۇن ئاڭنى «گىگانىت بوۋاق»دەپ ئاتايدۇ-ئۇ بىر بوۋاق ،ئەمما كۈچى تەڭداشسىز ،ئۇنىڭغا توغرا يېتەكچىلىق قىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزگە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىسىز.دىققەت قىلغانلار سەزگەن بولۇشى مۇمكىن كۈن بويى چىرايىدىن دەرت-ئەلەم ياغدۇرۇپ ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە ياشايدىغان بەزى ئادەملەر بار،بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆپىنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ.بۇ دەل ئۆلۈمنى ئەڭ كۆپ ھەم ئۈزلۈكسىز ئارزۇ قىلغانلىغىنىڭ نەتىجىسى.  ئەگەر بىر شائىر(ياكى ھەرقانداق بىر سەنئەتكار)ئازابنى ئۈزلۈكسىز ئويلايدىكەن ئازابلىق تەقدىر-قىسمەتكە ۋە ئازابلىق ھېسياتقا ئۈزلۈكسىز ئېرىشىدۇ،چۈنكى ئۇ توختىماستىن ئازابنى ئويلاش ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئېڭىنى ئازاب بىلەن پىروگىراممىلايدۇ-دە،ئۇنىڭ ئەتراپىغا ۋە ھاياتىغا ئازاب ئۈزلۈكسىز تارتىلىپ كېلىدۇ.شۇنىسى ئېنىقكى يۇشۇرۇن ئاڭ ئاكتىپ ئىجابى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا پاسىپ سەلبىي ئۇچۇرلارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ ئەمىلىيەتكە تېز ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.ئەسلىدە يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ ماھىيىتى ئادەمنى قوغداش ،ساغلاملىققا،بەختكە ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش.بىراق ئادەملەر بۇ دۇنياغا تۇغۇلغىنىدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز نورمال ،ئىجابىي خىزمەت قىلىۋاتقان يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ فونكىتسىيىسىگە ئىزچىل بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ئۇنىڭغا توختىماستىن پاسىپ سەلبىي ئۇچۇرلارنى بىرىپ ئۇنىڭ ھەركەت قىلىش يۆنىلىشىنى مەلۇم دائىردە ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى ،بىرىنچىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆز ۋۇجۇدىدىكى يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھەم خىزمەت پىرىنسىپىنى بىلمەيدۇ، ئىككىنچىدىن،ئادەم ئازابلانمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلاردا ئازابلىنىدۇ، نەپرەتلىنىشكە تىگىشلىك بولمىغان ئىشلاردا نەپرەتلىنىدۇ،ئۈمىدسىزلىنىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلاردا ئۈمىدسىزلىنىدۇ،ئۆزىنىڭ يۇشۇۇرن ئىقتىدارىنى بىلمەي ياكى بايقىيالماي ئۆزىنى كەمسىتىدۇ.ئاددىسى بىزنىڭ ئانىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدىن سىقىلىپ قىينىلىپ بۇ دۇنياغا تۇغۇلىشىمىزنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىمىزنى بۇ ھايات ئازاب-ئوقۇبەتلىك دەپ بىشارەتلىشىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالىدۇ.بىز قىلچە ئەھمىيتى ياكى زۆرۈرىيىتى يوق تۇرۇپمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى پاسىپ سەلبىي نۇقتىدىن ئويلاپ قاراپ چىقىمىز .                                                                  
      ئاشىق مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىدىن جۇدا بولۇش ئازابىغا قاراپ چىقايلى.
    بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بىر جۇپ ياش توختىماستىن بىر-بىرىگە تەشنا بولىدۇ.چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككىيلەن توختىماستىن بىر-بىرىنى
ئويلاپ ،خىيال قىلىپ ۋە ھەرخىل ئىشلارنى تەسەۋۇر قىلىش ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئاڭىغا ئاكتىپ نۇقتىدىن بىشارەت بىرىش ئارقىلىق بەدەن ئەزالىرىدا جىنسىي ھورمۇن دېگەندەك ئادەمدە خۇشاللىنىش،ھوزۇرلىنىش،ھاياتى كۈچى جۇش ئۇرۇشتەك سىزىملەرگە ئىگە قىلىدىغان ئاجرالمىلارنى ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ.بۇ خىل ئاجرالمىلار ئاشۇق-مەشۇقلار قانچە يېقىنلاشسا ،قانچە ئۇزۇن بىرگە بولسا شۇنچە كۈچلۈك ئاجىرلىپ چىقىپ ئادەمنى شۇنچە خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.بۇ خىل ھالەت ناھايتى تېز ۋە ناھايتى كۈچلۈك ھالەتتە يۇشۇرۇن ئاڭغا بىر پىروگىرامما ھالىتىدە كىرىپ ئورنىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاشىق مەشۇقلارنىڭ كۆڭلى بىرگە بولۇش ئۈچۈن ناھايتى كۈچلۈك تەلپۈنۈش بىلەن تولۇپ تاشىدۇ.دائىم بىربىرى بىلەن بىرگە بولۇشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ.                                       
      ئاشىق-مەشۇقلار بىر بىرىدىن جۇدا بولۇشقاندا بولسا ئەمدى يالغۇز قالىدىغانلىغىنى،ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىغىنى ئويلايدۇ-دە،يۇشۇرۇن ئېڭىغا
پاسىپ ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك بەدەن ئورگانىزملىرىدىكى ئۆزىنى بىئارام قىلىپ ئازابلايدىغان ئاجرالمىلارنى ئاجىرتىپ چىقىرىش بىشارىتىنى بېرىدۇ.ئەسلىدە ئادەم ئۆزىنى مەلۇم بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسام خۇشال ھەم بەخلىك بولىمەن دەپ قاراپ پىروگىراممىلىغانلىغى ۋە يۇشۇرۇن ئېڭى ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان ئورگانىزملاردا جىنسىي ھورمۇن تۈرىدىكى ئادەمنى خۇشال ،بەختلىك ھەم جۇشقۇن سىزىدىغان ئاجرالمىلارنى ئاجىرتىپ چىقىرىدىغانلىغى ئۈچۈن بەختلىك ھېس قىلىدۇ.بەخت ياكى ئازاب سىزىمىنى ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپ بىۋاستە پەيدا قىلماستىن مەلۇم بىر ئوينى ئاڭدا پەيدا قىلىش ئارقىلىق ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.بەختمۇ بەخسىزلىكمۇ دەل ئويدىن ،خىيالدىن ياكى تەسەۋۇردىن يۇشۇرۇن ئاڭغا يېتىپ كەلگەن ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.ئەگەر بىر ياش جۇدالىق تەقدىرىگە چىداشلىق بېرەلمەي دائىم ئازابنى ئويلاۋەرسە ،خىيال قلىۋەرسە ئايىغى چىقماس ئازاب ئۇنىڭ قەلبىگە ئۈزلۈكسىز كىرىپ كېلىۋىرىدۇ، قاتمۇقات بەختسىزلىك تۇيغۇسى خۇددى يۇقۇرى قەۋەتلىك بىناغا چىقىدىغان پەلەمپەيگە ئوخشاش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ئۇنى ئازاب چوققىسىغا ئېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىڭىز كېرەك، بىرئادەمنىڭ يارىدىن ئايرىلىپ قالغانلىتىن ياكى باشقا ھەرقانداق بىر ئىش سەۋەبىدىن ئازابلىنىشىنىڭ قىلچە قىممىتى ،ئەھمىيىتى ياكى ئاكتىپ ھالەتتىكى ئىجابىي رولى مەۋجۇت ئەمەس.بەخت سىزنىڭ سىرتىڭىزدا ئەمەس سىزنىڭ ئىچىڭىزدە ،قەلبىڭىزدە ھەم ئويىڭىزدا.سىز سۆيگەن يارىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىپ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر سەۋەپ تۈپەيلىدىن ئازابقا دۇچار بولغىنىڭىزدا ئاقىلانە تاللىشىڭىز ئويىڭىزنى ھەم دىققىتىڭىزنى باشقا سىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارغا بۇراشتۇر.                                                                  
    ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ئۇلار دائىم ئۆزىنىڭ ئازابىغا تىكىلىپ تۇرىۋالىدۇ،توختىماستىن جاراھىتىنى كوچىلاپ
ئۇنىڭ ساقىيىۋىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرمەستىن ئۇنى كېڭەيتىدۇ.يۇشۇرۇن ئېڭىنى ھەردائىم ئازابلىنىش پىروگىراممىسى بىلەن پىروگىراممىلايدۇ ۋە ئازابلىق ئوي ھەم تەسەۋۇرلارنىلا ئەمەس ئازابلىق ھاياتلىق قىسمەتلىرىنى ئۆزىگە ئۆزلۈكسىز چاقىرىپ كېلىدۇ.ئاقىۋەتتە ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار(ھەم باشقا تۈردىكى سەنئەتكارلار) پىسخكىلىق نۇقتىدىن تاپىنىدىن چوققىسىغىچە ،ئىچىدىن تېشىغىچە پۈتۈنلەي تامامەن ئازابتىن پۈتكەن بىر غەيرى مەخلۇققا ئۆزگىرىپ قالىدۇ.ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا قالمايدۇ،ئۆزلىرىچە ئەڭ قالتىس ھېسابلىنىدىغان ئازاب ئېڭى بىلەن تولغان ئەسەرلىرىنى –يەنى بىر خىل مەنىۋى زەھەرلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىغا چېچىشقا باشلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئازاب ۋە بەختسىزلىك بىلەن بىلىپ بىلمەي ئۆزىنى پىروگىراممىلايدىغان كىشىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ.ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شىئېرلار (ھەم باشقا سەنئەت ئەسەرلىرى)دىن ئالىدىغان ئىستىتىك لەززەت دەل ئازابلىنىشتۇر  .ھەسرەت-نادامەتكە تولغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىدىغان ئىجادكارلار بىلەن ئۇنىڭدىن« ھوزۇر» ھېس قىلىدىغان كىتابخانىنىڭ ئۇلارغا بولغان ھېرىسمەنلىكى زادى نېمە سەۋەپتىن؟                                                      
      بۇنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.بىرىنچىدىن ،بىزنىڭ ئۆزلىكىمىز ياكى پىسخىكىمىز ھەققىدىكى بىلىملىرىمىزنىڭ يېتەرسىزلىگىدىن  
، توختىماستىن ئازابلىق ئىشلارنى ئويلاش ياكى شۇلارغا تىكىلىپ تۇرىۋىلىش ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئېڭىمىزنى ئازابتىن ئىبارەت پاسىپ نەرسە بىلەن پىروگىراممىلاپ قويىدىغانلىغىمىزنى بىلمىگەنلىگىمىز سەۋەبىدىن.بولمىغىنىدا قولىنى سوزۇپ ئالماقچى بولغىنىنىڭ ئەتىر گۈل ئەمەس تىكەن ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ قولىنى يىغىۋىلىشنى بىلىدىغان ،ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر قوغلىشىدىغىنىنىڭ بەختسىزلىك ئەمەس بەخت ئىكەنلىگىنى بىلىدىغان ئادەملەر ئازابنى ئويلاش ياكى تاسەۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئازابنى ئۈزلۈكسىز تارتىپ ئەكىلىدىغانلىغىنى بىلگىنىدە قەلبى ئازاب بىلەن تولغان داڭلىق سەنئەتكار بولۇشتىن كۆرە ،ھېچكىم بىلمەيدىغان قەلبى بەخت بىلەن تولغان بىر بەختىيار ئادەم بولۇشنى تاللىشى چوقۇم ئىدى. ئىككىنچىدىن ،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلمەستىن پاسىپ ئۇچۇرلار بىلەن بىشارەتلەپ پىروگىراممىلىۋەتكەن يۇشۇرۇن ئېڭىنىڭ كونتىرولىغىغا چۈشۈپ قالغانلىغىدىن. چۈنكى ئۈزلۈكسىز پاسىپ ئۇچۇرلار بىلەن پىروگىراممىلىنىپ كەتكەن يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ قىلىدىغىنى شۇنداق نەرسىلەرنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۈزلۈكسىز تارتىپ ئەكىلىش. ئۈچىنچىدىن ،كىشىلەر ئارىسىدا ،بولۇپمۇ شائىر،سەنئەتكار ئارىسىدا يۇشۇرۇن ئومۇملىشىپ قالغان «ئازاب –ئوقۇبەتلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق مۇكەممەلىشىش» خاھىشىدىن بولغان دەپ ھېسابلايمەن.بۇ يەردىكى « ئازاب –ئوقۇبەتلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش»مېنىڭ بىلىشىمچە بىرەر كىشىنىڭ ياكى بىرەر ئىدىيىنىڭ چاقىرىقى ئەمەس.بۇددا دىنىدا ئازاب –ئوقۇبەتتە تاۋلىنىپ سانسارا بولۇپ بۇتساتۋاغا  ئايلىنىش قارىشى بولسىمۇ بۇ خىل ئىدىيىۋى قاراش نوقۇل بۇددا دىنىڭلا تونۇشى ئەمەس.                                   
      نۇرغۇن كىشىلەر ،بولۇپمۇ تىراگىدىك ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار ياكى سەنئەتكارلار شۇنداق قارايدۇ:قانچە بەك ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە شۇنچە بەك
  تاۋلىنىدۇ، شۇنچە بەك پىشىدۇ،شۇنچە ئەقىللىق ھەم قەيسەر بولىدۇ.پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ۋە ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىتىنى شۇنچە تېز ،شۇنچە ئېنىق ۋە شۇنچە چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ،مۇكەممەلىككە ياكى ئەۋلىيالارچە يۈكسەكلىككە شۇنچە يېقىنلىشدۇ.مېنىڭچە بۇ بەكلا مۇتلەقلەشتۈرىۋىتىلگەن بىر خىل خاتا قاراش.ئازابلىنىشنىڭ خۇشاللىنىشنىڭ ئادەمگە نىسبەتەن قانداق ئەھمىيىتى بارلىغىنى بىلىۋىلىش، ئازابنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىغىنى بىلىۋىلىشقا يېتەكلەش دېگەندەك تەرەپلەردە ئەھمىيىتى بولسىمۇ بىراق دائىم ئادەمگە ئازاب ئەكىلىدىغان بۇ ھاياتتا يەنە ئۈزلۈكسىز تاۋلىنىش ياكى مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا چوڭقۇرلاپ چۈشۈش ئازاب ئېڭى كۈچلۈك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشتىن باشقا بىر ئادەم ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغىنى پەقەتلا بەخسىز ھاياتتۇر.ئازابلىنىش ئادەمنى ئۆزلۈكىنى بىلىش ھەققىدە مەلۇم ئويلارغا كەلتۈرسىمۇ لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىنى بىلىشىگە نىسبەتەن ئۇ ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ياكى سېستىمىلىق ئۇچۇر ياكى تونۇش بىلەن ئۇچراشتۇرالمايدۇ.ئازاب ئادەتتە ئادەمنى تاۋلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئادەمدە قالدۇرىدىغان تەسىرى يۇشۇرۇن ئاڭنى پاسىپ ئۇچۇر سۈپىتىدە كۈچلۈك پىروگىراممىلايدىغانلىغى سەۋەبىدىن سەلبىي تەرىپى تېخىمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئازاب(شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق پاسىپ سەلبىي ئۇچۇرلار-ئاڭ تەرىپىدىن خىيال قىلىنىپ ياكى تەسەۋۇر قىلىنىپ يۇشۇرۇن ئاڭغا يېتىپ كەلگەن) بەدەن ئورگانىزملىرىنى زەئىپلەشتۈرۈپ ئادەمنى كېسەللىككە گىرىپتار قىلىپ ،ئەقلىي ئىقتىدارىنى چېكىندۈرىدۇ.پىشىپ يىتىلىپ تاۋلىنىش ئۈچۈن،مەنىۋى يۈكسەكللىككە ئۆزلەپ تېخىمۇ مۇكەممەلىشىش ئۈچۈن ئۆزلۈكنى تونۇش ئەڭ توغرا يولدۇر.ئۆزلۈكنى تونۇشنىڭ ئەڭ موھىم بىر يولى بار،ئۇ بولسىمۇ ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىنىڭ ئادەمنىڭ بەدىنى ۋە بەدەن ئورگانىزىملىرنى،شۇنداقلا ئادەمنىڭ تەقدىر قىسمىتىنى قانداق ئىدارە قىلىدىغانلىغىنى چۈشىنىشتۇر.         
     ئەلۋەتتە رېئاللىقتا ئازاب مەۋجۇت ،بىراق شېئرلاردىكىدەك ئۇنداق چوڭقۇر ،ئۇنداق چەكسىز پۈتمەس تۈگىمەس ئەمەس.خۇددى قولىمىزغا تىكەن
  سانچىلىپ بىردەمدىن كېيىن ئاغرىقى يوقىلىپ كەتكەندەك ،ھەرقانداق بىر ئىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئازابنى دىققىتىمىزنى ،ئويىمىزنى يۆتكەش ئارقىلىق ئاسان قەلبىمىزدىن يوق قىلالايمىز.ئىنسانىيەت ھەرقانداق بىر سەۋەپ تۈپەيلىدىن ،ئۇ ھەرقانچە كاتتا ،ئۇلۇغ ئەسەر بولغان تەقدىردىمۇ ئازابقا مۇھتاج ئەمەس.ئاتا-ئانىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە قانچە ئازابلىنىپ ،قانچە قايغۇرۇپ ياش تۆككىنىمىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيتى يوق ھەم ئۇلارنى بۇنداق قىلىشىمىزنى ئارزۇ قىلمايدۇ.مەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ «بىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باللىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن ئارتۇقچە قايغۇرۇپ ھەسرەت چېكىپ يۈرمەستىن خۇشال-خورام ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»دېيەلەيدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.ئازاب ئادەمنىڭ ئاكتىپ ھاياتلىق ئېنىرگىيىسىنى ئۈزلۈكسىز خورىتىدىغان ھەرخىل پاسىپ ئېنىرگىيىلەرنىڭ بىر خىلىدۇر.                                                
    يۇقۇرقى بايانلار ۋە مۇھاكىملەر ئارقىلىق شۇنى جەزىملەشتۈرىمەنكى ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار (بارلىق تىراگىدىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغۇچى  
سەنئەتكارلار) ھەم تىراگىدىك ئەسەرلەرگە خۇشتار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى «ئۆزىنى ئازابلاش كېسىلى» ياكى پىسخىك بىنورماللىققا گىرىپتار بولغان ،ئۆزلىرى يەتكۈزگەن پاسىپ ،سەلبىي ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن پىروگىراممىلىنىپ كەتكەن يۇشۇرۇن ئېڭىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا چۈشۈپ قىلىپ ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىغىنى بىلەلمەيۋاتقان ،ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھتاج نەرسىنىڭ پىسخىك دوختۇر ئىكەنلىگىنى سەزمەيۋاتقان بىمار ئادەملەردۇر.                                 
    ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار بىر ئۆمۈر ئۆزلىرىنى خۇددى شامغا ئوخشاش كۆيدۈرۈپ «ئازاب »يورۇقلۇقىنى ئەتراپىغا چاچىدۇ،ئۇلارنىڭ
شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلىگىنىگە چۈشلۈك ئەتراپىدىكىلەرگە بېرەلەيدىغىنى پەقەت «ئازاب»يورۇقلۇقى بىلەن يورۇتۇلغان ئازابقا ئېرىشىش يولىدۇر.  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-14 00:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-14 12:53 AM  

مەنچە، يازغۇچىلاردىكى ئازاپ ئېڭى ئازاپنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان. تالانتلىق يازغۇچى ـ شائىرلار دۇنيانىڭ ماھىئىيەتلىك  مەسىلىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغۇچىلاردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازاپلىرى ئادەتتىكى پىسخىك ھالەتتىكى ئازاپتىن كۆپ دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنى مۇنداق سېلىشتۇرما  بىلەن چۈشەندۈرۈش مۈمكىن. ئادەتتىكى كىشىلەر، مۇنداقچە ئېيتقاندا، دوختۇر بولـمىغان كىشىلەر پۈتۈنسۈرۈك تەننىڭ ئىچىدىكى كېسەللىكنى كۆرەلـمەيدۇ. ئەمما دوختۇرلار تەننىڭ ئىچىدىكى كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرەلەيدۇ.
تالانتلىق كىشىلەر، مۇتەپەككۈرلەر ئەنە شۇنداق تارىخنىڭ، بۈگۈننىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان ۋە ئۇنى تېزرەك ساقايتىشنىڭ، ساقايتىپ تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ بەختلىك بىر ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ  چىقىدىغان ئادەملەردۇر. لېكىن رېياللىق ھامان ئۇلارنىڭ بۇ خىل گۈزەل ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىغا ھامان يېتىشەلـمەيدۇ، ھەتتا ئۇلار رېياللىق تەرىپىدىن ھەمىشە يەكلىنىشى مۈمكىن. مانا مۇشۇ نەرسىلەر يازغۇچى ـ شائىرلار ۋە مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ چىدىغۇسىز سىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ يازغۇچى ـ شائىرلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئازاپ قاتلىمىدۇر.   دۇنيا غايەت زور داكىلانغان بىر يارىداردۇر. قېنى كىم ئۇنداق ئەمەس دېيەلەيدۇ؟
   قەسىدىۋازلار، ئاتالـمىش ئۈمىدۋارلار دۇنيانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرەلـمەيدىغان قارىغۇلاردۇر .

ۋاقتى: 2016-2-14 21:25:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام نۇرمۇھەممەت!  
ماقالىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتكە قارشى مۇقامغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا توغرا كەلدى. بىراق، ئىنكاسىم قوپال كېتىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن «دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ (ئېيتار)» دېگەن ھىكمەتنى ئېسىڭىزگە سېلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئەمدى نەزىرىڭىزنى تۆۋەندىكىلەرگە ئاغدۇرۇپ باقارسىز:
1. ئازاب ھەرقانداق بىر ئازابلانغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيتى. ئادەم ئازابلىنىشنى ئويلىماي ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسە، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى ئازابلىق ئوي-خىياللار بىلەن بىشارەتلەش ئارقىلىق ئۇنى ئازابلىنىش پروگراممىسى بىلەن پروگراممىلىۋەتمەي ئاكتىپ يۆنىلىشتە بەختكە پروگراممىلىسا ئادەم ھېچ بولمىغاندا ئازابتىن، بەختسىزلىكتىن يىراق تۇرىدۇ.
2. ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار (ھەم باشقا تۈردىكى سەنئەتكارلار) پىسخىكىلىق نۇقتىدىن تاپىنىدىن چوققىسىغىچە، ئىچىدىن تېشىغىچە پۈتۈنلەي-تامامەن ئازابتىن پۈتكەن بىر غەيرى مەخلۇققا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا قالمايدۇ، ئۆزلىرىچە ئەڭ قالتىس ھېسابلىنىدىغان ئازاب ئېڭى بىلەن تولغان ئەسەرلىرىنى–يەنى بىر خىل مەنىۋىي زەھەرلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىغا چېچىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئازاب ۋە بەختسىزلىك بىلەن بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنى پروگراممىلايدىغان كىشىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ.
3. ئەدەبىيات-سەنئەت قاراشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بارلىكى ئادەملەرگە ئايانكى، تارىختىن بېرى ئەڭ مۈنەۋەر، ئەڭ كۆپ، ئەڭ كەڭ تارقالغان ھەم يۇقىرى باھا بېرىلگەن نۇرغۇن ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ كۆپى دېگۈدەك ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرى ۋە ئازاب–ئوقۇبەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ياكى خاتىرىلىگەن ئەسەرلەردۇر. ئىستېتىك نۇقتىدىنمۇ «تىراگىدىيىلىك يۈكسەكلىك» نى قايسى دەرىجىدە ئىپادىلىيەلىگەنلىكى ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ بىر شېئىرغا ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىدە ھېس قىلغان تەسىراتىممۇ شۇ: ئاشۇ نالۇ-پەرياد، قايغۇ-ئەلەم، ھەسرەت-نادامەت، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە دادۇ-پىغان ئەڭ كۈچلۈك، ئاڭ يارقىن ۋە ئەڭ يېڭىچە ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر ئادەمدە ناھايتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، ئوقۇسا ئوقۇغۇسىنى كەلتۈرىدۇ، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەم قەلبىدە بىر كۈچلۈك سېزىم ۋە ھەرخىل تەسەۋۋۇرلارنى پەيدا قىلالايدۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىمدىمۇ نۇرغۇن ئوقۇرمەن ئاشۇنداق ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۆزىدە شۇنداق بىر چوڭقۇر ئازاب ۋە ھەسرەت-نادامەتتەك بىر سېزىملەرنى قوزغىيالىغان ئەسەرلەرنى «قالتىس يېزىلغان ئەسەركەن» دەپ ئويلايدۇ، شۇنداق ئەسەرلەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيدۇ.

1. يۇقىرىقى1-،2- ئۈزۈندە ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش مەنتىقىگە ئۇيغۇنمۇ؟
2. 3-ئۈزۈندىدىكى بايانلىرىڭىز ماقالىڭىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى بولغان «شائىرلار (ھەم باشقا تۈردىكى سەنئەتكارلار) دا ئازاب ئېڭى بولماسلىقى كېرەك» دېگەن تەرغىباتنى قۇۋۋەتلەمدۇ؟

ۋاقتى: 2016-2-14 03:26:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر روھىي ئازاب ئۇ ئادەمنى قانداق شەكىلدە، قانداق ۋاقىتتا ياكى قانداق ھالەتتە ئازابلىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ باشقا ئادەملەر تەرىپىدىن ياكى مەلۇم بىر خىل سىرتقى كۈچ تەرىپىدىن پەيدا قىلىنماستىن، بەلكى ئازابلانغۇچىنىڭ ئۆز قەلبىدە، ئېڭىدا ۋە روھىي ئالىمىدە پەيدا قىلىپ ياساپ چىقىلىدۇ.
تارىختىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كىشىلەر «ئۆز قەلبىدە، ئېڭىدا ۋە روھىي ئالىمىدە پەيدا قىلىپ ياساپ چققان» ئىكەن-دە؟! بۇ ئىنقىلابىي قارىڭىشىزنى يولداش سىتالىنغا ئوخشاشلار چوقۇم مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 16:14:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەسىدىۋازلار، ئاتالـمىش ئۈمىدۋارلار دۇنيانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرەلـمەيدىغان قارىغۇلاردۇر

بۇ ئىنقىلابىي قارىڭىشىزنى يولداش سىتالىنغا ئوخشاشلار چوقۇم مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

جۇلا بىلەن ئالاھىدىننى ھېچ بولمىغاندا نامىدىن بولسىمۇ بلەتتىم.سىلەرنىڭ يۇقارقى ئىككى جۈملىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنكاسىڭلارنى كۆرۈپ ،ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا دائىر ئويلار كاللامدا پەيدا بولغان بولسىمۇ ،ئەمما سىلەرنى تېخى چوڭ بولۇپ بولالماپتۇ دەپ قاراپ ،ئىنكاسىڭلارنىڭ مەزمۇنىغا ئىنكاس يېزىشتىن ۋاز كەچتىم.سىلەر كەمسىتىش ياكى مەسخىرە تۈسىنى ئالغان سۆزلىرىڭلار ئارقىلىق ئاساسلىرىڭلارنىڭ مېنىڭدىن كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ھەرگىزمۇ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيسىلەر،ئوي-پىكىرنىڭ ئاساسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلەشنىڭ پەقەت مۇنداق بىر يولىلام بار ،ئۇ بولسىممۇ ئوبيېكتىپ، سوغۇققان ئىلمىي پىكىرلەر؛سىلەردەك ئىنكاس يېزىش پەقەت قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىپتۇ دېگەندەك،ئۆزىنى ئىپادە قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ خالاس.
   دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى ،ئىلمىي ،سوغۇققان ئىنكاس يازالمايدىغانلار ئىنكاس يازمىساڭلار ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزۈڭلارغا بىر خۇشاللىق تەقدىم قىلغان بولىدىغىنىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى تەبرىكلەيمەن.مەن بىر پارچە گۈلزارلىقنىڭ ئەتراپىدا تىكەن -چاتقاللىقلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىنى زادى ئارزۇ قىلمايمەن.
   جۇلا بىلەن ئالاھىدىنغا شۇنى ئەسكەرتىمەن:ئەگەر ئىككىڭلار ئاشۇ نامۇۋاپىق ئىشلەتكەن  سۆزلىرىڭلارنى تۈزىتىۋىلىشقا جۈرئەت قىلالمىساڭلار ،يەنە ئارتۇقچە ئىنكاس يېزىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭلار.ئەگەر جۈرئەت قىلالساڭلار مەن ھەر بىر ئىنكاسىڭلارغا تەپسىلى ئىنكاس قايتۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەييار.
  

ۋاقتى: 2016-2-14 18:26:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەسىدىۋازلار، ئاتالـمىش ئۈمىدۋارلار دۇنيانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرەلـمەيدىغان قارىغۇلاردۇر

————————
ھۆرمەتلىك نۇرمۇھەممەد ئەپەندىم، مۇشۇ جۈملە سىزگە قارىتىلمىغان، ئون يىللار ئىلگىرى مەن "يازغۇچىلاردا ئازاپ ئېڭى"دەپ بىر ماقالە يېزىپ، "كىروران"ژورنىلىدا ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئىنكاس شۇ ماقالەمدىكى ئېسىمدە قالغان مەزمۇنلار جۈملىسىدىن، خالاس. يۇقارقى جۈملىنىڭ بىۋاستە ھۇجۇم مەنىسى بېرىپ قويغىنىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

ۋاقتى: 2016-2-14 18:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۇرقى بايانلار ۋە مۇھاكىملەر ئارقىلىق شۇنى جەزىملەشتۈرىمەنكى ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار (بارلىق تىراگىدىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغۇچى  
سەنئەتكارلار) ھەم تىراگىدىك ئەسەرلەرگە خۇشتار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى «ئۆزىنى ئازابلاش كېسىلى» ياكى پىسخىك بىنورماللىققا گىرىپتار بولغان ،ئۆزلىرى يەتكۈزگەن پاسىپ ،سەلبىي ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن پىروگىراممىلىنىپ كەتكەن يۇشۇرۇن ئېڭىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا چۈشۈپ قىلىپ ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىغىنى بىلەلمەيۋاتقان ،ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھتاج نەرسىنىڭ پىسخىك دوختۇر ئىكەنلىگىنى سەزمەيۋاتقان بىمار ئادەملەردۇر.                                 
    ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلار بىر ئۆمۈر ئۆزلىرىنى خۇددى شامغا ئوخشاش كۆيدۈرۈپ «ئازاب »يورۇقلۇقىنى ئەتراپىغا چاچىدۇ،ئۇلارنىڭ
شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلىگىنىگە چۈشلۈك ئەتراپىدىكىلەرگە بېرەلەيدىغىنى پەقەت «ئازاب»يورۇقلۇقى بىلەن يورۇتۇلغان ئازابقا ئېرىشىش يولىدۇر.  
ــــــ
مەن كەچۈرۈم سوراپ بولدۇم، مەرھەممەت، يۇقارقى ئابزاس ھەققىدە تەپسىلى بىر چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-14 21:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇرادەر ،سىزگە كۆپ رەھمەت!سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن!

  سىز چۈشەنچە بېرىشنى سورىغان بۆلەك ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكى.سىز ماقالىنى تەپسىلى ياكى تولۇق ئوقۇماپسىز،مەن ئاخىردىكى ئۇ ھۆكۈم خارەكتىرلىك باياننى ئالدىدىكى نۇرغۇن تەھلىل ۋە چۈشەندۈرۈشلەر جەريانىدىن كېيىن ئاندىن ئوتتۇرغا قويغان.ماقالىنى بىر قېتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ ،ئەگەر شۇ ۋاقىتتىمۇ يەنە مۇشۇ ئارزۇدا بولسىڭىز مەن يەنە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاشۇ ھۆكۈمۈمنىڭ ئاساسلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 15:07:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  1 . بىرىنچى بۆلەك بىلەن ئىككىنچى بۆلەك مەنتىقىغا ئۇيغۇن ھەم ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە.بىرىنچى بۆلەكتە ئازابلانغۇچىنىڭ ئازابنى ئىجاد قىلىپ (بۇنىڭ قانداق جەريان ئىكەنلىگى ماقالقدا بايان قىلىنغان)ئۆزىنى ئازاب بىلەن پىروگىراممىلايدىغانلىغى(يەنە بۇنىڭ قانداق جەريان ئىكەنلىگى ماقالىدا بار)،ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇنداق قىلماستىن ئۆزىنى بەختكە پىروگىراممىلىشى زۆرۈر ئىكەنلىگى ئېيتىلغان.ئىككىنچى بۆلەكتە ئازاب ئېڭى كۈچلۈك شائىرلارنىڭ ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن بەخت بىلەن پىروگىراممىلاشقا يۈز تۇتماي دائىم ئازابقا تىكىلىپ تۇرىۋالىدىغانلىغى ،ئازابقا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتىدىغانلىغى ،شۇ سەۋەپتىن شېئىرېلىرىمۇ ئازاب تۇيغۇلىرى بىلەن تولۇپ ،ئوقۇرمەننى ئازاب بىلەن زەھەرلەيدىغانلىغى (بۇنىڭمۇ قانداق جەريان ئىكەنلىەى ماقالىدا بايان قىلىنغان)دېيىلگەن.بۇ ئىككى بۆلەك ۋە بۇلارنىڭ ئالدى -كېينىدىكى مەزمۇنلار ئازاب بىلەن بەختنىڭ پەيدا بولۇش ئۇسۇلىدا ماھىيەتلىك پەرىق يوقلىغىنى ،بىراق ئۇلارنىڭ پىسخىكىلق ۋە فىزولوگىيلىك تەسىرىنىڭ ئادەمگە ئوخشىمىغان -بىر بىرىدىن تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان-ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىغى چۈشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان .مېنىڭ بۇ ماقالىدە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغىنىم ئازابنىڭ قانداق پىسخىكىلىق جەريان ئىكەنلىگى،شۇنداقلا شېئىر قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق يېتىپ بارىدىغان ئازاب ئېڭى ياكى ئازاب تۇيغۇلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىغىنى بايان قىلىش.
   شۇنى نەرسە ئېنىق بولسۇنكى مېنىڭ بۇ يەردە ئىنكار قىلغىنىم شېئىر قاتارىدىكى بارلىق ئەدەبىيات -سەنئەت ئەسەرلىرى ئەمەس ،بەلكى بۇ ئىجادىيەتلەر ئارقىلىق يېتىپ بارىدىغان ئازاب ئېڭى.

ۋاقتى: 2016-2-15 18:33:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-15 06:39 PM  

نۇرمۇھەمەت  ھاشىم  يۇقۇرىقى ماقالىسىدا ھەقىقەتەن مۇستەقىل ھالدا ئازاپ ئېڭى ۋە شائىرلار
نىڭ ئازاپ توقۇلمىسى ھەققىدە چوڭقۇر  مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈپتۇ. بۇ خىل مۇستەقىل ئىزدىنىش ۋە
مەسىلىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئۇسلۇبى بۈگۈنكى تەپەككۇر گاللىقى،
تېيىزلىقى باش كۆتۈرۋاتقان شارائىتتا قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان روھتۇر.
    خۇددى قاسىم سىدىق "ماشىنىنىڭ ئادەملىشىشى  ۋە ئادەمنىڭ ماشىنىلىشىشى" ناملىق
ماقالىسىدا قەيت قېلىنغىنىدەك زامانىۋىلىق زامانىۋى ئادەملەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ناھايىتى
نۇرغۇن جەھەتتىكى مۇققەدەسلىكلەرگە دەز كەتتى. ھەقىقىي خۇشال بولۇش ،ھەقىقىي ئازابلىنىش
تىن ئىبارەت تەبئىي ئادەملەردە بولىدىغان تەبئىي خۇسۇسىيەتلەردىن يىراقلىشىپ،زۈرۈريەت بويىچە خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك چاغدا خۇشال بولىۋاتىمىز. يۈزلىنىش بويىچە ئازاپلىنىش زۈرۈر
يەتكە ئايلانغاندا ئازاپلىنىۋاتىمىز....


    كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئازاپ ئېڭى بىلەن يېقىنقى زامان،ھازىرقى زامان،بۈگۈنكى
دەۋر ئەدەبىياتى بولۇپمۇ شېئىريىتىدىكى ئازاب ئېڭى ئوخشىمايدۇ. مەن يېقىنقى زامان، ھازىرقى
زامان ،بۈگۈنكى دەۋر شېئىريىتىدىكى ئازاب ئېڭى توغۇرلۇق ھازىرچە پىكىر يۈرگۈزمەيمەن.

   كلاسسىك شېئىريەتتىكى ئازاب ئېڭى توغۇرلۇق توختىلىشقا توغرا كەلگەندە مەن ئۇنى
توقۇلما دەپ قارىمايمەن.ئۇنىڭدا كلاسسىك شېئىريەتنىڭ ئىستېتىك ئەنئەنىسى ئەكس ئەتكەن.
مەيلى سوفىزىم ياكى تەركىي دۇنياچىلىق تەسىرى بولسۇن كلاسسىك شائىرلار يەنى يۈسۈپ خاس
ھاجىپتىن تاكى زەلىلىگىچە ۋە موللا بىلالغىچە پۇقرا سۈپىتىدىكى "مەن" تەقۋادار سۈپىتىدىكى
"مەن" ئاشىق سۈپىتىدىكى "مەن"  زاماننىڭ چوڭقۇر ئىزتىراپلىرىنى چۈشەنگۈچى "مەن"
ئۆتمۈش زامانلاردىكى قوۋمنىڭ ئازابلىرىنى چۈشەنگۈچى "مەن" سۈپىتىدە ئازابلانغان.
     كلاسسىك شېئىريەتتە ئادىمىيلىك پەۋقۇللادە ئۇلۇغلانغان.يەنى ئادىمىيلىكنىڭ كونكرېت
سۈپەتلىرى بولغان باتۇرلۇق،ئىزگۈ،پاك سۆيگۈ،ۋاپا،ساداقەت مۇققەدەسلەنگەن.تاھىر-زوھرا قەبرىسى دىيارىمىزدا،پەرھاد شىرىن قەبرىسى تۈركىيەدە ...يەتتە ئاشىق رىۋايىتى قەدىمكى
دەۋردە رېئال مەنبەگە ئىگە بولغان.كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىكى ئازاب ئېڭى ئۇلارنىڭ قەلبىدىن،قەلىمىدىن، توقۇلمىسىدىن كەلگەن بولماستىن ئۇلار ياشىغان ئازابلىق روھى
زېمىندىن كەلگەن. قەدىمدە ئازابنى توقۇغۇچى قىسمەن شائىرلار ،چۈشكۈن شائىرلار
، ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ئازاب دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدىغان قىسمەن چاكىنا،چۈشكۈن
ئازابنى كۈيلىگۈچى شائىرلارمۇ ئاز نىسبەتتە ئۆتكەن. ئۇلار چاكىنىلىقى بىلەن شېئىر يازغان
ۋە ئۇنتۇلغان.بىز كلاسسىك شائىرلىرىمىز بىلەن كلاسسىك شېئىريىتىمىزنى شۇنداقلا كلاسسىك
شائىرلىرىمىز كلاسسىك شېئىريىتىمىزدە نامايان قىلغان ئازاب ئېڭىدىن ئىبارەت ھىمزىر-ھىم
يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئۈچ تەركىبنى ئايرىيالمايمىز.

     يۇقۇرىقى ماقالە خېلى ياخشى يېزىلغان. ئەپسۇس مۇتلەقلەشتۈرۋېتىش ھۆكۈمى چىقىرىلغان.
ئازاب ئېڭىنى توقۇش ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنى پىروگىرامىلاش شائىرلارنىڭ بىر بۆلۈكىدىكى ،بىر
قىسىملىرىدىكى ھادىسە. ئومۇمىي ئەھۋال ئەمەس.
   بۇ يەردە ئىككى مەسىلە بار.بىرى: شائىرلار ئازاب ئېڭىنى ئۆزى توقۇپ،شۇ قېلىپقا ئۆزلىرىنى
ئۆزلىرى سولاپ قويدىمۇ ؟ يەنە بىرى : شائىرلار ياشىغان ئۆز زامانىدا ئۇلار زامان ،ماكان،
خەلق  ئۈچ تەرەپنىڭ بىرىكىشىدە ئەدەپ كەتكەن ئازاب ئېڭىغا دۈچ كەلدىمۇ؟ مەسىلەن
مەمتىلى تەۋپىقتەك،ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك،ئابدۇقادىر داموللىدەك ، ئازاب ئېڭىنى شائىرلار
ياشىغان دەۋر رېئاللىقىدىكى ئازاب ئېڭى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ زۈرۈريىتى بارمۇ يوق؟....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-16 18:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئازاپ ئېڭى بىلەن يېقىنقى زامان،ھازىرقى زامان،بۈگۈنكى
دەۋر ئەدەبىياتى بولۇپمۇ شېئىريىتىدىكى ئازاب ئېڭى ئوخشىمايدۇ.

سىزنىڭ بۇ يەردە ئوخشىمايدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويغان ئازاب ئېڭىنى قايسى نەزىرىيە ياكى قايسى مۇھاكىمىلەر نۇقتىسىدىن ئوخشىمايدۇ دېگنىڭىزنى ئەسلا چۈشەنمىدىم.ئەگەر سىز دەۋىرنىڭ ۋە شائىرلارنىڭ ئىپادلەش شەكىللىرىدىكى پەرىق تۈپەيلىدىن تارىختىكى ئازاب ئېڭى بىلەن ھازىرقى ئازاب ئېڭىنى ئوخشىمايدۇ ،دەۋاتقان بولسىڭىز،بۇ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدىغان تەبىئىي ئەھۋال.ئازاب ئېڭنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كىچىك بالىنىڭ يىغلاپ غەلۋە قىلىشى بىلەن بىر ئەڭ بۈيۈك شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئازاب ئېڭىنى ئىپادىلەپ يازغان شېئىرى -ئۇ قانچە بۈيۈك ئەسەر بولغاندىمۇ ئوخشاش مەنىگە ئىگە-ئۇلار پەقەت قەلبتىكى ئازابنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىلا خالاس.ئەگەر سىز ئازابنى ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئاۋالقى مەنبەسى -ئىنساننىڭ قەلبى ياكى پىسخىكىسى نۇقتىسىدىن شۇنداق دېگەن بولسىڭىز تامامەن خاتالاشقان بولىسىز.چۈنكى مەن شۇنى كېسىپ جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى سىز كۆزدە تۇتقان كىلاسسىك دەپ ئاتىغان ۋاقىتتىن تېخىمۇ قەدىمىي بولغان ،ھەتتا ئەلمىساق دەپ ئاتالغان ۋاقىتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن باشلاپ قارىغاندىمۇ ئىنسان تەبىئىتى قاتئىي ئۆزگەرگىنى يوق،ئون مىڭ يىل بۇرۇنقى دادىسىدىن بىر شاپىلاق يېگەن بىر ئادەم بالىسى بىلەن ھازىر دادىسىدىن بىر شاپىلاق يىگەن ئادەم بالىسىنىڭ سىزىمى ،پىسخىلىق ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇتلەق ئوخشاش.ئەگەر سىز ئىپادىلىنىش شەكلى ھەققىدە سۆزلىمەكچى بولغان بولسىڭىز ،ئۇنداقتا ئۇ مەزمۇن بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

ئازاب ئېڭىنى توقۇش ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنى پىروگىرامىلاش شائىرلارنىڭ بىر بۆلۈكىدىكى ،بىر
قىسىملىرىدىكى ھادىسە. ئومۇمىي ئەھۋال ئەمەس.


  كۈن بۇرادەر بۇ ماقالىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ،مەن بۇ ماقالىدە«ئون ئادەم يىغلاۋىتىپتۇ،بۇ ئون ئادەم بىر-بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ يىغىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىچكى جەريان پۈتۈنلەي ئوخشاش»دېگەن بۇ جۈملىگە ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش بولغان مەزمۇندىكى گەپنى قىلدىم.سىز بولسىڭىز «،ياق بۇ ئون ئادەمنى يىغلاتقان ئىش ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ»دەۋاتىسىز،بۇ ئىككى جۈملىدە ئوبيېكىت قىلىنغان نىشان ياكى مەقسەت زادى ئوخشىمايدۇ.
   

ۋاقتى: 2016-2-17 11:22:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 11:40 AM  

ھۆرمەتلىك نۇرمەھەمەت ھاشىم تەكلىپىڭىز بويىچە يۇقۇرىقى ماقالىڭىزنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ
چىقتىم. ئالدىنقى ئىنكاسىمنىڭ  بېشىدا  ئېيتقىنىمدەك ماقالىڭىزدا  مۇستەقىل تەھلىل— پىسخىك
ئانالىزنى ئەڭ ئىجادىي  يوسۇندا ئېلىپ بېرىپسىز.يەككە پەن يەنى پىسخىك ئانالىز نۇقتىسىدىن
ئېيتقاندا ماقالىڭىزنىڭ نۇقسانسىز ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ.

  ئەپسۇسكى سىز تۇتقان تېما ئادەتتىكى پىسخىك جەريانغا قارىتىلغان  تېما بولماستىن  بەلكى
ئىچكى كېسىشمە ۋە تاشقا كېسىشمىلىككە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلىك بولغان سەنئەت
ئىجادىيىتى يەنى شېئىريەت ئىجادىيىتىدىن ئىبارەت  ئىستېتىك جەرياندا يارىتىلىدىغان ئۈنۈمنىڭ بىرى بولغان ئازاب ئېڭىغا  قارىتىلغان.سەنئەت (بەدئىي)لىكنىڭ ئىچكى كېسىشمىلىكى تىل سەنئىتى بىلەن ھەرقايسى سەنئەت تۈرلىرىنىڭ
بىۋاستە باغلىنىدىغانلىقىغا، تاشقى كېسىشمىلىكى بولسا مەزمۇن ئامىلى بولغان بارلىق ئىجتى
مائى پەنلەرگە (پىسخىلوگىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)  ۋاستىلىق باغلىنىدىغانلىقىغا قارىتىلغان.

    سىزنىڭ تەھلىلىڭىز پۈتۈن تەھلىلنىڭ بىر تارمىقى بولغان پىسخىك تەھلىل بولۇش بىلەن كۇ
پايىلەنگەن.سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى روھى ئازاب،ئازاب ئېڭى بولسا پىسخىك تەھلىلدىن
باشقا ئىستېتىك تەھلىلنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىستېتىك تەھلىل دېگەندە ئۇنىڭ قاتلاملىق دەرىجىسى
بولىدۇ.مەسىلەن ئادەتتىكى ئادەملەردە ۋە ئەڭ ئاددى شائىرلاردا ئازابنى ئەڭ يۈزەكى،تېيىز دەرىجىدە سېزىش سەزگۈرلىكى بولۇشى مۇمكىن .بىراق جالالدىن رۇمىدەك،ئەلى شىر ناۋائىدەك
ئۇلۇغ شائىرلاردىكى ئازابىنى سېزىش  سەزگۈرلىكى ئەڭ ئۆتكۈر،ئەڭ چوڭقۇر بولۇپ ئىپادىلەشتىن ئاۋال ئاڭ پايانى،
روھ تەگسىزلىكى،قەلب ئاسمىنىدا تالاي لەرزىلەر يۈز بېرىپ،
شەكىلسىز رەسىم،ئاۋازسىز مۇزىكا بولغان ئېسىل شېئىرلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن..... بۇ ھەقتە
ئىنچىكىلەپ توختىلىشقا توغرا كەلسە  ناھايىتى ئۇزۇن توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
          بىر يىل ياكى بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۇقۇرىقى ماقالىڭىزغا ئۆزىڭىزمۇ قايىل بولمايسىز.
نېمىشقا ؟ چۈنكى شائىرلارنىڭ ئازاب ئېڭىنى سىز سەنئەتكارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئەمەس.بەلكى
بىر پىسخىك ئانالىزچىنىڭ مەيدانىدا  تۇرۇپ تەھلىل قىلغان. يۇقۇرىقى ماقالىڭىزنىڭ قىممىتى
ئوقۇرمەنلەرگە بىلىم ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەھەتتە رول ئوينايدۇ.لېكىن  ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەر
لەرنى ئوقىغاندىكى تەسىرلىنىشتىن - ئازابلىنىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ....
    ئازاب ئېڭى - ئىستېتىك زوقتىكى بىر تەركىب.ئىستېتىك زوقتا شادلىنىش،مەھلىيا بولۇش،
لەرزىگە كېلىش-چەكسىز خۇشال بولۇش شۇنىڭدەك تەسىرلىنىش،ئازاپلىنىش،ئۆرتىنىش-ئىچ
ئىچىدىن چوڭقۇر ئازابلىنىش قاتارلىق تەركىبلەر بولىدۇ.ئادەم بىر مىنۇت ھايات بولسا بىر
مىنۇت ھېس ھاياجاندىن ئايرىلالمايدۇ.ئەدەبىي ئەسەرلەردە جۈملىدىن شېئىرلاردا  ھېس-
تۇيغۇ يارقىن ئىپادىلەنگەن بولغاچقا ماگنت بولۇپ ھېس-تۇيغۇلۇق ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە
تارتىپ كېتىدۇ ۋە تەسىرلەنمەي دېسىمۇ تەسىرلەندۈرۋېتىدۇ.....شۇڭا سەنئەت ئىجادىيىتى
سېھرىگەرنىڭ كارامىتىنى ئىشقا سالغىنىدەك بىر جەريان.بىزنىڭ  نادىر رەسىم،ئەڭ ئېسىل
مۇزىكا، ئەڭ تەسىرلىك شېئىرنىڭ پەرقىنى ئايرىيالماي سەنئەتكە مەپتۇن بولۇشتىن ئۆزىمىزنى
قاچۇرالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى شۇ.....ئۇندىن  باشقا ئازاپ ئېڭى پۈتۈنلەي سەلبىي ئامىل ئەمەس.
ئىنسانىيەت ۋە جەمئىيەتنى پاكلىغۇچى ئامىللار ئىچىگە تەبئىي ئاپەتلەردىن  باشقا سۈنىي ئاپەت -ئىنسانلار
ئۆزلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئاپەتلەر ئازابىمۇ تۈرتكە بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن.

يەككە ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئازابقا يولۇقۇش زىيانلىق بولۇشتىن باشقا سەگىتىش،ئويغىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى
تىلغا ئېلىنىدۇ.ئازاب ئېڭى پۈتۈنلەي سەلبىي مەنىدىكى ۋە سەلبىي رولدىكى ئۇقۇم ئەمەس.....



ۋاقتى: 2016-2-17 16:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 05:15 PM  

ئەڭ مۇھىم ھالقا شۇكى سەنئەت جۈملىدىن شېئىرىي ئىجادىيەت ئەقلىي پائالىيەت ئەمەس ئوبرازلىق تەپەككۇر بىلەن يۇغۇرۇلغان ھېسسىي پائالىيەت جەريانىدۇر.شائىر ئەقىلنى تەرك ئەتكۈچى ئەمەس بەلكى ئەقىلنى شېئىرىي تەپەككۇرغا-ئوبرازلىق تەپەككۇرغا بويسۇندۇرغۇچى.
شېئىردىكى ئازابمۇ ھېسسىي پائالىيەتنىڭ مەھسۇلى .دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى نورمال ئەقىل  باسقۇچىدىكى  ئازابلىنىش ياكى ئازابلانماسلىق پائالىيىتى بىلەن سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى ئازابقا يولۇقۇش -دۇچ كېلىش ئەھۋالى تۈتپتىن ئوخشىمايدۇ. شائىرنىڭ ئازابقا دۇچ كېلىشى ئىختىيارلىق بىلەن ئەمەس بەلكى ئىختىيارسىزلىق ئاساسىدا دۇچ كېلىدىغان ئازابتۇر.ئوقۇرمەنلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغىنىمۇ دەل ئىختىيارسىز ئازابلىنىشتۇر.شائىر دۇچ كەلگەن ئىچكى  رېئاللىق -ئازاب ئېڭى شائىرنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن شائىرنىڭ ئازاب ئەينەنلىكىنى ئۆزگەرتىپ قويۇش ياكى توختىتىش مەجبۇريىتى يوق.بەلكى قەلبىگە سادىق  ھالدا يېزىق بىلەن خاتىرلەش ،ئىنسان تىلىغا تەرجىمە قىلىش بۇرچى بار.شائىر ئازابقا ئوقۇرمەنگە ئوخشاش ئىختىيارسىز يولۇقۇشتىن باشقا يەنە شائىرنىڭ مەۋجۇتلىقىدا ئىككى خىل كەيپىيات بولىدۇ.بىرى : ئادەتتىكى كەيپىيات.يەنى نورمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش ھالدىكى كەيپىيات.ئۇنداق چاغدا شائىر ئازابلىنىشقا دۇچار بولمايدۇ.ئۆزىنى تېزگىنلەپ تۇرالايدۇ.
يەنە بىرى : تەسىرلىنىش كەيپىياتى.شائىر شېئىرىي تەپەككۇرغا ئۆتكەندە رەسمىي تەسىرلىنىش كەيپىياتىدا بولىدۇ دە ئادەتتىكى كەيپىياتىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ھالدا ھاياجانلىق دەريا-ئۆركەشلەۋاتقان بىر يۈرەكنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنداق چاغدا شائىرنى ھېچكىم ۋە ھېچنېمە ھاياجاندىن توسۇپ قالالمايدۇ.ئازابلىنىشتىن تېخىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.شائىر ئىچىدىكى -ئازاب ،مۇڭنى تۆكۈپ بولغاندا ئاندىن تىنجىپ قالىدۇ. شېئىرنىڭ بارلىققا كېلىشى بەزىدە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يۈز بېرىشى يەنە بەزىدە نەچچە يىلغا سوزۇلىشى مۇمكىن.ئادەملەرنىڭ ئادەتتىكى نورمال ئەقلىي پائالىيەت ھالىتىدە ئازابلىنىشنى توختىتىشنى تەشەبۇس قىلىش ئاقىلىنالىق بولسىمۇ شائىرنىڭ شېئىرىي تەپەككۇرغا ئۆتكەن چاغدىكى ئازابلىنىشىنى توختىتىشىنى تەشەبۇس قىلىش يار ئېلىپ كەتكەن دەريانىڭ ئۇشتۇمتۇت توختاپ قېلىشىنى تەشبۇس قىلغاندەك بىر ئىش.
   بارلىق سەنئەت پائالىيىتى جۈملىدىن شېئىريەت ئىجادىيىتى كۈچلۈك ھېسسىي پائالىيەت بولۇپ،ھېسسىيات سەنئەتنىڭ جېنى. شۇڭا سەنئەت ئەسەرلىرى نادىر ئىلىم-پەن ئەسەرلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇپ كەلگەن. يۇقۇرىقى ماقالە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسىمۇ كۈچلۈك ھېسسىي پائالىيەت بولغان شائىرلارنىڭ شېئىردا ئازاب ئېڭىنى نامايان قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
   ئامىركىلىق داڭلىق بىر ئىجتىمائىيەت يازغۇچىسىنىڭ "مەڭگۈلۈك ئەقىل-پاراسەت "ناملىق كىتابىدا ئارخىلوگ، جۇغراپىيەشۇناس،شائىردىن تەشكىل تاپقان 3 كىشىلىك ئېكسپىدىتسىيە ئۆمىكىنىڭ دالا،چۆلدە كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بوراندا ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يولدىن ئېزىپ قالغانلىقى ،ئۇلار چۆلدىكى شالاڭ ئورماندا ئىككى كېچە-كۈندۈز بەرداشلىق بەرگەنلىكى ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە ئۇلار ئۆلۈمنى كۈتۈشكە تەمشەلگەنلىكى،دەل شۇ  ئاخىرقى پەيتلەردە شائىرنىڭ شېئىر ئوقۇشقا چۈشكەنلىكى،"يوپۇرماق، "ئالتۇن يوپۇرمائق" دەپ ئوقىۋېتىپ كەينىدىنلا "ئالتۇن يوپۇرماققا سەھەردە قونغان شەبنەم" دېگەن مىسرانىڭ  توۋلىغانلىقى،"شەبنەم "دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ ئېسىگە سۇنى سالغانلىقى،ئۇلار يوپۇرماقلارنى يالاپ،
ئۇسۇزلىقىنى بېسىپ ئاخىرى ئۈچ ئادەمنىڭ ھايات قالغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.
    بىز سەنئەتتە جۈملىدىن شېئىردا يارىتىلغان ئازاب ئېڭىغا يەككە پەن نۇقتىسىدىنلا ئەمەس ئىستېتىك نۇقتىدىن ،كۆپ خىل سەنئەت ۋە كۆپ خىل پەنلەرنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدىن ئەڭ مۇھىمى كونكرېت ئازاب ئېڭىغا كونكرېت ئىچكى ۋە تاشقى رېئاللىقنىڭ كۆزى بىلەن،شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى ھەم مەۋقەسى بىلەن قارىيالىغىنىمىزدا ئەينەنلىككە يېقىنلىشالايمىز. ....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-18 15:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-17 04:59 PM
ئەڭ مۇھىم ھالقا شۇكى سەنئەت جۈملىدىن شېئىرىي ئىجادىيە ...

بىز سەنئەتتە جۈملىدىن شېئىردا يارىتىلغان ئازاب ئېڭىغا يەككە پەن نۇقتىسىدىنلا ئەمەس ئىستېتىك نۇقتىدىن ،كۆپ خىل سەنئەت ۋە كۆپ خىل پەنلەرنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدىن ئەڭ مۇھىمى كونكرېت ئازاب ئېڭىغا كونكرېت ئىچكى ۋە تاشقى رېئاللىقنىڭ كۆزى بىلەن،شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى ھەم مەۋقەسى بىلەن قارىيالىغىنىمىزدا ئەينەنلىككە يېقىنلىشالايمىز. ....

ئازابنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ،ئۇنىڭ پىسخىك ۋە فىزولوگىيىلىك تەسىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ شېئىر ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە نسىبەتەن قانداق ئەكىس تەسىرلەردە بولىدىغانلىغى بۇ ماقالىنىڭ باش تېمىسى.ئۇنىڭغا دائىر تونۇش ياكى مەسىلىلەرنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ تەئەللۇق بولغان پەن پىسخولوگىيەگە ئائىت نەزىرىيەلەر ئارقىلىق تەھلىلى ئېلىپ بارماي تۇرۇپ ئەڭ توغرا ،ئەڭ مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈشكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئازاب ئەڭ ئالدى بىلەن پىسخىلىق جەريان ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ.مەيلى شېئىر بولسۇن ياكى باشقا سىز دېگەندەك نۇرغۇن پەنلەرنىڭ كىسىشمە نۇقتىسىدا تەھلىلى ئېلىپ بېرىش بولسۇن ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئازابنى چۈشىنىش ياكى تەھلىلى قىلىشقا نىسبەتەن ئىككىنچى قەدەمدىكى ،يەنە شۇنداقلا باشقا ئايرىم بىر نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تەھلىلىل قىلىنىدىغان ئايرىم بىر تېما.مەسىلەن بۇنى مۇنداق تەھلىل قىلايلى :بىر بالا ئانىسىدىن كەمپىت ئالىدىغان پۇل ئالالماي يىغلىۋەتتى،بىر كاتتا شائىر ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بىچارىلەرچە ياشاۋاتقانلىغىدىن يۈرىكى ئېچىشىپ ،ئازاب ئېڭى قاتتىق كۈچىيىپ ،كىشىلەرنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئازاب ،نالە-پەرياد بىلەن تولغان شېئىرلارنى يازدى. بۇ مىسالدىكى بالىنىڭ يىغىسى بىلەن شائىرنىڭ شېئىرى ماھىيەتتە پەقەت ئوخىشاش ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىچە ئۆزىگە خاس شەكىلدە ئۆز ئازابىنى ئىپادىلىدى،پەقەت ئىپادىلەش شەكلىلا ئوخشىمايدۇ.مەيلى بىر ئۇلۇغ شائىر  بولسۇن ياكى  تېخى يەسلىگىمۇ كىرمىگەن بىر بالا بولسۇن مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېما ئۇلارنىڭ ئۆز ئازابىنى قانداق ئىپادىلىگەنلىگى ئەمەس،چۈنكى بۇلار ئازابلىنىشنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىغى ۋە قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىغىغا نىسبەتەن كېيىنگە ،ئىككىنچى قەدەمگە تەئەللۇق ئىشلار،يىغلاش بىلەن شېئىر يېزىش ئازابنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل شەكىل مەسىلىسى.مەن ئازابلىنىش ئادەمگە پىسخكىلىق ۋە فىزولوگىيلىك يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ دېدىم،سىز بولسىڭىز ،ياق ،ئۇلۇغ شائىرلارنىڭ ئازابقا تولغان بۈيۈك شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىنسانيەتنى ئويغاتقىلى بولىدۇ ،ئىستېتىك ھوزۇر تەقدىم ئەتكىلى بولىدۇ ،دېگەن مەنىدە سۆزلەۋاتىسىز.مەن شەكىلنىڭ ئۆزگەرگەنلىگى ماھىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىگى ئەمەس دېسەم ،سىز شەكىل ئۆزگەرسە ماھىيەتمۇ ئۆزگىرىدۇ دەۋاتىسىز.مەن بالامنىڭ يۈزىگە بىر كاچات سالسام بالام ئازابلنىپ يىغلايدۇ،دېدىم .سىز بولسىڭىز مەن كۈلۈپ تۇرۇپ بالامنىڭ يۈزىگە بىر كاچات سالسام بالام كۈلۈپ كېتىدۇ ،دېدىڭىز.سىز راستىن شۇنداق بولىدىغانلىغىغا ئىشىنەمسىز؟  

ۋاقتى: 2016-2-18 16:51:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 04:56 PM  

سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان تەھلىلىڭىزنى مەن ئېتراپ قىلدىم. بىراق بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولمىغان
لىقىنى ئەسكەرتتىم. ئاخىرىدا ئادەتتىكى ،نورمال ھالەتتىكى ئازابقا يولۇقۇش بىلەن سەنئەتكار
يەنى شائىرنىڭ شېئىرىي تەپەككۇر قىلىشقا ئاتلانغاندىكى يولۇققان ئازابلىنىشنىڭ تۈپتىن ئوخشى
مايدىغانلىقىنى ،ئاۋالقىسى نورماللىق،ئەقلىيلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كېيىنكىسى بولسا ھېسسىيلىق،ئوبرازلىق تەپەككۇئرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم.

  لېكىن قايىل بولماپسىز.سەنئەت ئىجادىيىتى جۈملىدىن شېئىريەت ئىجادىيىتى ئىلمىي
ئىجادىيەت ئەمەس. مەن سىزنىڭ تەھلىلىڭىزنى يەككە پەن -پىسخىكىلىق ئانالىز نۇقتىسىدىن
ھەقىقەتەن توغرا دەپ قارايمەن. لېكىن ئىستىتىكا ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن  توغرا بولغان
دەپ قارىيالمايمەن. سەۋەبى بىرلا : سىزنىڭ تەھلىلىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئازابى ئەمەس
روھ سەنئەتكاررى بولغان شائىرنىڭ ئازابى. ناۋادا تەھلىلىڭىز ئىستېتىكا ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسى
دىن توغرا دەپ قارىلىدىغان بولسا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي شائىر بىلەن ھەقىقىي شېئىرلار
نىڭ يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرىقىچىلىكمۇ كېرىكى قالمايدۇ. سىزنىڭ ماقالىڭىز پىسخىلوگىيە نۇقتىسىدىن مۇنەۋەر ماقالە. ئىستېتىكا ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئىنتايىن ئۆلچەمسىز ماقالە.
ئوچۇق ئېيتقاندا  شائىر بىلەن شېئىرنى ئەڭ ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان
ماقالە.

    تالاش-تارتىش  قىلىش ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن ئۆز
گېپىمدە قالىمەن. سىزمۇ ئۆز پىكىرىڭىزدە قاپسىز. كۆز قاراشنى ئۆز-ئارا بىر -بىرىگە زورلاش
ياخشى ئىش ئەمەس.ئىجادىيەت،ئوقۇرمەنلىك، پىكىر قىلىش قاتارلىق ئۈچ خىل پائالىيەتنىڭ
ھەممىسى ئىختىيارلىق،ئەركىنلىكنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا گەپنى ئۆز پىكىرىمىزدە قالغانلىق خۇلا
سىمىز بىلەن ئاخىرلاشتۇرايلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش