جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 972 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 5

كونا قاپقان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 08:21:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       كونا  قاپقان


                                                         ‹‹ رومان ››


                                                    جالالىددىن  بەھرام



                                                        بىرىنجى  باپ




پايانى  يوق  قۇم  دېڭىزى...
تىنىم  تاپماس  چۆل  شامىلى  ئۇچۇرغان  قۇم  تۇزانلىرى  تۆگە  لوككىلىرىدەك  بارخانلار  ، ئېگىز  
قۇم  دۆڭلۈكلىرى ، ئەسىرلەرسېرى  كۆتۈرۈلگەن  قۇم  تاغلىرى  باغرىلىرىنى  سۆيۈپ ، ئۇشقۇرىتقىنىچە  نەگىدۇر  ئالدىرايتى .ئالدىرغانسېرى  غول – ئېدىرلارغا  تولىمۇ  نەپىس ، بەكمۇ  
ئۇز  كەشتىلەرنى  قالدۇرۇپ  كېتەتتى . بەزىلىرى  تارغاقتا  تارىغاندەك  يول – يول  كۆرۈنسە ، يەنە  
بەزىلىرى  چوققۇلاردىن تا تەسكەي  قاپتاللارغىچە  يىلان  باغرىسىمان دولقۇن – دولقۇن قاپارتما   
گۈللەرنى سىزىپ ماڭاتتى...تۆت  ئەتراپى ئۇپۇق تامان مانانلار ئارىسىدا غايىب بولغان بۇ چەكسىز
قۇملۇق تەنلەرنى شۈركۈندۈرۈپ ، ئەجەل ھىدىنى دىماقلارغا دەممۇ دەم ئۇراتتى...مەدەت تىلەپ قاياققىلا
قارىما ، سۈرلۈك تىمتاسچىلىق ،پايانى يوق دەشتۇسەھرا...تىنىمسىز شامال ...ئۇچىۋاتقان قۇملار ...
ئېچىلىپ قالغان ئاپپاق سۆڭەكلەر...بارخانلار  ئارا قاڭقىپ – قاڭقىپ  كېتىۋاتقان قامغاق...راست،ئۇنىڭ
  مەنزىلى قايان؟ ئەمما ئۇ ئۇچىدۇ...ئۇچىدۇ...يەنە ئۇچىدۇ!...
بوۋىلار ‹‹بارسا كەلمەس يول ›› ، ‹‹ ھالاكەت دېڭىزى ›› ، ‹‹ ئېزىتقۇ قۇملۇق ›› دەپ تەرىپلەپ ئۆتكەن
‹‹ تەكلىماكان ›› ئەجەپمۇ سىرلىق ، بەھەيۋەت ،ئەزرائىل سۈرى بار قورقۇنۇچلۇق قۇملۇقتۇر ! گاھ
گىياھسىز كۆپكۆك قۇملۇق ئالدىڭدا يېيىلىپ ياتسا ، گاھ نەچچە ئەسىر ۋە ئېرالارغا شاھىت گىگانىت
بوۋايلاردەك توغراقلىقلار ئايان بولىدۇ . تۇرۇپلا شالدىرلىغان ياۋا قۇمۇشلۇقلار ئارا چۆل كىرپىسى ، بوز
توشقان ، چىپار كىيىك ئوغلاقلىرى شىررىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ ... ئېگىز دۆڭلۈكلەر ئۈستىدە قىپقىزىل ئاغزىنى
يوغان ئېچىپ ، ئاسمانغا قاراپ ياتقان كېلەر ئاپتاپ تۇمۇزنى ئۈن – تىنسىز يۇتماقتا ! قانداقتۇر چۆل قۇشىنى
بۇغىۋالغان چار يىلان جان - جەھىل بىلەن تولغىنىپ ئۇنى يالماۋاتىدۇ ... يۇمشاق قۇمغا گۈلدار ئىزلارنى
قالدۇرۇپ يۈرگەن قۇرت – قۇڭغۇزلار بىر – بىرىگە خىرىس قىلىپ ، يۈگۈرۈشۈپ يۈرىشىدۇ . ئۇلار شۇنچە
مەردانە ھەم ئالدىراش .چۈنكى ، بۇ بارسا كەلمەس قۇملۇق دىيار شۇلارنىڭ سۈيۈملۈك ماكانى .
پاھ،ئەجەپ –ھە ، بۇ نىمە كارامەت !؟... دۈمچەك –دۈمچەك بارخانلار ئارا كۆرۈمسىز بىر ئۆي چوقچىيىپ
تۇرىدىغۇ !ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئېگىز ئۆسكەن قۇمۇشلار قاپلاپ كېتىپتۇ . يۇلغۇن ، توغراق تاللىرىدا چەتلانغان
ھويلا ئانچە چوڭ بولمىىسىمۇ ، قۇتان،  غالتەك قۇدۇق ، ئاپتاپقا يېيىلغان ھەر خىل تېرە ۋە يۇڭلار ئايدىلەڭ
كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ .تېخى ھويلا ئارقىسىدىكى بارخانلار ئارلىقلىرىدا ئالقاندەك-ئالقاندەك ئارپا ئېڭىزلىقلىرى
ئاقۇچ سېرىق بۇلۇپ كۆزگە چېلىقىدۇ... ئەدناسى ، ئۆچكىلەرنىڭ ئاچچىق مەرىگەن ئاۋازلىرىمۇ گاھ-گاھ
ئاڭلىنىپ  تۇرىدۇ ... شۇنداق ! كائىناتتەك نە ئوڭى ، نە سوڭى كجرۈنمەس بۇ قۇملۇقتا ئەجدادلارنىڭ
تەۋەررۈكلىرى بولغان باتۇر،جەسۇر ،قۇرقۇمسىز قانداشلىقلىرىمىزنىڭ روزىغارلىرى ،ماكانلىرى بار...ئۇلار
گەرچە بىر –بىرىدىن نەچچە كۈنلۈك مۇساپىرلەردە ياشىسىمۇ ، ئاتا –بوۋىلارنىڭ ئىزلىرى چۈشكەن،ئىسسىق
نەپەسلىرى تارالغان بۇ تۇتىيا قۇملۇقلارغا ئوتلۇق مېھرى سىڭگەن !ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى، ھەقەمسايلىرى،
تۇغقانلىرى ئەنە شۇ تۇغراقلار ،يۇلغۇنلار،قۇمۇشلار،پايانسىز قۇملار !...ئۇلار بىلەن سۈكۈت ئىچىدە
مۇڭدىشىدۇ...جىمجىت كېچىلەردە سىر – ئەسرالىرىنى تۆكىشىدۇ . بىر –بىرىگە ھەمقان بۇلۇپ ئىجىل –ئىناق
ئۆتۈشىدۇ...
كۈز ئايلىرى كىرىپ قالغاچقىمۇ توغراقلار ئالتۇندەك تاۋلىنىپ ،ناگان-ناگاندا ئۇچراپ تۇرىدىغان چاتقاللىقلار
سۇس قوڭۇر رەڭگە كىرگەنىدى . ياپراقلىرى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ياۋا قۇمۇشلار شامالدا خۇشياقمىغاندەك
شالدىرلايتتى .يەردە قانداقتۇر چاشقان ياكى لەڭمانتاقتاقنى كۆرۈپ قالغان كۆكىنەك كۆك قەرىدە قانات
قېقىپ،بىر يەردىلا پىلدىرلايتتى.چاتقاللىقلار ئارا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ياۋا ئۆچكىلەر ئىككى پۇتلاپ تىك
بولغىنىچە ، ئەڭ ئېگىزدىكى تىكەنلىك يۇمران شۇڭلارنى يالمايتتى . پوكانلىرىغىچە قىپقىزىل يالىڭاچلىنىپ
قۇملۇق قاراتازلىرى تاپ ھىدلىرىنى ئالغاندەك ئاسماندا  توپ-توپ لەيلىشىپ يۈرەتتى.

ئاپپاق بۈدۈر قوزا تېرىسىدىن پەس قالقانلىق تەلپەك كىيگەن گۈلبادام قۇملۇقلار ئارا ئېتىنى سالقىن يورغىلىتىپ
كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چۆل شاماللىرى قىزارتىۋەتكەن ئارپا كۆمىچىدەك يۇمىلاق يۈزى ، چېكىللىرىگە تارتىلغان
تۈپتۈز توم قارا چاچلىرى ، نەيزىدەك ئۇزۇن كىرپىكلىرى ، قارلىغاچنىڭكىدەك ئوتلۇق كۆزلىرى، بىز جۈپ قىزىل
مارجاننى ئەسلىتىدىغانتوملاق لەۋلىرى ،ھايا ۋە ئىپپەت يېلىنجاپ تۇرغان چېھرى لاتاپىتىدىن ئۇنىڭ قۇملۇق
قىزى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.   
كۈندۈزلىرى  دول  قۇرىغۇدەك  سوغۇق  بولمىغاچقىمۇ،گۈلبادام  توغراق  قوۋزىقى  سۈيىدە  بويالغان  قىزغۇچ  
خام  كۆڭلىكىنىڭ  ئۈستىدىن  تېرە  پىنچىكىنى  تەتۈر  ئۆرۈپ  كىيىۋالغانىدى . پەس  مويلۇق  ئاپپاق  تېرە  
پىنچەك  ئۈستىدىن   باغلانغان  كۆپ  پىستانلىق  تاسما  بەلۋاغ ، بەلۋاغدىن  ئېسىلىپ  تۇرغان  چاققانغىنە  
غىلاپلىق  پىچاق ، يارىشىملىق  ئاق  تەلپەك  ئۇنى  پالۋان  يىگىتلەرگە  ئوخشىتىپ  قويغان  بولسا ، بەلۋاغقا  قىستۇرۇلغان  قاپقارا  بىر  ئۆرۈم  چېچى ، قۇندۇزدەك  چاچلارغا  چىگىلگەن  ئاق  تەڭگە  ھەم
  قىزىل ، كۆك  مەرۋايىتلار ، شۇنداقلا  ئەمدىلا  كۆتۈرۈلگەن  بىر  جۈپ  كۆكسى ، چىرايىغا  مۇجەسسەملەنگەن  
ھايا  ۋە  ناز - ئىستىغىنالار  ئۇنىڭ  بويىغا  يەتكەن  ساھىبجاماللىقىدىن  دېرەك  بېرىپ  تۇراتتى .
چۆل  قىزى  گۈلبادامنىڭ  تەڭگە  گۈللۈك  بوز  ئېتى  تۇياقلىرىدىن  قۇملارنى  چاچرىتىپ  كېتىۋاتاتتى .ئۇ  پات - پات  پۇشقۇرۇپ  قويۇپ  تىك  داۋانلارغا  ياماشسا ، ھايال  ئۆتمەي  پەس  جىلغىلاردا  يورغۇلايتى . گۈلبادام  
ئېتىنى ‹‹قاشقا  يۇلتۇز ››دەپ  ئاتاشنى  ياخشى  كۆرەتتى .چۈنكى،بوز  ئاتنىڭ  ماڭلىيىدىمۇ  دۆپدۆگىلەك  
قوڭۇر  رەڭ  قاشقىسى  بار  ئىدى . بولۇپمۇ  تۆت  تۇيۇقىنىڭ  قاپقارا  يالتىراپ  تۇرىشى   ئۇنىڭ  ئۇچىسىدىكى  تەڭەە  گۈللەرگە  تولىمۇ  ماسلاشقان  بولۇپ ، يالى  ئاپپاق  ئىدى . گۈلبادام  ئېڭىشىپ  تۇرۇپ  ئاتنىڭ  يايلى  ئاستىغا  قولىنى  تىقىپ  سىلاپ  باققانىدى ، ئاچچىق  تەر  ھىدى  
دىمىقىغا  ئۇرۇلۇپ ، قولىمۇ  ئىسسىق  تەرگە  چىلاشتى . گەرچە  كۈز  ئايلىرى  كىرىپ  قالغان  بولسىمۇ ، قۇياش  ئۆرلىگەن  ھامان  ئازغىنە  ھارارەتنىمۇ  سۈمۈرۈپ  تۇرىدىغان  قۇملۇقلار  بىردەمدىلا  ئىللىپ ، قىزىپ  
كېتەتتى . ئۆزىدىن ئىسسىق  ئوت  تارقىلىپ ، قۇملۇقتىكى جىنى  ھايۋانلارنى  جانلاندۇرۋېتەتتى . گۈلبادام   قولىنى  كۆزىگە  سايىۋەن  قىلىپ  تىك  كۆتۈرۈلگەن  قوياشقا  قارىدى . چىڭقىچۈش  بولا-بولمايلا بىپايان
جەزىرە  قىزىشقا  باشلىدى . چۆل قىزى  ئېتىنى  بېقىنداپ  دېۋەتتى - دە ، جىدەللەپ  يۈرۈپ  كەتتى .
گۈلبادام  مۇشۇ  سەھرايى  قۇملۇقتا  تۇغۇلۇپ ، بالىلىق ، ئۆسمۈرلۈك  چاغلىرىنى  ئۇزاتتى . مانا  ئەمدى  رەسىدىلىك  بوسۇغۇللىرىغا  قەدەم  قويدى . ئۇ  كىچىكىدىن  تارتىپلا  ئوقيا  تارتىپ ، ئوۋ  
مىلتىقى  ئېتىپ ، چوماق  بىلەن  ياۋايى  ھايۋانلارنى  ئوۋلاپ  چوڭ  بولدى .  ئۇنىڭ  22 ياشلىق ئاز  كەم  بىر  قەرنە  ئۆمرى  بوۋىسى  ئابدۇللا  بوۋاي  بىلەن  ئۆتتى . ئابدۇللا  نەۋرىسىگە  كىچىكىدىن  باشلاپلا  ئىسلام  مىزانلىرىنى  ئۆگىتىپلا  قالماستىن ، باتۇرلۇق ، جەسۇرلۇق
، غۇرۇر ، ۋىجدان ، ئادىمىلىك ، خۇدادىن  باشقىدىن  قۇرقماسلىك دىگەندەك  ھېكايە -رىۋايەتلەرنى  سۆزلەپ ، قىزنىڭ  يۈرۈكىگە  چىن  ئىنسانلىق  ۋە  ھالاللىق  ئۇرۇقلىېىنى  چاچتى .
تۆت كۈندىن  بېرى  بېتاپ  بۇلۇپ  يېتىپ  قالغان  ئابدۇللا  بوۋاي  بۈگۈن  سەھەردىلا  گۈلبادامغا :
-بالام ، ‹‹قاقشاللىق ›› تىكى  ھېلىقى  يىقىلغان  توغراق  تۈۋىگە قاپقان  قۇرۇپ  قۇيغانىدىم ، بىرەر   
ھايۋان  چۈشكەن  بولسا ، قاپقاندىن  بوشانماي  ھارام  بولۇپ  قالمىسۇن. دەرھال  بېرىپ  كەلسىلە  
قانداق ؟-دېدى .
-بولىدۇ  بوۋا ، ئەمما - گۈلبادام  تېڭىرقاپ قالدى ،-ئۆزلىرى  يالغۇر  قالسىلا .
-خاۋاتىرىلانمىسىلا  بالام ،مەن  ھازىر  خېلىلا  ياخشى  بۇلۇپ  قالدىم .
...‹‹قاقشاللىق ›› دەپ  ئاتىلىدىغان  يوغراق  ئورمانلىقىغا  يېتىپ  كەلگەن  گۈلبادام  ئېتىنى  يېتىلەپ  ،
يىقىلغان  توغراق  تۈۋىگە  كەلدى . بىراق  ئەتراپتىكى  قۇم - توپىلار  تىلغانغان  بۇلۇپ  نە  قاپقان ، نە  
چۈشكەن  ھايۋان  كۆرۈنمەيتتى . ئادەتتىكى  قاپقانلار  قۇم  ئاستىغا  كۆمۈلۈپ ، بىرەر  يەرگە  بېكىتىلمەيتتى . ئۇنىڭغا  چۈشۈپ  قالغان  ھايۋان  قاپقاننى  سۆرەپ  نە - نەلەرگە  ئېلىپ  كېتىپ  ، ھالىدىن  كەتكەندىلا
  يىقىلىپ  يېتىپ  قالاتتى . لېكىن  بۇ  تۆمۈر  قاپقان  كېيىك ، بۇغا ، جەرەنلەرنىڭ  ماڭار  يولىغا  قۇرۇلۇپ ، چانمىغۇدەك  كۆمۈلگەندىن  كېيىن ، قۇم  ئاستىغا  قۇزۇق  قېقىپ  بىر  نەچچە  غۇلاچ  ئارغامچا  ياكى   
زەنجىردە  باغلاپ  قۇيۇلاتتى . ئەگەر  چوڭراق  ھايۋان  چۈشۈپ  جان  ئاچچىقىدا  قۇزۇقنى  ىومۇرۋاتتى  
دېگەندىمۇ قۇمدا  سۆرىگەن  ئىز  ياكى  قان  داغلىرى  قالغان  بولاتتى . گۈلبادام ‹‹بىر  نەچچە  كۈندىكى  قاتتىق  شامالدا  ئىزلار  كۆمۈلۈپ  كەتكەن  بولۇشى  مۇمكىن ›› دىگەن  
خىيالدا  ئېتىغا  مىندى -دە ، ئەتراپنى  كۈزىتىشكە  ماڭدى . ئۇ  ئاتتىن  چۈشۈپ  ئالقىنىدا  قۇملارنى  سېرىپ  
كۆردى . بىراق  ھىچقانداق  ئىزنا - بەلگىلەر  كۆرۈنمىدى . بۇ  تۆمۈر  قاپقاندىن  ھىچقانداق  ھايۋاننىڭ  
قېچىپ  كېتىشى ، يىراقلارغا  سۆرەپ  ئېلىپ  كېتىشى  ئەسلا  مۇمكىن  ئەمەس  ئىدى .  ئەقىل - پاراسەت بىلەن  ياسالغان  بۇ  قەدىمكى  ئوۋىچىلىق  قورالىنى  ئېچىشنى  ۋە  قۇرۇشنى  ئابدۇللا  بوۋاي  بىلەن   
گۈلباداملا  بىلەتتى .
تۆت  ئەتراپنى  خېلىغىچە  قىدىرىپ ئايلانغان  گۈلبادام  ئاخىر  يەنە  قايتىپ  كېلىپ ، قاپقان  قۇرۇلغان  
يەرگە  بىر  ھازا  قاراپ  تۇردى . دەرۋەقە، كىملەردۇر  قۇزۇقنى  قومۇرۇپ ، چۈشكەن   ھايۋان  بىلەن  قاپقاننى  قۇشۇپلا  ئېلىپ  كەتكەنلىكى  مەلۇم  ئىدى . گۈلبادام  ئۈمۈدسىزلەنگەن  ھالدا
‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› غا  مىندى .
- بوۋام  بۇ خەۋەرنى  ئاڭلىسا  نىمە  بۇلۇپ  كېتەر ؟ - ئاتتا  كېتىۋاتقان  گۈلبادام  ئاستا  پىچىرلىدى ،- ئۇ ...ئۇ  ئەمدىلا  ياخشى  بۇلۇپ  قالغاندا ... قانداق  ئىمانسىز  لەنىتى  ئېلىپ  كەتكەندۇ ؟
روھىي  تەرەپپا  بەدەن  قەپىسىدىن  ئۇچۇپ  كەتكەندەك  بۇلۇپ  قالغان بۇ  چۆل  گۈزىلى  ئېغىر  خىياللار
  ئارىسىدا  كېتىپ  باراتتى . ئابدۇللا  بوۋاينىڭ  بۇ  قاپقان  تۇغرىسىدا  سۆزلەپ  بەرگەن  رىۋايەتلىرى ھېلىمۇ
  ئۇنىڭ  ئېسىدە ئىدى .
-قىزىم  بادىمەك ، بۇ  قاپقان ، -دەيتتى  بوۋاي  قاپقاننى  ھەر  قېتىم  قۇرغاندا، - بوۋامدىن  دادامغا   
قاپتىكەن ، دادامدىن  ماڭا  قالغان . تېخى  دادامنىڭ  دەپ  بېرىشىچە بوۋامغا  بوۋىسىدىن  قاپتىكەن ...
كۆڭۈلسىز  ئوي - خىياللاردىن  ئېزىلگەن  گۈلبادام  ئۆيگە  قايتىپ  كەلدى . ئۇ  ئات  ئۈستىدە  تۇرۇپ   
ھويلىسىغا  قارىدى . ھەر  كۈنى  ھويلىسىدا  يۇڭ  ساۋايدىغان  بوۋاي  كۆرۈنمەيتتى . بەلكىم  ئۇ  توزغاق  تەكىيگە  بېشىنى  قۇيۇپ  ئىڭراپ  ياتقان  بۇلۇشى  مۇمكىن . ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز›› نىڭ
  ئانىسى ئالا  بايتال  ئېغىل  ئالدىدا  چېچىلغان  ئوي - خەسىلەرنى  يالماپ  يەۋاتاتتى. ئۆگزىسىگە  ياۋا  
قۇمۇش، ئارپا  پاخاللىرى  دۆۋىلەنگەن  قوتاندىن  ئۆچكىلەرنىڭ  مەرىگەن  ئاۋازلىرى  ئاڭلىنىپ  تۇراتتى . غالتەكلىك  قۇدۇق  ئەتراپىدا  بىر  چار  خوراز  بىر  قانچە  مېكىياننى  ئەگەشتۈرۈپ  دانلاپ  يۈرەتتى . گۈلبادام  ھويلا  ئەتراپىدىكى  پاخال  ساتما، يۇلغۇن ، توغراق  تاللىرىدا  توقۇلغان  قوشام ، شاخ- شۇمبىلاردا  قىلىنغان  چىتلاقلارغا  ئېغىر  نەزەردە  قاراپ  چوڭقۇر  تىندى . ئۇ ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› نى  ئالا  بايتالنىڭ  ئوقۇرىغا  باغلىغاندىن  كېيىن  پاكار  ئۆگزىلىك  ئۆيگە  قاراپ  ماڭدى .ئاڭغىچە  ئات  
تۇياقلىرىنىڭ  شەپىسىنى  ئاڭلىغان  بوۋايمۇ  بوسۇغا  ئالدىدا پەيدا  بولدى . ئۇ  نەۋرىسىنىڭ  سۇلغۇن   
چىرايىنى  كۆرۈپ ، كۆڭلى  تۇيغاندەك  بۇلۇپ  ئۇنىڭغا  تىكىلدى :
-قىزىم  بادام - بوۋاي  ئامراق  نەۋرىسىنى  ‹‹گۈل ›› ، ‹‹ بادام ›› ‹‹ بادىمەك ›› دەپ  چاقىرىشنى  
ياخشى  كۆرەتتى ، -نىمە  بولدى  سىلىگە ، بەك  خامۇش  كۆرىنىلىغۇ ؟
-ماڭا  ھېچنىمە  بولمىدى  بوۋا، ئۆيگە  كىرىپ  سۆزلىشەيلى .
ئۇلار  تورۇسلىرىسىن  ئوت -خەسىلەر  ساڭگىلاپ تۇرغان ئۆيگە كىرىپ ، ئاستىغا  ياۋا  قۇمۇش  يېيىتىلغان
بوز كېگىز  ئۈستىدە  ئولتۇرىشاتتى .گۈلبادام مورا  ئوچاق  ئالدىدىكى  ئىسلىشىپ  قارىداپ  كەتكەن   
مىس  چۆگۈنگە ، توغراقتىن  ئويۇلغان  يۇندى  تەڭنىسىگە ، ئۇنىڭ  قېشىدىكى  ساپال ئىۋرىققا ، تۇرۇستىن  ئېسىلىپ  تۇرغان  نان  سېۋىتىگە ، چاپان - چاۋىلار  ئارتىۋەتكەن  بالداققا  ۋە  ئۆيدىكى  
كاساڭ  ، ئاياق ، ياغاچ  قۇشۇق  دىگەندەك  نەرسىلەرگە  قارىغان  بولۇپ  كۆزلىرىنى  ئېلىپ  قاچتى .
شۇنداقتىمۇ  مىچچىدە  يىغلىۋەتتى :
-بوۋا ، قاپقاننى  بىر  كىملەر  ئوغۇرلاپ  كېتىپتۇ !
  نىمە؟!-بوۋاينىڭ كۆزلىرى جامدەك ئېچىلدى ،-مەن تېخى بىرەر ھايۋان چۈشمىگەن بولسا ، قاپقانغا
چېقىلماي قايتىپ كەپتۇ ، دەئويلاپتىمەن . ئېيتسىلە قىزىم بۇ زادى قانداق ئىش ؟
گۈلبادام ئۆزىنىڭ كۆرگەن ، بىلگەن ، ئەرتراپلارنى قىدىرغان ئىشلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىشى ،
ئابدۇللانىڭ ئاپپاق پاخما قاشلىرى ئاستىدىكى گۇنسىز قاشلىرى بىر چىكىتكە تىكىلىپ قالدى . ئۇ ئاقلىقتىن
سارغىيىپ كەتكەن ساقىلىنى تۇتامملاپ بىر ھازاغىچە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى. گۇيا ئاتا- بوۋىللىرى
ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغاندەك ... ۋە ياكى ئۇلارنى ھېلىلا ئىككى غۇلاچ قار تەر تېگىگە كۆمۈپ قويغاندەك
ئۇنىڭ ئۇرۇق تىنى خام يەكتەك ئىچىدە تولغاندى ...قەيىرىدۇر بىر يېرى تارسسىدە ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك
ئازابلاندى ...ئۇ غەزەپ ئىلكىدە قوللىرىنى شىلتىپ قاتتىق ۋارقىرىدى :
- ۋۇي ئىمانسىز كاپىر ، ھاراملىق تۇڭگۇز ! ئاتا - بوۋىلارنىڭ  ئىسلام  ئەقىدىللىرىنى  ، ئۆرۈپ - ئادەت ،
قائىدە - يۇسۇنلىرىنى  پايخان  قىلغۇچى  مۇرتەت ! ئىلاھىم  جايىڭ  دوزاخ  بولار .
بوۋاينىڭ  بۇنداق  دەرغەزەپكە  كېلىشى  بىسەۋەپ  ئەمەس  ئىدى . قەدىم - ئايەمدىن  كېلىۋاتقان  ئوۋىچىلىق
  رىسالە ، مىزانلىرىدا  قاپقانغا، تور  ياكى  قىلتاققا  چۈشكەن  ھايۋاننىڭ  ھارام  بۇلۇپ  قالماسلىقى  
ئۈچۈن  بىراۋ  ئۇنى  بۇغۇزلاپ ، قارنىنى  يېرىپ ، يۈرەك ، ئىچ ماي  قاتارلىق  ئىچ-باغرىنى  ئېلىپ  كېتىش
  جايىز  ئىدى . بۇغۇزلانغان  ھايۋاننى  توغراق  پۇتىغا  ياكى  يۇلغۇن  شاخلىرىغا  ئېسىپ  قوياتتىكى، قاپقاننى  ھەرگىز  ئېلىپ  كەتمەيتتى .
-بوۋا ، بولدى  كۆڭۈللىرىنى چاچمىسىلا ، -دېدى گۈلبادام  ئابدۇللانىڭ  تۆكۈلىۋاتقان  ياشلىرىنى  سۈرتۈپ - مەن  
ئات  بىلەن  ئۈچ -تۆت  كۈن  جىدەللەپ  ماڭسام شەھەر  ئەزىمگە  يېتىپ  بارالايمەن . بىرەر  قاپقان  سېتىۋالسام
  بولمىدىمۇ ؟
-قىزىم ، مەن  بۇ  قاپقاننىڭ تۇرمۇش  تېرىكچىلىكىمىزگە  بىردىنبىر  ھەمقان  بولىۋاتقىنلىقىغا  بىئارام  
بولىۋاتقىنىم  يوق،-ئابدۇللا  باش چايىقىدى-،ئۇ  دېگەن  ئاتابوۋۋىللىرىمىزدىن  قېلىپ  قالغان  تەۋەررۈك !  بۇنداق  تۇتىيا  بۇيۇمنى  ئاسىراش  ، ساقلاش  بىز  ئەۋلادلارنىڭ  ئەجداد  ئالدىدىكى  باش  تارتىپ  بولالمايدىغان  پەرھىزى  ! قەدىمكىي  بۇيۇملارنى
  توقىتىش ، بۇزۇش ، سېتىش  ئەجدادلارغا  قىلىنغان  ھاقارەت ! ئەسل - نەسلىنى  ئۇنتۇش  بىلەن  باراۋەر !
قەدىمكىي  بۇيۇملارنىڭ  بۇنداق  ئۇلۇغ  مەنىلەرگە  ئىگە  ئىكەنلىكىنىڭ  تېگىگە  يەتكەن  گۈلبادام  بىردىنلا   
خىيالغا  پاتتى :
-بوۋا ، ئۇنداقتا  ئۇنى  ئۆيدە  ساقلىماي  نىمىشقا  چۆل - جەزىرىلەرگە  ئاپىرىپ  ئىشلىتىمىز  ؟
-ئەخمەق  قىز ، - ئابدۇللا  قۇل  شىلتىدى، - قاپقاننى  ھەر  قېتىم  ‹‹ بىسمىللا ›› دەپ  قۇرۇپ ، قۇمغا   
كۆمگىنىمىزدە  ئاتا - بوۋىلارنىڭ  روھىي  خۇش  بۇلۇپ ، بىزگە  مەدەت-پاناھ  تىلەيدۇ !چۈنكى ، ئۇلارنىڭ  بىزگە  قالدۇرغان  ئەجىر  ئېھسانلىرىنى  داۋام  ئەتتۈرگنلىكىمىز  ئۈچۈن  بىر  ساۋاب  ۋە   
ساخاۋەتكە  نائىل  بولىمىز !
-چۈشەندىم  بوۋا ، سۆزلىرىنى  ناماز  سۈرىلىرىدەك  دىل  پىنھانلىرىمدا  پاكىز  ساقلايمەن  ...
-شۇنداق  قىزىم  بادىمەك ، - بوۋاي  نگلەرگىدۇر  قادىلىپ  ئاستا  غودۇرىغاندەك  قىلدى ، - مېنىڭ  ئوغلۇم  مىركامىل  سىلىنىڭ  دادىللىرى  ئىدى . ئۇ  ئەزەمشاھنىڭ  ئوغلى  مەۋلىد  بىلەن  ئەجدادلارنىڭ  قەبرىللىرىنى  قازغانلىقى  ئۈچۈن  ئجنەبىلەرنىڭ  
قولىدا  ئۆلدى، ئەجدادلارنىڭ  قارغىشىدىن  ئۇلارنىڭ  ئۆلۈكى  ھېچكىم  بىلمەيدىغان  قۇملار  تېگىدە  
قالدى ...
بوۋاي  بۇنداق  نەسىھەت ، تەنبىھ ، ھېكايەتلەرنى  ھەر  دائىم  سۆزلەپ ، نەۋرىسىنىڭ  قەلبىگە  ئەجدادلار  
روھىنى  سىڭدۈرۈپ  ماڭاتتى . بىراق ، گۈلبادام  دادىسى  مىركامىل  ھەققىدىكى  ئاسلىمىلەرنى  ناھايىتى
  غۇۋا ، بەجايكى  چۈشىدەك  ئەسكە  ئالاتتى . چۈنكى ، گۈلبادام  ئۇ  چاغلاردا  بەش- ئالتە  ياشلاردا  ئىدى .
ئۇلار  شۇ  كۈنى  كەچلىك   تامىقىنى  يەپ  بولغاندىن  كېيىن  ناماز  شامنى  ئۆتەپ  يېتىپ  قېلىشتى  . ئەتىسى  ئەتىگەن  ئابدۇللا  بوۋاي  خۇددى  ئۇن  يىل  كېسەل  تارتقان  ئادەمدەك  بەكمۇ  سولغۇن ، چىرايى  
تاتىراڭغۇ ، كۆزلىرى  گۆردەك   ئولتۇرۇشقان  ھالدا  ئورنىدىن  تۇردى . گۈلبادامنىڭ  يۈرىكى  گويا  قوقاستا  پۇچىلانغاندەك  ئېچىشىپ  كەتتى . ئۇ  بوۋىسىغا  كاشكاپ  قاينىتىپ   
ئىچۈردى . جۇۋا ، چاپان - چارۋىلارنى  ئۈستىگە  ئارتىپ  تەرلەتكۈزدى . بىراق  بوۋاي  ئۈچ -تۆت  كۈن  
ئىچىدە  تاياقتەك  ئۇرۇقلاپ، قايتىدىنلا  ئورۇن  تۇتۇپ  يېتىپ  قالدى . ئۇنىڭ  ھەسرەت  ئەلەڭگىلىرى   
يېلىنجاپ  تۇرغان  چىرايىدىن ، يۇشۇرۇن  ئاھ  ئۇرۇشلىرىدىن ، ھېلھەم  تەۋەررۈك  قاپقاننى  
ئۇنتالمايۋاتقانلىقى  چىقىپ  تۇراتتى. بوۋىسىنىڭ  ئەھۋالىدىن  ئېغىر  ئىزتىراپقا  چۈشكەن  گۈلبادام
  ئۇنى  قۇۋۋەتلىك  يىگۈزۈپ، ماغدۇرىغا  كەلتۈرۈشنى  ئويلىدى . ئۇ  بىر  كۈنى  ئەتىگەندە  سېمىز  بىر  ئوغلاقنى  مۈڭگۈزىدىن  سۆرەپ  ئېلىپ  كەلدى ھەم  بوسۇغىدا   
تۇرۇپ  ئىلتىجا  قىلدى :
-بوۋا ، بۇ  جانىۋارغا  دۇئا  قىلىپ  بەرسىلە ، سويماقچى  ئىدىم .
نەۋرىسىنىڭ  ئۈمىدلىك  كۆزلىرىدىن  ئۇنىڭ  نىيەت - ئىقبالىنى  چۈشەنگەن  بوۋاي  دۇئاغا  قول  كۆتۈردى  
ھەم  مۇنداق  دېدى :
-قىزىم ،  پىچاقنى  بىلىگەندە : ‹‹ نەۋەيتۇ  ئەن  ئەزبەھ  بىھازەل  مەزبۇھەتە  ئەربە  ئىينە  ئەرۇقىن  ئەرىجۇ  مىنھۇ  فسىدەن  ۋەئەلا  سۈننەتى  
ئىبراھىمە .›› دېگەن  ئايەتنى  ئوقۇسىلا ، پىچاقنى  سۈرگەندە ‹‹ بىسمىللاھىر  ئاللاھۇ  ئەكبەر ›› سېيىشنى
  ئۇنۇتمىسىلا .
-بوۋا ، مەن  بىرىنىچى  قېتىم  مال   سويىۋاتقاندەك ئېزىپ  ئىچۈرۈپ  كەتتىلىغۇ ،-قىز  پىسسىڭىدە  كۈلۈپ  
قويدى ،-مالنى  سويغاندا، گۆشنى  كانارغا  ئاسقاندا ، گۆشنى  پارچىلىغاندا ، ئۇقۇلىدىغان  ئايەتنىڭ   
ھەممىسى  ئېسىمدە ، ھەتتا  بېشىمغا  تەلپەك ، ئۇچامغا  سىلىنىڭ  تونلىرىنى  كېيىپ ، بېلىمگە  پوتا  باغلاپ  ئەرەنچە  ياسىنىشنىمۇ  ئۇنتۇپ  قالمىدىم .
گۈلبادام  بىر  ھەپيىەىچە  بوۋىسىغا  گۆش  يىگۈزۈپ ، ئاق  چامغۇر  سېلىنغان  شورپا  ئىچۈرپ  باقتى .
شۇنداقلا ‹‹ سىلى  سەللا  ياخشى  بۇلۇپ  قالغاندا ، قاپقاننى  نەدىن  بولمىسۇن  تېپىپ  كېلىمەن ›› دەپ   
كۆڭلىنى  تىدۇردى . قاپقان  ھەققىدە  قىلىنغان  ئەھدىنىڭ  خاسىيىتىمۇ ، بوۋاي  ئون  كۈندىن  ئاشقاندا  
سەللىمازا  ئورنىدىن  تۇردى .
تەكلىماكان  تەبىئىتى  قانلىرىدا  جۇش  ئۇرۇپ  تۇرغان ، قۇرقۇمسىز ، تەمكىن ، كەم  سۆز  بۇ  قۇملۇق  قىزى  بىر  سەھىرى  خۇرجۇننىڭ  بىر  پېيىغا  تالقان ، ئارپا  ، قوناق  تولدۇرۇپ ،
ئاتنىڭ  يېمىكىنى  تەييارلىدى . ئاندىن  خۇرجۇننىڭ  يەنە  بىر  پېيىغا  تالقان ، ئاروا كۆمىچى ،
قۇماچلارنى  قاچىلىدى ، سۇ  تولدۇرۇلغان  تۇلۇمنى  ئات  ئېگىرىنىڭ  ئارقىسىغا  غانجۇقلاپ  باغلىدى . نەۋرىسىنىڭ  سەپەرگە  ئاتلانماقچى  بولغانىدىن  خەۋىرى  بار  ئابدۇللا  ئۇنى  ساقلاپ  ئولتۇردى . ئۇ  نەۋرىسىدىن  ئانچە  ئەنسىرەپ  قالمايتتى . چۈنكى  گۈلبادام  ئەركەكلەرەە  خاس  كۈچتۈڭگۈر ، چەبدەس
، باتۇر  چوڭ  بولغانىدى . ئۇ ئوقيا ، مىلتىق  ئېتىش، چوماق چۆرۈپ ئوۋ  ئوۋلاش، ھەتتا  نۆۋىتى  
كەلسە ، مەن - مەن  دىگەن  نوچىلارنىمۇ  يانپاشقا  ئېلىپ  يەر  چىشلىتىپ  قوياتتى . ئەڭ  مۇھىمى  
ئۇ  ئەقىل - ئىدراكلىك  بولۇپ، ھەر  قانداق  ئىشقا  دۇچ  كەلسە ئويلىنىپ ، پەم  بىلەن  بىر  تەرەپ  قىلاتتى . گۈلبادام  ئىشىكتىن  ئېڭىشىپ  كىرىپ  كەلگەندە بوۋاي  جاينامزدا  ئۇنىڭغا  ساقلاپ  ئولتۇراتتى .
-ئەسسالام  بوۋا ، ئوبدان  تۇردىلىمىكىن ؟
-ئەلھەمدۇلىللا  شۈكۈر قىزىم ،-بوۋاي  گېلىنى  قىرىپ  كانىيىنى  رۇسلىدى،-ھە،تەييارلىقلىرى  سەرەمجان
  تاپتىمۇ؟
-خۇدا  خالىسا  سەپەر  تەييارلىقىنى  قىلىپ  بولدۇم.
-تېگىل  ئوبدان  بوپتۇ ،- ئابدۇللا  بىردەم  تىنىۋالدى ،- ھاۋا  سۇۋۇپ  كېتىۋاتىدۇ ،  قېلىنراق  كىيىنىۋالسىلا
  ھەم  ئوۋ مىلتىقىنى  ئېلىۋالسىلا ، ئۇ  سىلىگە  ھەمراھ  بولسا ، يۈرەكلىرى  پۈتۈن  بولىدۇ .
-خوپ  بوۋا .
-ئاخشام  دەپ  بەرگن  يول  ئىزنالىرى  ئەسلىرىدە  باردۇ؟
-بار ، ئالدى  بىلەن ‹‹ بۈۋى  مازىرىم ›› دىن  ئۆتۈپ، ‹‹قۇم  داۋان ››  جىلغاسىغا  چۈشىمەن، ئاندىن  كارۋان  يولى  ئارقىلىق  يۇقۇرلاپ،‹‹ پاختا  يۇلغۇن››  جاڭگاللىقىغا ... شۇنداققۇ  بوۋا؟
-مانا ، مانا   خەتلىرىدە  تۇرماپتۇ  ئەمەسمۇ ، -ئابدۇللانىڭ  پاخما  قاشلىرى  تۈرۈلدى ،- ‹‹ پاختا  يۇلغۇن ›› جاڭگاللىقغا  كىرىشتىن  بۇرۇن  ‹‹ كۆيۈك  توغراق ››  قاپتىلىدىن  ئۆتىلا  .
-توغرا ، ئېسىمگە  كەلدى ، - گۈلبادام  قىزىرىپ  كەتتى ،-بولدى  بوۋا  چۈشەندۈرمىسىلە، سىلى  دېگەن  
  ‹‹ تۇران  ئۆتەڭ ›› نى چۇقۇم  تاپالايمەن .
-ھەببەللى،ئۇ  يەردە  بىر  قانچە  ئۆيلۈك  ئادەملەر  بار،ئەزەمشاھ  تېكىنى  ئاسانلا  تاپالايلا...يەنە  ئۇنىڭ   
ئالدىدا  لەقىمىنى  دەپ  سالمىسىلا .
-يوقسۇ بوۋا ، ياشانغان  ئادەمنىڭ ‹‹ تېكە ›› دىگەن  لەقىمىنى  دەپ  يۈرسەم  قاملاشماس . ئۇ  ئادەم
  چۈشۈمدىلىدەك  ئېسىمدە . توغرا، ئالدىڭغا  دوڭغاق ، تىك  تۇغاق ئادەمغۇ ؟
ئابدۇللا  چىشسىز  ئاغزىنى  يوغان  ئېچىپ  كۈلۈپ  كەتتى .
گۈلبادامنىڭ  ئالتە  ياش  چاغلىرى  بولسا  كېرەك ، كەكە  ساقاللىرى  چارلاشقان  ۋىجىككىنە بىر  ئادەم  ئېتىنىڭ  ئالدىغا  بىر  تېكىنى  ئارتقان ، ئاۋالى  مەخپۇزخان  ئون  ياشلاردىكى  نەۋرىسى  مۇزەپپەر  بىلەن  بىر  ئاتقا  مىنگەن  ھالدا  كەلگەنىدى .
بوۋاي - مومايلار  بىر - بىرى  بىلەن  قۇچاقلىشىپ  بىر  ھازا  كۆز  يېشى  قىلىشتى . ئۇلار  تەكلىماكان  
قۇملۇقىدا  ئىز - دېرەكسىز ئۆلۈپ  كەتكەن  ئوغۇللىرى  مەۋلىد  ۋە  مىركامىللارنىڭ  قىرىق  نەزىرىسى
  ئابدۇللدنىڭ  ئۆيدە  ئۆتكۈزگەنىدى . قورۇلۇپ  قالغان  خەمەكتەك  كىچىككىنە  ئەزەمشاھ  ئالدىغا   
ئىڭىشەڭگۈ  بولغىنى  بىلەن  ئولتۇرغان  يېرىدىن  لىككىدە  تۇرۇپ  كېتەتتى . ئۇنىڭ بۇ  سىياقى  ئېسىدە  
قالغان  گۈلبادامنىڭ  ئوخشىتىشى ، ئابدۇللانى  ئىختىيارسىز  كۈلدۈرۋەتتى .
-مانا ، مانا  ئۇ  قېرىنىڭ  تەق - تۇرقى  ئەسلىرىدىكەن  ،-  دېدى  ئابدۇللا  ساقىلىنى  سىلاپ   
تۇرۇپ ، - سىلى ئۇنىڭ  نەۋرىسى مۇزەپپەر  بىلەن  ئون  نەچچە  كۈن  ئۆچكە  بېقىپ ، قۇملۇقلاردا  
يۈرگەنلىكلىرىنى  ئەسكە  ئالالاملا؟
-يوقسۇ ، ئۇ  بالىنىڭ  چىراي  شەكلىمۇ  ئېسىمدىن  كۆتۈرلۈپ  كېتىپتۇ .
ئەزەمشاھنىڭ  تۇرالغۇسى  بولغان ‹‹ تۇران  ئۆتەڭ ›، دىن  سودا  كارۋانلىرى ، ئاسار  ئەتىقە  يىغقۇچى
  ئەجنەبىيلەر  ، قەدىمكىي  بۇيۇملارنى  يىغقۇچى  ئېلىپساتار  ئۆتۈپ  تۇراتتى . ‹‹ بايلىق  ئىزدىگۈچىلەر ›› دىگەن  چىرايلىق  نام  قويۇۋالغان كېپەن  ئوغرىلىرى، كونا  خارابىلەرنى  قېزىپ ، ئالتۇن - كۈمۈش  ئىزدىگۈچىلەر
  يىغىۋالغان  نەرسە - كېرەكلەرنى  ئەجنەبىي ، مەككار  سودىگەرلەرگە  ئەرزان  باھالاردا   سېتىپ  بېرەتتى . ئۇلارنىڭ  كۆپلىرى  ئەزەمشاھنىڭ  چىتلانغان  چوڭ  قوروسىغا  ئات - ئۇلاغ ، تۆگىلىرىنى  باغلىشاتتى . ئۆزلىرى  بىرەر  كېچە  قۇنۇپ  ئەتىسى  سەھەردە  يوللىرىغا  راۋان  بولاتتى . شۇڭا ، ئەزەمشاھ  كىمنىڭ  نېمە  
ساتىدىغانلىقىنى  ، نېمىلەرگە ئالماشتۇرغانلىقىنى  بىلەتتى .
ئابدۇللا  بوۋاي  قاپقان  تۇغۇرلۇق  ئەزەمشاھتىن  بىرە  يىپ  ئۇچىغا  ئىگە  بۇلۇش  ئۈمۈدىدە، نەۋرىسى  
گۈلبادامنى  يولغا  سېلىپ  قويدى ، ئۇ‹‹قاشقا  يۇلتۇز›› نىڭ  تۇياقلىرىدىن  چاچىرىغان  قۇم توزانلىرىغا  
خېلىغىچە  قاراپ تۇردى .




                                                             داۋامى  ئىنكاستا  يوللىنىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باغۋەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 08:29  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                        ئىككىنچى  باب



  تېرە  پىنچەك  ئۈستى  كۆپ  پىستانلىق  تاسما  كەمەر  باغلىغان  گۈلبادام  قوشئاتار  ئوۋ  مىلتىقى  بىلەن ئوقداننى  مۈرىسىگە  ئاسقان  ھالدا  ئاتلىق  كېتىۋاتاتتى . سەھەر  قۇياشى كۆتۈرۈلگەنسېرى  دەشتى  قۇملۇق بارغانسېرى  ئىللىپ،ئاتنىڭ  ئاچچىق  تەرى  دىماقلارغا  ئۇرۇلاتتى .گۈلبادام  تۆگە  يۇڭىدىن  توقۇلغان  بوز  
رومالىنى  مۈرىسىگە  چۈشۈرۈپ ، ئاق  تەلپىكىنى  سەل  كۆتۈرۈپ  قويدى .  ئۇ  بىپايان قۇملۇققا ، كۆپكۆك
سۈزۈك  ئاسمانغا ، ئۇپۇق  مانانلىرىدا  قارىيىپ  كۆرۈنگەن  توغراقلارغا ، سۆسۈن رەڭ  سايىلەر  چۈشكەن تەسكەي  جىلغىلارغا،گۈللىرى  توق  ھالرەڭ  تۈس  ئالغان  يۇلغۇنلارغا،ئۆتكۈر  نۇرىنى  تەكلىماكان  ئانا  تۇپراققا ئايىماي  سېپىۋاتقان  قۇياشقا ، ئەدناسى ، پاختا  تۇزۇنلىرىدەك لەيلەپ يۈرگەن  ئاق  بۇلۇتلارغا قاراپ - قاراپتويمايتى . بۇ  زىمىنغا  بولغان  مېھرى - مۇھەببەت يۈرىكىدىن ئۆرتىلىپ ‹‹ ئاھ ›› دىگەن نىداغا  ئايلانغىنىدا ، ئۇنىڭ  چىرايلىق  كۆكسى  ئېگىز  كۆتۈرلۈپ تاشلىناتتى...
  شۇنداق ! بۇ  ئۇلۇغ  زىمىنئۇنىڭ  ماكانى ، ئانا تۇپرىقى ! كىندىك  قېنى  تۆكۈلگەن  ئەزىز  ھەم  تۇتىيا زورىغارى! گۈلبادام  بۇ  قۇملۇقدىيارىدا  توغۇلدى ، كۆزى  ئېچىلىپلا  كۆرگىنى  چەكسىز  قۇملۇق  بولدى ،شۇڭا  قۇملۇقلار  ئۇنىڭ  مۇڭدىشى ، سىردىشى ، شۇنداقلا ئاتا - ئانىسى ! ئۇ  مال  بېقىپ ، ئوۋ  ئوۋلاپ يۈرۈپ  نېمىلەرنى  كۆرمىدى ! كىملەر  بىلەنغايىبانە  مۇڭداشمىدى . بۇ  دىيارغا  ھاياتى  زوق  بېغىشلاپ كەلگەن  ئىپار  كىيىكى ، بۇغا - مارال ، قۇملۇق  ئۆچكىسى ، ياۋا  توشقان ،چۆل  كىرپىسى ، كېلەر ،پاتمىچۇق،لەڭمەنتاقتاق،ھوۋقۇش،كۆكىنەك،قاراتاز،مۇلۇن،ئاق  تۈلكىلەرگىچە  ئۇنىڭغا ئايان  بولمىغىنىيوق .ئۇلار  گۈلبادامنىڭ  دوستلىرى،كۆڭلىگە  ئارام  بەرگۈچى ئەرمىكى،تەپەككۈر  سۆھپىتىقىلىدىغان  سۆيۈملۈك پىكىرداشلىرى...

   ھادىس  كۆركەم  ۋە  ھەيۋەتلىك  بارخانلار ، ئۆركەش - ئۆركەش  قۇم  دولقۇنلىرى ، تۇمانلار  ئارا  غايىب  بولغان  قۇم  تاغلىرى،ئىپتىدائىي  توغراق  ئورمانلىرى،يۇلغۇن  ،چاتقانلار  ھاياجانلىق  
زوق  قوزغىغان گۈلبادامنىڭ كۆزلىرى لىقمۇلىق  سۈزۈك  ياشلارغا  تولدى .ئۇ  ئۇلۇغ  ھېس - تۇيغۇلاردىن  
كۆڭۈل - كۆكسى كۆتۈرۈلگەن  ھالدا ‹‹ بۈۋىم  مازىرى ›› غا  يېتىپ  كەلدى - دە ، ئاتتىن  چۈشتى . گۈلبادام  ئەپلىكرەك  بىرجاينى  تېپىپ  قۇمغا يۈكۈندى .پەسلىكتە  بۈۋىم  مازىرى  يېيىلىپ  ياتاتتى . بىراق  بىرەرمۇ  قەبرىنىڭ ئىزناسى كۆرۈنمەيتى . بۇ  يەرنى مازارلىق دىگەندىن  كۆرە ، پەس  ئېگىزلىكلەر  قاپلىغان  تۈزلەڭلىك  دىگەنتۈزۈك  ئىدى .پەقەت  ئېگىز - پەس ،قىڭغىر - قىيسىق  خادا  تاياقلار  چوقچىيىپ  تۇراتتى . بۇ  تاياقلارغا ئاپتاپتا  رەڭگى  ئۆڭگەن  شەلپەر  لاتىلار ، كوزا  پۇچۇقلىرى ،ئىسرىقدان ، ئۆچكە  تۇلۇملىرى  باغلانغان بولۇپ ، ئۇلار  شامالدا يەلپۈنۈپ ، لاتىلاردىن  قارسىلدىغان ئاۋازلار  ناگان -ناگاندا  ئاڭلىنىپ  قالاتتى .گۈلبادامنىڭ  مومىسى  گۈلنىساخان،ئانىسى  خالبانۇم  مانا  مۇشۇ  قۇملۇقتېگىدە  مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى .دادىسى  مىركامىلنىڭ ئۆلۈم  خەۋىرى  كېلىپ ، ئۇزاق  ئۆتمەيلا  موماي دۇنيادىن ئۆتكەچكە،ئۇ  مۇسىبەتلەرنى  كىچىك  گۈلبادام  خىرە - شىرە  ئەسكە  ئالاتتى .ئەمما  ئانىسى  خانبانۇم  ياشلا  بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقاندا  گۈلبادام 12ياشتا  ئىدى .  ئۇنىڭخۇددى  تۈنۈگۈنكىدەكلا  ئېسىدە  تۇرۇپتۇ .يوغان  توغراق  كۆتۈكىنىڭ  بىر  تەرىپى  تۆت ئىلىك قېلىنلىقتا كېسىىلىپ تۇساق  قىلىشقا  قالدۇردى . ئاندەن  توغراق  كۆتىكىنىڭ  ئىچىنى  پالتا ، كەكە ، ئىسكىنلەردە ئويۇپ  ئوت  قويدى . ياغاچ  كۆيۈندىكلىرى  ئېلىپ  تاشلىنىپ  ئۇنىڭ  ئىچى  ئادەم  پاتقۇدەك بولغاندا،ئاتقا  سۆرىتىپ،مانا  مۇشۇ  مازارلىققا  ئېلىپ  كەلدى  .قارا  كېگىزگە  يۆگۈلۈپ،  ئۈچ  يەردىن  باغلانغان  مېيىتنى  جامائەت  كۆتۈرلۈپ كېلىپ  توغراق  كاۋىكىغا  ياتقۇرزىدە،قارا  كېگىزنى  سۇغۇرۋالدى .ئاپپاق  خامغا  كېپەنلەنگەن  خالبانۇم  پۇتلىرىنى  ئۇزۇن  سۇزۇپ  ياتاتتى .بىر  نەچچە ئادەم  تۇۋاقنى تۇغراقنىڭ كېسىلگەن  تەرىپىگە  جۈپلەپ  يۇلغۇن  مىختا  مىخلاۋاتاتتى . چوڭقۇر   كولانغان  گوداڭدىكىتوغراق  كۆتىكى  ئۈستىگە  قۇم  دۆۋىلىنىپ  ، بىر  خادا  تاشنى ، بىر  خادا  تاياق سانجىىلغاندىن  كېيىن ئىمام  قىرائەتنى  باشلىدى ...

قايغۇ  - مۇسبەتكە  تولغان  ئۇ  كۈنلەرنىڭ  ئۆتۈپ  كەتكىنىگىنمۇ  ئون  يىلدەك  بۇلۇپ  قالدى .گۈلباداميىغلا - يىغلاكۆزلىرىدىكى  ياشمۇ  سۈيى  تارتىلغان  بۇلاقتەك  قۇرۇپ  تۈگىدى . ھازىر  ئۇنىڭ  بېشىنى سىلايدىغان شاپائەتچىسى ، غەمگۈزارى  بوۋىسى  ئابدۇللا  بۇلۇپ ، ئۇنىڭدىن  ئۆزگە  يارىڭ  نىچۈك دەيدىغان  دوست - يارەنلىرىيوق ئىدى . ئۇ  چوڭ  بولغانسىرى  ئىچكى  دىردلىرى  ئۇلغىيىپ ، ھېس - تۇيغۇ  گۈللىرى  چېچەكلەپ ،بوينىغا  ئېسىلىپ  يىغلىغۇدەك  بىرەر  قاياشقا ، بۇ  تۆت  كۈنلۈك  ئالەمنىڭ غەم - ئەندىشىلىرىنى  ئۇنتۇردۇرغان مۇڭداشقا ، شېرىن -لەرىز  سۆزلىرى  بىلەن  نازۇك  كۆڭۈلنى  ئاۋۇندۇرىدىغان  بىر  سىرداشقا  ئىگە  بۇلۇشنى تولىمۇ  ئارزۇ قىلاتتى....

  قۇم  دۆۋىسى  ئۈستىدە  تىزلىنىپ  ئولتۇرغان  گۈلبادام  كۆزلىرىدە  تۆكۈلىۋاتقان  ياشلىرى  بىلەن ‹‹قالۇئىننا لىللاھى ۋەئىننا  ئەيھى  راجىئۇن ...››دېگەن  ئايەتنى  قىرائەت  قىلىشقا  باشلىدى .قىرائەتنىڭ مىسكىن  ،تولىمۇ  مۇڭلۇق  ساداسى  يىنىك  كۈچىنىشلەر  بىلەن   بارا - بارا  ئەۋجىگە  كۆتۈرلۈپ ، جىمجىت  تەكلىماكان  قۇملۇقىغا جان  ئاتا قىلغاندەك  بولدى ...گۈلبادام  كۆيۈشۈپ  قالغان  پۇتلىرىنى  ئۇۋلاپ ئورنىدىن  تۇردى .ئۇ  ئېتىغا  مىنىپئەرۋاھلارماكانى  بولغان  مازارلىققا  يەنە  بىر  قېتىم  نەزەر  سالدى -دە،ئېتىغا  قامچا  ئۇردى .چۈنكى،ئۇ  ئۆزىنى تۇتىۋالالماي  قالغانىدى .ئىچىدىن  ئۆرتىلىپ  كەلگەن  بىې  نىدا  ئۇنىقايغۇلۇق  خىياللار  قاينىمىغا تاشلىغانىدى .
توۋا ! ئۆمۈر  دىگەن  شۇنچىلىكلا  نېمىكەنغۇ ! بىر  تىنىقتىن قالساڭ ، چوڭقۇر  يەر  تېگىدىن  ئورۇن ئېلىپ  يەتمىش مىڭ  يىللىقلار  بىلەن  تەڭ  بولىدىكەنسەن  ! ئەنە  شۇ بىر - بىرىگە  قوشنا  ياتقان ئەرۋەھلار  بىر  زامانلاردا  جاھانغا  پاتماي  توقلۇقتىن  شوخلۇق  قىلغان  بولغۇيتتى !
كىچىككىنە  مەنپەئەت  ئۈچۈن  بىر - بىرىگە  قان  چېچىشقان ، ئۆز ئارا  ئورا  كولاشقان ، گويا  
ئۆلمەيدىغاندەك گۇناھى  كەبىر ، گۇناھىي  سەغىرلەر  ساھابى  بولغاندۇ !...مانا  ئەمدى  ئۇلار  
بىر -بىرىگە  شۇنچە  يېقىن  قوشنا بۇلۇپ قاپتۇ ! بىراق  ئەمدى  مۇڭدىشاي  دەپمۇ مۇڭدىشالمايدۇ ! بىر - بىرىدىن  ئەپۇمۇ  سورىيالمايدۇ ، بىر - بىرنىڭ  كۆڭلىنى ئالالمايدۇ !! ...

  راست ، كونىلار  ‹‹ ئادەم  قۇلاقتىن  سەمىرەر ›› دەپ  بېكار  ئېتمىغان . بىر  ئادەمنىڭ  كۆڭلىدىكىدەك دوست -يارەنلىرى بولمىدا،  ئۇخۇددى  يۇپۇرماقسىز  دەرەخ،سۇسىز  گىياھ  بۇلۇپ  قالمامدۇ؟  بۈگۈن  ئەتىگەن ئابدۇللا بوۋاي  ‹‹مۇزەپپەر  بىلەن  ئون  نەچچە  كۈن  قۇملۇقلاردا  يۈرۈپ  ئۆچكە  باققانلىرىنى  ئەسكە  ئالالاملا؟›› دېگىنىچە،يەر  بېقىپ  قىزىرىپ كەتتى .ئۇنىڭ  قىزىرىشى  بىسەۋەب  ئەمەس  ئىدى . ئەزەمشاھ،مەخپۇزخان ئىككى بىتەلەينىڭ نەزىرسىنى  ئۆتكۈزگىلى كەلگەن  ئاشۇ  يىلى  بىر  سۆز  بىر قانچە  قېتىم   تەكرارلاندى . بىر كۈنى كېچىدە  گۈلبادام بوۋىسىنىڭ  تىزىغا   بېشىنى  قويۇپ  مۈگدەپ قالدى . ئون  ياشلىق  مۇزەپپەرمۇ مومىسىنىڭ قۇچىقىدا  ئۇخلاۋاتاتتى . ئابدۇللا ، ئەزەمشاھ ،
مەخپۇزخان ، گۈلنىساخانلار  ئىككى  بالىنىڭ  بىر -بىرىگە  ئىجىل - ئىناق  بۇلۇپ  كەتكەنلىكى ، ئۆچكىلەرنى  جاڭگالغا  ئاپىرىپ  بېقىپ  كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى . مەخپۇزخان  پۇسۇققىدە  گەپ  تېشىپ  قالدى :
-ھەي  گۈلنىسا ، نەۋرەڭ  گۈلبادامنى  مېنىڭ  نەۋرەمگە  ئېلىپ  بېرىسەن  جۇمۇ ،- دېدى  مەخپۇزخان  ئويناشقاندەكلا ،- مەن  .ئۇنى  كېلىن  قىلىۋالىمەن .
-مۇنۇي ، ئۇلار  تېخى  كىچىك  تۇرسا ، ھېلىتىنلا  سورىغىلى  تۇردىڭغۇ ؟-گۈلنىساخان  قاپاقلىرىنى  
سۈزدى ، بۇ گەپنى   قىلساڭ  ھازىرلا  ئېلىپ  كېتىدىغاندەك  يۈرىگىم  سېلىپ  كەتتا .
-قىز  بالا  چوڭ  بولسا  ياتلىق  بولىدىغان  گەپ ، -  گەپ  ئارىلىدى  ئەزەمشاھ ، - بۇ  ئەلمىساقتىن  كېلىۋاتقان ئادەتقۇ . قانداق  دېدىم  ئابدۇللا ، ھازىردىن  باشلاپ  بېشىنى  باغلاپ  قويمىساق ، كېيىنچە‹‹ ئۆملا  ›› دەپ قالىمىز . ھەر  قانچە  ساقال  يۇلغان  بىلەن  بېكار .
-ھەي،تېكىدەك  مەرەپلا  كەتتىڭا،-ئابدۇللا  بۇرادىرىنىڭ  لەقىمىنى  چىشلەپ  تارتتى،سەن  نەزىر قىلغىلى  كەلدىڭمۇ ياكى  نەۋرەمنىڭ  پېيىغا  چۈشكىلىمۇ ؟
-ئويلاپ  باق  ئابدۇل، -ئەزەمشاھنىڭ  تالاپپۇزى  قاتتىق  ئىدى ،- بۇ  بالىلارنىڭ  دادىللىرىنىڭ   مۇبارەك  تىنى  نەلەردە  قالدى  بىلمەيمىز ... ئىككى  بالىنى  جۈپتى  قىلىپ  قويساق  ئۇ  ئىككى  ناتىۋاننىڭ روھلىرى  خوش  بولماسمۇ ؟
-ئۇغۇ راسىت ..
  ئابدۇللا  رازىمەنلىك  بىلدۇرگەندەك  بېشىنى  لىڭىشىتتى . تەكلىماكان  قۇملىقىدا  چارۋىچىلىق ،
ئوۋىچىلىق  بىلەن كۈن  كەچۈرۋاتقان  ئادەملەرنىڭ  ئاتلىق  بىر  كۈنلۈك  ياكى  يېرىم  كۈنلۈك  
يىراقلقتا بولسىمۇ توي - تۆكۈن ، نەزىر - چىراغ ، ئۆلۈم - يېتىملەردە ئات ، يۆەىلىرىەە  مىنىپ  يېتىپ كېلەتتى . شۇ باھانىدە  قىزلار كىچىك  بولسىمۇ ‹‹ سۆز سالدۇرۇپ ›› قويۇشاتتى . دۇئا  قىلىشىپ ، ئىككىبالىنىڭ قۇشۇلىشىنى  بىر  ئاللاھتىن  تىلەيتتى  . ئۇلار  قۇرامىغا  يەتكەندە  ئۆزئارا  خەۋەر  قىلىشىپ  توي  تاتىپ كېلىشەتتى - دە ، قىزىنى  نىكاھ  قىلىپ  ئېلىپ  كېتەتتى .-ھە ، جىمىپ  كەتتىڭغۇ ، - دېدى  ئەزەمشاھ  ئابدۇللاغا ،-ئەگەر  پىسەنتىڭگە  خوپ  كەلمىسە ، گەپ مەشەدە  قالسۇن .
-ۋاي - ۋۇي ،جۇۋاڭنى  تەتۈر  كىيگىلى  ئارانلا  تۇرىسەن -دە ، - ئابدۇللا  كۈلۈپ  قويدى ، -خۇدا  ئاشۇ ئارزۇ - مەخسەتلەرگە  يېتىشنى  نېسىپ  قىلسۇن !
-ھۇششارە ، مۇنداق  دېمەمسەن ،   ئەمىسە  گېپىمىز  گەپ . بۈگۈنكى  مەسلىھىتىمىز  ئاللا ئالدىدىكى ئەھدىمىز  بۇلۇپ قالسۇن . ئامىن !  
  ئاتنىڭ  تۇيۇقسىزلا  ئۈركۈپ  كېتىشىدىن  گۈلبادام  شېرىن  خىياللاردىن  يېشىندى .ئۇ  يۇلغۇن  تۈگىدىن قېچىپ  كېتىۋاتقان  توشقانغا  قاراپ  كۈلۈپ  قويدى . ئۇنىڭ  كۆڭلىدىن  ‹‹ ھازىر  مۇزەپپەر  قانچىلىك  ئۆزگىرىپ  كەتكەندۇ ؟›› دىگەن  خىيال  كەچتى . راست ، گۈلبادام  بوۋىسىنىڭ  ئالدىدا، ھايا -نۇمۇستىن ‹‹ ئۇ  بالىنىڭ  چىراي  شەكلى  ئېسىمدىن  كۆتۈرلۈپ  كېتىپتۇ .›،دەپ  قويغىنى  بىلەن ، مۇزەپپەرنىڭ  قارىراق  كەلگەن  چاسا  يۈزى ، ئۇزۇن  كىرپىكلىك  چوڭ  كۆزلىرى ، داۋاملىق  جىددىيلىشىۋاتقاندەك  تىكىلىپ  قاراشلىرى ، ئۇرۇق ، ئۆسكىلەڭ  سىمايىسى  ھازىرقىدەك  كۆز  ئالدىدا تۇرۇپتۇ . ئۇ  ئۆچكىلەر  پىتىراپ  كەتسە  يۈگۈرۈپ  بېرىپ  يىغىپ  كېلەتتى . گۈلبادام  : ‹‹ مەن  سەنبىلەن  تەڭ  يۈگۈرەلمەيدىكەنمەن .›› دېسە ،  مۇزەپپەركۆرەڭلىك  بىلەن  ‹‹ سىز  دىگەن  قىز  بالا  
تۇرسىڭىز  ››  دەيتتى . ئۇنىڭ  قولىدىن  تۇتۇپ  ئېگىز  قۇم  دۆۋىلىرىگە  يامىشاتتى ، بىللە  يۇمىلاپ  پەسكە  چۈشەتتى . بىر  قېتىم  گۈلبادام  قۇمدىن  يۇمىلانغىنىچە  پەس  ئىدىرلىققا  چۈشۈپ  كەتتى . يۈگۈرۈپ  ھاسىراپ  كەتكەن مۇزەپپەر  ئۇنى  قۇچاقلاپ  ئورنىدىن  تۇرغۇزدى . جىجىلىپ كەتكەن  يۈزلىرىنى يەڭلىرىدە  سۈرۈتتى . كۆزلىرىگە پۈۋلەپ  قۇملارنى چىقاردى  ھەم ‹‹ ھېچنىمە  بولمايدۇ، قۇرقماڭ . مەن بار.›› دەپ  تەسەللىي  بەردى .
-رەھمەت  مۇزەپپەر ، مەن  سېنى  ئاكامدەكلا  ياخشى  كۆرىمەن ...
-ئاكامدەك  دېمەي  ئېرىمدەك  دەڭ .
-نېمە ؟! - ئالتە  ياشلىق  قىز چۆچۈپ  كەتتى .
-مومام  سىزنى  نەچچە  قېتىم  مېنىڭ  كېلىنىم ، دەپ  ئەركىلەتتىغۇ .
-ما  سەتنىڭ  گېپىنى .
-مەن  سەتما؟
-قاپقارا  تۇرساڭ .
-قاپقارا  بولسام  نىمە  بوپتۇ ، چوڭ  بولغاندا  سىزدەك  ئاقىرىمەن .
-ھەر  قانچە  ئاپپاق  بۇلۇپ  كەتسەڭمۇ  تەگمەيمەن .
-نېمىشقا  ئەمدى ؟ - مۇزەپپەر  دومسايدى ،  - ئەمسە  بوۋام  بىلەن  مومامغا  دەيمەن ؟
-دېسەڭ دە ، تەگسە  ئېلىپ  كېتىدىغان  گەپكەن ، مومام ‹‹ ھازىرلا  ئېلىپ  كېتىدىغاندەك يۈرۈگۈم سېلىپ  كەتتا ›› دېدىغۇ .
-بىز  سىلەرنىڭ  ئۆيگە كۆچۈپ كەلسەڭچۇ ؟
-ئەمىسە  مەيلى ،-گۈلبادام  مۇزەپپەرنىڭ  ئوڭ  بىلىكىنىڭ  ئاستىدىكى  قاپقارا  نەرسىنى  كۆرۈپ  چۆچۈپ كەتتى ،- ۋاي  خۇدايىم،بىلىكىڭگە  پاتمىچۇق  چاپلىشىۋاپتۇ .
-ئۇ  پاتمىچۇق  ئەمەس ، - مۇزەپپەر  بىلىكىنى  كۆرسەتتى ،- بۇ  دىگەن  چوڭ  بولغاندا  باي ، ئەمەلدار ، باشلىق  بۇلۇشنى  بىلدۈرىدىغان  خال ...
  ئەزەمشاھ  ۋە  مەھپۇزخانلار  ئەتە  قايىتىمىز  دىگەن  كۈنى  مۇزەپپەر  بىلەن  گۈلبادام  ئۆچكىلەرنى چاتقاللىققا قويىۋېتىپ  ئۆزلىرى  قۇم  داۋاندىن  سېيرىلىپ  ئوينىدى . گۈلبادام  تۇيۇقسىزلا  چېرقىراپ يىغلىۋەتتى . ئاڭغىچە  مۇزەپپەر  يۈگۈرۈپ  يېتىپ  كەلدى . گۈلبادامنىڭ  بوينىدىكى  بىر  تىزىق  مارجاننىڭ يىپى  ئۈزۈلۈپ ، كۆپكۆك  يالتىراپ  تۇرغان  مارجانلار  يەردە  چېچىلىپ  ياتاتتى .
-بولاى  يىغلىماڭ ، تېرىۋالساق  بولىدىغۇ ، - دېدى  مۇزەپپەر  مارجانلارنى  بىر - بىرلەپ  تېرىپ ،-شۇنىڭغىمۇ يىغلامدۇ .
-بوۋام  نەچچە  كۈن  ئاتلىق  يول  يۈرۈپ ، قاراقاش  بازىرىدىن  ئېلىپ  بەرگەن  تۇرسا .
ئۇلار  مارجاننى  بىر - بىرلەپ  سانىغانىدى ، بىرى  كەم  چىقتى ، ئۇنى  قانچە  ئىزدەپمۇ  تاپالمىدى ، گۈلبادام كۆزلىرىنى  سۈرۈتكەن  ھالدا  غودۇراپ  قويدى :
-بوۋام  بىردىن - بىردىن  ساناپ ، يىوقا  ئۆتكۈزگەندە 24 تال  دېگەنىدى .
ئالقىنىنى  چىڭ  يۇمىۋالغان  مۇزەپپەر ، كۆزلىرىنى  ئالاق - جالاق  قىلغىنىچە  جىم  تۇرۋالدى ...

   گۈلبادام  شېرىن  ئەستىكىلەرگە  ھەمراھ  بۇلۇپ ، قۇم  داۋانلاردىن  قاچانلاردا  ھالقىپ  ئۆتۈپ  
كەتتى . كارۋان  يولىدا  جىدەللەپ  مېڭىپ ، ‹‹پاختا  يۇلغۇن ›› جاڭگاللىقى  نەلەردە  قالدى  بىلمەيلا قالدى . ئۇ‹‹ كۆيۈك  تۇغراق ››  ئورمانلىقىغا  يېتىپ  كەلگەندە  ئاتتىن  چۈشۈپ  كۈنەە  قارىدى . بىركۈن  كەچكىچە يەر - زىمىننى  قىزىتقان  قۇياش  خۇددى  ھاردۇق  يەتكەندەك  مانانلار  ئىچىدىكى  گىرىمسەن  كۆرۈنگەن  قۇم  تاغلىرىغا قىڭغايدى  . ئەتىگەن  سەھەردىن  ئاغزىغا ناننىڭ  ئۇۋىسىنىمۇ سالمىغان   گۈلبادامنىڭ  قورسىقى  خېلىلا ئاچقانىدى . ئۇ  خۇرجۇندىن  ئالقاندەك  ئارپا  كۆمىچىنى ئېلىپ ، تۇلۇمدىن  جامغا  يېرىمراق  سۇ  قۇيدى . ئاندىن  ئىككى  ئالقان  قۇناق  سېلىنغان  توبرىنى  ئاتنىڭ  بېشىغا  كىيگۈزۈپ  قويدى . گۈلبادام  بىر  تۇغراقنىڭ  غولىغا  يۆلىنىپ‹‹ بىسمىللا ›› دېگىنىچە، شالاڭ ، ئەمما  بەھەيۋەت  ئورمانغا  قارىدى . بەش -ئالتە  ئادەمنىڭ  قۇچىقى  يەتمەيدىغان  نەچچە  مىڭ  يىللىق  توغراقلارغا  خۇددى  كۆكنى تالاشقاندەك  قەد كېرىپ  تۇراتتى . بەزىللىرىنىڭ  قوۋزاقلىرى  تامام  تۆكۈلۈپ  كەتكەن  بولسىمۇ ، ياش شۇڭلىرىدا  ياپيېشىل  ياپراقلار يالتىرايتتى . بوراندا  يىقىلغان  توغراقلار  بەجايىكى  دەريانى  تۇسۇپ ياتقان  ئەجدىھادەك  ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سۇزۇلغانىدى . چاقماق  ئوتىدىن  قاپقارا  كۈيۈندىگە  ئايلانغان توغراقلارمۇ كۆپ  بۇلۇپ ، ئۇنىڭ  غول ، يىلتىزلىرىن  كۆكلەپ  چىققان  ياش  نوتىلار ‹‹ مەنمۇ ئەجدادىمدەك  مىڭ  يىلياشايمەن ›› دەۋاتقاندەك  لەرزان  تەۋرىنەتتى . غول - شاخلىرى  قۇرۇپ  -قاغجىراپ كەتكەن  قەدىمكىي  توغراقلار خۇددى  قەدىمكىي  رىۋايەتلەردىكى ئاجاياىپ - غارايىپ  مەخلۇقلارغا  ئوخشايتتى . قىسقىسى ، جىمجىت  سۈكۈتتە  تۇرغان  ئىپتىدائىي  ئورمانلىق تەنلەر  شۈركەنگۈدەك سۈرلۈك
قۇم  ئاستىدىكى  خەزىنىلەرنى ، ئەجداد  روھلىرىنى  باغاشلاپ  تۇرغاچقىمۇ ،مەردانە  ۋە   كۈچتۈڭگۈر پالۋانلاردەك كۆرۈنەتتى . گۈلبادام  بوۋىسى  ئابدۇللادىن  مۇنداق  بىر  رىۋايەتتىنى  ئاڭلىغانىدى :
‹‹ دەھشەتلىك  چىققان  بوران  غايەت  زور  قۇم  دولقىنىنى  شەكىللەندۈرۈپ ، بىر  كېچە - كۈندۈزدىلا 300دىن  ئارتۇق  شەھەر - ئايماقنى  قۇم  بېسىپ ، غايىپ  قىلىۋەتكەنىكەن ...››ھەيھات ! يىللاپ  سۇ كۆرمىگەن ،تەشنالىقنى  قاندۇرالمىغان،چۆل  بويلىرىدا  سوقۇلۇپ،چاقماقلار  تەنلىرىنى  كۆيدۈرۈپ  تۇرغانبۇ  خىسلەتلىك دەرەخ  نىمىشقا  شۇنداق  ئۇزۇن  ئۆمۈر  كۆرىدىغاندۇ ؟!قورام  تاشتەك  بەردەم ، مەزمۇت  گەۋدىسى  نىمىدىن تۆرەلگەندۇ؟! شۇنداق ، ئۇ  قۇم  تېگىدىكى  ئەجداد  سىمايىسى !

  قانائەتچان  مىللەتنىڭ  روھىي  ۋە  ئېتقادىنى  ئۆزىگە  مۇجەسسەم  قىلغاندۇ . شۇڭا  تەڭرى  ئۇنىڭغا  ھىممەتتىن  مەدەت بەرگەن ! شاپائەت  ۋە  ساخاۋەت  قوللىرىدا   بېشىنى  سىلىغان ، ئېتقادىنى  پاكلىغان دەرەخلەر  ئەۋلىياسىدۇر !...ئۇلۇغ  ھەم  كەرەملىك  ئوي - خىياللار  ئىلكىدە  ئەجدادىنى  سېغىنغان گۈلبادام زاۋال  قاراڭغۇلىقىدا ‹‹ تۇرۇن  ئۆتىڭى ›› گە  يېتىپ  كەلدى . ئىككى  تەرىپىدە  ئانچە  ئېگىز  بولمىغان  دۆڭلۈكلەرقورشاپ  تۇرغان ‹‹ تۇران  ئۆتىڭى ›› كوچىغا  ياكى  مەھەللىگە ئوخشىمايتتى . پورپاق قۇملۇق يولىنىڭ  ئۇ  قاسناق ، بۇ  قاسناقلىرىنىڭ  ئۇ يەر - بۇ  يەرلىرىدە شاخ ، چاۋار -چاتقاللار  بىلەن ئاھادا  قىلىنغان ئۆيلەر  چوقچىيىپ  تۇراتتى .  كۆرۈمسىز،غېرىبلىق  يېغىپ  تۇرغان  بۇ  ئۆيلەرنىڭ  تام  سۇۋاقلىرى  تۆكۈلۈپ  كەتكەن  يەرلىرىدىن  يۇلغۇن  ياكى  توغراق  تاللىرىدىن  توقۇلغان  
قوشاملىرى  كۆرۈنۈپ  تۇراتتى . ئۆگزىلەرگە  دۆۋىلەنگەن  ئارپا  سامىنى  ئۈستىدە  تۈگۈلۈپ  ياتقان  ئىتلار خۇددى‹‹ ئىگەم  ئاڭلىسۇن ›› دېگەندەك ، ھۇرۇنلۇق  بىلەن  ناگان - ناگاندا  قاۋاپ  قوياتتى . ھەممىلا  ھويلىنىڭ  ئىچگە  يۇلغۇن ، جىغان  ،تىكەنلىك زاغزاقلارئۈنۈپ  كەتكەنىدى . ئېتىنى  يېتىلەپ  كېلىۋاتان  گۈلبادام ، ئۆچكىدىنىڭ  ئارقا  پۇتلىرىنى  كېرىپ  قۇيۇپ  سېغىۋاتقان  بىر  ئايالنىڭ  ئالدىغاكەلدى . ئۇ  ئەدەب - ئېكرام  بىلەن  سالام  قىلغاندىن  كېيىن ، ئەزەمشاھنىڭ  ئۆيىنى  سورىدى .ئايال  ئورنىدىن  تۇردى .ئۇ  بېشىغا  ئۆچكە  تېۋىتىدىن  توقۇلغان  كۈل  رەڭ  رومال  ئارتقان  بۇلۇپ،كېلەڭسىز خام  كۆڭلىكى  ئۇشۇقلىرىدا سۆرىلىپ  تۇراتتى . زاۋال  قاراڭغۇلىقى  چۈشۈپ  قالغاچقا ،ئايال  يەڭسىز  تېرە  پىنقەك  ئۈستىدىن  كەمەر  ئاسقان ، ئاق  تەلپەكلىك  گۈلبادامغا سىنجىلاپ  قارىدى :
-ۋاي  ئانامەي ، ئۆزلىرىنى  ئەكتىمىكىن  دېسەم ،مەزلۇمكەنلىغۇ ، - ئايال  مەھەللىنىڭ  بېشىنى  كۆرسەتتى:
-ئاشۇ  قۇم  جەينەكتىن  قايرىلسىلا  ئەزەمشاھنىڭ  ئۆيى . ئۇ  شۇر  پېشانىمۇ  قەددىسىنىمۇ  ئۇزىتىپ  قويغىلى نەچچە ھەپتىچە  بولدى .
- نېمە؟مەھپۇزخان  مۇمام ...،-گۈلبادام  سۆزىنىڭ  ئاخىېىنى   دىيەلمىدى .
-شۇنداق ، ئۇ  رەھمىتى  بالا  دەردىدە ، ئالتا -يەتتە  يىل  كېسەل  تارتىپ  ئاخىرى  كېتىپ  قالدى .
-بالىسىغا  نېمە  بوپتۇ ؟ -گۈلبادامنىڭ  يۈرۈكى  جىغغىدە  قىلىپ  قالدى ،-ئۇ  بالىنىڭ  ئىسمى  مۇزەپپەرغۇ دەيمەن .
-شۇنداق ، بىر  ئوبدان ، دىلىدا  خۇدا ، ئاغزىدا  ئىمانى  بار  بالا  ئىدى . قارىماملا ، ئادەم  ئۆلتۈرۈپ  قويۇپ ئالتە -يەتتە  يىلدىن  برى  ياقا  يۇرتتا  قېچىپ  يۈرىدۇ ...
پۇت - قۇلىدا  مىسقالچە  مادار  قالمىغان گۈلبادام  خۇددى  ئاسماندىن  تاشلىۋەتكەندەكلا  لاسسىدە  بۇلۇپ قالدى . ئۇ يۇلنىڭ  ئوي - چڭقۇرىنى  پەرق  ئەتمەي،پۇتلىرىنى  سۆرىگىنىچە  ، ئېتىنى  يېتىلەپ   كېتىۋاتاتتى .
- ئاھ  خۇدا ، تەقدىر - قىسمەتلىرىڭدىن ئۆرگىلىپ  كېتەي ، - ئاستا  پىچىرلىدى  ئۇ .
   گۈلبادام  بۇ  ئېغىر  زەربىدىن  ئۆزىنى  يوقۇتۇپ  ققويغاندەك  قىلاتتى . شۇنداقق ، 15  يىل  كۆرمىگەن  ئەشۇ  قاراققۇمچاق  ، ئاكا  يوللۇقق  ئاكىسىنى  بىر  كۆرۈش  ئۇنىڭ  ئىستىكى  ئەمەسمىدى ! ئۇنىڭدىن  ئايرىلغان  يىللاردىنبېرى  ئۇنى  پات - پات  خىيال  قىلىپ  تۇرغاچققىمۇ ، چۈشلىرىگىمۇ  كىرىپ  قالاتتى .
يەنىلا  شۇ  ئۆچكە  باققانچاتقاللىققلار،سىيرىلىپ  ئوينىغان  دۆڭلۈكلەر،كۆزىگە  كىرىپ  كەتكەن  قۇملارنى پۈۋلەشلەر،جىجىلىپ  كەتكەن يۈزلىرىنى يەڭلىرىدە  سۈرتۈشلەر  ئايان  بولاتتى . گۈلبادام  ئۆچكىلەرنى  ئالدىغا  سېلىپ  باققىلى  بارغاندىمۇ  بالىلىق  ئەستىلىكلەر  ئۇنى  ئاشۇ  چاتقال ، دۆڭلۈكلەرگە ئېلىپ  باراتتى . سىيرىلىپ ئوينىغان  دۆڭلەرگە  تەلمۈرۈپ  قارايتى . گاھى - گاھىدا  ئۇنى شۇنچىلىك  غېرىبلىق ، تەنھالىق،زېرىكىش  ئىسكەنجىلىرى  ئالقىنىغا  ئالاتتىكى،ئۇ  كىمنىڭدۇر  بوينىغا ئېسىلىپ  پۇخادىن  چىققۇچە  يىغلىۋالغۇسى كېلەتتى ...ھەي  دەرىخا ! مۇزەپپەر  بىلەن  ئوينىغان  ئۇغۇبارسىز  كۈنلەر ، ھاياتىنىڭ  سائادەتلىك  كۈنلىرى خاتىرسى بولۇپ  قاپتۇ - دە ! قانداقق  قىلغۇلۇق ، نېمە  دىگۈلۈك ، بۇ  تەققدىرنىڭ
قىسمەتلىرى  تۇرسا !...
  گۈلبادام  ئەزەمشاھنىڭ  غارانلىق  ھويلىسى  ئالدىدا  بىردەم  تۇرغاندىن  كېيىن ، ئاتنى  يېتىلەپ  كىرىپ كەلدى . ئۇ  ئېتىنى  نەگە  باغلاشنى  بىلمەي  تېڭىرقاپ  تۇرۇپ  قالدى . ئاڭغىچە  ئۆگزىسىگە  شاخ  ئوتۇنلاردۆۋىلەنگەن  پاكار ئۆزنىڭ  ئىشىكى ‹‹ غىيىق ›› قىلىپ  ئېچىلىپ ، ھاسا  تۇتققان  بىر  ئادەم  قىسماقتەك  ئېگىلىپ  چىقىپ  كەلدى . ئۇ  گۈلبادامنى   قونالغۇ  ئىزدەپ  كەلگەن  يولۇچى  دەپ  قالدى  بولغاي ، يۆتەلگىنىچە  گەپ  باشلىدى :
- يىگىت ، ھازىر  ھويلام  دەڭ  ئەمەس ، ئاتلىرىغا  بەرگۈدەك  يەم - خەشەكمۇ  يوق .
- ئەزەمشاھ  بوۋا ،  - گۈلبادام  يېقىن  كەلدى ،- مەن  ئابدۇللانىڭ  نەۋرىسى  گۈلبادام .
- نىمە  ئابدۇللا ؟! گۈلبادام ، بوۋاي  ھۆكىرەپ  يىغلىۋەتتى ، - ئاھ  خۇدا ، ئابدۇل...ئابدۇل! سېنى كۆرەلمەي پانىيدىن  كېتىدىغان  چېغىم  بار  دەيتىم...مانا  نەۋرەڭنى  بولسىمۇ  كۆردۈم .  
  - بولدى ، كۆڭۈللىرىنى  يېرىم  قىلمىسىلا  بوۋا ، - ئۇلار  قولتۇقلىشىپ  ئۆيگە  كىردى ، - ئاھ  مەھپۇز ،كېلىنىم دەپ  ئاغزىڭدىن  چۈشۈرمەيدىغان  قىزىڭ  كەلدىغۇ ، غۇلاچقا  چىداپ ، غېرىچقا  چىدىماي كەتتىڭمۇ ھەمرايىم ، ئۇزۇن  تۈنلەردىكى  مۇڭدىشىم...      
بوۋاينىڭ  يىغىسى  توختايدىغاندەك  ئەمەس  ئىدى .ئۇ  يېقىن  بۇرادىرى  ئابدۇللانىڭ  نەۋرىسى  گۈلبادامنى كۆرۈپ  كۆڭلى  بۇزۇلغان  بولسا ، يەنە  بىر  تەرەپتىن ، ئۇنىڭ  يىغىسىغا  قەدىناسى  مەخپۇزخاننىڭ  ھەسرىتىمۇ ئارلىشىپ  كەتكەنىدى .گۈلبادام  ئۇنىڭ  كۆڭلىنى ياساپ بىرمۇنچە  شېرىنسۇخەن  گەپلەرنى قىلغاندىن  كېيىن بوۋاي  پەسكۇيغا  چۈشتى . ئۇ  ھويلىغا  دوڭغاسلاپ  چىقىپ  كېتىپ ، يەردىكى ئوت - خەسلەرنى  تېرىپ يۈرگەن  ئاتنى  ئېغىلغا  ئەكىرىپ ، ئېگەر - جابدۇق ،يۈگەن ، ئېغىز  دۇرۇقلىرىنى ئېلىپ ئوقۇرغا   باغلىدى . خېلىدىن  بېرى  بېسىلىپ  تۇرغان  پىچاننى  سېلىپ  بەردى . ئۇ  كىرگىچە  گۈلبادام  خېلىدىن  بېرى  ئايال  كىشىنىڭ  قولى  تەگمىگەن  ئۆينى  بىر  قۇر  رەتلەپ  ، يوتقان - كۆرپە ، چاپان - چارىلارنى  چوڭ  كاجۇنىڭ  ئاستىنقى  قەۋىتىگە  جايلاشتۇردى . يۇيۇقسىز  قازان - چۈمۈچلەرنى يۇيۇپ ، ئاسما  سېۋەتكە  سەرەمجانلاشتۇرغاندىن  كېيىن ، مىلتىقىنى  قۇزۇققا  ئېسىپ  قويدى .
- قىزىم  ئاتتىن  خاۋاتىرىلانمىسىلا ، ئالدىغا  پىچان  سېلىپ  بەردىم ، -  دېدى  ئەزەمشاھ  گۈلبادامنىڭ نەرسە  - كېرەكلىرىنى  ئىچكىرىكى  ئۆيگە  ئەكىرۋېتىپ ،- بىردەم  تۇرۇپ  قۇدۇقتىن  بىر  چېلەك  سۇ  تارتىپ سۇغىرۋېتەيلى .
-بوۋا ،  قورساقلىرى  ئاچ  بولسا  چاي  قاينىتايمۇ  ؟
-موماي  كەتكەندىن  بېرى  گېلىمدىن  ھىچنىمە  ئۆتمەيدۇ ،- بوۋاي  غېيرىپسىنىپ  قالغاندەك  قىلاتتى .
-مانا  ئالتە - يەتتە  كۈندىن  بېرى  قازانمۇ  ئاسمىدىم . قۇرسۇقۇم  بەك  ئېچىپ  كەتسە  قوتوماچ  سېلىپ يېدىم .
-ئۇنداقتى  سىلىگە تاماق  ئېتىپ  بېرەي .
-ماقۇل ،كەجۇدا  ئارپا ، قۇناق  ئۇنى  بار . ئاززىراق  ئاق  ئۇنمۇ  تۇرغاندەك  قىلاتتى . ئۆزلىرىمۇ  ئۇزۇن يول  بېسىپ كەپتىلا ،ھاردۇق  ئېشى  ئەتسىلە  قانداق ؟
-بولىدۇ  بوۋا ، ئۈگرە  ئېتىپ  بەرسەم  بولامدۇ ؟
-تۇز  تامىدۇ دېسىلە  بالام ، ھويلىدىكى  ئورەكتە  ئاق  چامغۇر ، پىياز ، مەككە  چامغۇر  دىگەندەك  بىر  نېمىلەر   تۇراتتى  ئەكىرىپ  بېرەي .
مەخپۇزخان  ئانا  بەكمۇ  رايىش  ئايال  بۇيلۇپ ، تاماقلارغا  بەكمۇ  قولى  ئەپلىك  ئىدى . ئۇ  قۇناق  چۆچۈرىسى ، قۇناق ئۈگرىسى ،  سىقماق ، كۇمۇلەك ، يوبدانلارى  ئاغزىدا  قالغۇدەك  ئوخشىتىپ  ئېتەتتى .
ئۇ  قوشنا  ئايماقلارغا مىھماندارچىلىققا  بارغاندا يالپۇز، يۇمغاقسۈت ، قارمۇچ  قاتارلىق  تاماق  خۇرۇچىنى تېپىپ  كېلەتتى . گۈلبادام  ئۇيۇقلارنى  ئاختۇرۇپ  كىچىك  خالتىچاقلارنى  تېپىپ  خۇشال  بۇلۇپ  كەتتى.  ئۇ خېمىر  يۇغۇرۇپ  تىندۇرۇپ قويغاندىن  كېيىن ئاق  چامغۇرى ، مەككە  چامغۇرى ، پىياز  قاتارلىقلارنى  توغراپ تەييارىدى . ئاڭغىچە  بوۋاي  كان  ئوچاققا  ئوت  ياقتى .
تاماق  تەييار  بولغاندىن  كېيىن ، ئۇلار  داستىخان ئەتراپىدا   ئولتۇرۇپ  ئۈگرە  ئىچتى . خېلىدىن  بېرى ئىسسىق كۆرمىگەن  بوۋاي :  
-ۋاي - ۋۇي  خويمۇ  ئىسسىق  باستى ، قوللىرى  گۈلكەن بالام ،- دەپ  ئاغزى - ئاغزىغا  تەگمەي  ماختاپ
كەتتى .يەنە  ئۇ ‹‹ مۇزەپپەر  دىگەن  پىتىر  قۇلاق  گېپىمنى  ئاڭلىغان  بولسا ، مۇشۇ  دىشۋارچىلىققا  قالارمىدۇق ›› دەپ  غودۇراپ  قويدى .تاماقتىن  كېيىن  بوۋاي  دالاندا ، گۈلبادام   ئىچكىرىكى  ئۆيدە  خۇپتەن  نامىزىنى  ئوقۇۋېلىشتى . ئاندىن  ئۇلار  دالان  ئۆيدىكى  ئۆچكە  تېرىسىدە  ئۇلتۇرۇپ  مۇڭداشتى .
-بوۋا ، بايا  مۇزەپپەر  ئاكامنى  تىلغا  ئەلىپ  قالدىلا، ئۇنىڭغا  نېمە  بولدى ؟- سورىدى  گۈلبادام  بوۋايغا  سىنجىلاپ قاراپ ، - مەخپۇزخان  مۇمامنىڭ  ئۆلىمىگىمۇ  قاتناشمىغان  ئوخشىمامدۇ ؟
-قاتنىشىش  ئۇياقتا  تۇرسۇن  ئالتە - يەتتە  يىلدىن  بېرى  ئاقتىمۇ  يوق ، كۆكتىمۇ  يوق ، -  بوۋاي ھەسرەت  بىلەنبېشىنى  چايقىدى ، -بىر  ئاڭلىساق  قەشقەردىمىش  يەنە  بىر  ئاڭلىساق  ئاقسۇدىمىش دىگەن مىش - مىش گەپلەر . تېخ ‹‹ كېپەن  ئوغرىللىرىغا  قېتىلىپ  كېتىپتىمىش ›› دېگەندەك  ئۆسەك گەپلەرمۇ  ئاڭلاندى . ئەمما مانا  مەن  تاھارىتىم  بىلەن  تۇرۇپتىمەن ، مېنىڭ   بالام  ھەرگىز  ئۇنداق ئىمانسىزلىقنى  قىلمايدۇ .
-مۇزەپپەر  زادى  نېمە  ئۈچۈن  بۇنداق  قىلىدۇ ؟ - گۈلبادام  ئەھۋالنىڭ  تېگىنى  چۈشۈنۈش  ئۈچۈن  كوچىلاپ  سورىدى ، - ھۆكۈمەتنىڭ  چىشىغا  چېگىپ  قويۇپتىمۇ - يا؟
-يوقسۇ   بالام ، بىر  ئەجنەبىيگە  پىچاق  تىقىپ  قويىپتۇ  ئەمەسمۇ ، - ئەزەمشاھ  ساقىلىنى  تۇتاملىدى، - خەتلىرىدە بارمىكىن  بالام ، ئوغلۇم  مەۋلىتنىڭ  ئۆلۈم  خەۋىرى  كېلىپ ، سىلەرنىڭ   ئۆيگە  بارغىنىمىزدا  ئۇ  ئون  ياشتا  ئىدى . ئەمما  ئۇ  چوڭ  بولغانسېرى  ئادەم  ئەنسىرىگۈدەك  خىيالچان  بوپكەتتى . مەۋلىد،مىركامىللار  بۇرغۇن  پۇل  تاپقىلى  بولىدىكەن  دېگەن  ۋەسۋەسىدە،بايلىق  قازغۇچى ئەجنەبىيلەرگە ياللىنىپ  مەدىكارچىلىققا  ماڭغاندا ، ئەزەمشاھ ، ئابدۇللا  ئاچچىقتىن  يېرىلغۇدەك بولغانىدى ، ھەتتا  ئابدۇللا  ئوغلىنى  كالتەك  بىلەن  ئۇرۇپ  ئۆيدىن  قوغلاپ  چىقاردى . ئەزەمشاھمۇ  مەۋلىدىنىڭ  قاڭشىرىنى  يېرىۋەتتى . ئىچىگە  ‹‹ پۇل››دىن  ئىبارەت  شەيتان  كىرۋالغان  بۇ  ئىككى  يىگىت  بىلگەن  پوقنى  يەپ ، يۇشۇرۇن  قېچىپ  كەتتى . ئىككى  يىلدىن  كېيىن ، ئۇلارنىڭ  ئۆلۈم  خەۋىرى  كەلدى . ئون  ياشلىق  مۇزپپەر  ئەقلىنى  تاپقۇچە  ئويۇننى  ئويناپ  يۈردى . 16-17  تاشلارغا كىرىپ ، ئاق -قارىنى پەر  ئېتىپ  قالغاندا  خىيالنى  كۆپ  قىلىدىغان ، پات - پاتلا  دادىسىنىڭ  ئىسمىنى
چىقىرىپ ، ئەجنەبىيلەرنى تىللايدىىغان  بۇلۇپ  قالدى .دەرۋەقە،بۇ  چاغلاردا  ياۋروپادىكى  ھەر  قايسى جاھانگىر دۆلەتلەردىن  كېلىۋاتقان  ئەجنەبىيلەر  تارىم  قۇۋۇقىنى  چېقىپ ، تەكلىماكان  چوڭ  قۇملىقىدا كۇنا خارابىيلىكلەرنى ، قەدىمكىي قەبرىلەرنى ، قۇم  ئاستىدا  قالغان  شەھەر  ئىزنالىرىنى  قېزىپ ، ‹‹  گۆھەر  توپلاش ›› دولقىنىنى  قوزغىتىۋەتكەنىدى . يەرلىكتىكى  بەزى  غورورسىز ، ئىمانسىزلار  ئۇلارغا  يول كۆرسىتىپ ، ئەجدادنىڭ  روھىنى  پۈچەك  پۇلغا  سېتىشتى . شۇنداقتىمۇ  يەرلىك  ئاۋامنى  ئادەم  كۆرمىگەن ئەجنەبىيلەر   ئۇلارنى  خارلاش، كەمسىتىش، ھەتتا  ئۆلتۈرۈشتەك  خەۋەلىرى  تەكلىماكان دىيارى  ئەتراپىدىكى شەھەر - ئايماقلاردا  تېرىقتەك  تېرىلىپ  كەتكەنىدى .
   مۇزەپپەر  19  ياشقا  كىرگن  يىلى ، ئەجنەبىيچە  كىيىنگەن  بىر  ئورۇق  ئادەم  كىرىپ  كەلدى .
ھېلىمۇ ياخشى  ئۇ كۈنى  مۇزەپپەر  ئۆيدە  يوق  ئىدى . بۇ  يات  ئادەم  قولىنى  كۆتۈرۈپ  بىر  ھازا  دۇئا  قىلغاندىن كېيىن ، بىردىنلا  ھۆڭرەپ  يىغلىۋەتتى . ئەزەمشاھ  بىلەن  مەھپۇزىان  تەڭلىك  ئىچىدە بىر  ھازا  سۈكۈتتە ئولتۇردى . مېھمان  بىر  چاغدىلا  ياشلىرىنى  سۈرتۈپ  زۇۋانغا  كەلدى .
-مېنىڭ  ئىسمىم  پەتقۇللا  رېھىم  مەۋلۇدنىڭ   يېقىن   بۇرادىرى  بولىمەن . ئۇ...ئۇ...مېنىڭ  قۇچىقىمدا جان ئۈزدى ، - پەتقۇللا  بۇرنىنى  تارتىپ  قۇيدى ،-مەن  رەھمىتىنىڭ ۋەسىيىتى  بويىچە  سىلەرنى  ئىزدەپ  كېلىشىم .گەرچە  ئارىدىن  سەككىز  يىل  ئۆتۈپ  كەتكەن  بولسىمۇ، ئۇنىڭ  سۆزىنىڭ  قىيامەتلىك قەرىز  بۇلۇپ  قېلىشىدىن  قۇرقتۇم .
-قېنى  سۆزلەۋەرسىلە  قۇلۇقۇم  سىلىدە ،-  دېدى  مەزەمشاھ  پەتقۇللاغا  تىكىلىپ ،-ئوغلۇم  مەۋلۇد
قانداق ئۆلدى ؟
   تەكلىماكان  قاراقچىسى  دەپ  نام  ئالغان  تەكلىماكان  قاراقچىسى  كارنىگ مۇللىر ، تەكلىماكان  بويىدىكى ئەڭ ئاخىرقى  بوستانلىق  ‹‹ ئاتبېشى ›› دىن  ياللىۋالغان 30  مەددىكەرنى ‹‹  دەندان  ئۆيلۈك ››خارابىسىدىن تېپىلغان بۇددىزىم  دەۋرىدىكى  بىر  بۇتخانىنى  قېزىشقا  قالدۇرۇپ ، ئۇنىڭغا  ئۆزىنىڭ  سادىق  مالىيى  توختىقۇل ۋە  تەجىربىگە  باي  ئىككى  ماھىرنى  مەسئۇل  قىلىپ  بېكىتتى . ئاندىن  يېقىن دوستى ، مەسلەھەتچىسى كىناتۇن  بايىس بىلەن  تەكلىماكاننىڭ  غەربىدىكى  بىر  خارابىيلىككە  بېرىشنى قارار  قىلدى .  چۈنكى ، بۇ  يەر  توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى  ئىسرائىل  ئىسىملىك  بىر  كىشى  يەتكۈزگەنىدى . كارنىگ  مۇللىر  كىناتوندىن  باشقايەنە  مىركامىل ،مەۋلۇد ، ئىسرائىل  قاتارلىق  بەش  مەددىكارنى  ئېلىپ ،
ئىسرائىل  ئاپارماقچى  بولغانخارابىيلىكنىڭ  خەرىتىسىنى سىزغىلى  يولغا  چىقتى . ئۇلار  تۆگىلەر  بىلەن  ئىككى  كۈن  يول  مېڭىپ  خارابىلىككەيەتمەي تۇرۇپلا  قارا  بوران  چىقىپ  كەتتى . پۈتكۈل  جاھاننى  قاراڭغۇلۇق  قاپلاپ ، غايەت  دەھشەتلىك  قۇم دولقۇنلىرى   يۇپۇرلۇپ   كەلدى . تۆگىلەر پىتىراپ ، بوزلاپ  قېچىشقا  باشلىدى . بىر  تۆگىدىكى  ئۆلچەش ، قېزىش ، تىڭشاش ، بەلگىلەش  ئەسۋابلىرىنى دەرھال ،  چۈشۈرۈپ ، ئىسرائىل  بىلەن  پەتقۇللا  رېھىمنىڭ  دۈمبىسىگە ماتاپ  باغلىدى . ئىسرائىل  قېچىپ  كەتتىمۇياكى  ئۆلدىمۇ  بىلگىلى  بولمايتتى . دەممۇ  دەم  چىقىۋاتقان  بۇ بورانجاتىرجەملىكنى ، تىۋىشسىز  قۇملۇق  ئۇيقۇسىنى بۇزىۋاتقان  بۇ  ئادەملەرگە  غەزەپلەنگەندەك  قىلىۋاتاتتى .بىردەمدىلا   قۇم  چوققۇللىرى  پەسلەپ ، چوڭقۇر  جىلغالار  تۈزلىنىپ ، يۇلغۇنلار  توقالماقتا  ئىدى .
- بىر  يەردىلا  تۇرۋالماي ، ھەركەتلىنىپ  يۆتكىلىپ  تۇرايلى،-ۋارقىرىدى  كارنىگ  مۇللىر  يەردە  يېتىۋالغانلارنى تېپىپ ،-بولمىسا  قۇم  ئاستىدا  قالىمىز  .  
چەمبەرسىمان  قاپلىنىپ ، باشلىرى   بىر  يەرگە  جەم  بولغان  يەتتە  ئادەم  دەممۇدەم  پۇتلىرىنى  يۆتكەپ تۇراتتى . شۇنداقتىمۇ  كۆزنى  يۇمۇپ  ئاچقۇچە  تىزغىچە  قۇم  ئاستىدا  قالاتتى . ئۇلار  دەرھال  پۇتلىرىنى  سۇغۇرۋېلىپ يەنە بىر  يەرگە  غۇژمەكلىشەتتى .  
بىر  كېچە - كۈندۈز  غەزىپى  بېسىلمىغان  قار  بوران   تاڭغا  يېقىن  ئاستا - ئاستا  پەسەيدى . قۇلاق ،بۇرۇن ،ئېغىز، جاۋغايلىرى  قۇم  بىلەن  تۇشۇپ  تۇنۇغۇسىز  بۇلۇپ  كەتكەن  بايلىق  قىدىرغۇچىلار  بىر - بىرىنى تۇبۇيالمايلا قېلىشتى .پەقەت  ئۇلارنىڭ  ھايات  ئىكەنلىكىگە  پىلدىرلاپ  تۇرغان  كۆزىلا  گۇۋاھ  ئىدى .  تېخى ئەتراپتا   تۇنۇغۇسىزلا  مەنزىرىلەرپەيدا  بۇلۇپ،بارخانلار  قۇم  دۆڭلۈكلىرى  ئورنىدا  تۈزلەڭلىكلەر،ئىدىرلار،ئىدىر  ۋە چوڭقۇرلۇقلار  ئورنىدا  بولسا  قۇم  تاغلىرى  چوقچىيىپ  تۇراتتى. مۇللىر ۋە كىناتۇن  مىنگەن  ئىككى  تۆگە ، سۇ  ۋە  ئاشلىق  ئارتىلغان يەنە  بىر  تۆگە  قاياقلارغىدۇر  غايىپ  بولغان ئىدى .ئۇلار  قۇم  ئاستىدا قالغانلىقى  ياكى قارارگاھ  چىدىرغا  قايتىپ  كەتكەنلىكىنى بىلگىلى  بولمايتتى .
بوران  توختاش  بىلەن كۈن  پاللىدە  ئېچىلىپ ،يەر - جاھان  قىزىغىلى  تۇردى . ئەتراپ  پۈتۈنلەي   ئۆزگىرىپ  كەتكەن  ئىدى . ئۇلار  قاياقتىن  كېلىپ  نادە  تۇرغانلىقىنى  بىلمەيتتى . سۇ ، يېمەكلىك ، كومپاسلار  تۆگىلەرنىڭ  ئۈستىگە  ئارتىلغاچقا ، بۇ  يەتتە  ئادەمنىڭ  ھاياتى  خەۋىپ  ئاستىدا  قالغانىدى . ئەمما  كارنىگ مۇللىرنىڭ  سۇ  قاچىلانغان سۇدانى ئۇنىڭ  بوينىغا  ئېسىقلىق  تۇراتتى .ئادەم  بالىسى  قۇرساق  ئاچلىققا  ئون نەچچە  كۈن  بەرداشلىق بېرەلىگىنى بىلەن  ئۇسسۇزلۇققا  بەرداشلىق  بېرەلمەيتتى . ئۇلار  بېشى  قايغان ، پۇتى  تايغا  تەرەپكە  مېڭىپ  ئۈچ  كۈن  ئۆتكەندەماغدۇرىدىن كېتىپ  يىقىلىپ - قۇپۇپ ، بەزىدە  ئۆمىلەپ  
مېڭىشقا  دۇچ  كەلدى . مىركامىل ، مەۋلىدلەر  بىر  يۇتۇم  سۇ  ئۈچۈن  يېلىنىپ  - يالۋۇرۇپ ، ھەتتا  يىغلاپ ، موللىرىنى  يۇمشىتالمىدى .موللىر  پەقەت  دوستى  كىناتۇن  بايىس،مۇھىم  ئەسۋابلارنى  كۆتۈرگەن  پەتقۇللا رېھىم  بىلەن  ئىسرائىلغا  كۈنىگە  بىر  قېتىم  بىر  يۇتۇمدىن  سۇ  بېرەتتى  . قالغانلار  قۇرۇپ  كەتكەن  تاماقلىرىنى  چاكىلدىتىپ ، گەز  باغلىغان  كالپۇكلىرىنى  يالاپ  تەلمۈرىشەتتى . راست  گەپنى  قىلغاندا ، ئۇلار  تېنەپ  كەتكەنسىرى  تەكلىماكاننىڭ  ئىچكىرىسىگە ، يەنى  بارسا  كەلمەس  يولغا  مېڭىشاتتى . پايانسىز  قۇملۇق ئىچىدە  مۈدۈرۈپ،  يىقىلىپ،  سۆرىلىپ  ئارانلا  قەدەم  ئېلىۋاتقان  مىركامىل،مەۋلىد،يەنە توختى ئىسىملىك  ئۈچ مەدىكار  بەشىنچى  كۈنى  بولالماي  قېلىشتى . ئۇلار  مەسلەھەتلىشىپ ، بىردەك  كارنىگ
موللىرغا  ئېتىلدى . قۇم  داۋانلىرىدىن  پومداقلىشىپ،پەسكە  يۇمىلىنىپ  كەسكىن  ئېلىشىش  باشلاندى .ئەمما  كارنىگ  مۇللىرتاپانچىسىنى چىقىرىپ  مىركامىل  بىلەن  مەۋلۈدنى  ئېتىۋەتتى. بەك  ئاجىزلاپ  كەتكەن  توختى  بىر  چەتتە  تۈگۈلۈپجان  تالىشىۋاتاتتى .بۇنداق  ئىشلانى  كۆپ  كۆرۈپ  تاشبېغىر  بۇلۇپ  كەتكەن  ئىسرائىل  ھېچنىمە  بولمىغاندەك قىلاتتى .لېكىن  پەتقۇللا  رېھىم ئۆزىنى  تۇتىۋالالماي  يىغلىۋەتتى ...
  ئۆي  بىر  پەس  جىمجىتلىققا  چۆمدى . ئۇيۇقتىكى  قارا  چىراغ  پىلىلداپ  كۆيۈپ  غۇۋا  يۇرۇپ  تۇراتتى . قايغۇلۇق  ھېكايىدىن  يۈرىكى  زېدە  بولغان  ئەزەمشاھ  بۇرنىنى  تارتىپ ، بېلىدىكى  ئاق  پوتا  ئۇچىدا  ياشلىرىنى سۈرۈتتى . بوۋاينىڭ  سۆزلىرىسىن ،مىسكىن  چىرايىدىن  كۆڭلى  ئېزىلگەن  گۈلبادام  چوڭقۇر  تىنىپ  قويدى .
-ھەي  دەردىم ، مەخپۇزخان  مەزلۇملىقىنى  قىلدى ،- دېدى  ئەزەمشاھ  گېپىنى  داۋاملاشتۇرۇپ ،- كەچتە  مۇزەپپەر كېلىشى  بىلەن  پەتقۇللا  رېھىمنىڭ  ئېيتقاللىرىنى  ئېقىتماي - تېمىتماي  سۆزلەپ  بەردى . قېنى  قىزىپ  تۇرغان مۇزەپپەر  ئەجنەبىينىڭ ئىسمىنى  سورىۋېدى ، موماي ‹‹ كىۋىر  موللا    دېدىمۇ ، كېرەم  موللا دېدىمۇ ، موللىغا  يېقىن  بىر  نېمە  دېدىغۇ .››دەپ   ئەجنەبىينىڭ  ئىسمىنى  دەپ  بېرەلمىدى . ئۇ  مەندىن سورىغان  ئىدى ،مەن ‹‹ موماڭ ئالجىپتۇ ، ئەجنەبىينىڭ  ئىسمى چىقمىدى .›› دەپلا  قۇتۇلدۇم .
-مەخپۇزخان  مومام  ئالدىراقسانلىق  قىپتۇ .
-شۇ  ئەمەسمۇ ، مومىسىنىڭ  سۆزىنى  ئاڭلىغان  مۇزەپپەر  باشقىچىلا  ئادەمگە  ئايلاندى ، - دېدى  ئەزەمشاھ بېشىنى چايقاپ ،- ئۇ  غىلاپلىق  پىچاقنى  يېنىدىن  ئايرىمايدۇ ، كارۋان  تولىدا  بىرەر  ئەجنەبىينى  كۆرسىلا  ‹‹ ئۆلتۈرىمەن ›› دەپ تۇرۋالىدۇ . موماي  ئىككىمىز  ئۇنى  مىڭ  بالالىقتا  يىغلاپ ، قاقشاپ  ئارانلا  توسۇپ قالىمىز.
-پەتقۇللانىڭ  سەككىز  يىلدىن  كېيىن ، ئۆچكەن  ئوتنى  پۈۋلىگىنى  نېمىسى ؟-گۈلبادامنىڭ  تەلەپپۇزى  قاتتىق ئىدى ،-ئۇ  كېلىپ  قىساسقا  قايتا  ئۇرۇق  سالمىغان  بولسا  مۇزەپپەر  ئاكام  مۇشۇ  كۈنگە  قالارمىدى؟
-ھېلىقى   ئەجنەبىي  قاتىللىقنىڭ  پاش  بۇلۇپ  قېلىشىدىن  قۇرقان چېغى ، پەتقۇللانى  دۇنخۇڭ  مىڭئۆي  ۋە تۇرپان قارىغوجىغا  ئېلىپ  كېتىپ  مەددىگارچىلىققا  ساپتۇ . ئۇ  يۈز  نەچچە  ساندۇق  بايلىقلارنى  ئېلىپ ، دۆلىتىگە  قايىتدىغان  چاغدا ، پەتقۇللانى  ئۆلتۈرۋەتمەكچى  بوپتۇ  . بىراق ، پەتقۇللا  قېچىپ  كېتىپ  باشقا  ئەجنەبىيلەرگە  ياللىنىپ  ئىشلىگەچكە ، يۇرتىغا  قايىتالماي  يەتتە-سەككىز  يىل  ئۆتۈپ  كېتىپتۇ  ئەمەسمۇ .
-ئارىدىن  شۇنچە  يىللار  ئۆتكەندە ، مۇزەپپەر  ئۇ  ئەجنەبىينى  قانداق  تېپىپتۇ ؟
-بۇ  تەرىپى  نامەلۇم ، بىراق  ھېلىقى  ئەجنەبىي  ئۆلمەپتىكەن ، ئۇنىڭ  تەرەپ - تەرەپكە  چېرىك ۋە  ئايغاقچىلارنى  ئەۋەتىپ  قاتتىق   سۈرۈشتە  قىلغانلىقىنى  ئاڭلاپ  قالغان  مۇزەپپەر  ئۆيگىمۇ  كېلەلمەي ، ياقا  يۇتلارغا  قېچىپ كېتىپتۇمىش.
-ئەسلىدە  مۇنداق  ئىش  ئىكەن - دە!-گۈلبادام  ئويغا  پاتتى.
-ھە ، قىزىم ، ئۆزۈمنىڭ  مۇڭىنى  يۆكۈپ  ئۆزلىرىدىن  تۈزۈككىنە  ئەھۋال  سورىيالمىدىم ، - دېدى  ئەزەمشاھ ،- ئابدۇللا  قانداقراق   تۇرۋاتىدۇ  ؟ نېمە  ۋەجىدىن  بۇ  يەرگە  كېلىپ  قالدىلا؟
-بوۋام  ئوبدان  تۇرۋاتىدۇ .  ئۇ  ئولتۇرسا - قوپسا  سىلىنىڭ  گەپلىرىنى قىلىدۇ.  بەكمۇ  سېغىندى .
-ھەي...دەرىخا...كىچىكىمىزدىن  تارتىپ  بىللە  ئويناپ ، تەڭ  چوڭ  بولغان  ئەمەسمىدۇق ،-بوۋاي  مىچچىدە يىغلىۋەتتى ،-بالىلىقتىكى دوست - يارەنلىرىنىڭ  ئوتى  يامان ، ھەرگىز  ئۇنتۇلمايدۇ . ھە ، قىزىم  ئېيتسىلا ،مىنى بىر  ئىش  بىلەن ئىزدەپ  كەلگەنمىدىلە؟
  گۈلبادام  نېمە  سەۋەبلەردىن  سەپەرگە  چىقىپ  قالغانلىقى ، قاپقان  يوقالغاندىن  كېيىن  بوۋىسىنىڭ  قاتتىق  ئازابلانغانلىقىنى سۆزلەپ  بەردى ، ئەزەمشاھ  سۈكۈت ئىچىدە  خېلىغىچە  باش  سېلىپ  ئولتۇردى .
-قىزىم ،-بوۋاي  بېشىنى كۆتۈردى،- ھازىر ‹‹ كۈلدەمە ›› كارۋان  سارىيىدا  بىر  كېچە  تۈنىگەن   ئەجنەبىي ئالۋاستىلار ، سودىگەر ، ھۆپىگەرلەر ‹‹ تۇران  ئۆتەڭ ›› ئالدىدىن  ئۆتمەي ، ‹‹ غۇدۇرقۇم ›› جاڭگاللىقى ئارقىلىق ‹‹ قۇمسالدى ››كارۋان سارىيىغا  ئۆتۈپ  كېتىدۇ .شۇڭا  قاپقان  ئوغرىسى،كېپەن  ئوغرىسى،چۆل  بۇلاڭچىللىرى تاپقان  ھارام  ماللىرىنى  ‹‹ كۈلدەمە ›› كارۋان  سارىيىدا  پۇل  قىلىدۇ . مېنىڭچە ، شۇ  يەرگە بېرىپ  تىڭتىڭلاپ باقسىلا  قانداق ؟
-رەھمەت  بوۋا ، دېگەنلىرىدەك  قىلىمەن .
ئەزەمشاھنىڭ  ئىچكىرىكى  ئۆيىدە  بىر كېچە  تۈنىگەن  گۈلبادام   ئەتىسى   سەھەر  تۇرۇپ  ،  بامدات   نامىزنى  ئۆتكەندىن  كېيىن ئېتىنى  توقۇپ  تەييار  بولدى .ئەزەمشاھ  ئۇنى  ئۇزىتىپ  كوچىغا  چىققاندا ، قىزنىڭ  پېشانىسىگە سۆيۈپ : ‹‹ خۇدايىم  تىلەكلىرىگە  يەتكۈرگەي  ›› دەپ  تىلىدى . گۈلباداممۇ  چىن   كۆڭلىدىن :
-بوۋا ، ئىشلىرىم سەرەمجان تاپقاندىن  كېيىن  سىلىنى  ئۆيۈمگە    ئەكەتسەم   رازى   بولاملا  ،- دېۋىدى ، كۆڭلى مىسكىن  بوۋاي  تاراملاپ تۆكۈلۈپلا  كەتتى. ئۇنىڭ  ئاپپاق  تارام - تارام  ساقاللىرىدىن  يۇمۇلاپ  چۈشىۋاتقان ياشلارنى كۆرگەن  گۈلبادامنىڭ  يۈرىگى  ئېيتقۇسىز ئېچىشىپ  كەتتى  .  

......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باغۋەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 20:37  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 09:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   ئۈچىنچى  باب



چۈش  پېشىندىن  ئۆتكەندە ‹‹ كۈلدەمە›› كارۋان  سارىيىغا  يېتىپ  كەلگەن  گۈلبادام ، ساراي  ئۇدۇلىدىكى  چايخانا  ئالدىدا  ئاتتىن  چۈشتى . كېلا ، ئات ،  يۆگە  ماياقلىرى  بىلەن  بۇلغانغان قۇملۇق  دەستىدىن   كۇكۇن  ھىدى  سىماقلارغا  ئۇرۇلاتتى . تۆت  ئەتراپىنى  ئېگىز  قۇم  قاپلاپ  تۇرغان   چوڭقۇرلۇقتىكى  ‹‹ كۈلدەمە ››  بازىرى  ئاددىي ، كۆرۈمسىز  كۆرۈنسىمۇ ، كارۋان  سارايغا  كىرىپ  كېتىۋاتقان ، چىقىۋاتقان   تۆگە  كارۋانلىرىنىڭ  كولدۇرمىلىرى   كولدۇرۇڭلاپ ،  ئېشەكلەر  ھاڭگىراپ ،  ئاتلار  كىشىنەپ ، ئادەملەر  ئالىتاغال   ۋارقىرىشىپ  ،، ھەممىدى  ئۆز  ھەلەكچىلىكى  بىلەن  ئالدىراش  ئىدى . بورا  كەپە ، يۇلغۇن  قوشاملاردا  ئۇرالغان   ئاشخانا  ، چايخانا ، ناۋايخانىلاردىن  كۆتۈرۈلگەن   ئاپپاق  بۇس  رەستە  ئۈستىدە  لەيلەپ  تۇراتتى . نېمىلا    بولسا   بۇ  بىر   نەچچېلىگەن   شالاڭ  دۇكانلار  قۇم  دەشتىدىكى  كارۋان  سارايغا   ھاياتىي  كۈچ  بېغىشلايتتى .
  گۈلبادام  ئېتىنى  موما   ياغاچقا  باغلاپ ، ئىسلىق   ھەن  بۇسلىق  چايخانىلارغا  كىردى. تۇغراق  بادىرىدىن  ياسالغان  قوپال  ياغاق  سۇپىلارغا  بوز  كېگىز ،  رەڭلىك  پالاسلار  سېلىنغان   بۇلۇپ ، چەكمەن  چاپان ، تۆگە  يۇڭىدىن  قىلىنغان   مەللە  تون ، بەقەسەم  يەكتەكلەرنى  كىيگەن  مۇساپىرلار ، سودىگەرلەر ، قەدىمكى  بويۇملار   ھايانكەشلىرى   ئىككى - ئۈچتىن ،  كۆپ  بولغانلىرى  تۆت - بەشتىن  بۇلۇپ  چاي  ئىچكەچ  پاراڭلىشىۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ  ئالدىدىكى  تالىما   داستىخاندا  ئوشتۇلغان   كاكچا ، كېسىلگەن  چەلپەك  ، گىردە  پاچىلىرى    تۇراتتى .
گۈلبادام  مىلتىقنى  يېنىغا  قۇيۇپ  ئەمدىلا  ئولتۇرىشى ، ئاغزى -  بۇرنىنى  قارا  لاتىدا يۆگىۋالغان  بىر  ئايال  كېلەڭسىز  كۆڭلەكلىرىنى   سۆرىگىنىچە   يېتىپ  كەلدى - دە :
- خان  ئايىم ، ئۆزلىرىگە  نىمە  كەلتۈرەي ، ئوغلاق   گۆشىمۇ ، چۈجە  كاۋىپىمۇ ؟-دېدى .
-بىر  چەينەك  چاي  بىلەن  بىر  دانە  گىردە  بولسىلا  كۇپايە .
-باش  ئۈستىگە ،-  ئايال  كېتىپ قالدى .
   گۈلبادامنىڭ  كېيىنىشلىرىدىن ،  مىلتىقىدىن ، ئادەم  يىنىكلىك  قىلالمايدىغان  تەمكىن  چىرايىدىن  ئەيمىنىپ  قالغان  بۇرۇتلۇق  ۋە  بۇرۇتسىز  يىگىتلەر  قۇيرۇقىنى   قىسىپ  جىمىپ  قېلىشتى . مىس   پەتنۇستا   ئۇششاق  توغرالغان  گىردە ، بىر  چەينەك   چاي ، پىيالە  ئالدىدىكى  داستىخانغا  قويۇلغاندىن  كېيىن، گۈلبادام   ئىچىدە  بىسمىللانى  ئوقۇپ  پىيالىغا  بىر  پارچە   گىردىنى  تۈگۈرى . توساتتىن   ئۆزىدىن  بىر  غولاچ  يىراقلىقتا  ئولتۇرغان  ئۈچ  ئادەمنىڭ  سۆھپىتى  قۇلىققا  كىرىپ  قالدى . ئۇلارنىڭ  بىرى   شاپاق  دوپپىلىق  ، قارا  ساقاللىق ، 40 ياشتىن  ئاشقان  ئادەمدەك  قىلاتتى . يەنە  بىرسى  بولسا  قېرىپ  قالغىنىغا  باقمايساقىلىغا  قىزغۇچ  خېنە  قويىۋالغان    بۇلۇپ ، ئۇ  ئالدىدىكى  بەقەسەم   تون  كىيىۋالغان  ئادەمەە  نىمىلەرنىدۇر  دەۋاتاتتى .
-ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟ - دېدى  قىزغۇچ  ساقال  ئادەم ،-ئاق  سېپىل  خارابىلىكىگە  كەلگەن ئۇرۇس  جاناپ بىلەن  ئېنگىلىز سەيياھ  بىر - بىرىگە قورال  چەنلىشىپ  قاپتۇ . تاسلا  قاپتۇ   بىر -بىرنى   ئېتىۋەتكىلى .
- ىۇدايىم  توۋا  قىلدىم ، - شاپاق دوپپىلىق   ياقىسىنى  چىشلىدى ، - ئاجايىپ  پەرەڭلەركىنا بۇ ،  نە - نەلەردىن  كېلىپ ، بىزنىڭ  نەرسىمىزنى  تالىشىدىغان .!
-شۇ  ئەمەسمۇ ، - بەقەسەم  تونلۇق  گېلىنى  قىرىپ  قويدى ،- بۇ  خەقلەر يا  خۇدادىن  ھېيىقمىسا  ، يا  ئەرۋاھلاردىن  ھېيىقمىسا ، قەبرىلەرنى  كولاپ  لەھەت  ئىچىگە  كىرىپ ، ئات - بوۋا ، پادىشاھلارنىڭ  ئۈستىگە  ياپقان  يېكەنداز ، ئاستىغا  سالغان  گېلەم ، گۈللۈك  پالاسلارنى  سۇغۇرۇپ  ئېلىپ  چىقىرۋالىدىكەن .
-ئۇ  ئىمانسىزلار  خۇدادىن  قورقامدۇ ؟ -  شاپاق  دوپپىلىق  قولىنى  شىلتىدى ، - ئۆزىمىزمۇ  ئەسكى  خەق ، ئاتا - بوۋىلاردىن ، يەتمىش   پۇشتىمىزدىن  قالغان  نەرسىلەرنى  كۆتۈرۈپ  كېلىپ ، شاپاق  نەرخى  سېتىۋاتمامدۇ . ئون  كۈندەك  بولدىغۇ  دەيمەن ، بىر  ئادەم  كونا  زاماننىڭ  قاپقىنىنى  ساتىمەن  دەپ  كۆتۈرۈپ  كەپتۇ . ساتامسەن  دېسە ، ساتمايمەن  دېدى . ئەمما  كونا  بولغىنى  بىلەن  قاپقان  ئەمەسمۇ، ھېچكىم  ئۇنى  ئاچالمىدى ياكى  قۇرالمىدى . يىگىت  ئۆزىمۇ  بىلمەيدىكەن  ئەمەسمۇ .
گۈلبادامنىڭ  چۆچۈپ  كەتكىنى  ئۇنىڭغا  ئايان  بولدى . لېكىن  گەپنىڭ  ئاخىرى  قانداق  بولىدىغانلىقىنى  بىلىش  كويىدا  ئۈندىمەي  پاراڭغا  قۇلاق  سالدى .
-ئۇ  ئادەم  ئۆزىمۇ  قاپقاننى  قۇرۇشنى  بىلمىدە ،-بەقەسەم  تونلۇق  مەسخىرىلىك  كۈلۈپ  قويدى  ،- ئۇنداقتا  ئۇمۇ  ئوغۇرلىغان  ياكى  قۇملۇقتىن  قېزىۋالغان  گەپ.
-ئۇنىمۇ  دېدىڭلار ، بۇنىمۇ   دېدىڭلار ، ئۇلار  قانچىلىك  ئىشتى ،-  قىزغۇچ  ساقال  چايدىن  بىر  يۇتۇم   ئىچىپ  سۆز  باشلىدى ،- مانا  مان  تۇرپاندىن  كەلگەن  دورىگەر ، خوتەندىن  تىبابەت   دورىللىرى  ئالغىلى  ماڭدىم . بىر  نەچچە  ئاي بولدى . لېكىن ، تۇرپان  قارىغوچىغا  ئىككى   ئاكا-ئۇكا  گۇمانلىقلار  كېلىپ ، ياللىغان  يىگىرمىدەك  دېھقان  بىلەن  كونا  خارابىلىكلەرنى  قېزىۋاتىدۇ .
-پاھ -  پاھ ، بۇ  چۇپۇر  يۈز  ئالۋاستىلار  تۇرپاننىمۇ  ئالا  قويماپتۇ - دە ، - شاپاق  دوپپىلىق  دىمىقىنى  قاقتى ،- ئى خۇدا !  بۇ  ئىمانسىزلىقلارنىڭ  جاجىدسىنى  بەرگەيسەن .
-توختاڭلار  ەەپ  تېخى  ئارقىدا ، - قىزغۇچ  ساقال  كۆزلىرىنى  چەكچەيتتى ،- قارغوجىلىق  خېلى  مەرتىۋېلىك  ئىككى  كىشى  ھېلىقى  گۇمانلىقلارنى  يوقلاپ  كېلىپ  نېمە دەپتۇ  دېمەمسىلەر؟
-ھە ، ھە ، نېمە  دەپتۇ ؟-قىزىقسىندى بەقەسەم  تونلۇق،- قېنى  سۆزلىسىلە  زاتى  مۇبارەك .
-ئەپەندىلەر ، سىلەر  بويتاق  ئىكەنسىلەر ، ئەر  كىشى  ئۆيدىن 15 كۈن  ئايرىلسا ، بىرەر  مەزلۇم  بىلەن  ۋاقىتلىق  نىكاھ  قىلىش  سۈننەتتۇر ، دېگەن  ئەقىدىمىز  بار . شۇڭا  سىلەرنى  ئۆيلەپ  قويوپ ، ساۋاب  تاپماقچىمىز . - دەپتۇ .
-نېمە بۇ...بۇ...كۈتۈلمىگەن  ئىش  بولدىغۇ ، - دەپتۇ  ئاكىسى  فون لىكوك ، - سىلەر  بىزنى  مۈشكۈل  ئەھۋالغا  چۈشۈرۈپ  قويدۇڭلار . بۇ  قانداقمۇ مۇمكىن  بولسۇن ؟
-سىلەر  تارتىنماڭلار ، - ئىككى  مەرتىۋىلىك  كىشىنىڭ  بىرى  قولىنى  كۆكسىگە  قويۇپتۇ ،- بىز  ئىككىمىز  قىزلىرىمىزنىڭ  ماقۇللىقىنى  ئېلىپ  كەلگەندۇق.
-ھىممىتىڭلارغا  رەھمەت ، - دەپتۇ  فون  لىكوكنىڭ  ئىنىسى  باتاس ، - بىزنىڭ  خۇتۇن  بالىللىرىمىز  بار .
-شۇنداق ، - دەپتۇ فون  لىكوك ،-  بۇ  يەردە  زىناخورلۇق  قىلغانلارنى  25   دەررە   ئۇرىدىغان  ئادەت  بار  ئىكەن، بىزنىڭ  پادىشاھىمىز  خۇتۇن  ئۈستىگە  خۇتۇن  ئالغانلارنى  50  دەررە  ئۇرغۇزۇپ ، جەھەننەمگە  ئۇزىتىپ  قويىدۇ .
...شاپاق  دوپپىلىق  بىلەن  بەقەسەم  تونلۇق  قىزغۇچ  ساقاللىقنىڭ  سۆزىنى ئاڭلاپ  ئاغزى  ئوچۇقلا  قالدى . خېلى  مەرتىۋىلىك ۋە ئابرويلۇق  بۇ  ئىككى  كىشىنىڭ  پۇل  ۋو  مەنپەئەت  ئۈچۈن  قىلغان  نۇمۇسسىزلىقى  ئۇلارنى   ھاڭ - تاڭ  قالدۇرغانىدى  .
-ئۇ  ئەجنەبىيلەر  ئۈچۈن  ئىككى  قىز  دىگەن  نېمىگە  ئەرزىيتتى ، - دېدى  شاپاق  دوپپىلىق  ئاچچىقى  بىلەن، - ئالارنىڭ قېزىۋاتقان  بايلىقلىرى  ئالدىدا  يۈز  قىز  ئەكىلىپ  بەرسەڭ  كۆزىنى  قىيا  سالماس.
ئۇلار  بىردەم  جىمىپ  قېلىش   ئارىلىقىدا ، گۈلبادام  كېلىپ  ئەدەپ  بىلەن   سالام  بەردى ھەم  شاپاق   دوپپىلىق  ئادەمگە  ئىلتىجا   قىلدى :
-ئاكا ،  ئۆزلىرىنى  مالال  قىلدىم ، - گۈلبادام   سۇسقىنا  ئېگىلدى ،- بايا سىلى  قاپقان  تۇغۇرلۇق  گەپ  قىلدىلا ، ئۇ  يىگىتنى  تۇنۇملا ؟
يو ... يوقسۇ ، - شاپاق  دوپپىلىق  قىزنىڭ  تۇرقىدىن  ئەيمىنىپ  قالدى ، -  تو ... تونىمايمەن ، تۇنجى  قېتىم  كۆرۈشۈم .
-تەق - تۇرقى ، چىرايى  خەتلىرىدە  باردۇ ؟         
-بۇ... بۇ ... قانداق  گەپ  بولدى  ئۆزى ،- شاپاق  دوپپىلىق  ھەمراھلىرىغا  ئوڭايسىزلىنىپ  قاراپ  قويدى ، - قاپقاننىڭ ئەتراپىغا  كۆپ  ئادەملەر  توپلىنىۋالغاچقا، ئۇنىڭ  چىرايىغا  زەن  سالماپتىمەن .
- سورىشىمدىن  تەئەججۈپلىنىپ   قالمىسىلا ، - دېدى  گۈلبادام  مۇلايىملىق  بىلەن ، - خەق  ئاچالمايدىغان  ھەم  قۇرالمايدىغان  ئۇ  قاپقان  ئاتا - بوۋامدىن  تەۋۋەرۈك  ئىدى . بىر  كىم  ئوغۇرلاپ  كەتتى . مەن  ئۇنى  ئىزدەپ ئۇزاق  يوللارنى  بېسىپ  كەلدى .
-ئۇ  يىگىت ، شاپاق  دوپپا  جاللانغاندەك  بولدى ،-مۇشۇ  تۆۋەنگە  قاراپ  ماڭدى . جەزىم  قىلالايمەنكى ، ئۇ  ‹‹ غودۇرقۇم ›› ئارقىلىق  ‹‹ قۇمسالدى ›› كارۋان  سارىيىغا  بېرىشى  مۇمكىن . ھە راست ، ئۇ  40ياشتىن  ئاشقان ، قارىراق   ئادەم  .
-رەھمەت  سىلىگە ، خۇدايىم  تىلىگەنلىرىدىن  ئارتۇقراق  ئۆمۈر  بەرگەي .
قاپقان  توغۇرلۇق  ئېرىقنىڭ   نېمىدەك  ئۇچۇرغا  ئىگە  بولغان  گۈلبادام  چايخانىنىڭ  ھەققىنى بېرىپ ، مىلتىقنى  ئالدى - دە ، چىقىپ  كەتتى . پاراڭخۇمار  ھېلىقى  دىلكەشلەر  ئۇنىڭ  ئارقىسىدىن  قارىغىنىچە  باشلىرىنى  چايقاشتى . بەزىلىرى  لەۋلىرىنى  چىشلەپ ، كۆزلىرى  چىمچىقلاپ  كەتتى .
-پاھ ، پاھ ، ئەر  كىشىدەك  ئەجەبمۇ  شەرەنداز  مەزلۇمكىنا  ،-دېدى  قىزغۇچ  ساقال  قېرى ،- پاۋانلاردەك  مىلتىق   ئېسىۋالغانىنى  كۆرمەمدىغان .
-تېخى  يۈزى  ئېچىلمىغان  ھالۋادەك  قىلىدۇ ،-بەقەسەم   تونلۇق  تامىقىنى  چاكىلدىتىپ  قويدى ، - بىراق  يېشى  سەل  ئۆتۈپ  كېتىپتۇ  ئەمەسمۇ .
-نېمە  دىدىلە  تەقسىر ؟ - سورىدى  شاپاق  دوپپىلىق  ھەيران  بولۇپ ،- ئۇ  شەرەندازنىڭ  قىز  ئىكەنلىكىنى  قانداق  بىلىلا ؟
-زەن  سالمىدىڭلارمۇ ، يۈزىگە  ئاندا - ساندا  قىز  چېچىكى چىقىپ  قاپتۇ .
ئۇلار  ئەنە  شۇنداق  تاماقلىرىنى  تامىشپ ، ‹‹ شەرەنداز  قىز›› توغۇرلۇق  پاراڭغا  چۈشكەندە ، گۈلبادام  ئېتىنى  قاتىرىتىپ  ئۇزاپ  كەتكەنىدى . ئۇ ‹‹ تۇران  ئۆتىڭى ›› بىلەن  ماڭماي ، ‹‹ غۇدۇرقۇم ›› جاڭگاللىقىغا  بارىدىغان  قۇملۇق يولىدا  كېتىۋاتاتتى . قۇياش  قۇم  چۆللىكى  تەرەپكە  قىيسايغان  بۇلۇپ ، غەمخانىسىغا  ئالدىراۋاتقان  مۇساپىردەك  ئۇپۇق  تامان  پەسلىمەكتە  ئىدى . جنۇب  ەرەپكە  تول  ئالغان  بۇلۇتلار   قارامتۇل   بارخانلار  ئۈستىگە  سايە  تاشلاپ  كېتىۋاتاتتى . قۇياشلىق  ئاسماندا  قانداقتۇر  قۇشلار  قاناتلىرىنى  پىلدىرلىتىپ   ىر  يەردە  تۇرىشاتتى . قۇملۇق  يولنىڭ  ئىككى  تەرىپىدە  چاكاندا ، يانتاق ، تىكەنلىك   چىتەنلەر  ئاندا - مۇندا  ئۇچىراپ  قالاتتى . ‹‹ كۈلدەمە ›› كارۋان  سارىيى  بىلەن  ‹‹ قۇمسالدى ›› كارۋان  سارىيىنىڭ  ئارىلىقى  يارام   ئات  ئۈچۈن  بىر  كۈنلۈك  يول  ئىدى . گۈلبادام  كارۋان  ساراي ، دەڭ  دەرۋازىللىرىنىڭ  تاقىلىشىدىن  بۇرۇن  يېتىپ  بېرىشنى   كۆڭلىگە  پۈكۈپ ، ئېتىغاقامچا  سالدى .  
گۈلبادام  ‹‹ غودۇرقۇم ›› جاڭگاللىقى  ئىچىدىكى  ئەگرى - بۈگرى چاتقاللىقتىن  ئۆتۈپ ، پەسلىكتىكى  قۇمۇشلۇققا  كەلگەندە ، قوشئاتار  مىلتىقىنىڭ  زاتورىنى  قايرىپ ، تەپكىسىنى  باسسىلا  ئاتىدىغان  قىلىپ   قويدى . چۈنكى ،بۇنداق  ئېگىز  ئۆسكەن  قۇمۇشلۇقتا  ياۋا  تۇڭگۇز  كۈچۈكلەپ  كۆپىيەتتى . قاۋانلىرى  تۇمشۇقىدا  پاتقاق  تىلغاپ  يىلتىز  قۇمۇشلىرىنى  يىگەچكە ، ئۇلارنىڭ  جاۋغايلىرىدىن  چىقىپ  تۇرغان  بىر  غېرىچتەك  چىقىپ  تۇرغان  مەگىنى  پىچاقتەك  ئۆتكۈر  بۇلۇپ ، ئات ، كالا ، يولۋاسلارنىڭمۇ  قارنىنى  يېرىۋېتەتتى . مېكىجىنلىرىمۇ  كۈچۈكلىرىدىن  قىزغىنىپ  ياۋۇزلىشىپ  كېتەتتى . ئەگەر  ئۇلارنىڭ  پېشانىسىنى  نەقلەپ  ئاتالمىغاندا ، ئېغىر  ئاقىۋاتتىن  قۇتۇلۇش  تەس  ئىدى .
يىللاپ  بىر  تېمىم  سۇ  كۆرمەيدىغان  دەشت  قۇملۇقتا   گاھ -  گاھ  ئۇچىراپ  قالىدىغان  قۇمۇشلۇق ، سازلىقلار  ئادەمنىڭ  ئەقلىنى لال  قىلاتتى . گۈلبادام  ئۆىچە  بۇنىڭ  سىرىنى  مۇنداق  يېشەتتى . ھەر  يىلى 6-7-ئايلاردا  قارىقۇرۇم  تاغلىرىدىكى  قار - مۇزلار  ئېرىپ  شىددەتلىك  كەلكۈن  يامراپ  كېلەتتى . ئاندىن  تارىم  دەرياسىنىڭ  سۈيى  قېنىدىن  تېشىپ ، تەكلىماكان  قۇملۇقلىرىغا  سىڭىپ  كېتەتتى . چوڭقۇر  يەر  تېەىدىكى  دۇ ، قۇم  تەرىپىدىن  سۈمۈرۈلۈپ  بارلىق  دەستكە  تەكشى  تارقالسىمۇ ، پەقەت  چوڭقۇر  جىلغىلارغا ، ئويمانلىقلارغا  سىرغىپ  چىقىپ  كۆل  ھاسىل قىلاتتى . تەكلىماكان  قۇملۇقلىرىدىكى  سۇسىز  قالغان  قالغان  كارۋانلار  مۇشۇنداق  كۆللەرنى  مۈچەل  قىلىپ  مېڭىشاتتى . ئۇنىڭ  سۈيى  نەتتەم ، قىرتاق  بولسىمۇ  تېنەپ كەتكەن  سەيياھۋە  بايلىق  قىدۇرغۇچىلار  ئۈچۈن  چوۇ  ئابىزەمزەم  ئىدى .
قۇمۇشلۇق  ئىچىدىكى  چىغىر  يول  ئىنتاھىن  خەتەرلىك  ئىدى . بەزى  يەرلەر  ئاتنىڭ  پۇتى   پېتىپ  كېتىدىغان  بەز  پېتىق  بولسا ، كۆپ  يەرلىرىنى  سۇنغان  قۇمۇش ، نەچچە  يىللىق  قۇمۇش  چاۋار - چاتقاللىرى  بېسىۋالغاچقا ، ئات  پۇتلىشىپ  تېز  ماڭالمايتتى . تېخى  ئىككى  تەرەپتىن  گىرەلىشىپ  كەتكەن  قۇمۇش  غوللىرى  خۇددى  سالمىغا  ئوخشاش  ئات  ئۈستىدىكى  ئادەمنى  نەچچە  غۇلاچ  يىراقلىققا  تاشلايتى . گۈلبادام  بوقىنى  بوشتىۋېتىپ ، ئاتنى ئۆز  ئىختىيارىغا  قويىۋەتتى .  ئۇنى  ‹‹ ئېھتىيات  قىل ›› دېگەندەك  پۇتىغا  پات - پات  بېقىنداپ  قوياتتى . ئۆزى  بولسا ، بەتلەكلىك  مىلتىقىنىڭ  پاينىكىنى  مۈرىسىگە  تاقاپ ، قايسى  تەرەپتىن  بىرەر  شەپە  ئاڭلانسا ، دەرھاللا  شۇ  تەرەپكە  ئەجەل  ئاغزىنى  قارىتاتتى . ئۇ  ئۆزىنىڭ  مىلتىق  ئېتىش  ماھارىتىگە  ئىشنەتتى . ئابدۇللا  بوۋاي  كوزا  پۇچۇقلىرى، ئۆچكە  مۈڭگۈزلىرىنى  توغراق  شاخلىرىغا  ئېسىپ  قويۇپ ، نەقلەپ  ئېتىشنى  خېلى  ئۇزاق  مەشىق  قىلدۇرغاچقا ،  ئۇ  ئات - ئېشەكلەرنىڭ  يېغىرىنى  چۇقۇۋاتقان  جۇزغۇننىمۇ  نەچچە  قېتىم  ئېتىپ  ئۆلتۈرگەنىدى .
‹‹قاشقا  يۇلتۇز ›› ئېگىسىنىڭ  جىددىيلىشىۋاتقانىلىقى  بىلگەندەك ، ئېھتىيات  بىلەن  قەدەم  ئېلىپ  كېتىۋاتاتتى . ئۇ  بەزىدە  چىپپىدە  توختاپ  قىياقتەك  قۇلاقلىرىنى  شىڭتايتىپ ، كىچىككىنە  شەپىگىمۇ  دىققەت  قىلاتتى . گۈلبادام  ئاتتىن  چۈشۈپ ، چۇلۋۇرىنى  بېلىگە  باغلاپ  ئالدىدا  ماڭماقچىمۇ  بولدى . لېكىن  قاۋاننىڭ  ئارقىدىن  ئېتىلىپ  كېلىپ ، ئاتنىڭ  ساغرىسىنى  يېرىۋېتىشىدىن  ئەنسىرەپ  قالدى . شۇڭا ، ئۇ  ئات  ئۈستىدە  ئالدى - كەينىنى  تەڭ  كۆزىتىپ  مىلتىقىنى  چەنلەپ  ماڭدى .
ئۇلار قۇمۇشلۇقتىكى  ئۇزاق  يولدىن  چىقىپ  بولغۇچە ، ھەر  ئىككىلىسى  قارا  تەرگە  چۆمۈلۈپ  كەتتى . گۈلبادام  ئاتنىڭ  بويۇنلىرىنى  شاپىلاقلاپ ، پېشانىسىگە  سۆيۈپ  قويغاندىن  كېيىن  يەنە  بىردەم  يېتىلەپ  ماڭدى . ئەمدىلىكتە  ئۇلار  يەنە  چەكسىز  قۇملۇقلارغا  كىرىپ  كەتتى .
قۇياش  ئاللىقاچان  كۈن  چىگراسىدىن  ئۆتۈپ ، بارخانلار  چوققۇللىرىنى  سارغۇچ  بېنەپشە    رەڭدە  بېزەپ  ، تەسكەي  قاپتاللارغا   قۇيۇق  سۆسۈن  رەڭ  سايىلەرنى  تاشلىغانىدى .  سوغۇق  شامال  چىقىشقا  باشلىدى . قۇملۇقتىكى  قۇرت - قۇڭغۇرلار  غايىپ  بۇلۇپ ، كەسلەنچۈك ، پاتمۇچۇقلار  قۇم  ئارىلىغا   مۆكۈندى .
گۈلبادام  بىرەر  ئاش  پىشىم  ماڭغاندىن  كېيىن ، بىرەر  قۇم  يانباغرىدا  ئولتۇرۇپ ، ئارپا  كۆمىچى  يەپ  سۇ  ئىچتى . ئاتمۇ  بېشىغا  كىيگۈزۈپ  قويغان  توۋرىدىكى  قوناق  ۋە  ئارپا  بۇغۇزىنى  كورسىلدىتىپ  چايناشقا  باشلىدى . نىل  رەڭلىك  كۆك  ئاسماندا  ئاي  ئورغۇقى  كۆرۈندى . ئۇنىڭ  ئەتراپىدىكى  يۇلتۇزلارمۇ  سۈرلۈك  قۇم  جىلغىسىدا  تەنھا  ئولتۇرغان  قىزغا  كۆز  قىسىشىپ  پىلىلدايتى . بۈككىدە  يۇلغۇنلۇق  ئىچىدىن  نىمىدۇر  يۇمشاق  ئاياغلىرى  بىلەن  شىتىرلىدى  ۋە  قانداقتۇر  كىچىك  چۆل  قوشىنىڭ  ئۇيقۇلۇق  چۇرۇقلىشى  مەلۇم  بولدى . گۈلبادام  جامغا  ئازراققىنە  سۇ  ئېلىپ  ئاتنىڭ  تۇمشىقىغا  تەڭلىگەنىدى ،  ئۇ  خۇددى  چېچىلىپ  كەتمىسۇن  دىگەندەك  سۈمۈرۈپ  ئىچىۋەتتى . ھەتتا  گۈلبادامنىڭ  سۇ  بەرگەن  قوللىرىنى  يالاپ ، ئۇنىڭ  غىدىقىنى  كەلتۈرۋەتتى .
  گۈلبادام  تۈن  نىسپىدىن  ئۆتكەندە ، ‹‹ قۇمسالدى ›› كارۋان  سارىيىغا  يېتىپ  كەلدى . بىراق  ساراي  دەرۋازىلىرى  ئاللابۇرۇن  تاقىلىپ  كەتكەنىدى . شۇڭا ، ئۇ  ئەتراپتىكى  يالغۇز  دەڭگە  بېرىپ ، ئۇ  يەردىنمۇ  ئۈمىدسىزلىنىپ  قايتىپ  كەلدى . ئەمدى  ئايدالادا  تۈنەشتىن  باشقا  ئامال  يوقتەك  قىلاتتى . شۇنداقتىمۇ  ‹‹ قۇمسالدى ›› كارۋان  سارىيىنىڭ قاغجىراپ  كەتكەن  دەرۋازىسىنى  قېقىپ ‹‹ ئادەم  بارمۇ ؟ ›› دەپ  ۋاقىردى . بىر  چاغدىلا  ئىچكىردىن  ئۆي  ئىشىكىنىڭ  ‹‹ غىيىق ›› قىلىپ  ئېچىلغان  ئاۋازى  بىلەن  ماڭغان  ئاياغ  تىۋىشى  كەلدى .
_ قايسىڭ  سەن ؟ - ساراي  غوجىدارى  بولسا  كېرەك ، دەز  كەتكەن  تەشتەكتەك  خىقىردى ، - ئالا  كېچىدە  دەرۋازا  قېقىپ ، قانداق  بىمەسەل  نىمە  ئۇ .
- ئاكا ، مەن  بىر  يولۇچى ، - ۋاقىردى  گۈلبادام ، - ئىشىكنى  ئاچسىلا ، تۈنەشكە  كەلدىم .
- بولمايدۇ...سەن  كېپەك  ئوغرىسىمۇ ، بۇلاڭچى ، قاراقچىمۇ  كىم  بىلىدۇ ؟
- ئاكا ، مەن  بىر  قىزبالا ، كېچىكى  تۈندە  تالادا  قالسام  بولماس .
  غوجىدار  دەرۋازىنىڭ  كىچىك  قانىتىنى  ئېچىپلا  ‹‹ ۋاي  ئانىمەي ›› دەۋەتتى . چۈنكى ، ئۇ  كىيىملىرى  ئەرەنچە ، مىلتىق  ئاسقان  گۈلبادامدىن  قورقۇپ  كەتكەنىدى . شۇڭا ، دەرۋازىنى  قايتا  يېپىۋالماقچى  بولدى - يۇ ، ئەمما  قىزنىڭ  ئۆزىنى  ئېتىۋېتىشىدىن  قورقۇپ : ‹‹ ئەمىسە  كىرسىلە ›› دەپ يول  بوشاتتى . ئالا  تۈنىنى  ئۈستىگە  ئارتىپلا  چىققان  بۇ  ئادەمنىڭ  بوينىدىن  تا  ئىشتان  ئېغىغىچە  قاپقارا  چۇپۇر  باسقان  بولۇپ ، ئۇنىڭدىن  ئىسسىق  يوتقان  ھىدى  بىلەن  ئاچچىق  تەر  پۇرىقى  گۈپلا  ئۇرۇلغانىدى ، گۈلبادام  سەسكىنىپ  كەتتى ، ئەمما   چاندۇرمىدى .
  - ياتقۇدەك  ئايرىمخانىلىرى  بارمىكىن ؟  - گۈلبادام  مۇرىسىدىكى  مىلتىقنى  ئۆرىدەپ  قويدى ، - يەنە  ئېتىمغا  پىچان  سېلىپ  بەرگەن  بولسىلىرى .
  گۈلبادامنىڭ  ئەرلەرگە  خاس  تەمكىن  قىياپىتىدىن ، ئۇنىڭ  مۇرىسىدىكى  مىلتىقتىن  ئەيمىنىپ  تۇرغان  غوجىدار  بىردىنلا  ھورىدىن  چۈشۈپ ، ئاۋازى  مۇلايىملاشتى .
- ئاشۇ  قاتاردا - دېدى  غوجىدار  كەبىگە  ئوخشاش  پاكار  ئۆيلەرنى  كۆرسىتىپ ، - ئىككى  ئۆي  بىكار ، قايسىسىنى  خالىسىلا  شۇنىڭدا  ياتسىلا ، ئاتلىرىغا  يېڭى  پىچان  سېلىپ  بېرىمەن .
- ساراي  ھەققىنى  ھازىرلا  بېرىمەنما ؟
- يوقسۇ ، يوقسۇ  ، ئەتە  قايىتقاندا  بەرسىلىمۇ  بولىدۇ .
- رەھمەت ، خۇدايىم  رىزقىلىرىنى  كەڭ  قىلسۇن !
  گۈلبادام  ئېتىنى  غوجىدارغا  تاپشۇرۇپ ، چەتتىكى  خانىغا  كىردى . بۇ  ئۆيدە  سۇپا   ياكى  ياغاچ  كاتمۇ  يوق  ئىدى . يەرگە  يېيىتىلغان  ياۋا  قۇمۇش   ئۈستىگىلا  بىر  پارچە  پالاس  تاشلانغان  بولۇپ ، دەسسىسە  پىسىرلايتى . گۈلبادام  مايلىشىپ  كەتكەن  قۇم  تەكىيگە ، مورا  ئالدىدىكى  قاپقارا  قۇيۇن  باغلىغان  قۇم  چۆگۈنگە ، پۇچۇق  ھېجىرەە ، بۇلۇڭدا  قىيسىيىپ  تۇرغان  سۇ  قاپىقىغا  قاراپ  چوڭقۇر  تىندى . ئۇ  ئىشىك  كىلتانىنى  سالغاندىن  كېيىن ، تۆگە  يۇڭىدىن  توقۇلغان  بەكمۇ  قوپال  يېپىنچىنى  تىزلىرىغا  ئوراپ ، تامغا  يۆلىدى - دە ، خىيالغا  كەتتى  :
  ‹‹ ھېلىقى  لەنىتى  ئوغرى  مۇشۇ  سارايغا  چۈشكەندىمۇ ؟ كىم  بىلىدۇ ، بىرەر  غەمخانىدا  خورەكنى  بولىشىغا  تارتىپ  ئۇخلاۋاتامدۇ ؟ ئارىدىن  خېلى  كۈنلەر  ئۆتتى . ئېھتىمال  قاپقاننى  بىرەر  ھايانكەشكە  سېتىپ  كېتىپ  قالدىمۇ ؟ساتقان  بولسا  ئالغان  ئادەمنى ، بولمىسا  ئۆزىنى  چوقۇم  تاپىمەن . ئەگەر  يولسۇزلىق  قىلسا  قۇملۇققا  ئاپىرىپ  ئېتىۋېتىمەن . بۇنداق  ئاتا - بوۋىلار  تەۋەرۈكلىرىنى  ئوغرىلىغان  قارا  كۆڭۈلنىڭ  بۇ  دۇنيادا  ياشىغىنىدىن  ئۆلگىنى  خوپ !... ››
  گۈلبادام  ئېگىز - پەس  خىياللار  قاينىمىدا  بىر  ھازا  پىرقىراپ  يۈرۈپ ، قاچانلاردا  كۆزى  ئىلىنىپ  كەتكىنىنى  ئۆزىمۇ  تۇيماي  قالدى . ئىككى  كۈندىن  بېرى  قۇم  دەشتىلىرىدە  سەرسان  بولۇپ  ھاردۇق  يېتىپ  قالغانمۇ ، ئۇ  ئەتىسى  سەل  ۋاقچە  ئويغاندى . قاپاقتىكى  سۇدىن  ھېجىرغا  ئېلىپ   يۈز - قوللىرىنى  يۇيۇپ  ،  چاچلىرىنى  تاراپ  سىرتقا  چىققاندا ، كۈن  نەيزە  بويى  ئۆرلىگەنىدى . گۈلبادام  ناماز  ئۆتىگۈدەك  بىرەر  پاكىز  جاينى  تېپىش  كويىدا  ئەتراپقا  نەزەر  تاشلىدى . بىراق  كارۋان  سارىيىنىڭ  ھويلىسى  ھەر  خىل  ئولاغلارنىڭ  تېزەك ، سۈيدۈكلىرى  بىلەن  بۇلغىنىپ  ، بەتبۇي  پۇراپ  تۇراتتى . ياتقان  خانىسى  ھەر  خىل  ئادەم  يېتىپ  قوپقاچقىمۇ  ئۇنىڭدىن  بەتتەر  ناپاك  ئىدى . گۈلبادام  كۆڭلىگە  شەك  چۈشكەن  يەردە  ھەرگىز  ناماز  ئۆتىمەيتى . شۇڭا ، ئۇ  كارۋان  سارىيى  ئالدىدىكى  قۇم  دوڭلۈكلىرى  ئۈستىگە  يامىشىپ  چىقىپ ، بۈككىدە  قىزىرىپ  تۇرغان  بىر  يۇلغۇن  توپىنىڭ  ئارقىسىغا  ئۆتۈپ  كەتتى .  ئىككى  رەكەت  ناماز  ئۆتەپ  بولغان  گۈلبادام  كارۋان  سارىيىغا  قايتىپ  كەلدى . ئۇ  ئاخشامقى  تۈن  قاراڭغۇسى  ھەم  قاتتىق  ھېرىپ  كەتكەچكىمۇ، ھويلىنىڭ  بۇنچىۋالا  ۋەيرانە  ۋە  مەينەت  ئىكەنلىكىنى  سەزمىگەنىدى . سۇنغان ، ئاجرىغان  يارىيار  ھارۋىنىڭ  چاقق  ۋە  شوتىلىرى ، سېسىق  سامان ، ئوت - خەسىلەر ، سوغۇق  زەللىدەك  چوقچىيىپ  تۇرغان  ئات - كالا  تېزەكلىرى ، ساپسېرىقق  قېتىشىپ  قالغان  ئۇلاغ  سۈيدۈكلىرى ، مۇساپىر - يېتىمچىلەرنىڭ  ئۇتەر - بۇيەرگە  چىقىرىپ  قويغان  تەرەتلىرى ، كاردىن  چىقققان  ئۇلاغ  جابدۇقلىرى ، ھەتتا  زىناخورلار  تاشلىۋەتكەن  ئەر - ئاياللارنىڭ  ئەسكى - تۈسكىلىرى  ھەممە  يەردە  سۆرىلىپ  يۈرەتتى ...كارۋان  سارىيى  دەرۋازىسى   ئۇدۇلىدىكى  پاكار  ئېغىللاردىن  كېلىۋاتقان  قاڭسىق  چىلە  ھىدى  دىماقلارنى  ئېچىشتۇراتتى . ھويلىنىڭ  ئوڭ  ۋە  سول  تەرىپىدە  بىر - بىرىەە  قارىشىپ  تۇرغان  مۇساپىرخانىلار  بولۇپ ، ئۇلارنىڭ  ئالدىدىكى  بادرا  ياغاچلار  ئەر  ۋە  ئاياللارنىڭ  ئالايېشىل  تامبال ، كۆڭلەكلىرى  يېيىۋېتىلگەنىدى . يەردىكى  پاسكىنچىلىقلارنى  دەسسىۋېلىشتىن  ھەزەر  ئەيلىگەن  گۈلبادام ، مال  ئېغىلى  ئالدىغا  ئارانلا  كېلىۋالدى . ئېگىز  ئوقۇرغا  يۇيۇنداپ  تۇرغان  بىرقانچىلىغان  ئات - كالا ، ئېشەكلەر  ئېرىنچەكلىك  بىلەن  قالدۇق  پىچان  ئۇۋاقلىرىنى  يالمايتى .چۆكتۈرۈپ  قويغان  ئىككى  تۆگە  ئۇزۇن  قايرىلما  كىرپىكلىك  دۆپدۆگىلەك  كۆزلىرىنى  خۇمارلاشتۇرۇپ  كۈشەۋاتاتتى .  ھېچنىمىگە  ئېغىز  تەگمەي ، نېزىقاپ  تۇرغان ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› گۈلبادامنى  كۆرۈپلا ‹‹ كېتەيلىچۇ  بۇ  يەردىن ›› دىگەندەك  بوشراققىنا  كىشنەپ  قويدى . گۈلبادام ‹‹ بىردەم  سەۋرى  قىل ›› دەپ  ئۇنىڭ  پىشانىلىرىنى  سىلاپ ، بويۇنلىرىنى  شاپىلاقلاپ  قويىۋىدى ، ئۇ ‹‹ ماقۇل ›› ، ‹‹ ماقۇل ›› ئىشارىسىنى  قىلىپ ، بېشىنى  توختىماي  لىڭشىتتى .
  گۈلبادام  قاپقان  ئوغرىسى  يىگىتنى  ئىزدەپ  ھەممە  مۇساپىرخانىلارغا   كىرىپ  زەن  سالدى .بەزىلىرىدىن  سۈرۈشتە  قىلدى ، لېكىن  ئۇلارنىڭ  ئارىسىدا  ياش  يىگىت  كۆرۈنمىدى . ھەممىسى  دىگۈدەك  دابساقال ، كۆركە  ساقال ، بومبا  ساقال ، بودەك  ساقال  بولۇپ  ئوغرى  چىراي  يىگىتلەردىن  بىرەرىمۇ  يوق  ئىدى . لاسسىدە  بولۇپ  قالغان  گۈلبادام  غوجىدارنىڭ  دەرۋازا  يېنىدىكى  ئۆيىگە  كىرىپ  كەلدى .غوجىدار  يوغان  ئاياققا  پوتەيدەك  چىلىۋاتقان  زاغرىنى  ياغاچ  قۇشۇقتا  ئويۇپ  ھەدەپ  پۇشاڭشىپ  يەۋاتاتتى .  ئۇ  ‹‹ كەلسىلە  خان ، كاتتا  ئولتۇرسىلا ›› دېۋىدى ، ئاغزىدىن  زاغرا  ئۇۋاقلىرى  چاچراپ  چىقتى . ئۇنىڭ   دوساقتەك  كۆپۈپ  چىققان  قوۋۇزلىرىغا  قاراپ ، گۈلبادامنىڭ  ئىچى  ئېلىشىپ ‹‹ ھۆ ›› تۇتتى . تېخى  ئۇ ‹‹ ئۆلىمەن  دېسە ، بىرنىمە  قىلىمەن ›› دىگەندەك › ‹‹ مەزەگە  كەلمەملا ›› دەپ  قويدى .
   غوجىدار  بىر  ئاياق  زاغرا  بىلەن    قورسىقىنى  پوملىۋالغاندىن  كېيىن  سۇزۇلۇپ  تۇرۇپ ‹‹ گارتتىدا ›› بىر  كېكىردى - دە ، ئىككى  قولىنى  ئىگىز  كۆتۈرۈپ ‹‹ ئا ...›› دەپ  ئەسنىۋىدى ، ئۇنىڭ  تاماكا  ئىسىدىن  قارىداپ  كەتكەن  قاپقارا  قوزۇقتەك  چىشلىرى  كۆرۈندى . ئاندىن  ئۇ  گۈلبادامغا  قاراپ :
  - خوش ، كەپ  قاپلا ، ساراي  ھەققىنى  تۆلىۋېتەملا ؟ ئاتلىرىنىڭ  يەم - خەشەك ، ئېغىل  ھەققىمۇ  بار  جۇما ، - دەپ  ھىجايدى .
  گۈلبادام  ھېسابلىشىپ  پۇلنى  تۆلەپ  بولغاندىن  كېيىن ، غوجىدار  ئىزمىلانغان   خۇرجۇن  ، سۇ  قاچىلانغان  تۇلۇم ، تۇۋۇر  ھەم  ئېگەر - جابدۇقلارنى   ئىچكىركى  قازناقتىن  ئەچىقىپ  بەردى . نەرسە - كېرەكلەرنى  يەرگە  قويۇپ  قويغان  گۈلبادام  كاتقا  كېلىپ  ئولتۇرۇپ  غوجىدارغا  تىكىلدى .بۇنىڭدىن  ھەيرانلىق  ھېس  قىلغان  غوجىدار  تەئەججۈبلىنىپ  قارىدى :
  - يەنە  بىر  گەپ  كالىچى  بارما ، قېنى  دىسىلە  .
  گۈلبادام  دېيىشكە  تېگىشلىك  گەپنىڭ  ھەممىسىنى  دېدى  ۋە  ئۇنىڭدىن  راست  گەپ  قىلىشنى  ئۆتۈندى .  چۈنكى ، ھەر  خىل  ئادەملەرنىڭ  ئېلىپ  كەلگەن  قەدىم  بويۇم ، ئەتىۋارلىق  نەرسىلىرىنىڭ  كۆپلىرى  ئوغرىلانغان ، بۇلانغان  ۋە  قاقتى - سوقتى  قىلىنغان  نەرسىلەر  بولغاچقا ، غوجىدارغا ‹‹ ئاغزىنى  ئېتىش ›› چۇتار  ھەققى  بېرەتتى . شۇڭا  مەخپىيەتلىكنى  ساقلىمىسا  كېلىپ  چىقىدىغان  ئاقىۋەتنى  تەسەۋۋۇر  قىلغىلى  بولمايتى . ھەتتا  غوجىدارنى  ئۆلتۈرۋېتىشىمۇ  مۇمكىن  ئىدى .شۇڭلاشقا  ئۇلاردىن  گەپ  ئېلىش  قىدام  كەكىگە  ساب  تاپماقتىنمۇ  تەسكە  توختايتى . بىراق  ئۇ  مىلتىق  ئاسقان ، ئەرەنچە  ياسانغان  بۇ  قىزدىن  ھەزەر  ئەيلەپ  قالدى . چۈنكى  گۈلبادامنىڭ  كۆزلىرى  خەنجەردەك  قادىلىپ  تۇراتتى . ئۇنىڭ  قەددىنى  تىك  تۇتۇپ  تۇرغان  سىياقى ، جىددىيلەشكەن  چېھرى ، خېلى - خېلى  نوچىلىقنى  تاما  قىلىدىغان  ئەرلەردىنمۇ  تېپىلمايتى .
  - ئەمدى  خان  ئايىم ، قالىسىلا  ، - غوجىدار  قورقۇپ  قالغانىدى ، - باياتىن  بېرى  ھەممىلا  مۇساپىرخانىلارنى  ئايلىنىپ  چىقتىلا ، ئۇنداق  يىگىتنىڭ  يوقلىقىنى  ئۆز  كۆزلىرى  بىلەن  كۆردىلە . بۇنىڭدىن  ئەمدى  مەن  نىمە  دىيەلەيمەن ‹
  - مېنىڭ  بىلمەكچى  بولغىنىم ، - گۈلبادام  ئۇنىڭ  يوشۇرۇن  كۈزەتكەنلىكىنى  پەملىدى ، - بىر  نەچچە  كۈن  ياكى  ھەپتە  ئون  كۈن  ئىچىدە  قاپقان  ساتقانلار  بارمۇ ؟
  - يوقسۇ ، يوقسۇ  ھۆدەس  ئۇنداق  ئىش  بولمىدى ، مەن  ئىمانىم  بىلەن  قەسەم  قىلىپ  بېرەلەيمەن ، - غوجىدارنىڭ  چىرايىدىن  يالغان  ئېيتمايۋاتقانلىقى  چىقىپ  تۇراتتى ، - بەزە  كۈنلەر  كارۋان  ساراي  پۇت  تىققۇدەك  ئورۇن  يوق  تىقما - تىقماق  بولۇپ  كېتىدۇ .يەنە  بەزى  چاغدا  مېھمانلار  تازنىڭ  بېشىدىكى  تۈكتەك  شالاڭلىشىپ  قالىدۇ ، لېكىن  ، قاپقان  كۆتۈرۈپ  كەلگەن  يىگىتنى  تەممەت  چېلىقتۇرمىدىم .
  - يېقىندىن  بېرى  سارايغا  ئەقنەبىيلەر  كەلدىمۇ ؟
  - ئىللا  تاۋارا  كەلمىدى . قۇرۇق  يەل - يىمىش  ، تىبابەت  دورىلىرى  ، ئەتلەس ، گېلەم ، بۇلغار ، شاۋرۇن ، مەسكاپ  ئۇرۇس  رەختلىرى  يۈكلەنگەن  كارۋانلار  كەلدى . غىلتاڭ  ئۆزىمىزنىڭ  ئادەملىرى .
  - راستىنلا  ئەجنەبىيلەر  كەلمىدىما ؟ - گۈلبادامنىڭ  چىرايلىق  قاشلىرى  سۈر  بىلەن  تۈرۈلدى  ، - مەن  بۇنى  چوقۇم  ئېنىقلايمەن . ئەگەر  كىيىن  تۇخۇمنىڭ  سېرىقى  ئىككى  چىقىپ  قالسا ، سىلىنى  بوش  قويىۋەتمەيمەن .
  - بىلىمەن ، سىلىنىڭ  ئەلپازلىرىدىن  چىقىپ  تۇرىدۇ . مىلتىقلىرى  گوملا  قىلسا   پوكلا  چۈشىمەن  شۇ ! بىراق  مەن  يالغان  ئېيتمىدىم .
   -مىلتىقنى  ئىشلىتىش  ھاجەتسىز ، - يەنىلا  ئىشەنمەي  تۇرغان  گۈلبادام  غوجىدارغا  قورقاق  سالدى ، - مانا   بۇنىڭ  ئۆزى  كۇپايە  .
  گۈلبادام  قولىدىكى  قامچىسىنىڭ  نەرىنىدۇر  تۇتىۋىدى ، قامچا  دەستىسىنىڭ  ئارقىسىدىن  يالتىراپ  تۇرغان  خەنجەر  شارتلا  قىلىپ  چىقتى . بۇنىڭدىن  غوجىدار  تېخىمۇ  قورقۇپ  كەتتى .
  - ياپىرىم ، يا ھەزرەت  ، - غوجىدار  ئارقىسىغا  بىر  قەدەم  چېكىنىپ  ياقىسىنى  تۇتتى ، - سىلىدىن  ھەزەر  ئەيلىدىم ،ئۆزلىرىنى  ھۆسىن  - كامالدا  بىقارار  ھۆر  دىگەندىن  كۆرە  ، چوققىلىرىدىن  تاپانلىرىغىچە  قوراللانغان  باتۇر  پاۋان  ، كۈچتۈڭگۈر  رۇستىمى   داستان  دىگەن  تۈزۈككەن !
  گۈلبادامنىڭ  سەككىز  قات  ئۆرۈلگەن  ئات  قامچىسى  كېيىن  پۇتىدىن  قىلىنغان  بولۇپ ، دەستىسىنىڭ  ئۇچىدا  كىيىكنىڭ  بىر  جۈپ  قاپقارا  تۇيۇقى  بار  ئىدى .  تولا  ئىشلىتىپ  يالتىراپ  كەتكەن  تۇياققا  ئۇششاق  قىزىل ، يېشىل ، سېرىق  ياقۇت  كۆزلەر  قويۇلغاچقا  ، تولىمۇ  كۆركەم  كۆرۈنەتتى .كېيىك  پۇتىنىڭ   سارغۇچ  تۈكلىرى  ئارىسىدىنمۇ  ئاشۇنداق  قىممەت  باھالىق  مەرۋايىتلار  كۆزگە  چېلىقاتتى . قامچىنىڭ  ئەڭ  خاسىيەتلىك  يېرى  شۇكى ، ئاستى  تەرىپىگە  ئورنىتىلغان  قىزغۇچ  مىس  قەلەينىڭ  نەرىنىدۇر  باسسا  شارتلا  قىلىپ ، بىر  غېرىچتىن  قىسقاراق  خەنجەر   ئېتىلىپ  چىقاتتى .
  زۇۋۇلىسى  ئاياللىق  لېيىدىن  قۇرۇلغان  گۈلبادام   ئاچچىقىدا  بۇ  ئەڭگۈشتەرنى  كۆز - كۆز  قىلىۋەتتى . بىراق ، شۇ  ھامان  ئۆزىنىڭ  تەنتەكلىك  قىلغىنىدىن  پۇشايمان  يېدى  .
  - خان  ئايىم ، گېپىمگە  پۈتمىسىلە  مەيلى ، - دېدى  غوجىدار  مۇلايىملىق  بىلەن ،- مەن  سىلىگە  قاپقاننى  تېپىشنىڭ  ئەپچىل  چارىسىنى  دەپ  بېرەي .
  - قېنى  دېسىلە  ئاكا،- گۈلبادامنىڭ  ئاۋازى  بىردىنلا  مۇلايىملاشتى ،- بايىقى  قوپاللىقلىرىمنى  كۆڭۈللىرىەە  ئالمىسىلا ، تەنتەكلىك  قىلىپ  قويۇپتىمەن .
  - يوقسۇ  ، مەزلۇم  كىشىدىن  ئاغرىنغان  ئەرنى  ئەر  دېگىلى  بولامدۇ ، - غوجىدارمۇ  لايىقىدا  چېقىۋالدى ، - يېرىم  يىلدىن  بېرى  ئەجنەبىيلەرنىڭ   ئايىغى  سېلىكتى . بايلىق  ئىزدىگۈچىلەر ، كېپەن  ئوغرىلىرى  ئېلىپ  كەلگەن  نەرسىلەرنى  دارا  ئەزىم  شەھەر  قارىقاش  بازىرىغا  ئېلىپ  كېتىۋاتىدۇ . چۈنكى ، خوتەندىكى  ۋاڭ  ئامبال  قارقاشتىكى  جەننەتسىمان  چارۋاغلارنى  ئەجنەبىيلەرەە  تورالغۇ  قىلىپ  بەردى . بەلكىم  ھېلىقى  ئوغرى  يىگىتمۇ  قاپقاننى  قىممەترەك  پۇل  قىلىش  ئۈچۈن  قارىقاشقا  كەتكەن  بولىشى  ئېھتىمالغا  بەكمۇ  يېقىن .
  - قاراقاش ؟ - گۈلبادامنىڭ  بېشى  چۈشۈپ  كەتتى  ، - نەچچە  كۈندە  يېتىپ  بارغىلى  بولار ؟
  - ئاتلىرى  يارام  بولسا  ئىككى  قونۇپلا  يېتىپ  بارىلا ، بولمىسا  ئۈچ - تۆت  كۈن  كېتەر .
  - رەھمەت  ئۆزلىرىەە  مەن  چىقاي .
  گۈلبادام  قوناق ، ئارپا  ئارلاشتۇرۇپ  ‹‹ چارمېغىز ›› قىلىنغان  بوغۇزنى  توۋرىغا  ئادەتتىكىدىن  كۆپرەك  قۇيۇپ  ، ‹‹ قاشقا    يۇلتۇز  ›› نىڭ  بېشىغا  كىيگۈزۈپ  قويغاندىن  كېيىن  مۇساپىرخانىغا  كىرىپ ، قۇم  چۆگۈننى  مۇرا  ئوچاققا  قويۇپ  ئوت  ياقتى . سۇ  شىڭىلدىغان  ھامان  كىچىككىنە  چاي  خالتىسىدىن  بىر  چىمدىم  دورا  چاي  ئېلىپ  سېلىۋەتتى . چاي  بىر  ئۆرلىگەندىن  كېيىن  زاغرىدىن  بىرنى  جامغا  ئۇشتۇپ  سېلىپ  قورسىقىنى  تويغۇزدى . ئۇ  خۇرجۇن ، تۇلۇم  ۋە  باشقا  نەرسىلىرىنى  يىغىشتۇرۇپ  چىققۇچە ، ئاتمۇ  تۇغرىدىكى  بوغۇزنى  يەپ  بولغانىدى . گۈلبادام  ھويلىدىكى  قۇدۇقتىن  بىر  چېلەك سۇ  تارتىپ  ئېتىنى  سۇغاردى ، تۇلۇمنىمۇ  تولدىرۋالدى . ئاندىن  ئۇ  ئاتنى  توقۇپ ، نەرسە - كېرەكلىرىنى  غانجۇغلاپ ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ››غا مىندى . كېچىنى  ئوبدان  ئارام  ئېلىپ  ھاردۇقى  چىققان  ئات ‹‹ قۇمسالدى ›› كارۋان  سارىيىدىن  ئۇچقاندەك  چىقىپ  كەتتى .
  گۈلبادام  كارۋانلار  تولا  مېڭىپ  ئاق  توپىلاڭغا  ئايلاندۇرۋەتكەن  چوڭ  يولغا  چىقى  بىلەن ‹‹ سەپەر  قىلىش ›› سۆرىسىنى  ئۈنلۈك  ئوقۇپ  دۇئا  قىلدى .ئىگىسىنىڭ  يىراق  سەپەرەە  ئىرادە  قىلغانلىقىنى سەزگەندەك  ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› يەر  چاپچىپ  تىككىدە  بولدى - دە ، ئۆكرەڭ  تاشلاپ  يۈرۈپ  كەتتى . ئۇنىڭ  تۇياقلىرىدىن  چاچرىغان  قۇم - توپىلار  قەدىمىي  كارۋان  يولىدا  خېلىغىچە  توزۇپ  تۇردى .
  - ئاھ ! شاھ مەشرەپ  ئەۋلىيانىڭ  ئىزلىرى  چۈشكەن  ئەزىز  شەھەر  قارقاش... ئاللا  سېنىڭ  بوسۇغۇللىرىڭنى  تاۋاب  قىلىشقا  نېسىپ قىلغاي!...
  تەكلىماكان  قىزى  ئۇلۇغ  كىچىك  تىنغانىدى ، چىرايلىق  كۆكسى  كۆتۈرلۈپ  تاشلاندى ...  

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 07:07:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                             تۆتىنچى  باب



   يىراقتىن  قارىغاندا  قارىقاش  قەدىمىي  قەلئەگە  ئوخشايتى .شەھەر  ئەزىمنىڭ  كۈنچىقىش  تەرپىدە  ناھايىتى  ئېگىز  دۆڭ  بولۇپ ، يۇقسۇللارنىڭ  زورىغارى  خۇددى  ئۈستى - ئۈستىگە  تىزىۋەتكەن  ئۇرۇس  سەرەڭگە  قاپلىرىدەك ، تا  دۆڭ  چوققۇلىرىغىچە  تىقما - تىقماق  كۆرۈنەتتى . پەستە  بولسا ، شەھەرنىڭ  قىڭغىر - قىيسىق  كوچىلىرى ، توپىلاڭ  يوللار ، ياڭاق ، بېھى ، ئەنجۈر ، ئۆرۈك ، شاپتۇللار  بىلەن  ئورالغان  بوستانلىق  ھويلىلار ، ئىسلىق  ۋە  بۇسلۇق  ئاشخانا ، ناۋايخانىلار ، لەمپىلىرىگە  قەپەسلەر  ئېسىلغان  چايخانىلار ، شايى - ئەتلەس ، كىمخاب - دۇردۇنلار  كۆز  چاقنىتىپ  تۇرىدىغان  ھەر  خىل  دۇكانلار ، دوغاپچى ، كاۋاپچى ، كاۋىچى ، باققاللارنىڭ  ۋاڭ - چۇڭلىرىغا  تولغان  رەستىلەر...شاۋقۇنلۇق  ھاياتى  كۈچ  بىلەن  تولغانىدى . رەستىلەردە  جۇلدۇر  كېپەن  قەلەندەرلەرمۇ  كۆپ  بولۇپ ، ئۇلار  ساپايىلىرىنى  شاراقلىتىپ  غەزەللەرنى  توۋلىشاتتى :

سەن-سەن  دۇنيا ، سەن  دۇنيا ،
كىمگە  ۋاپا  قىلدىڭسەن ؟
مەن - مەن  دىگەن  يارەننى ،
يەر  قوينىغا  ئالدىڭسەن...
ئالدىڭ - ئالدىڭ  تويمىدىڭ ،
بارغانلارمۇ  قايتمىدى .
رمۇ  يانمىسا
ئاخىر  مەنزىل  شۇنداقتۇر !...

  چاچلىرى  مۈرۈللىرىەە  چۈشكەن ، چىگىش  ساقال ، بېشىغا  ئورىۋالغان  سەللىسى  خۇددى  كۈلگە  پۇچىلىغاندەك  مەينەت ،يۈزلىرى  قاسماق  دەرۋىش ، ئاشىقلارمۇ  ئاسمانباقتى  بولغىنىچە :

ئايا  دوستلار  ھۇچەيدا  ئېيتىدۇ  يىغلاپ ،
بارچىگە  ئۆلۈم  ھەقتۇر !...

  دېگىنىچە  دۇكانلارغا ، ئۆزىدىنمۇ  بەتتەر  يوقسۇللارغا  قول  سوزسا ، قاياقتىندۇر  جارچىنىڭ :
  - ئەييۇغانناس ، ئىشىتىڭلار  ئامۇخاس...، - دەپ  ۋاقىرغان  ئاۋاز  كېلەتتى .
  بۈزگۈن  بازار  كۈنى  بولغاچقىمۇ ، رەستىلەر  ئادەم  بىلەن  تولغانىدى . يۈزلىرىنى  ھەر  خىل  رەڭلەردە   بويىۋالغان  خالۋاپلار ، بادرا  كۆتۈرگەن  دېھقانلار ، چىش  تارتقۇچىلار ، قوي - ئۆچكىلىرىنى  ساتقىلى  كەلگەن  نامراتلار ، رەڭدار  تام  بورىلىرىنى  ئولاغلارغا  ئارتقان  بورا  توقۇغىچىلار ، تەۋەڭلەرنى  بېشىغا  ئېلىپ  كېتىۋاتقان  ناۋايلار  ، باققاللار...ۋاقىرشاتتى ، تىللىشاتتى ، كىملەرنىدۇر  چاقىرشاتتى . ئىشقىلىپ  ئالىمان  بىلەن  تولغان  بازار  قۇلاققلار  پۈتۈپ  كەتكۈدەك  شاۋ - شۇۋغا  تولغانىدى .
  ئالىمان  ئارىسىدا  تاغار  يۈدىەەن  بىر  يىگىت ‹‹ پوش - پوش ›› دەپ  كېلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ  سەل  قارىغا  مايىل  چىرايى  تەرلەپ  كەتكەن  بولۇپ ، دەممۇدەم  پىشانىسىدىن  ئېققىۋاتقان  تەرىنى  ئالققىنىدا  سىيرىپ  تاشلايتى . ئۇنىڭ  توم  قاپقارا  قاشلىرى ، قاتمۇقات  چىيەكلىك  چوڭ  كۆزلىرى ، چاسىغا  مايىل  يۈزلىرىدىن  چۆل  ئوغلى  ئىكەنلىكى  چىقىپ  تۇراتتى . يىگىت  قىستاڭچىلىق  ئىچىدە  بىردەم  ماڭغاندىن  كېيىن ، سۆگەتلىك  كوچىغا  قايرىلدى . ئۇ  ئالا  كۆلەڭگۈلەر  تىترەپ  تۇرغان  ئېرىقق  بويىغا  كەلگەندە ، ئۆشنىسىدىن  تاغارنى  يەرگە  تاشلىشى  ‹‹ داراڭ ›› قىلغان  ققاتتىق  بىرنەرسىنىڭ  ئاۋازى  ئاڭلاندى . يىگىت  ئېرىققققا  ئېڭىشىپ ، غۇرتۇلدىتىپ  سۇ  ئىچكەندىن  كېيىن  يۈز - ققوللىرىنى  يۇدى . ئاندىن  چاك  ياقىلىق  خام  كۆڭلىكىنىڭ  يان  توپچىلىرىنى  ئېچىن  شاپاقق  دوپپىسىدا  يەلپۈندى . ئۇ  بىر  ئاز  ئارام  ئېلىۋېلىپ ، تاغىرىنى  يۇدى - دە ، يولىغا  راۋان  بولدى . ساپسېرىق  سارغايغان  ياپراقلار  شىرتىلداپ  تۆكۈلۈپ ، قۇم  توپىلىق  يوللارغا  چۈشىۋاتاتتى . يىگىت  ئىلمەڭ  ئۇچى  ئاسمانغا  قاراپ  تۇرغان  قىزغۇن  كۆن  ئۆتۈك  كىيىۋالغان  بولۇپ ، لوڭ - لوڭ  قەدەم  ئېلىپ  ماڭاتتى .ئىككى  تەرەپنىڭ  سوقما  تاملاردىن  سىرتقا  ئېڭىشىپ  تۇرغان  ئۆرۈك ، شاپتۇللارنىڭ  يوپۇرماقلىرى  قىپقىزىل  ۋە  قوڭۇر  تاۋلىنىپ  تۇراتتى . يول  بارغانسېرى  يوقۇرغا  ئۆرلەپ، ئاجايىپ  ھەيۋەتلىك  بىزەلەەن  دوڭ  دەرۋازا  ئالدىغا  كېلىپ  تاقالدى . ئېگىز  ھەم  كۆركەم  ئەنجان  تاملىرى  ھەيۋەتلىك  قەد  كۆتۈرۈپ  تۇرغان  بۇ  قاسىرنىڭ  ئىچى  بۈك - باراقسانلىق  باغ  بولۇپ ، كىشىلەر  ئۇنى  ‹‹ ئەنجانباغ ›› دەپ  ئاتىشاتتى . نېمىلەرنىدۇر  يۈدىگەن ، قولتۇقلىغان  ئادەملەر  قەسىر  ئىچىگە  كىرىپ  كېتىپ ، خالتا ، تاغار ، خۇرجۇنلىرى  بوشىغان  ھالدا  خوشال  قايتىپ  چىقىشاتتى . بەزىلەر  قوللىرىدىكى  قىزىل  تەڭگىلەرنى  ساناپ  مېڭىشاتتى . دەرۋازىۋەن  يىگىتنى  تونىغاچقا :
  - ھە ، دانىش  بۇ  قېتىم  نىمە  كۆتۈرۈپ  كەلدىڭا ؟ - دەپ سورىشى ، دانىش  ئىسىملىك  يىگىتمۇ :
  - قاپقان ، قەدىمقى  زامان  قاپقىنى ، بەكمۇ  غەلىتە ، - دەپ  قويۇپ ، قەسىر  ئىچىگە  كىرىپ  كەتتى .
  - كارنىگ  موللىر  جانابلىرى ، - دەرۋازىۋەن  ئارقىدىن  ۋاقىردى ، - كۆپرەك  ئىلتىپات  قىلۋەتسە ، ماڭىمۇ  نەشە  پۇلى  بېرەرسەن ؟
  دانىش  ئىچىدە : ‹‹ ۋۇي  ئاناڭنى  نەشىكەش  بەڭگى ›› دەپ  تىللىغىنىچە ، ئاپپاق  گەج  تۆۋرۈكلۈك  بىنا  ئالدىغا  كەلدى . بەش  باسقۇچلۇق  پەلەمبەي  ۋە  بىنا  ئالدىدىكى  سەيناغا  بىر  ئادەم  كۆتۈرەلمىگۈدەك  كۆك  خىشلار  يېيىتىلغانىدى . غەرىب  پاسۇنىدا  سېلىنغان  بىنانىڭ  ئېشىك - دېرىزىلىرى  ئادەتتىن  تاشقىرى  ئېگىز  بولۇپ ، ئەتراپنى  قۇچاق  يەتكۈسىز  ياڭاقلار  قورشاپ  تۇراتتى . دېرىزە  ئەينەكلىرىدىن  ھۆپپىدە  ئېچىلىپ  كەتكەن  ياقۇتگۈل ، ئاق ، سېرىق  ئەتىرگۈللەر  كۆرۈنۈپ  تۇراتتى . ئەجنەبىيلەرنىڭ  ‹‹ ئېشىك  چېكىش ›› ئادىتى  ئۇنىڭغا  يادا  بولۇپ  كەتكەن  دانىش  ئېشىكنى  بوشراق  چېكىشى ، ئىچكىردىن   بۇزۇپ  تەلەپپۇز  قىلىنغان  ئۇيغۇر  تىلىدا ‹‹ كىرىۋە ، ئىشىك  ئوچۇق ›› دىەەن  ئاۋاز  ئاڭلاندى .
  دانىش  كىرگەنچە  ھېچ  ئىلتىپاتسىزلا ، تاغىرىنى  پولغا   دوككىدە  قويدى - دە ، كونا  تونۇشلاردەك  يېشىل  مۇۋۇت  قاپلانغان  دىۋانغا  كېلىپ  ئولتۇردى . ئەنگىلىيە  پادىشاھى  تەرپىدىن  قەدىمكى  ئاسر ئەتىقىلەر  ۋە  قىممەتلىك  گۆھەر  يىغىشتا ‹‹ سىرلىق  ئەۋلىيا ›› دەپ  نام  ئالغان  مەشھۇر  ئارخېئولوگ  كارنىگ  موللېر  ۋە  ئۇنىڭ  ‹‹ دانا  پىكىرلەر ›› مەسلىھەتچىسى ، دوستى  كىناتون  بايس   بىرنەچچە ‹‹ بايلىق  ئىزدىگۈچىلەر ›› تونىغا  ئورىنىۋالغان  ئادەملەر  بىلەن  سودىلىشىۋاتاتتى . كارنىگ   موللېر  لەپپىدە  قاراپ ،  ‹‹ دانىش ، كەلدىڭمۇ ؟ ›› دەپ  قويۇپ ، ئالدىدىكى  قىزغۇچ  داتلاشقان  مىس  پەتنۇسنى   قولىغا  ئالدى ، پەتنۇسنىڭ  ئوتتۇرسىغا  چاغاتاي  يېزىقى  تۇخۇمسىمان  قاپارتما  قىلىنىپ  سوقۇلغانىدى . كارنىگ  موللېر  لوپا  ئەينىكىنى  كۆزىەە  يېقىن  ئەكېلىپ ، ئىنتايىن  نەپىس  خەتلەرگە  قارىغىنىچە  بېشىنى  بىلىنەر - بىلىنمەس  ئىرغىتىپ ، كىناتون  بايسقا  ئۆز  تىلىدا  نېمىلەرنىدۇر  دىگەنىدى ، كىناتونمۇ   مەمنۇن  بولغاندەك  كۈلۈمسىرەپ  قويدى . موللېر  ئالدىدا  قول  قوۋۇشتۇرۇپ ، بىچارىلەرچە  ئېڭىشىپ  تۇرغان  تولىمۇ  ئاۋارە  ئادەمگە  قارىدى . ئۇنىڭ  قۇزۇقتەك  ئۇچلۇق  ئېڭىكىدە  ئۇزۇن  ھەم  تولغىشىپ  تۇرغان  بىرقانچە  تال  ساقىلى  بولۇپ ، ئىككى  جاۋغىيىدا  قانات  يايغان  بۇرۇتىمۇ  سانىغۇدەكلا  شالاڭ  ئىدى . ياماق  ئۈستىەە  ياماق  چۈشكەن  ئۇزۇن  چەكمەن  چاپىنى  ئوشۇقلىرىدا  سۆرۈلۈپ  تۇراتتى .
  - راست  گېپىڭنى  قىلساڭ  ساڭا  كۆپ  ئىنئامىم  با ، - دېدى  موللېر  ئۇيغۇر  تىلىنى  خېلىلا   بۇزۇپ  سۆزلەپ  ، - بولمىسا  پەتنۇسۇڭ  ئۇنچە  كۆپ  پۇلغا  يارىمايدۇ ، ئاتا - بوۋامدىن  قالغان  دېگىنىڭ  قىپقىزىل  يالغان .
  شالاڭ  ساقال  سەل  ئىكىلىنىپ  قالغانىدى .موللېر  دەرھال  ھۇجۇمغا  ئۆتتى .
  - سەن  بۇ  پەتنۇسنى  تاپقان  يەرنى  دەپ  بەرگۈڭ  كەلمەيۋاتىدۇ  . نەپسىڭنى  ئۇنداق  يوغان  قىلما ، - موللېر  گېلىنى  قىرىپ  قويدى ، - بىزنى  باشلاپ  ئاپارساڭ  ، سېنى  باي  قىلىۋېتىمەن ، بولمىسا  بۇ  پەتنۇسۇڭنى  ئېلىپ  دەرھال  كەت  .
  - يوقسۇ ، يوقسۇ ، ھەزرەتلىرىنى  باشلاپ  ئاپىراي ،  - شالاڭ  ساقال  كۈچۈكلەندى ، - كەنتىمىزدىن  ئانچە  يىراق  ئەمەس .
  كارنىگ  موللېر  كىناتون   بايىسقا  ئۆز  تىلىدا  مۇنداق  دېدى :
  - بۇ  ئادەمنىڭ  تۇرالغۇ   جايى ، ئىسىملىرىغىچە  ئارخىپقا  ئېلىۋال . توغرا ، بىر  پارچە  رەسىمەە  تارتىۋال ، ئاندىن  كۆڭلى  تىنغۇدەك  پۇل  بەر .
   كىناتون  شالاڭ   ساقالنى  باشلاپ  چىقىپ  كېتىشى ، ئۆزى  بىر  غېرىچ ، ساقىلى  ئىككى  غېرىچ ، پاكار ، دىقماق  ئادەم  تاغىرىدىن  ئېغىر  ھەم  كېلەڭسىز  بىر  توننى   سۇغۇرۋالدى . سارغۇچ  تۆگە  رەڭ  بۇ  توننىڭ  ياماق  چۈشمىگەن  يېرى  يوق  ئىدى . ئۇيەر -  بۇيەرلىرىدە   گۈلخان  ئوتىدىن  كۆيگەن  تۆشۈكلىرىمۇ  تۇراتتى .
  - موللا  جانابلىرى  ، - ‹‹ بىر  غېرىچ ›› قايتا   - قايتا  تەزىم  قىلدى ، - بۇ  ئىنتايىن   خىسلەتلىك  تون ، كاجۇلىرىغا  سېلىپ  قويسىلا  ئادەمنى  قارا   باسمايدۇ  ، ئۆيگە  ئوغرى  كەلمەيدۇ ، ئۆزلىرىگە  كۆرۈنە - كۆرۈنمەس  بالا - قازا  ھەرگىز  كەلمەيدۇ ، مەرتىۋېلىرى  قۇغۇنلۇقتىكى  شۇمبۇيىدەك  ئۆسىۋېرىدۇ .
  - مۇنداق  دېگىن ، - موللېر  لوپا  ئەينىكى  بىلەن  تۆگە  يۇڭىدىن  بەكمۇ  قوپال  توقۇلغان  تونغا  قاراشقا  باشلىدى ، - بۇ  تون  سەن  دېگەندەك  راستلا  شۇنداق  خىسلەتلىكما ؟
  - بەرھەق ، چۈنكى  ئۇ  بوۋامنىڭ  بوۋىسىنىڭ  بوۋىسىدىن  قالغان  شاھ  مەشرەپنىڭ  تونى  ، ئۆزلىرى  مال  تونۇيلا ، سىلىگە  دېمەك  بىھاجەت .
  موللېر  ئىشىنىپ  قالغاندەك  قىلاتتى . چۈنكى ، توننىڭ  تۆگە  يۇڭلىرىدىن  قىلىنغان  يىپلىرى ، چىەە  يىپ  بىلەن  ئالماپ  قوپال  تىكىلىشى ، قايسى  دەۋىرگە  تەئەللۇقلىقى  قاتارلىقلارنى   ئىچىدىن  تەخمىنەن  قىلىپ   باھا  بەرگەنىدى . ئۇ  يەنە ‹‹ شاھ  مەشرەپ  قارقاشتا  تۇرغىنىدا  بىر  مۆتىۋەر   زاتقا  تونىنى  ھەدىيە  قىلغان ›› دېگەن  رىۋايەتنىمۇ  بىلەتتى .شۇڭا  ئۇ  تارتمىدىن  12  تەڭگە  پۇلنى  ئېلىپ  ئۇنىڭ  ئالقىنىغا  قويدى . لېكىن  ‹‹ بىر  غېرىچ ›› قانائەت  تاپمىغاندەك  موللىرغا  كۆزلىرىنى  مۆلدىرلىتىپ  قاراپ  تۇرىۋەردى . ئالقىنىغا  يەنە  ئىككى  تەڭگە  شىرىقلاپ  چۈشتى . ‹‹ بىر  غېرىچ ›› پۇت - قولى  يەرگە  تەگمەي  چىقىپ  كەتتى .
  ئەمدى  نۆۋەت  خۇددى  لايدىن  سۈزۈۋالغان  قوزۇقتەك ، ئورۇق  ئېگىز  ئادەمگە  كەلدى .  ئۇ  دات  رەڭ  يەكتىكى  ئىچىدىن  بىر  دەستە  سارغىيىپ  كەتكەن ، چەت - چۆرىلىرى  تىتىلغان ، بەزى  بەتلىرى  ئارقا  تەرپىگە  شىلىملاپ  خام  چاپلانغان  قەغەزلەرنى  ئېلىپ  موللېرنىڭ  ئالدىدىكى  ئۈستەلەە  قويدى . موللېر  قول  يازمىلاردىكى  ‹‹ قارۇشتى ›› ، ‹‹ پىراكرىت ›› ياكى ‹‹ بىراخما ›› يېزىقىغا  ئوخشىمايدىغان  غەلىتە  بۈتۈكلەرنى  كۆرۈپ ، ئۇزاق  قاراپ  كەتتى - دە ، ئېگىز  ئادەمگە   مۇنداق  دېدى :
  - ماڭا  ئىشەنسەڭ ، بۇ  نەرسىلىرىڭنى  قالدۇرۇپ  كېتىپ  ئۈچ  كۈندىن  كېيىن  كەل ، مەن  بۇنىڭ  راست - يالغانلىقىنى  بىلىپ  ئاندىن  بىرنىمە   دەي .
  - ئا ، بۇ  راسيا ، چىمپىشق  دەۋاتىمەن ، بۇ  دىگەن...
  - بولدى ، بولدى ، - كارنىگ  موللىر  قولىنى  كۆتۈردى ، - سىلەردە ‹‹ ئېشەكمۇ  بىر  قېتىم  پۇتى  سېپىلىپ  كەتكەن  كۆۋرۈكتىن  ئۆتمەيدۇ ›› ، ‹‹ بۇرنىغا   سۇ  كىرىپتۇ ›› دىگەن  گەپلەر  بار ، بىر  قېتىم  مېنىڭ  بۇرنۇمغا  سۇ  كىرىپ  كۆزۈمدىن  چىققان !
  - خۇشخۇي   جاناب ، ئۆزلىرى  ھېلىقى  گۇندىخانىغا   كىرگۈزىۋەتكەن  ئىنايەت  ئاخۇننى  دەملا ، بىز  ئۇنىڭغا   ھەرگىز ئوخشىمايمىز ... يالغان  نەرسىلەرنى  سېتىپ  تاپقان  پۇل  ھارام  بولىدۇ ، ئەمەسما  !
  موللېر  زەھەردەك  ئاچچىق  كۆلۈمسىردى ، ئۇ  ئىچىدە : ‹‹ ئەجدادىڭنىڭ  روھىنى  ساتساڭ  ھالال ، ئۇنى  قۇتقۇزىۋالغان  مەندەك  ساخاۋەتچىنىڭ  پۇلى  ھارامما  ››  دەپ  غىجىندى  .
    - سەن  ئىنايەت  ئاخۇنغا  ئوخشا – ئوخشىما  بەرىبىر  خوتەنلىكسەن ، - موللېر  قاتتىق  تەلەپپۇزدا  سۆزلەۋاتاتتى ، - بىر  خوتەنلىكنىڭ  يالغان ، ئۆزى  ياسىغان  پۈتۈكلىرىگە  ئىشىنىپ  قانچىلىك   ۋەيران  ئازابىغا  قالغانلىقىمنى  پەقەت  ئۆزۈملا  بىلىمەن ، مەنلا  ئەمەس ، ئەگىلىيەدىكى   ئەڭ  ئاتاقلىق  ، جاھانشۇمۇل  ئالىملارمۇ  بەش – ئالتە  يىل   ئالدىنىپ ، دۇنيا  ئىلىم  ئەھلى  ئالدىدا  يۇيۇپ  تۈگەتكۈسىز  ئار – نۇمۇسقا  قالدى . مەن  شۇنىڭدىن  بېرى  خوتەنلىكتىن  ھەزەر  ئەيلەپ  قالدىم .
  - بولىدۇ  ، بولىدۇ ، تەكشۈرۈپ  كۆرسىلە ، مېنىڭ  دىلىمدا  ئىمانىم  بار  ئادەم ،ھەرگىز  سىلىگە   يالغان  سۆزلەرنى  چەنلەپ  ئولتۇرمايمەن .
  ئېگىز ، ئورۇق  ئارقىچە  مېڭىپ  چىقىپ  كەتكەندىن  كېيىنلا ، كارنىگ   موللېر  دىۋاندا  قىيسىيىپ  مۈگدەپ  قالغان  دانىشقا  قارىدى . ئۇ  ئەقىل – پاراسەتلىك  ، كۈچتۈڭگۈر ، كەمسۆز  بۇ  يىگىتكە  ھەۋەس  قىلاتتى  . بىراق  گۇماندىنمۇ  خالىي  ئەمەس  ئىدى . ئۆز  يېنىدا  يەتتە – سەككىز  ئاي  خالىس  ئىشلەپ  بەرگەن  دانىش  ئۇنى  ئىككى  قېتىم  ئۆلۈمدىن  قۇتقۇزۇپ  قالغانىدى . شۇنداقتىمۇ  موللېر ‹‹ قىساسكارىم  شۇ  بولۇپ  قالمىسۇن  ›› دەپ  ئېھتىيات  قىلاتتى . بىراق ، قولىدا  ئىز  بېسىپ  تۇرغۇدەك  ئىسپاتى  بولمىغاچقا  ، چاندۇرماي  ، دادى – مۇئامىلىدە  بولۇپ  كېلىۋاتاتتى .
  - دانىش  ، ئۇخلاپ  قالغان  ئوخشىمامسەن ‹ - دېدى  كارنىگ  موللېر  يارىشىملىق  بۇرۇتىنىڭ  ئۇچىنى  يىمىرىپ  تۇرۇپ ، - سېنى  ساقلىتىپ  قويدۇم – ھە؟
  - ياقەي  جانابلىرى ،  - دانىش  ئۆزىنى  رۇسلىدى  ، - بايىقىلارنىڭ   تاققا – تۇققا  ، ئېگىز – پەس  گەپلىرىنى  ئاڭلاپ  ئولتۇرۇپ  مۈگدەپ  قاپتىمەن .
  -ئادەم  بىر  نەرسىدىن  بىزار  بولسا ، زېرىكىش   ھېس  قىلىپ  ئۇيقۇ  باسىدۇ  ، - موللېر  دېرىزىدىن  تالاغا  قاراپ  قويدى ، - شۇنىڭغا  قارىغاندا  ئۇلارنىڭ  گەپ – سۆزلىرى  پىسەنتىڭگە  سىغماپتۇ – دە  ؟ ھە ، ھويلىدا  ئېتىڭ   كۆرۈنمەيدىغۇ ، پىيادە  كەلدىڭمۇ ؟
  - بۈگۈن  بازار  كۈنى  بولغاچقا  بەك  قىستا – قىستاڭچىلىق ، ئات  مىنگىلى   بولمايدىكەن .
  - تاغىرىڭدىكى  نىمە  ئۇ ، ماڭا  بىرەر  نەرسە  ئېلىپ  كەلگەن  ئوخشىمامسەن  ؟
  دانىش  تاغاردىكى   قاپقاننى  چىقىرىپ   يەرگە  قويدى . شەرىقشۇناس  موللېر  بىر  قاراپلا  ئۇنىڭ  ھايۋانلارنى  تۇتىدىغان  قاپقان  ئىكەنلىكىنى  بىلدى  . بىراق ، بۇ  ئۆزى  كۆرگەن  قاپقانلارغا  پەقەتلا  ئوخشىمايتى . قاپقاننىڭ  چەمبەرسىمان  قاسقىنىغا  چىقىرىلغان  نەقىشلەر  ، ھەرە  چىشسىمان  قىسقۇچلىرىدىكى   پۇرژىنلار ، ئىلمەك  ۋە  ھالقىلىرى  ئىنتايىن  پۇىتا  ياسالغانىدى . موللېر قاپقان  قىسقۇچلىرىنى  كېرىپ  زادى  ئاچالمىدى . ئۇ  قاپقاننى   ئۇياق – بۇياققا  چۆرۈپ  ۋە  ئۆرۈپ  سىرنىڭ  زادى  نەدە  ئىكەنلىكىنى  بىلەلمىدى .
  - سەن  قۇرۇپ  باققىنە ، - دېدى   موللېر  ھەيران  بولۇپ ، - بۇ...بۇ قانداق  ھىيلە – مىكىر  بىلەن  ياسالغان  نېمە  ؟
  - مەنمۇ  قۇرۇشنى ، ئېچىشنى  بىلمەيمەن ، قانچە  ھەپىلىشىپ   باقتىم ، لېكىن  ئامال  قىلالمىدىم  .
  -بۇنى  نەدىن  تېپىپ  كەلدىڭ ؟
  - بىر  ئادەم  يوقالغان  ئېتىنى  ئىزدەپ  كېتىۋېتىپ ، قۇملۇقتا  قۇزۇقلىرى  سۇغۇرۇلغان  ھالدا  ئۇچرىتىپ  قاپتۇ . مەن  ئۇنىڭدىن  سەككىز  تەڭگىگە  سېتىۋالدىم .
  - بۇ  قاپقان  قايسى  دەۋىرگە  تەئەللۇق ، ئانالىز  قىلساق  بولىدۇ ، - كارنىگ  موللېر  20 تەڭگىنى  ساناپ  دانىشقا  بەردى  ، - بىلىمەن ، سەن  ھەرگىز  يالغان  ئېيتمايسەن . ساڭىمۇ  ئازراق  نەپ  بەردىم .
  كارنىگ  موللېر  دانىشنىڭ  قېشىدا  ئولتۇرۇپ ، يەنە  قانداق  ئاسار  ئەتىقىلەرگە  ئېھتىياجلىق  ئىكەنلىكىنى  سۆزلەشكە  باشلىدى . ئەمما  دانىشنىڭ  قولى  چاندۇرماي  غىلاپلىق  پىچاق  تەرەپكە  سۈرۈلدى .بۇ  چاغدا  ئىچكىركى  ئۆيگە  كىرىپ  كەتكەن  كىناتون   ھايال  ئۆتمەيلا  قايتىپ  چىقتى  . دانىش  پىچاق  دەستىسىدىكى  قولىنى  يىغىشتۇرۇپ ، ئرنىدىن  تۇردە – دە ، چىقىپ  كەتتى . قېينئىنىسى  ھېنرى  ئۆلگەندىن  كېيىن   دانىشقا  تېخىمۇ  ئۆچ  بولۇپ  كەتكەن  كىناتون  ئۇنىڭ  ئارقىسىدىن  ئالىيىپ  قويۇپ ، دىۋانغا  كېلىپ  ئولتۇردى .
  - دوستۇم  موللېر ، - كىناتوننىڭ  چىرايىدا   ئىستىھزا  بىلىندى ، - بايىقى  دىۋانىگە : ‹‹  بۇرنۇمدىن  كىرگەن  سۇ ، كۆزۈمدىن  چىقتى ›› دىگەن  گەپنى  دىگۈلۈك  ئەمەس  ئىدى .بىر  ساۋاتسىز  خوتەنلىك  ئىنايەت  ئاخۇندىن  يېڭىلگەن  بولساقمۇ  ئۇنى  تەن  ئېلىش ، بىز  ئالىيزادىلەر  ئۈچۈن  نۇمس !
  - مەن  ئۇ  ئىشنى  ھەرقانچە  قىلىپمۇ  ئۇنتۇپ  كېتەلمىدىم ، - دېدى   موللېر  ئۇھسىنىپ  ،- چارروسسىيە  كونسۇلى  پېتروۋىسكىي ، ئەنگىلىيە  باش  كونسۇلى  ماكارتېنى  ئالدانسىغۇ  بىر  نۆرى . لېكىن ، ماڭا  ئوخشاش  شەرق  تىللىرى  مۇتەخەسىسى ، ئۇستاز  لاۋرېنس   ۋە  باشقا  ئالىملارنىڭ  نەچچە  يىلغىچە  ئەخمەق  قىلىنىشى  ئۇنتۇلغۇسىز  ھەم  كەچۈرگۈسىز  ھاقارەتقۇ !بۇ  ئەنگىلىيە  خان  سارىيى  مۇزىيى  ئۇچۇنمۇ  ئۆچمەس  قارا  تامغا !...
   - ھەببەللى ، - كىناتون  بايس  ئۈستەلگە   پاققىدە  ئۇردى ، - بۇ  سەتچىلىكنى  ئىچىمىزدە  بىلەيلىكى ، ھەرگىز  سىرتىمىزغا  چىقارمايلى . دىققەت  قىلدىڭمىكىن ، بايا  سەن  شۇ  گەپنى  قىلغاندا ، دانىش  دىگەن   قەلەندەر  زەھەردەك  كۈلدى ...ئۇنىڭ  ھىجىيىشى  يۈرۈكۈمنى  قوقاستا  پۇچىلىغاندەك  قىلىۋەتتى .
  - بۇ  دانىش  دىگەن  ئەبلەخنى  زادىلا  چۈشىنەلمىدىم ،- موللېرنىڭ  قاپاقلىرى  مىژژىدە  تۈرۈلدى ،- ئۇنىڭ  تارىشا  پۈتۈكلەر  خارابىسىگە  ئاپارغانلىقىنىڭ ، مېنى  ئىككى  قېتىم  ئۆلۈمدىن  قۇتقۇزىۋالغانلىقىنىڭ  خاتىرسىنى  قىلمىغان  بولسام ، ئۇنى  ئاللىقاچان  جايلىۋېتەتتىم .
  - ئەمدى  ئالدىراقسانلىق  قىلىشقا  زادىلا  بولمايدۇ . چېرىكلەر ، ئايغاقچىلار  نەچچە  ئاي  ئىزدەپ  تاپالمىغان  بۇ  قاتىلنىڭ  ئۆز  ئايىقى  بىلەن  قورۇقماي  كېلىشى  ئادەمنى  تەئەججۈپلەندۈرىدۇ ،- دېدى  كىناتون ،- ئۇ  تۆت  يىل  ياقا – يۇرتلاردا  يۈرۈپ   فون لىكوك ، باتاس  ھەم  ئاكا – ئۇكا  بىلىسوۋىسكىلار  بىلەن  ئۇچىرشىپ  كۆزى  ئېچىلىپ  كېتىپتۇ .بۇنىڭغا  تەڭ  كەلمەك  تەس !
  - بولۇپمۇ  ئۇنىڭ  مىركامىل ، مەۋلىد ، توختىلارنىڭ  قانداق  ئۆلگەنلىكىدىن  ھەتتا  روسسىيە  ، شىۋېتسىيە  گېزىتلىرىدە  ئېلان  قىلىنغانلىقىدىن  خەۋەر  تېپىشى  ئەڭ  قورقۇنۇچلۇق !شۇڭا ، تۈكنى  يېتىشىغا  سىلاپ ، يولۋاسنى  چۆچۈتۈپ  قويماي ، ئۇنى  قۇملۇق  ئىچكىرسىگە  تۇيدۇرماي  ئېلىپ  كىرىش  كېرەك .
- بىزنىڭ  پاسسىپ  ئورۇنغا  چۈشۈپ  قېلىشىمىز ، ئۇنىڭ  قاتىللىقى  ھەققىدە  ئېنىق  پاكىتىمىزنىڭ  يوقلىقىدا ،- كىناتوننىڭ  كۆزلىرى  نەگىدۇر  قادىلىپ  تۇراتتى  ،- شۇڭا  ئۇ  ئىشەنچىلىك  ھالدا: ‹‹ مەن  قاتىل  بولغاندىكىن ،  ۋاڭ  ئامبالغا  ئۆزۈمنى  مەلۇم  قىلىمەنقېنى  سىلەرنىڭ  گۇمان، پەرىزىڭلار  پۇت  دەسسەپ  تۇرامدۇ  ياكى  مېنىڭ  ئىسپاتلىرىممۇ ؟!››دەپ  بىزگە  قوقاق  سالالىدى . قىسقىسى ، ئۇ  بىزنىڭ  تىتاڭ  تۇمۇرمىزنى  تۇتىۋالدى .
  - ھەيرانمەن ، - موللېر  سارغۇچ  چاچلىرىنى  سىلىدى ،- بىر  يىلدەك  بىر  ئوبدان  ئىشلەۋاتقان  ئادەم ، نىمە  ئۈچۈن  مەن  قەستكە  ئۇچىراپ  ئۈچۈنچى  كۈنى  غايىب  بولىدۇ ؟
  - بىز  تەكلىماكان  ئەتراپىدىكى  جىق  تورالغۇ ، كەنىتلەرنى  يۇشۇرۇن - ئاشكارە  تەكشۈردۇق ، لېكىن  دانىش  ئىسىملىك  ئادەمنى  تاپالمىدۇق . مېنىڭ  گۇمانىم ‹‹ دانىش ›› دىگەنمۇ  ئۇنىڭ  ئەسلى  ئىسمى  بولىشى  ناتايىن...
   - بۇ...بۇ...مۇم...مۇمكىنمۇ ؟ - موللېر  نىمە  ئۈچۈندۇر، دۇدۇقلاپ  كەتتى ،- بولدىلا ، بۇ  گەپلەرنى  قىلىشمايلى ، ئىچىم  ئاچچىق  بولۇپ  قالىدىكەن .
  كىناتون  بايس  دىۋان  يۆلەنچۈكىگە  ئۆزىنى  تاشلاپ  كۆزلىرىنى  يۇمدى . موللېرنىڭ  قانداقتۇر  ئەرزىمەس  ئادەملەر  ئالدىدا  ئۆزىنى  پەسلىشى ، كاللىسىدىن  زادىلا  ئۆتمىگەنىدى . ئۇنىڭ  قىزىلكوس  چىرايىغا  ئاچچىق  تەنە  ئۇيۇپ  قالغان  بولۇپ ، بۇرۇقتۇرمۇلۇق  ئىچىدە  قاپىقىنى  تۈرۈپ  ئۆلتۇراتتى . شۇڭا  موللېرنىڭ ‹‹ ئەمدى  ئارام  ئالايلى ›› دېگەن  سۆزىدە  ئۇ  دەرھال  ئورنىدىن  تۇرۇپ :
  - بۇنىڭدىن  كېيىن  ئىنايەت  ھەققىدىكى  گەپنى  ھەرقانداق  سورۇن ، يىغىلىش  ۋە  ئادەملەر  ئالدىدا  ئاغزىمىزدىن  چىقارمايلى ،- دېدى .
  - بولىدۇ ، گەپلىرىڭ  ئورۇنلۇق ، دوستۇم  كىناتون .
  ئەتىگەندىن  بېرى  ئايىغى  ئۈزۈلمەي  كېلىۋاتقان  ئادەملەرنىڭ  نەرسە - كېرەكلىرىنى  باھالاپ ،سودىلىشىپ  چارچاپ  كەتكەن  موللېر  بىلەن  كىناتون  ئىچكىركى  ياسىداق  سارايغا  كىرىپ ، قەھۋە  دەملەپ  ئىچتى . ئۇلار  بال  قوشۇق  بىلەن  چىنىدىكى  قەنتنى ئېلەشتۈرۈپ  ئولتۇرۇپ  بىردەم  سۈكۈتكە  چۆمدى . ئاڭغىچە  تۇرمۇش  ۋە  ئامبارغا  مەسئۇل  ئاقساقال  قېرى  ئىشقۇللا  كىرىپ  كەلدى . ئۇ  تون ، پەتنۇس ، قاپقانلارنى  تاغارغا  تىققاندىن  كېيىن  چىقىپ  كەتتى . خوتەن  دوتىيى  ۋاڭ  ئامبال  ئىشقۇللانى : ‹‹ مېنىڭ  قول  ئاستىمدا  ئۇزۇن  يىل  ئىشلىگەن ، ئەڭ  ئىشەنچىلىك  ئادەم ›› دەپ  ئەكىلىپ  بەرگەنىدى .بۇ  جىمغۇر  ئادەم  ئانچە  گەپ  قىلمىغىنى  بىلەن  ئەجنەبىيلەرگە  دىلخا  ئىشلەيتى . ئۇ  بۈگۈن  ئامبارغا  ئون  قېتىمدەك  قاترىدى  بولغاي ، لېكىن  ۋايسىمىدى . ئىشقۇللا  سېتىۋېلىنغان  بويۇمنى  ھەر  قېتىم  كۆتۈرۈپ  ماڭغىنىدا م كارنگ  موللېر : ‹‹ ھەر  قايسى  بويۇمنى  ئۆز  تۈرى  بويىچە  قوي ›› دەپ  جېكىلەيتى . ئۇ  بولسا ‹‹ خوپ ›› دەپ  قويۇپ  ئىتائەتمەنلىك  بىلدۈرەتتى .بىراق  ئىچىدە ‹‹ بۇ  ئەسكى - تۈسكىلەرگە  شۇنچە  پۇل  خەجلەپ  نىمە  كەپتۇ .بېشىنى  ئېشەك  غاجىلىۋالغان   پەرەڭلەر...›› دەپ  غودۇڭشۇپ  قوياتتى . ئىشقۇللا   ئۇزاپ  كەتكەندىن  كېيىن   كىناتون  بايس  ئىشىكنى  يېپىۋېتىپ  گەپ  باشلىدى :
   - ھېلىقى  قېرىنىڭ  جۇلدۇر  كېپىنىگە  بەرگەن  14  تەڭگىنىڭ  كۆزى  ئوچۇك  كەتتى ،- دېدى  كىناتون  ئېچىنغان  قىياپەتتە ،- شۇنچىلىك  پۇلغا  ئەرزىمدۇ ؟
   - شاھ مەشرەپ  دەيدىغان  جاھانكەزدى  بىر  قەلەندەر  غەزەلخان  بار ،- موللېر  قەھۋەدىن  بىر  ئوتلاپ ، تامىقىنى  تامشىپ  قويدى ،- ئۇيغۇرلار  ئۇنى  ‹‹ ئەۋلىيا ›› دەپ  بەيئەت  قىلىشىدۇ . ئۇ  تون  مەشرەپ  ياشىغان  دەۋىردىكى كىيىم - كېچەك  مەدەنىيىتىنى  تەتقىق  قىلىشتا  مۇھىم  بويۇم . يەنە  تېخى  شاھ  مەشرەپنىڭ  ئەنگىلىيە  خان  سارىيىنىڭ  موزىيىدىن  ئورۇن  ئالسا ، شەرىقلەرنىڭ  كۆزلىرى  ئالا - چەكمەن  بولۇپ  كېتەر .
  - 14  يىلدىن  بېرى  تۆتىنچى  قېتىم  تەكلىماكانغا  كېلىشىمىز ،- كىناتون  سارغۇچ  يېشىل  كۆزلىرىنى  ھەمراھىغا  تىكتى ،- ھەر  قېتىم  يۆتكەلگەن  يۈزلەپ-يۈزلەپ  ئاسارئەتىقە ، مەدەنىيەت  بويۇملىرى ، قىممەتلىك  گۆھەرلەر ، ئاجايىپ - غارايىپ  پۈتۈكلەر ، بۇددىزىم  يادىكارلىقلىرى  دۆلىتىمىزنىڭ  خان  ساراي موزىيىغا  يۆتكەلدى  . ھەر  قېتىم  كەلگىنىمىزدە  يەنە  ئۆزگىچە  نەرسىلەرنى  قېزىۋالىمىز  ھەم  سېتىۋالىمىز . بۇ  تۈگىمەيدىغان  قانداق  بايلىقتۇ  دەپ  قالىمەن .
  - كىناتون ، سەن  ئىچىڭدىكىنى  ئېنىق  دېمىدىڭ ، - موللېر  قولىدىكى  پىيالىنى  ئۈستەلگە  قويدى ،- سەن ‹‹ بۇ  جۇلدۇر  كېپەن ، ھايۋاندىن  بەتتەر  ياغاۋاتقان  ئادەملەرنىڭ  راسا  گۈللەنگەن  دەۋرى  بولغان  چېغى ›› دېمەكچىسەن ، شۇنداقمۇ ؟
  - توپتوغرا ،- كىناتون  كۈلدى ،- سەنمۇ  شاھ  مەشرەپ  ئەۋلىيادىن  قېلىشمايسەن .
  - نەدىكىنى ، شاھ مەشرەپ  ئالەمەە  تونۇلغان  جاھانشۇمۇل  غەزەلخان ، مەن  بولسام  ئېكىسپېدىتسىيەچى ، خالاس .
   - ئاپارغان  بايلىقلىرىڭنىڭ  كۆپلىكىدىن  پادىشاھىمىز  ساڭا ‹‹ سىرلىق  ئەۋلىيا ›› دەپ  نام  بەرگەن  تۇرسا  .
- مېنىڭ  قولغا  كىرگۈزگەن  نەرسىلىرىم  باشقىلارنىڭ  ئالدىدا ،خوتەنلىكنىڭ  تىلى  بىلەن  ئېيىتقاندا  ھۆدنىگە  سۇندى  بولالمايدۇ ، - موللېر  ئاچچىققىنە  كۈلدى ،- مىڭ  يىللار  ئىلگىرى  قانچىلىغان   سەيياھ ، تەۋەككۇلچى ، دىن تارقاتقۇچى ، قىدىرغۇچى ، جاھانكەزدى  ۋە  ھۆكۈمەت  ئەلچىلىرىنىڭ  شەرىقتىكى  بۇ  دىيارغا  كەلگەنلىكى  نامەلۇم . مىلادىيە  تۆتىنچى  ئەسىردە  ئىمپىراتور  ئالىكساندېر ماكىدۇنىسكىينىڭ  شەرىققە  يۈرۈش  قىلىشى  بىلەن  گىرېك  قوشۇنلىرى  ئوتتۇرا  ئاسىيانى  ئىستىلا  قىلدى . شۇندىلا  ياۋرۇپالىقلار  مەركىزىي  ئاسىيا  ۋە  تارىم  ئويمانلىقىدىن  ئىبارەت  لوق  گۆشنى  بىلىۋالدى .ئاددىيسى  19 - ئەسىرنىڭ  ئوتتۇرلىرىدىن  باشلاپ  كىرگەن  گىرمانىيە ، ۋېنگىرىيە ، ئامېركا ، فىرانسىيە ، روسسىيە ، ياپۇنىيىلىك  ئەكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ  ئايىغى  ئۈزۈلمىدى . ئۇلار  خوتەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ ، كۇچا ، تۇرپان ، ئىلى ، قۇمۇللارغىچە  بېرىپ ، نەچچە  ئون  يىللارغىچە  بايلىق   ئىزدەشنى  داۋام  قىلدى . بۇنداق  تالان - تاراجنىڭ  تارىختا  تولدۇرۋالغۇسىز  پاجىئەسىنى  چىڭ  ھۆكۈمىتى  چۈشەنمىدى .
  موللېرنىڭ  بۇ  ئۇزۇن  نۇتۇقى  ناھايىتى  بىر  سىرلىق  رۆجەكنى كۆرگەندەك  بولغان  كىناتون  چوڭقۇر  تىنغىچە  بېشىنى  كۆتۈردى .
  - شۇنچە  بايلىقنىڭ  ئېگىسى  بولغان  بۇ  مىللەتنىڭ  مۇشۇنداق  ھالغا  چۈشۈپ  قېلىشىغا  ئادەمنىڭ  ئەقلى  يەتمەيدۇ .
  - ئىسلامىيەتتىن  كېيىن  ئوتتۇر  ئاسىيادا  مەدەنىيەتنىڭ  گۈللىنىشى  يەنە  بىر  قانچە  ئەسىرلەرگىچە  داۋاملاشتى . يىپەك  يولى  خارابلاشقاندىن  كېيىن  ئۇلار  ئۆزىدىن  ئۆزگىنى  بىلمەيدىغان  بىكىنمە  ھالەتكە  ئۆتتى ،- شەرىقشۇناس  موللېر  سالاپەتلىككىنە  يۆتىلىپ  قويدى ،- مەن  يىراقنى  سۆزلىمەي ، بولۇپمۇ  يېقىنقى 70-80  يىللاردىن  بېرى  ياۋرۇپالىقلارنىڭ  بۇ  ئۇنتۇلغان  زىمىنغا  قەدەم  ئېلىشى ،بۇ  يەردىكى  توۋا - ئىستىغبار  قۇلى  بولغان  ئىتائەتمەن  ئادەملەرنىڭ  تاشقى  دۇنياغا  بولغان  ھەيرانلىقىنى  ئاشۇردى . ئەزەلدىنلا  سىرىتتىن  كەلگەن  كارامەتچىلەرنى  چوڭ  بىلىدىغان ، ئىخلاس  قىلىدىغان  بۇ  ئاقكۆڭۈل  ئادەملەر  ئۇلارنىڭ  تۆگە  كارۋانلىرىنى  يېتىلەپ ، تەكلىماكاندىكى  غايىب  شەھەرلەرەە  ئېلىپ  كەلدى .
  - توۋا ،  - كىناتون  ياقىسىنى  تۇتتى - بۇ  نېمەدىگەن  گول  خەق ، نېمەدىگەن  ئەخمەق .‹‹ بۇ  ئادەملەر  بىزگە  ئامەت  ئەپ  كېلەمدۇ  ياكى  ئاپەت ›› دەپ  ئويلىمايدىكىنا .
  - شۇ  ئەمەسمۇ ،- كارنىگ  موللېر  مەسخىرلىك  كۈلۈپ  قويدى ،- كۆك  كۆز ، سېرىق  چاچ ، بەستلىك  كەلەەن  بۇ  ئادەملەرنىڭ  نېمىشقا  قۇم  ئاستىغا  كۆمۈلگەن  بۇ  قەدىمىي  شەھەرلەرگە  شۇنچىلىك  قىزىقىدىغانلىقىنى ، نېمە  سەۋەپتىن  ئەسكى - تۈسكى  ۋە  جۇلدۇر  كېپەنلەرنى  يىغىدىغانلىقىنى  زادىلا  چۈشەنمىدى . پەقەت  چەتئەللىكلەرنىڭ  تۆت  تەڭگىسى  ئۇلارنى  ئەجدادلىرىنىڭ  مەدەنىيەت  مىراسلىرىنى  سېتىپ  يەيدىغان  غۇرۇرسىز ، ئەقىلسىز ، ۋىجدانسىزلارغا  ئايلاندۇردى .
  - بۇ  خەق  بىر  قارىساڭ  شۇنچە  مۇلايىم  ۋە  رايىش ،- دېدى  كىناتون  بايس ،- ئەمما  بىرەر  ئىش  پىسەنتىگە  سىغمىسا  بىردەمدىلا  غالجىر  بۆرىگە  ئايلىنىدىكەن .
  - بۇنىڭ  تارىخىي  ئاساسى  بار ، بۇ  ھەقتە  پىرىژىۋالىسكى  مۇنداق  دەپ  يازغان :
  ...‹‹ بۇ  يەردىكى  ئادەملەر  ماددىي  تۇرمۇش  جەھەتتىنلا  نامرات  بولۇپ  قالماستىن ، بەلكى  يەنە  روھىي  دۇنيا  ۋە  مەنىۋى  تۇرمۇش  جەھەتتىنمۇ  ئاجايىپ  زەئىپلىك  ئىچىدە  ياشايدىكەن .ئۇلارنىڭ  دۇنيا  ھەققىدىكى  بىلىملىرى  ۋە  ئاڭ  سېزىمى  پەقەت  ئەتراپتىكى  تار  مۇھىت  بىلەنلا  چەكلىنىدىكەن... نامراتلىق ، ئاچزارلىق  ۋە  رەھىمسىز  تەبىئەت  بىلەن  توختاۋسىز  رەۋىشتە  كۆرەش  قىلىش  جەريانىدا ، ئۇلارنىڭ  خارەكتىرىدە  بىر  خىل  جاھىللىق ، ئىچىەە  تىنىپ  كەتكەن  سۈكۈت  ۋە  ئۆتكەن  كۈنىەە  شۈكۈر  قىلىش  پىسخىكىسى  شەكىللەنگەنىكەن . ئۇلارنىڭ  سۇلغۇن  چىرايىدىن  كۈلكە - تەبەسسۇمنى  ككرۈش  ناھايىتى  تەس  ئىكەن...››
  -قىسقىسى  ئۇلار ،- كىناتون  قەھۋەسىنى  بىر  ككتۈرۈپلا  ئىچىۋەتتى ،- ئۆزلىرىنى  سېتىۋاتىدۇ ، ئەجدادىنىڭ  روھىنى  سېتىۋاتىدۇ ، بۇ  ئىنتايىن  ھاقارەتلىك  تامغا !
  كارنىگ  موللېر  بىلەن  كىناتون  بايس  50  ياش  ئەتراپىدىكى   بەردەم  ئادەملەر  ئىدى .موللېر  گىرمانىيە  مويىنخېندا  توغۇلۇپ ، ئون  نەچچە  ياشلارغا  كىرگەندە  ئاتا - ئانىسى  بىلەن  ئەنگىلىيەەە  قايتىپ  كېلىپ ، شۇ  يەرنىڭ  پۇخرالىقىغا  ئۆتتى . ئۇ  وكىسفورد  ئونىۋېرىستىدا  ئوقىۋاتقان  چاغلىرىدا  ئاقسۆڭەك  ئائىلىسىدىن  كېلىپ  چىققان  كىناتون  بايس  بىلەن  تونۇشۇپ ، ئۇنىڭ  بىلەن  ئىلمىي  مۇھاكىمىلەردە  بىللە  بولۇپ ، يېقىن  دوستلۇق  ئورناتتى .ئادۇۋكاتلىق  كەسپىەە  ئىشتىياق  باغلاپ ، بىرنەچچە  يىل  دەۋا - دەستۇر  بىلەن  ھەپىلەشكەن  كىناتون  كېيىنچە  كارنىگ  موللېرنىڭ  شەرىقشۇناسلىق  ئىلمىگە  قىزىقىپ  قېلىپ ، قاھان  كېزىشنى  ئەڭ  كۆڭۈللۈك  ھايات  دەپ  جەزىملىدى .
  كارنىگ  موللېر  جۇغى  كىچىك ، ئاق  سېرىق  يۈزىەە  قىزغۇچ  قارا  بۇرىتى  يارشقان ، تەمكىن  ئادەم  ئىدى . كىناتون  بولسا  بەدىنى  تولغان ، ئېگىز  بوي ، ئېڭەك  ئۇچىغا  بىر  تۇتام  قىرقىم  ساقال  قويغان ، بۇرۇتسىز ، تەبىئىيتى  سەل  يېنىك ، ھىيلە - مىكىرگە  ئۇستا ، مۇلاھىزىلىرى  چوڭقۇر ، قىزىلكوس  ئادەم  ئىدى .
- بايس  ،- دېدى   موللېر  مۈگدەك  بېسىۋاتقان  دوستىغا  قاراپ ،- ۋاقىت  بىر  يەرگە  بېرىپ  قاپتۇ  ،ئارام  ئالامدۇق ؟
  - مەيلى .
  -چارچاپ  قالدىڭمۇ  نىمە ، بەك  خامۇش  كۆرۈنىسىن ،- موللېر  چاقچاق  قىلدى ،- قۇملۇق  قاراقچىسىغا  ئەگەشسەك  مۇشۇنداق  ئاراملىق  يوق ، قانداق  دېدىم ؟
  - پوق  يېمە  بىر  تۇتام ،- كىناتون  جوغى  كىچىك  موللېرغا  شۇنداق  چاقچاق  قىلاتتى ،- 14  يىلدىن  بېرى  ساڭا  ئەگىشىپ  تەكلىماكانغا  ئۈچ  قېتىم  كەلدىم ، مانا  بۇ  تۆتىنچى  قېتىملىقى ، بىرەر  قېتىم  ۋايساپ  باقتىمما ؟
  - سېنىڭزە ، ئاغزىڭنىڭ  بېزەپلىكى ، ئادەمنى  تىللاپلا  تۇرىسەن ، ئەمما  ئاشۇ  قوپال  گەپلىرىڭەە  كۆنۈپ  قاپتىمەن .
  -تۇرۇپلا  ھىندىستاننىڭ  غەربىي  شىمالىدىكى  چىگرا  رايۇندا ، قەدىمكى  بۇيۇملارنى  ئوغرىلاش  ۋەقەسى  ئېسىمەە  كېلىپ  قالدى . پاھ ، ئاقايىپ  بايلىقلار  ئىدى  ئۇلار ...
  - ئوغرىلاش  دەپ  نىمانداق  سەت  گەپ  قىلىسەن ؟ ئۇنى  قەدىمقى  بايلىقلارنى  قۇتقۇزۇش  دەيمىز ، چىرايلىق  ەەپ  قىلىشنى  قاچانمۇ  ئۆگۈنەرسەن ؟
  - بۇ  يەردە  ئىككىمىزدىن  باشقا  ئادەم  يوققۇ ، ئۇ  قىپقىزىل  ئوغرۇلىق  تۇرسا .
  - بولدى ، بولدى ،  ساڭا  ەەپ  توشاتقىلى  بولمايدۇ ، ئۇخلايلى .
  ئۇلار  ئىچكىركى  ئۆينىڭ  بىر - بىرىگە  تۇتاشقان  ئىككى  ھۇجرىدا  ياتاتتى . كىناتون  سول  تەرەپتىكى  ياتىقىغا  كىرىپ  كېتىشى ، كارنىگ  چىشىنى  چوتكىلاپ  بولۇپ ، كىيىملىرىنى  سالدى . ئۇ  دائىم  بېشىنى  ئېگىز  قويۇپ  ياتقاچقا ، ئىككى  دانە  پەي  ياستۇقنى  جۈپلەپ ، كارۋات  يۆلەنچۈكىەە  يۆلەپ  قويدى - دە ، دېرىزىدىن  ماراپ  تۇرغان  بىر  تەرىپى  داغلاشقان  ئايغا  قارىدى .ئاي  نۇرى  دېرىزىدىكى  گۈل  بەرگىلىرى  ئارىسىدىن  ئۇنىڭ  يۈزىەە  چۈشۈپ  تۇراتتى . كارنىگ  موللېر  چوڭقۇر  خۇرسىنىپ  قويدى . چۈنكى  ئۇنىڭ  كاللىسىغا  يەنىلا  ئىنايەت  ئاخۇننىڭ  قىلمىشلىرى  كىرىۋالغانىدى . ئۇ  مەسخىرلىك  كۈلۈمسىرەپ  موللېرغا  تىكىلىپلا  تۇراتتى . پاھ ، پاھ ، پاھ  ئۇنىڭ  گەپلىرىنىڭ  سېسىقلىغىچۇ! ئەەەر  ئۇ  بىرەر  ئالىي  بىلىم  يۇرتىدا  ئوقۇغان  بولسا ، ئالەمشۇمۇل  ناتىق  بولغۇدەك !  ھېلىقى  ئەدىلىيە  تۈسىنى  ئالغان  سوراقتا  موللېر  ئۆزىنىڭ  كەتكۈزۈپ  قويغانلىقىنى  كېيىنلا  چۈشەندى . ئۇ  نېمىشقىمۇ : ‹‹ سەن  مېنىلا  ئەمەس ، مېنىڭ  ئۇستازىم  لاۋرىنىس  جانابنىمۇ  ئالدىدىڭ ›› دىگەن  بولغىيتى . شۇ  چاغدا  ئىنايەت  ئاخۇن  تەمتىرمەي ، ھودۇقماي  ھىجايغىنىچە :  ‹‹ ئۇستازىڭ  شۇنچىلىك  بولسا ، سەنمۇ  چاغلىقكەنسەن ›› دېدى . بۇ  سۆز  ھازىرغىچە  خۇددى  سىڭمەي  تۇرۋالغان  لوقمىدەك  ئۇنىڭ  يۈرەك  باغرىنى  ئۆرتەپ ، يېگەن - ئىچكىنى  چىرايىغا  چىقماي  كېلىۋاتىدۇ .
  - ھەي  ئىنايەت ، ھەي  ئىنايەت ،- كارنىگ  موللېر  چىش  ئارلىقلىرىدىن  شىۋىرلاشقا  باشلىدى ،- سەن  يۈرۈكۈمگە  ئۆمرۈمنىڭ  ئاىىرغىچە  ئۇنتۇلمايدىغان  نەشتەر  ئۇردۇڭ ! جاھانشۇمۇل  ئالىملارنى  بەش - ئالتە  يىل  ئەخمەق  قىلدىڭا...سەن  خوتەنلىك نىمانچە  ئەقىللىقتۇرسەن؟ سېنى  تۈرمىگە  كىرگۈزۋەتمەي ، ئۆز  قولۇم  بىلەن  ئېتىۋەتسەمچۇ!!...
  كارنىگ  موللېرنىڭ  ئۆز  گۆشىنى  ئۆزى  يىگۈدەك  بولۇپ  غەزەپكە  كېلىشى  ئورۇنسىز  ئەمەس  ئىدى .  ئەينى  زاماننىڭ  ئالىملىرىنى  بەش - ئالتە  يىل  ئەخمەق  قىلىپ ، ئۇلارنى  ساراسىمىەە  سالغان ، بىلىملىرىنىڭ  مۇكەممەل  بولمىغانلىقىدىن  ئۆزلىرىنى  ئەيىبلىگەن ، ياۋرۇپادىكى  ھەرقايسى  دۆلەت  بىلىم  ئەھلىنىڭ  دۇنياۋى  موزىي  يەرمەنكىلىرىدە  كۆزلىرىنى  ئالاچەكمەن  قىلىۋەتكەن ، ئارقا - ئارقىدىن  ئىلمىي  ماقالىلەر  ئېلان  قىلىنىپ ، دۆلەتلەر  ئارا  مۇنبەرلەردە  دوكىلاتلار  بېرىلەەن ‹‹ ئاجايىپ  كەشپىيات ›› خوتەنلىك  چالا  ساۋات  دېھقاننىڭ  ئەقىل - پاراسىتىدىن  ئاپىرىدە  بولغان  ساختا ، يالغان  مەھسۇلات  ئىدى !!...


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:56:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                           بەشىنچى   باب



  قاراڭغۇلۇق  كېپەنلىۋالغان  قۇم  تاغلىرىدىن  كۆتۈرۈلگەن  ئاي  چەكسىز  قۇم  چۆللۈكىنى  گىرىمسىمەن  يۇرۇتۇپ  تۇراتتى . ئۇنىڭ  نۇرىدىن  ھەممە  ئەتراپ  كۆكۈچ  سىرلىق  تىلسىمغا  ئايلىنىپ  قالغاندەك  قىلاتتى .بىر  كۈن  يول  يۈرۈپ  ھارغان  گۈلبادام  ئاتتىن  چۈشۈپ ، بىر  كېچە  تۈنۈگىدەك  ئەپلىك  ئورۇن  تېپىش  كويىدا  ئەتراپقا  نەزەر  تاشلىدى . ئالدىدا  ئانچە  ئېگىز  بولمىغان  دۆڭدىن  باشقا  يەر   تۈزلەڭلىك  بولۇپ ، ئۇ  يەر – بۇ  يەردە  ‹‹ يېتىم ›› توغراقلارنىڭ  غۇۋا  ئىزنالىرى  كۆرۈنەتتى .بۇنداق  ئايدالادا  يىرتقۇچ   ھايۋانلار   بولمىغان  تەقدىردىمۇ ، كۆزگە  چېلىقىدىغان  بۇنداق  يەردە  يېتىش  بىخەتەر  ئىدى . گۈلبادام  ئالدىدىكى  يېيىلىپ  ياتقان  دۆڭلۈككە  ئېتىنى  يېتىلەپ  ماڭدى . دۆڭلۈك  ئۈستى  يۇمشاق  قۇملۇق  بولغاچقا  سېلىنجا  بولمىسىمۇ  بولىۋېرەتتى  . ئۇ  ئاتقا  غانجۇغىلانغان  خۇرجۇن ، تۇلۇم ، تۇۋۇرلارنى  يەرگە  چۈشۈرۈپ  ئاتنى  ئېگەردىن  بوشاتتى . ئاندىن  تۇلۇمدىن  جامغا   سۇ  قۇيۇپ   ئاتنىڭ  تۇمشۇقىغا   تۇتقانىدى ، ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› بىردەمدىلا  ئىچىۋېتىپ ، خۇددى ‹‹ رەھمەت  ›› دىگەندەك  بوشقىنا  بۇقۇرۇپ  قويدى .
بىر  كۈن  كەچكىچە  ئات  ئۈستىدە  سىلكىنىپ ، بەل  ۋە  پۇتلىرى  ئارامسىزلىنىۋاتقان  گۈلبادام  قۇمغا  ئۆزىنى  ئوڭدىسىغا  تاشلىۋەتتى . ئۇ  بىردەم  بىر   تەرىپى  داغلاشقان  ئايغا ، چاراقلىغانيۇلتۇزلارغا  قاراپ  ياتقاندىن  كېيىن  ئورنىدىن  تۇرى – دە ، بوغۇز  تەييارلانغان  توۋۇرنى  ئاتنىڭ  بېشىغا  كىيگۈزدى . ئاندىن  ئۇنىڭ  پىشانىلىرىنى  سىلاپ  تۇرۇپ :-بۇ  قېتىم  بۇغۇزنى  جىق  بەردىم ، كېچىچە  ھۇشيار  بول ، بىرەر  شەپىنى  سەزسەڭلا  ماڭا  بىشارەت  بەر ، بولمىسا  سېنى  ھەرگىز  يۇلتۇز  دېمەيمەن،- دەپ  پىچىرلىدى .
ئات  ئىنتايىن  ئەقىللىق    ھەم  ھۇشيار  جانىۋار . ئۇ  كۆپۈنچە  ئۆرە  تۇرۇپ  ئۇخلايدۇ .ناگان – ناگاندا  يېتىپ  قالغان  تەقدىردىمۇ  مۈگىدەيدۇكى  ئۇخلىمايدۇ . ئەمما ‹‹ شىتىر ›› قىلىپ  چاشقان  ئۆتۈپ  كەتسىمۇ ، قۇلاقلىرىنى  شىڭتايتىپ ، كۆزلىرىنى  چەكچەيتىپ  ، كىشنەيدۇ ، پۇرقۇيدۇ . بولمىسا  يەر  چاپچىق  ئىگىسىگە  شەپە  بېرىدۇ . شۇڭا  گۈلبادام ئوۋغا  چىققاندا ، بىرەر – يېرىمدەم  كۆز  يۇمۇپ  خاتىرجەم  ئارام  ئالىدۇ . ھەتتا  ئۇ  ئۆيۈدە  ياتقاندىمۇ ، كىچىككىنە  شەپىنى  سەزگەن  ياكى ھىدىنى  ھىدلىغان  ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› ئېغىلدا  تۇرۇپ ، ئارقا – ئارقىدىن  قاتتىق  كىشنەيدۇ ، دوكىلدىتىپ  يەر  چاپچىيدۇ . بەزىدە  ئۇلارنىڭ  ئۆيى  ئەتراپىغا   قۇملۇقنىڭ  ئاق  تۈلكىسى  توخۇ  ئوغۇرلىغىلى  كېلەتتى  . ئاچچىقى  زەھەردەك  مۇلۇنلار  كېچىلىرى  ئوغلاقلارنى  بۇغۇپ  ئېلىپ  قاچاتتى .‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› نىڭ  غەلىتە  كىشنەش ، تاقەتسىز  دوكۇرلاشلىرىدىن  نىمە  بولغانلىقىنى  بىلىۋالىدىغان  گۈلبادام ، ئاسمانغا  قارتىپ  ئىككى  پاي  ئوق  ئاتقان  ھامان تۈلكە ، مۇلۇنلار  قېچىپ ، ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› جىمىپ  قالاتتى . گۈلبادام  ئېتىنىڭ  پىشانىلىرىگە   سۆيۈپ  بۇيۇن ، ساغرىلىرىنى  سىلاپ : ‹‹ مېنىڭ  يۇلتۇزۇم ، ئەقىللىق  يۇلتۇزۇم ، سېنى  پەرۋىن  دەيمۇ  ياكى چولپان ›› دەپ  ئەركىلىتىپ  كېتەتتى .
  گۈلبادام  ئورنىدىن  تۇرۇپ  ئازراق  نان  يەپ  سۇ  ئىچىۋالغاندىن  كېيىن ، مىلتىقىنى  بەتلەپ  قولغا  ئېلىپلا  ئاتقۇدەك  قىلىۋېلىپ ، ئۇنىڭ  تاسمىسىنى  بوينىغا  ئۆتكۈزۋالدى  .ئاندىن  خۇرجۇننى  بېشىغا قويۇپ  قۇمدىلا  پۇتلىرىنى  ئۇزۇن  سۇنۇپ ، يۇلتۇزلارغا  قاراپ  ياتتى .ئۇ  سادىق  ھەمراھى  بولغان  مىلتىقىنى  بىلەكلىرى  ئارىسىغا  ئېلىپ  قۇچاقلىۋالغانىدى .بىردىنلا  ئۇنىڭ  كۆڭلىگە  نىمىدۇر  بىشارەت  بولغاندەك  ئورنىدىن  تۇرۇپ  كەتتى . ئۇ  ئاتتىن  بىر  ئاز  يىراقلىشىپ  قۇم  توپىدا  تەيەممۇم  قىلغاندىن  كېيىن ، تەھەججۈپ  نامىزى  ئۆتەش  ئۈچۈن  خۇرجۇندىن  ئاپپاق  لىباس  بىلەن  نېپىز  داكا  رومالنى  ئالدى . ئۇ  قۇملۇقتىن  پەسلەپ  چۈشۈپ ، سۆسۈن  رەڭ  گۈللىرى  قۇرۇپ  قالغان  بىر  تۈپ  قوڭغۇراقتىكەن  ئارقىسىغا  ئۆتتى – دە ، قۇلاق  قېقرىپ  ئەزان  توۋلاپ  نامىزىنى  باشلىدى . يىراقتىن  ئۇ  خۇددى  پاختا  يۇلغۇن  كۆچىتىدەك  ئاپپاق  بولۇپ  كۆرۈنەتتى .
  گۈلبادام  ئورنىغا  كېلىپ  ياتقاندىن  كېيىن  خېلىغىچە  ئۇيقۇسى  كەلمىدى . چۆل  كېچىسى  تولىمۇ  جىمجىت  سۈكۈتكە  تولغانىدى . پەقەت تۈن  كەسلەنچۈكلىرىنىڭ  ئۇيقۇلۇق ‹‹ كىر ...كىر...كىر...›› قىلغان  سۇس  ئاۋازى  بىلەن  قۇرت-قۇڭغۇز  ، چېكەتكىلەرنىڭ  چىرىلداشلىرى  ئاڭلىنىپ  تۇراتتى . قاراڭغۇلۇق  تىقىلغان  جەزىرىنىڭ  يىراق  تامانلىرىدىن  ئاللىقانداقتۇر  ھۇقۇيتقان ، ئۇشقىرتقان ، زەئىپ  ئىڭرىغان ياكى  يىغلىغاندەك  قورقۇنۇشلۇق  شەپىلەر  ئاڭلىنىپ  تۇراتتى . قىسقىسى ، پۈتۈن  كېچە  روشەن  بولمىغان  سىرلىق  ئاۋازلارغا  تولغانىدى .بىراق  گۈلبادامنى  ئازراقمۇ  سۈر  باسمىدى . ئۇنىڭ  بۇنداق  چۆللەردە  تۈنەپ  قېلىشى  تۇنجى  بولىۋاتقىنى  يوق .ئۇ  ئۆسمۈرلۈك  چاغلىرىدىن  باشلاپلا   ئۆچكە  ، قوي ، كالا ، ئاتلىرىنى  ھەيدەپ ، ئوت  مول  جايلارنى  ئىزدەپ  كېتەتتى . يىراق – يىراق ،  توقاي  ، جاڭگال ، چاتقاللىقلارغا  ئاپىرىپ  بىر  نەچچە  كۈن  بېقىپ  كېلەتتى . كېچىلىرى  قۇمدا ، ئاجايىپ  زور  توغراق  غوللىرىدا  مىلتىقىنى  قۇچاقلاپ  ياتاتتى .بىر  شەپىنى  سەزگدەك  بولسا ، مىلتىقىنى  ئاسمانغا  قارىتىپ  ئاتاتتى .‹‹ گوم ›› قىلغان  ئاۋازدىن  ماللارمۇ  ئېگىسىنىڭ  ئۆزلىرىنى  قوغلاۋاتقانلىقىنى  بىلگەندەك ، غۇژمەك  توپلىشىپ  مۈگدىشەتتى . بوران – چاپقۇن ، يامغۇر  - يېشىن  ئۇنى  ھەرگىز  قورقۇتالمايتى . بىر  قېتىم  تۇيۇقسىزلا  بىر  پارچە  قارا  بۇلۇت  كېلىپ ، يامغۇر  شاقىراپ  يېغىپ  كەتتى .ئۇ  قېرى  توغراقنىڭ  ئۆڭكۈردەك   يوغان  كاۋىكىغا  كىرىشى ، بىر  يىرتقۇچ  مۇلۇن  قېچىپ  چىقىپ  كەتتى .
  گۈلبادام  چۆللەردە  يالغۇز – يېرىم  قالغان  چاغلىرىدا  بوۋىسىنىڭ  سۆزلىرىنى  ئەسكە  ئالاتتى .ئابدۇللا  ئۇنىڭغا  : ‹‹ ئادەم  قورۇققانسېرى  سۈر   باسىدۇ ،سۈر  باسقانسېرى  پۇت – قۇلدا   جان  قالماي ، ئەقلىدىن  ئازىدۇ . قورقۇنچاق  ئادەملەر  ئاللانىڭ  ئەڭ  ناباب  بەندىلىرى ، ئاللا  قورقۇنچاق  ئادەملەرگە  ساخاۋەت  كۆزى  بىلەن  قارىمايدۇ ... ›› دەپ  نەسىھەت  قىلاتتى . شۇڭا ، گۈلبادام  كىچىگىدىن  تارتىپلا  قورقۇمسىز  چوڭ  بولدى . بوۋىسىنىڭ  ئۇنىڭغا  ئۆگەتكەنلىرى  بەكمۇ  كۆپ  ئىدى . ئەدناسى ، ئۇلارنىڭ   ئۆيىنىڭ  ئارقىسىدىكى  قۇم  بارخانلىرى  ئارىسىدا  پارچە – پارچە ، كىچىك – كىچىك  تېرىلغۇ  يەرلىرى  بولۇپ ، باش  باھاردا  ئۇ  يەرلەرنى  ئاغدۇرۇپ   ئارپا  چاچاتتى .چەت – چۆرىسىگە  ئاق  چامغۇر ، مەككە  چامغۇرى ، قىزىل  مارجاندەك  ئۇششاق  بولىدىغان  غۇدۇر  شوخلىلىرىنى  تېرىپ  قوياتتى . قۇملۇق  كۈندۈزى  قىزىپ  ،كېچىسى  سوۋۇپ  كەتكەچكىمۇ ، زىرائەتلەر  شەبنەم   بىلەن  كۆكلەپ  ياشىراتتى . شۇنداقتىمۇ  بوۋاي  بىلەن  نەۋرە  قىز  يىلىغا  بىرەر  قېتىم  قۇدۇقتىن  سۇ  تارتىپ  چېچىپ  سۇغىراتتى .
   گۈلبادام  ئەتىيازنىڭ  بىر  كۈنى  تورپاقنى  ساپانغا  قېتىپ  ، ئالقاندەك  پارچە  يەرلەرنى  ھەيدىمەكچى  بولۇپ  تۇرغىنىدا ، ئۇنىڭ  بېشىدا  قاراپ  تۇرغان  ئابدۇللا  بوۋاي  دېھقانچىلىق  قىلىشتىكى  ئەمىرمەرۇپلارنى  چۈشەندۈرۈپ  كەتتى :
  -قىزىم ، ئۇينى  قوشقا  قاتقاندا : ‹‹ ھۇۋەل  ئەۋەلۇۋەل   ئاخىرۇۋەززاھىرۇ  ۋەل  باتىنۇ  ۋەھۇۋە  بىكۇللى  شەيئىن  ئەلىم ›› دىگەن  ئايەتنى  ئوقۇش  كېرەك .
  - بولىدۇ   بوۋا ، - گۈلبادام  قىزىرىپ  كەتتى – ئۇينى  ساپانغا  قېتىپ  ھەيدىگەندە  ۋە  تاپ  بېشىدىن  قايىتقاندا  ئوقۇلىدىغان  ئايەت   ئېسىمدە   بار .
- قارىسىلا  بالام ، ئارپا  پىشقاندا : ‹‹ ياقەددىم ، ياقەددىم ›› ، بۇغداي  پىشقاندا : ‹‹ ياجەلىل  ، ياجەلىل ›› ، شال  سېرىقدىغاندا : ‹‹ ۋەھھاپ ، ياسەبۇر ››  ، ماش  پۇرچاق  پىشقاندا : ‹‹ يا  ئەزىز ، يا  كەرىم ›› دىگەن   تەسبىھنى  ئېيتىش  لازىم .
  - ئۇقتۇم  بوۋا  .
  بوۋاي  تۇرمۇشتىكى  ھەر  بىر  ئۆزگچىلىكلەرنى  ئىسلام  مىزانلىرى  بويىچە  ئۆگىتەتتى . شۇڭا  قىزنىڭ  كۆڭلىنى ‹‹ ئاللا  مۇقەددەستۇر ›› دىگەن  ئېتىقاد   قۇياشتەك  يۇرۇتۇپ  تۇراتتى . خۇددى  ئالتۇنغا  يېقىن  يۈرسەك  چېڭى  يۇقار  دىگەندەك ، ئەتلىمە  گۆش  ۋاقتىدىن  تارتىپ  بوۋىسىنىڭ  يېنىدا  تەلىم  ئالغان  گۈلبادام  چوڭ  بولغانسېرى  ئەدەپ – ئەخلاقلىق ، ھايا – نۇمۇسنى  ئۇلۇغ  بىلىدىغان ، گۆھەر  تېپىۋالسىمۇ  كۆز  قىرىنى  سالمايدىغان ، ھارامدىن  قورقۇدىغان ، بىراۋنى  ئورۇنسىز  رەنجىتمەيدىغان  پەزىلەتلىك  قىز  بولۇپ  يېتىلدى . دەرۋەقە ، بوۋايمۇ  قاتتىق  قوللۇق  بىلەن  ئۆزىنىڭ  ئەقىدىسىنى  نەۋرىسىنىڭ  پۈتۈن  ۋۇجۇدىغا  قاندەك  سىڭدۈرۋەتتى .
   بولۇپمۇ ئابدۇللا  ئاتا – بوۋىلار  ھەم  قەدىمىي  ئەجدادلار  روھىنى ، ئۇلارنىڭ  قالدۇرۇپ  كەتكەن  ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – يۇسۇن ، تۇرمۇش  مىزانلىرى ، ئەقىل – پاراسەت  بىلەن  كەشىپ   قىلىنغان  ئائىلە  جابدۇق ، نەپىس  بويۇملار م، چىنە – قاچا ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق ، ھەر  خىل  ھۇنەر- كەسىپ  قورال  سايمانلىرى  ،ھەتتا  بىر  تال  يىڭنە ، بىر  غېرىچ  يىپ  قاتارلىق  نەرسىلەرنىمۇ  تۇتىيا  بىلەتتى . ئۇلارغا  ئەجدادلارنىڭ  روھى  سىڭگەن  دەپ  قارايتى . بىراق ، بىر  توپ  ئەجنەبىي  تەۋەككۈلچىلەر  تەكلىماكاندىن ئىبارەت  سىرلىق  جەزىرىگە  ئاياغ  باسقاندىن  كېيىن ، تارىم  ئويمانلىقىدىكى  قۇم  ئاستىغا  كۆمۈلگەن  قەدىمكى  مەدەنىيەتنى  بۇلاڭ – تالاڭ  قىلىشقا  باشلىدى .ئوتتۇرا  ئەسىردە  شانلىق  مەدەنىيەت  ياراتقان ، لېكىن ، يېقىنقى  زامانغا  كەلگەندە  تارىخنىڭ  چاڭ – تۇزانلىرىغا  كۆمۈلۈپ  ئۆزىنى  ۋە  ئەجدادىنى  ئۇنۇتۇغان ، ئۆز  نەرسىلىرىنىڭ  قەدرىگە  يەتمەيدىغان ،ئۇنىڭ  روھىي  قىممىتىنى  بۇ  بىپەرۋا  خەلق ، ئەجنەبىيلەرگە  ياللىنىپ  ئەجدادلىرىنىڭ  مەدەنىي  مىراسلىرىنى  سېتىپ  يەيدىغان  ئاچكۆز  قۇللارغا  ئايلاندى . بارا – بارا  پەرەڭلەرنىڭ  ئازغىنە  پۇلىغا  دەندەپ  قالغان  تۈركۈم – تۈركۈم  ئادەملەر  كەسىپلەشكەن ‹‹ گۆھەر  ئىزدىگۈچىلەر ›› گوروھىغا  ئايلىنىپ ، ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ  روھىنىمۇ  تىنىچ  ياتقۇزمىدى . ‹‹ گۆھەر  ئىزدىگۈچىلەر ›› دىگەن  چىرايلىق  تۇننى  يېپىنىۋالغان  بۇ  ئادەملەر  ئەمەلىيەتتە ‹‹ كېپەن  ئوغرىلىرى ›› ، ‹‹ قەدىمىي  مىراس  بۇلاڭچىلىرى ›› بولۇپ ، ئەجنەبىيلەرنىڭ  ئوۋ  ئىتلىرى  ئىدى .
  مانا  شۇ  ئادەملەرنىڭ  بىرى  ئابدۇللا  بوۋاينىڭ  ئوغلى  مىركامىل  ئىدى .ئۇ  دادىسىدىن  يوشۇرۇن ‹‹ گۆھەر  ئىزدىگۈچىلەر ›› بىلەن  بىللە  ئەجنەبىيلەرنىڭ  يۇندىسىنىڭ  تەمىنى  تېتىپ  قالغاندىن  كېيىن ، ئۇلارغا  قېتىلىپ  كەتمەكچى  بولدى . قانچە  نەسىھەت  قىلىپ  ئۇنى  نىيىتىدىن  ياندۇرالمىغان  ئابدۇللا  بوۋاي  ئاخىر  مىركامىلنى  كالتەك  بىلەن  ئۇرۇپ  ئۆيدىن  قوغلاپ  چىقاردى ...
  ...ئايغا  تىكىلپ  ياتقان گۈلبادامنىڭ  كۆزلىرىدىن  تاراملاپ  ياش  تۆكۈلمەكتە  ئىدى . دادىسى  ئۆيدىن  چىقىپ  كەتكەندە  ئۇ  تۆت  ياشلار  چامىسىدا  بولۇپ ، مىركامىلنىڭ  چىراي – شەكلىنى  ئانچە  ئەسكە  ئالالمايتى .پەقەت  ئېگىز  بوي  بىر  ئادەمنىڭ  سىمايى  كۆز  ئالدىغا  خىرە – شىرە  كېلەتتى .‹‹ قىز  بالا  ئاجىز  بولغاچقا  دادىسىغا ، قورساققا  ئامراق  ئۇغۇل  بالا  ئانىسىغا  ئامراق  بولىدۇ ›› دىگەن  گەپنى  كونىلار  بىلىپ  دەپتىكەن ، دادىسىنىڭ  قىلمىشى  كۆڭلىگە  خوپ  كەلمىسىمۇ  گۈلبادام  يەنىلا  دادىسىنى  ئەسلەيتى . ئۇنى  سېغىناتتى ، بەزىدە  چۈشلىرىدە  مەۋھۇم  بىر  سىيما  ئايان  بولاتتى . مومىسى ، دادىسى ، ئانىسى  خالبانۇملار  ئۇنى  بۇ  دۇنيانىڭ  خارابخانىسىغا  تاشلاپ  كېتىپ  قالدى . ئەمما ، ۋاپادار  بوۋىسىلا  ئۇنىڭ  بېشىنى  سىلايدىغان  شاپائەتچىسى ، ساخاۋەتچىسى  ھەم  غەمگۈزارى  ئىدى .
  قاپقان  يوقالغاندىن  كېيىن ، ئابدۇللا  ئىنتايىن  بىئارام  بولدى . كېچىلىرى  ئۇلۇغ – كىچىك  تىنىشلار ، ئۆزىنى  ئۇياق – بۇياققا  تاشلاپ  ئۇيقىدىن  بىدار  بولۇشلار ، چىرايىدىكى  بىتاقەتلىكلەردىن  ئۇنىڭ  ئازابلىنىۋاتقانلىقى  چىقىپ  تۇراتتى . بوۋىسىنىڭ : ‹‹ قىزىم ، روزىغارىمىزغا  ئوت  كەتسىمۇ  كارايىتى  چاغلىق . ئەمما  قاپقان  بىلەن  قامچىلارنى  ئۆز  جانلىرىدەك  ساقلىسىلا ›› دىگەن  گەپلىرىنى  ئېسىدە  ساقلاپ  كېلىۋاتقان  گۈلبادام  قاپقاننىڭ  ئىز – دېرىكىنى  قىلىپ ، ئۇنى  نەدىن  بولسا  تېپىشنى  قەسەمياد  قىلاتتى .
-ھېلىقى  لەنىتى  ئادەمنى  نەدىنمۇ  تاپارمەن ؟ - گۈلبادام  يۇلتۇزلارغا  باققىنىچە  پىچىرلىدى ،- ئەگەر  ئۇ  قاپقاننى  ئەجنەبىيلەرگە  سېتىۋەتكەن  تەقدىردە ، بوينۇمدىكى  مارجان ، قولۇمدىكى  بىلەزۈكنى  سېتىپ  بولسىمۇ ، چوقۇم  قايتۇرۋالىمەن . ئەگەر  ئۇنىمىسا ، بېشىغا  مىلتىقنى  تەڭلەپ ، جېنىنى  ئالىمەن .
بۈگۈن  پۈتۈن  بىر  كۈن  يول  يۈرگەن  گۈبادام  كۆزلىرىنى  ئاستا  يۇمدى . چۈنكى ، ئۇ  ئەتە  ساق  بىر  كۈنقاتتىق  يول  ماڭسا ، ئۆگۈنلۈككە  قارىقاش  دىيارىنىڭ  قارىسىنى  كۆرەلەيتى .ئۇنىڭ  قېلىن  كىرپىكلىرى  چۈپلىشىپ  بىردىنلا  ئۇيقىغا  كەتتى . بىراق ، بىر  چاغدا  ئۇ  ئاتنىڭ  قاتتىق  پۇشقۇرتۇپ ، كىشنىشىدىن  چۆچۈپ  ئويغاندى – دە ، مىلتىقىنى  دەرھال  قولىغا  ئېلىپ  ئورنىدىن  تۇردى . پەسلىكتىكى  تۈزلەڭلىكتە  بىر  ياۋا  توشقان  جېنىنىڭ  بارىچە  سەكرەپ – تاقلاپ  قېچىپ  كېتىۋاتاتتى . كۆڭلى  جايىغا  چۈشكەن  گۈلبادام  ئېچىشىپ  تۇرغان  كۆزلىرىنى  ئۇۋلاپ  ئاسمانغا  قارىدى . بايا  تىككىدە  ئۆرلىگەن  ئاي  ئەمدىلىكتە  قارىقار  دىيارى  تامان  پەسلەپ  كەتكەنىدى . كۈنچىقىش  تەرەپتە  يۇرۇقلۇقنىڭ  دەسلەپكى  ئىمىر – چىمىر  قىلىپ  تۇرغان  نۇرى  چېچىلىپ ، قۇم  تاغ  چوققىلىرى ، قۇم  تۇزلەڭلىكىدىكى  يەنە  قانداقتۇر  نەرسىلەرنىڭ  ئىزنالىرى  قاراڭغۇلۇقتىن  گىرىمسەن  سۈزۈلۈپ  چىقىۋاتاتتى . بۇ  تاڭ  ئېتىۋاتقانلىقىدىن  بىشارەت  ئىدى . گۈلبادام  تەيەممۇم  قىلىپ  بامدات  نامىزىنى  ئۆتىۋالغاندىن  كېيىن  ئاتقا  بوغۇز  بېرىپ ، ئۆزىمۇ  ناشتا  قىلىۋالدى . .اندىن  ئېتىنى  توقۇپ ، نەرسە – كېرەكلەرنى  غانجۇغلاپ  پەستىكى  يولغا   پىيادە  چۈشتى . ئات ، ئېشەك ، تۆگىلەرنىڭ  ماياقلىرى  چېچىلىپ  ياتقان  يول  جىجىت  ھالدا ، تېخى  قاراڭغۇلۇق  كۆتۈرۈلمىگەن  ئۇپۇق  ئاسمان  گۈمبىزىدە  غايىب  بولغانىدى .
  گۈلبادام ‹‹ بىسمىللا ›› دەپ  ئېتىنى  مىنىپ ، كۈنپىتىشقا ، دەشتىقۇملۇققا  قاراپ  يۈرۈپ  كەتتى . ئۇ  ئۆزى  ئات  ئۈستىدە  كېتىپ  بارغىنى  بىلەن  كۆڭلى  قاپقاننى  ئوغرىلغان  قارا  كۆڭۈل ئادەمدە  ئىدى . ئۇنى  قانداق  تېپىش ، نەدىن  ئىزدەش ، كىملەردىن  سوراش  تولىمۇ  تەسكە  توختايتى  ياكى  ئۇ  ئادەمنى  تونىمىسا ، بىلمىسە ، ئەدناسى  قارىمۇ ، ئاقمۇ ، ساقاللىقمۇ ، ناكوسىمۇ ، ئېگىزمۇ ، پاكارمۇ...بۇ  ئىشلار  خۇددى  قۇمغا  تامغان  بىر  تامچە  سۇنى ، يەرگە  قونغان  چاڭنى  تاپىمەن  دىگەندەكلا مۈشكۈل  ئىش  ئىدى. بىرەرىنىڭ  ئالدىغا  كېلىپ : ‹‹ قاپقىنىمنى  سەن  ئوغرىلىغانمۇ ؟›› دەپ  سورىغىلى  بولامدۇ ؟!ئۇنداقتا  ئۇلار : ‹‹ بۇ  مەزلۇم  ئەر  خاپىلىقىدا  ئېلىشىپ  قاپتۇ...›› ،‹‹ تېزەك  ئۈستىگە  سىيىپ  قويۇپ  شامال  دارىپتۇ...›› دىيىشتىن  يانمايدۇ . كىم  بىلىدۇ  ، قاپقان  ئوغرىسى  ئەتراپىمدا   يۈرسە ، مەن  بىلمەي  يۈرەمدىم . مېنى  باشقا  يولغا  سېلىپ  قويۇپ  ئۆزى  تاماشا  كۆرىۋاتامدۇ ؟توغرا ، ‹‹ كۆلدەمە ›› كارۋان  سارىيىدا ، قاپقان  كۆتۈرۈپ  كەلگەن  يىگىت  ھەققىدە  سۆزلىگەن  شاپاق  دوپپىلىق  شۇ  بولۇپ  قالمىسۇن  يەنە ! ئەگەر  ئۇنى  ئوغرىلىدى  دىگەن  تەقدىردە ‹‹ گۆھەر  ئىزدىگۈچىلەر ›› ، ‹‹ كېپەن ئوغرىلىرى ›› نى  ئەيىبلەپ  يۈرمەس .ئەجەب  تەس  ئىش  بولدىغۇ ، زادى قانداق  قىلىش  كېرەك ؟ ياق ، خۇدا  ئاسايىشلىق  يول  بېرىدۇ . قىسمەت  ئۇنچە  چىشلىرىنى  كۆرسىتىپ، ھېلىقى  ئوغرىنى  ئالدىمغا  ئەكىلىپ  بېرەمدۇ  تېخى . ئاھ  خۇدا ! كارامىتىڭنى  كۆرسەت !
  قۇياش  تىك  كۆتۈرلۈپ ، چۆل – جەزىرىنى  ئىللىتتى . ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› سىلىق  يورغىلاپ  كېتىۋاتاتتى . قوم  بارخانلىرى ، ئېگىز  چوقچايغان  دۆڭلۈكلەر  ئاخىرلىشىپ ، ئەمدىلىكتە  قۇرت – قۇڭغۇز ، كەسلەنچۈك ، پاتمىچۇقلار  گۈلدار  ئىزلارنى  سېلىۋەتكەن  ئۆركەش – ئۆركەش  قۇملۇق  ئېدىرلار ، پەس  غۇللار  ئايان  بولدى . گۈلبادام  ئاچالغا  دۇچ  كېلىپ  قېلىپ ، ئېتىنىڭ  تىزگىنىنى  سىيرىدى .بۇ  قوشمان  بىر – بىرىگە  شۇنچە  يېقىن  تۇرغىنى  بىلەن  ئىچكىرلەپ  ماڭغانسېرى  يىراقلىشىپ  كېتەتتى . سول  تەرەپتىكىسىنىڭ  يول  قىرلىرىدا  پاكار –پاكار  شالاڭ  يۇلغۇنلار ، چاكاندا ، يانتاق  تىكەنلەر  ئۆسكەن  بولۇپ ، ئوڭدىكىسى  گىياھسىز  تۈزلەڭلىك  ئىدى . گۈلبادام  قايسىسىغا  مېڭىشنى  بىلمەي  تۇراتتى ، تۈزلەڭلىك  يولنىڭ  يىراق  بىر  يېرىدە قارا  كۆرۈم  بىر  ئاتلىق  كۆرۈندى . ئۇ  يېقىنلىغانسېرى ، ئۇنىڭ  قاپقارا  تۇرۇق  ئات  مىنگەن  يىگىت  ئىكەنلىكى  ئايان  بولدى . ئۇ  قىزغۇچ  داشقال رەڭ  كالتە  تونى  ئۈستىدىن  ئۇيغۇر  ئەرلىرى  توي ، مەشرەپ ، ھېيت – ئايەملەردا  باغلايدىغان   توق  قىزىل ، غەلۋىر  كۆزلىرىدەك  شالاڭ  سەيلە  باغلىۋالغان  بولۇپ ، سەيلىنىڭ  ئىككى  ئۇچىدىكى  چۇچىلىرى  شامالدا  يىنىك  تەۋرىنىپ  تۇراتتى . گۈلبادام  ئۇنىڭ  ئاپتاپتى  كۆيگەن  قارامۇتۇق  چاسا يۈزىگە ،قاپقارا  توم  قاشلىرىغا ، ئالاھىدە  كۆزگە  چېلىقىپ  تۇرغان  قاڭشارلىق  بۇرنىغا ،ئېغىر  نەزەردە  باقىدىغان  كۆزلىرىگە  قارىدى-يۇ، دەرھال  يەرگە  قارىۋالدى . قىزنىڭ  ھايا  بىلەن  يۈزىنى  قاچۇرغانلىقىنى  سېزىپ  قالغان  يىگىتمۇ  سەيلىنىڭ  ئۇچىدا  تەرلىرىنى  سۈرتكەن  بولۇپ ، تىكىلىپ  قارىمىدى . بىر  غۇلاچتەك  يىراقلىقتا  تۇرغان ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› بىلەن  قارا  تۇرۇق  بىر – بىرگە  تونۇشلۇق  بېرىۋاتقاندەك   بوشقىنە كىشنەپ  قويۇپ ، يەر  چاپچىدى . قىزنىڭ  يات  بىراۋغا  ئېغىز  ئاچالمايۋاتقانلىقىنى  سەزگەن  يىگىت  ئاستنە  سورىدى :
-        سىڭلىم  بۇ  يەردە  تۇرۇپ  قاپلىغۇ ؟
-          مەن  قاراقاشقا  ماڭغان ، بۇ  ئاچالغا  كەلگەندە  قايسى  يولغا  مېڭىشىمنى  بىلەلمەي  قالدىم .
-          مۇشۇ  مەن  كەلگەن  يول  بىلەن  مېڭىۋەرسىلا ، ئەتە  چۈشكىچە  قاراقاشنىڭ  قارىسىنى  ئالىدىلا .
-          رەھمەت  ئاكا ،- گۈلبادام  تارتىنىپقىنا  سورىدى ،-يوللاردا  تۈنىگىدەك  دەڭلەر  بارمۇ‹
-تۇنجى  قېتىم  مېڭىشلىرىكەن-دە ،- يىگىت  سالقىنغىنا  كۈلۈپ  قويدى ،- بۈگۈن ‹‹ ئاچچىق  بۇيا ›› ئۆتىڭىدە  قونىدىلا .
- كەچكىچە  يېتىپ  بارغىلى  بولامدۇ ؟
- ئاتلىرى  يارامكەن ، بۈگۈن  كۈن  پاتارغا  يېتىپ  بارىلا .
- بۇياققا  ئالدىراپ  مېڭىپلا ،- گۈلبادام  ھۆرمەت  يۈزىسىدىن  سوراپ  قويدى ،- ئۆيلىرىگە  كېتىۋاتامدىلا ‹
-شۇنداق ،‹‹ غۇدۇرقۇم › جاڭگاللىقىدا  ئۆيۈم  بار..-يىگىتنىڭ  ئارتۇق  گەپ  قىلغۇسى  يوقتەك  قىلاتتى ،-بالىلارنى  كۆرۈپ  كېلەي  دەپ  ماڭدىم .
- ئۇنداقتا  ئۆزلىرى  نەدە  تۇرىدىلا ؟
- قاراقاشتا ، سودا  ئىشى  بىلەن .
- خوش  ئەمىسە ،مالال  قىلدىم .
-  يوقسۇ .
ئىككى  ئات  بىر –بىرگە  تارتىشقاندەك  بولۇپ  يوللىرىغا  راۋان  بولۇشتى . لېكىن ، يىگىت  بىرنەچچە  قەدەم  ماڭا – ماڭمايلا  ئېتىنىڭ  بېشىنى  قايرىپ  ۋاقىردى .
-        توختىسىلا  خان  ئايىم ، بىر  گەپنى  جېكىلەپ  قويمىسام  بولمىغۇدەك .
-        - قېنى  دېسىلە .
-        ئەتە  بىر  ئاش  پىشىم  ماڭغاندا ، مۇشۇنداق  ئاچالغا  يولۇقىدىلا،-يىگىت  قامچا  دەستىسىدە  ئاچال  يولنى كۆرسەتتى ،- ئوڭ  تەرەپكە  ماڭسىلا  قارىقاش  ئاقساراي  ئارقىلىق  تۆنۈن ، تايتاق ، يۇقاقۇنلارغا  بېرىپ  قالىدىلا ، ئۇ  يەرلەر  ئىلچىغا  تەۋە . شۇڭا ، سول  تەرەپتىكى  يول  بىلەن  ماڭسىلا ، دارا  قاراقاش  بازىرىغا  يېتىپ  بارىدىلا .
-        رەھمەت  ئاڭا ...خۇدايىم  سىلىنىڭ  تەنلىرىنى  ساق ، ئىمانلىرىنى  پاك  قىلغايي .
-        ئېيتقانلىرىدەك  بولسۇن ، ئىلاھىم!
گۈلبادامنىڭ  بىردىنلا  كۆڭلى  كۆتۈرلۈپ ، بىلىنەر – بىلىنمەس  بىر  ئىللىقلىق  پۈتۈن  ۋۇجۇدىغا  تارىدى . ‹‹ ئەجەب  پەزىلەتلىك  يىگىتكىنا  ››  دىگەن  بىر  ئوي  ئۇنىڭ  كۆڭلىدىن  يالتىراپ  يۇرۇپ  ئۆتتى .بۇنداق  ئادەمسىز  چۆلدە ، بويىغا  يەتكەن  بىرەر  ساھىبجامالنى  يالغۇز  ئۇچراتقان  ھەرقانداق  ئەركەك  قالايمىقان  ھەزىل  قىلىپ ،نۇمۇسسىز  تەلەپلەرنى  قويىشى  تۇرغانلا  گەپ . ئەمما  بۇ  يىگىت  ئۇنداق  بىزەڭ  چىراي ، تېتىقسىزلاردىن  ئەمەسكەن .
‹‹ خۇدايىمنىڭ  بۇنداق  دۇرۇس  نىيەت ، پاك  مۇسۇلماننى  يولۇقتۇرىشى  ياخشىلىقتىن  بىشارەت ›› دىگەنلەرنى  كۆڭلىدىن  ئۆتكۈزگەن  گۈلبادام  قۇملۇق  يولدا  جېدەللەپ  مېڭىپ  كەتتى...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  89
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                          بەشىنچى   باب




قاراڭغۇلۇق  كېپەنلىۋالغان  قۇم  تاغلىرىدىن  كۆتۈرۈلگەن  ئاي  چەكسىز  قۇم  چۆللۈكىنى  گىرىمسىمەن  يۇرۇتۇپ  تۇراتتى . ئۇنىڭ  نۇرىدىن  ھەممە  ئەتراپ  كۆكۈچ  سىرلىق  تىلسىمغا  ئايلىنىپ  قالغاندەك  قىلاتتى .بىر  كۈن  يول  يۈرۈپ  ھارغان  گۈلبادام  ئاتتىن  چۈشۈپ ، بىر  كېچە  تۈنۈگىدەك  ئەپلىك  ئورۇن  تېپىش  كويىدا  ئەتراپقا  نەزەر  تاشلىدى . ئالدىدا  ئانچە  ئېگىز  بولمىغان  دۆڭدىن  باشقا  يەر   تۈزلەڭلىك  بولۇپ ، ئۇ  يەر – بۇ  يەردە  ‹‹ يېتىم ›› توغراقلارنىڭ  غۇۋا  ئىزنالىرى  كۆرۈنەتتى .بۇنداق  ئايدالادا  يىرتقۇچ   ھايۋانلار   بولمىغان  تەقدىردىمۇ ، كۆزگە  چېلىقىدىغان  بۇنداق  يەردە  يېتىش  بىخەتەر  ئىدى . گۈلبادام  ئالدىدىكى  يېيىلىپ  ياتقان  دۆڭلۈككە  ئېتىنى  يېتىلەپ  ماڭدى . دۆڭلۈك  ئۈستى  يۇمشاق  قۇملۇق  بولغاچقا  سېلىنجا  بولمىسىمۇ  بولىۋېرەتتى  . ئۇ  ئاتقا  غانجۇغىلانغان  خۇرجۇن ، تۇلۇم ، تۇۋۇرلارنى  يەرگە  چۈشۈرۈپ  ئاتنى  ئېگەردىن  بوشاتتى . ئاندىن  تۇلۇمدىن  جامغا   سۇ  قۇيۇپ   ئاتنىڭ  تۇمشۇقىغا   تۇتقانىدى ، ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› بىردەمدىلا  ئىچىۋېتىپ ، خۇددى ‹‹ رەھمەت  ›› دىگەندەك  بوشقىنا  بۇقۇرۇپ  قويدى .
بىر  كۈن  كەچكىچە  ئات  ئۈستىدە  سىلكىنىپ ، بەل  ۋە  پۇتلىرى  ئارامسىزلىنىۋاتقان  گۈلبادام  قۇمغا  ئۆزىنى  ئوڭدىسىغا  تاشلىۋەتتى . ئۇ  بىردەم  بىر   تەرىپى  داغلاشقان  ئايغا ، چاراقلىغانيۇلتۇزلارغا  قاراپ  ياتقاندىن  كېيىن  ئورنىدىن  تۇرى – دە ، بوغۇز  تەييارلانغان  توۋۇرنى  ئاتنىڭ  بېشىغا  كىيگۈزدى . ئاندىن  ئۇنىڭ  پىشانىلىرىنى  سىلاپ  تۇرۇپ :-بۇ  قېتىم  بۇغۇزنى  جىق  بەردىم ، كېچىچە  ھۇشيار  بول ، بىرەر  شەپىنى  سەزسەڭلا  ماڭا  بىشارەت  بەر ، بولمىسا  سېنى  ھەرگىز  يۇلتۇز  دېمەيمەن،- دەپ  پىچىرلىدى .
ئات  ئىنتايىن  ئەقىللىق    ھەم  ھۇشيار  جانىۋار . ئۇ  كۆپۈنچە  ئۆرە  تۇرۇپ  ئۇخلايدۇ .ناگان – ناگاندا  يېتىپ  قالغان  تەقدىردىمۇ  مۈگىدەيدۇكى  ئۇخلىمايدۇ . ئەمما ‹‹ شىتىر ›› قىلىپ  چاشقان  ئۆتۈپ  كەتسىمۇ ، قۇلاقلىرىنى  شىڭتايتىپ ، كۆزلىرىنى  چەكچەيتىپ  ، كىشنەيدۇ ، پۇرقۇيدۇ . بولمىسا  يەر  چاپچىق  ئىگىسىگە  شەپە  بېرىدۇ . شۇڭا  گۈلبادام ئوۋغا  چىققاندا ، بىرەر – يېرىمدەم  كۆز  يۇمۇپ  خاتىرجەم  ئارام  ئالىدۇ . ھەتتا  ئۇ  ئۆيۈدە  ياتقاندىمۇ ، كىچىككىنە  شەپىنى  سەزگەن  ياكى ھىدىنى  ھىدلىغان  ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› ئېغىلدا  تۇرۇپ ، ئارقا – ئارقىدىن  قاتتىق  كىشنەيدۇ ، دوكىلدىتىپ  يەر  چاپچىيدۇ . بەزىدە  ئۇلارنىڭ  ئۆيى  ئەتراپىغا   قۇملۇقنىڭ  ئاق  تۈلكىسى  توخۇ  ئوغۇرلىغىلى  كېلەتتى  . ئاچچىقى  زەھەردەك  مۇلۇنلار  كېچىلىرى  ئوغلاقلارنى  بۇغۇپ  ئېلىپ  قاچاتتى .‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› نىڭ  غەلىتە  كىشنەش ، تاقەتسىز  دوكۇرلاشلىرىدىن  نىمە  بولغانلىقىنى  بىلىۋالىدىغان  گۈلبادام ، ئاسمانغا  قارتىپ  ئىككى  پاي  ئوق  ئاتقان  ھامان تۈلكە ، مۇلۇنلار  قېچىپ ، ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› جىمىپ  قالاتتى . گۈلبادام  ئېتىنىڭ  پىشانىلىرىگە   سۆيۈپ  بۇيۇن ، ساغرىلىرىنى  سىلاپ : ‹‹ مېنىڭ  يۇلتۇزۇم ، ئەقىللىق  يۇلتۇزۇم ، سېنى  پەرۋىن  دەيمۇ  ياكى چولپان ›› دەپ  ئەركىلىتىپ  كېتەتتى .
  گۈلبادام  ئورنىدىن  تۇرۇپ  ئازراق  نان  يەپ  سۇ  ئىچىۋالغاندىن  كېيىن ، مىلتىقىنى  بەتلەپ  قولغا  ئېلىپلا  ئاتقۇدەك  قىلىۋېلىپ ، ئۇنىڭ  تاسمىسىنى  بوينىغا  ئۆتكۈزۋالدى  .ئاندىن  خۇرجۇننى  بېشىغا قويۇپ  قۇمدىلا  پۇتلىرىنى  ئۇزۇن  سۇنۇپ ، يۇلتۇزلارغا  قاراپ  ياتتى .ئۇ  سادىق  ھەمراھى  بولغان  مىلتىقىنى  بىلەكلىرى  ئارىسىغا  ئېلىپ  قۇچاقلىۋالغانىدى .بىردىنلا  ئۇنىڭ  كۆڭلىگە  نىمىدۇر  بىشارەت  بولغاندەك  ئورنىدىن  تۇرۇپ  كەتتى . ئۇ  ئاتتىن  بىر  ئاز  يىراقلىشىپ  قۇم  توپىدا  تەيەممۇم  قىلغاندىن  كېيىن ، تەھەججۈپ  نامىزى  ئۆتەش  ئۈچۈن  خۇرجۇندىن  ئاپپاق  لىباس  بىلەن  نېپىز  داكا  رومالنى  ئالدى . ئۇ  قۇملۇقتىن  پەسلەپ  چۈشۈپ ، سۆسۈن  رەڭ  گۈللىرى  قۇرۇپ  قالغان  بىر  تۈپ  قوڭغۇراقتىكەن  ئارقىسىغا  ئۆتتى – دە ، قۇلاق  قېقرىپ  ئەزان  توۋلاپ  نامىزىنى  باشلىدى . يىراقتىن  ئۇ  خۇددى  پاختا  يۇلغۇن  كۆچىتىدەك  ئاپپاق  بولۇپ  كۆرۈنەتتى .
  گۈلبادام  ئورنىغا  كېلىپ  ياتقاندىن  كېيىن  خېلىغىچە  ئۇيقۇسى  كەلمىدى . چۆل  كېچىسى  تولىمۇ  جىمجىت  سۈكۈتكە  تولغانىدى . پەقەت تۈن  كەسلەنچۈكلىرىنىڭ  ئۇيقۇلۇق ‹‹ كىر ...كىر...كىر...›› قىلغان  سۇس  ئاۋازى  بىلەن  قۇرت-قۇڭغۇز  ، چېكەتكىلەرنىڭ  چىرىلداشلىرى  ئاڭلىنىپ  تۇراتتى . قاراڭغۇلۇق  تىقىلغان  جەزىرىنىڭ  يىراق  تامانلىرىدىن  ئاللىقانداقتۇر  ھۇقۇيتقان ، ئۇشقىرتقان ، زەئىپ  ئىڭرىغان ياكى  يىغلىغاندەك  قورقۇنۇشلۇق  شەپىلەر  ئاڭلىنىپ  تۇراتتى . قىسقىسى ، پۈتۈن  كېچە  روشەن  بولمىغان  سىرلىق  ئاۋازلارغا  تولغانىدى .بىراق  گۈلبادامنى  ئازراقمۇ  سۈر  باسمىدى . ئۇنىڭ  بۇنداق  چۆللەردە  تۈنەپ  قېلىشى  تۇنجى  بولىۋاتقىنى  يوق .ئۇ  ئۆسمۈرلۈك  چاغلىرىدىن  باشلاپلا   ئۆچكە  ، قوي ، كالا ، ئاتلىرىنى  ھەيدەپ ، ئوت  مول  جايلارنى  ئىزدەپ  كېتەتتى . يىراق – يىراق ،  توقاي  ، جاڭگال ، چاتقاللىقلارغا  ئاپىرىپ  بىر  نەچچە  كۈن  بېقىپ  كېلەتتى . كېچىلىرى  قۇمدا ، ئاجايىپ  زور  توغراق  غوللىرىدا  مىلتىقىنى  قۇچاقلاپ  ياتاتتى .بىر  شەپىنى  سەزگدەك  بولسا ، مىلتىقىنى  ئاسمانغا  قارىتىپ  ئاتاتتى .‹‹ گوم ›› قىلغان  ئاۋازدىن  ماللارمۇ  ئېگىسىنىڭ  ئۆزلىرىنى  قوغلاۋاتقانلىقىنى  بىلگەندەك ، غۇژمەك  توپلىشىپ  مۈگدىشەتتى . بوران – چاپقۇن ، يامغۇر  - يېشىن  ئۇنى  ھەرگىز  قورقۇتالمايتى . بىر  قېتىم  تۇيۇقسىزلا  بىر  پارچە  قارا  بۇلۇت  كېلىپ ، يامغۇر  شاقىراپ  يېغىپ  كەتتى .ئۇ  قېرى  توغراقنىڭ  ئۆڭكۈردەك   يوغان  كاۋىكىغا  كىرىشى ، بىر  يىرتقۇچ  مۇلۇن  قېچىپ  چىقىپ  كەتتى .
  گۈلبادام  چۆللەردە  يالغۇز – يېرىم  قالغان  چاغلىرىدا  بوۋىسىنىڭ  سۆزلىرىنى  ئەسكە  ئالاتتى .ئابدۇللا  ئۇنىڭغا  : ‹‹ ئادەم  قورۇققانسېرى  سۈر   باسىدۇ ،سۈر  باسقانسېرى  پۇت – قۇلدا   جان  قالماي ، ئەقلىدىن  ئازىدۇ . قورقۇنچاق  ئادەملەر  ئاللانىڭ  ئەڭ  ناباب  بەندىلىرى ، ئاللا  قورقۇنچاق  ئادەملەرگە  ساخاۋەت  كۆزى  بىلەن  قارىمايدۇ ... ›› دەپ  نەسىھەت  قىلاتتى . شۇڭا ، گۈلبادام  كىچىگىدىن  تارتىپلا  قورقۇمسىز  چوڭ  بولدى . بوۋىسىنىڭ  ئۇنىڭغا  ئۆگەتكەنلىرى  بەكمۇ  كۆپ  ئىدى . ئەدناسى ، ئۇلارنىڭ   ئۆيىنىڭ  ئارقىسىدىكى  قۇم  بارخانلىرى  ئارىسىدا  پارچە – پارچە ، كىچىك – كىچىك  تېرىلغۇ  يەرلىرى  بولۇپ ، باش  باھاردا  ئۇ  يەرلەرنى  ئاغدۇرۇپ   ئارپا  چاچاتتى .چەت – چۆرىسىگە  ئاق  چامغۇر ، مەككە  چامغۇرى ، قىزىل  مارجاندەك  ئۇششاق  بولىدىغان  غۇدۇر  شوخلىلىرىنى  تېرىپ  قوياتتى . قۇملۇق  كۈندۈزى  قىزىپ  ،كېچىسى  سوۋۇپ  كەتكەچكىمۇ ، زىرائەتلەر  شەبنەم   بىلەن  كۆكلەپ  ياشىراتتى . شۇنداقتىمۇ  بوۋاي  بىلەن  نەۋرە  قىز  يىلىغا  بىرەر  قېتىم  قۇدۇقتىن  سۇ  تارتىپ  چېچىپ  سۇغىراتتى .
   گۈلبادام  ئەتىيازنىڭ  بىر  كۈنى  تورپاقنى  ساپانغا  قېتىپ  ، ئالقاندەك  پارچە  يەرلەرنى  ھەيدىمەكچى  بولۇپ  تۇرغىنىدا ، ئۇنىڭ  بېشىدا  قاراپ  تۇرغان  ئابدۇللا  بوۋاي  دېھقانچىلىق  قىلىشتىكى  ئەمىرمەرۇپلارنى  چۈشەندۈرۈپ  كەتتى :
  -قىزىم ، ئۇينى  قوشقا  قاتقاندا : ‹‹ ھۇۋەل  ئەۋەلۇۋەل   ئاخىرۇۋەززاھىرۇ  ۋەل  باتىنۇ  ۋەھۇۋە  بىكۇللى  شەيئىن  ئەلىم ›› دىگەن  ئايەتنى  ئوقۇش  كېرەك .
  - بولىدۇ   بوۋا ، - گۈلبادام  قىزىرىپ  كەتتى – ئۇينى  ساپانغا  قېتىپ  ھەيدىگەندە  ۋە  تاپ  بېشىدىن  قايىتقاندا  ئوقۇلىدىغان  ئايەت   ئېسىمدە   بار .
- قارىسىلا  بالام ، ئارپا  پىشقاندا : ‹‹ ياقەددىم ، ياقەددىم ›› ، بۇغداي  پىشقاندا : ‹‹ ياجەلىل  ، ياجەلىل ›› ، شال  سېرىقدىغاندا : ‹‹ ۋەھھاپ ، ياسەبۇر ››  ، ماش  پۇرچاق  پىشقاندا : ‹‹ يا  ئەزىز ، يا  كەرىم ›› دىگەن   تەسبىھنى  ئېيتىش  لازىم .
  - ئۇقتۇم  بوۋا  .
  بوۋاي  تۇرمۇشتىكى  ھەر  بىر  ئۆزگچىلىكلەرنى  ئىسلام  مىزانلىرى  بويىچە  ئۆگىتەتتى . شۇڭا  قىزنىڭ  كۆڭلىنى ‹‹ ئاللا  مۇقەددەستۇر ›› دىگەن  ئېتىقاد   قۇياشتەك  يۇرۇتۇپ  تۇراتتى . خۇددى  ئالتۇنغا  يېقىن  يۈرسەك  چېڭى  يۇقار  دىگەندەك ، ئەتلىمە  گۆش  ۋاقتىدىن  تارتىپ  بوۋىسىنىڭ  يېنىدا  تەلىم  ئالغان  گۈلبادام  چوڭ  بولغانسېرى  ئەدەپ – ئەخلاقلىق ، ھايا – نۇمۇسنى  ئۇلۇغ  بىلىدىغان ، گۆھەر  تېپىۋالسىمۇ  كۆز  قىرىنى  سالمايدىغان ، ھارامدىن  قورقۇدىغان ، بىراۋنى  ئورۇنسىز  رەنجىتمەيدىغان  پەزىلەتلىك  قىز  بولۇپ  يېتىلدى . دەرۋەقە ، بوۋايمۇ  قاتتىق  قوللۇق  بىلەن  ئۆزىنىڭ  ئەقىدىسىنى  نەۋرىسىنىڭ  پۈتۈن  ۋۇجۇدىغا  قاندەك  سىڭدۈرۋەتتى .
   بولۇپمۇ ئابدۇللا  ئاتا – بوۋىلار  ھەم  قەدىمىي  ئەجدادلار  روھىنى ، ئۇلارنىڭ  قالدۇرۇپ  كەتكەن  ئۆرپ – ئادەت ، قائىدە – يۇسۇن ، تۇرمۇش  مىزانلىرى ، ئەقىل – پاراسەت  بىلەن  كەشىپ   قىلىنغان  ئائىلە  جابدۇق ، نەپىس  بويۇملار م، چىنە – قاچا ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق ، ھەر  خىل  ھۇنەر- كەسىپ  قورال  سايمانلىرى  ،ھەتتا  بىر  تال  يىڭنە ، بىر  غېرىچ  يىپ  قاتارلىق  نەرسىلەرنىمۇ  تۇتىيا  بىلەتتى . ئۇلارغا  ئەجدادلارنىڭ  روھى  سىڭگەن  دەپ  قارايتى . بىراق ، بىر  توپ  ئەجنەبىي  تەۋەككۈلچىلەر  تەكلىماكاندىن ئىبارەت  سىرلىق  جەزىرىگە  ئاياغ  باسقاندىن  كېيىن ، تارىم  ئويمانلىقىدىكى  قۇم  ئاستىغا  كۆمۈلگەن  قەدىمكى  مەدەنىيەتنى  بۇلاڭ – تالاڭ  قىلىشقا  باشلىدى .ئوتتۇرا  ئەسىردە  شانلىق  مەدەنىيەت  ياراتقان ، لېكىن ، يېقىنقى  زامانغا  كەلگەندە  تارىخنىڭ  چاڭ – تۇزانلىرىغا  كۆمۈلۈپ  ئۆزىنى  ۋە  ئەجدادىنى  ئۇنۇتۇغان ، ئۆز  نەرسىلىرىنىڭ  قەدرىگە  يەتمەيدىغان ،ئۇنىڭ  روھىي  قىممىتىنى  بۇ  بىپەرۋا  خەلق ، ئەجنەبىيلەرگە  ياللىنىپ  ئەجدادلىرىنىڭ  مەدەنىي  مىراسلىرىنى  سېتىپ  يەيدىغان  ئاچكۆز  قۇللارغا  ئايلاندى . بارا – بارا  پەرەڭلەرنىڭ  ئازغىنە  پۇلىغا  دەندەپ  قالغان  تۈركۈم – تۈركۈم  ئادەملەر  كەسىپلەشكەن ‹‹ گۆھەر  ئىزدىگۈچىلەر ›› گوروھىغا  ئايلىنىپ ، ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ  روھىنىمۇ  تىنىچ  ياتقۇزمىدى . ‹‹ گۆھەر  ئىزدىگۈچىلەر ›› دىگەن  چىرايلىق  تۇننى  يېپىنىۋالغان  بۇ  ئادەملەر  ئەمەلىيەتتە ‹‹ كېپەن  ئوغرىلىرى ›› ، ‹‹ قەدىمىي  مىراس  بۇلاڭچىلىرى ›› بولۇپ ، ئەجنەبىيلەرنىڭ  ئوۋ  ئىتلىرى  ئىدى .
  مانا  شۇ  ئادەملەرنىڭ  بىرى  ئابدۇللا  بوۋاينىڭ  ئوغلى  مىركامىل  ئىدى .ئۇ  دادىسىدىن  يوشۇرۇن ‹‹ گۆھەر  ئىزدىگۈچىلەر ›› بىلەن  بىللە  ئەجنەبىيلەرنىڭ  يۇندىسىنىڭ  تەمىنى  تېتىپ  قالغاندىن  كېيىن ، ئۇلارغا  قېتىلىپ  كەتمەكچى  بولدى . قانچە  نەسىھەت  قىلىپ  ئۇنى  نىيىتىدىن  ياندۇرالمىغان  ئابدۇللا  بوۋاي  ئاخىر  مىركامىلنى  كالتەك  بىلەن  ئۇرۇپ  ئۆيدىن  قوغلاپ  چىقاردى ...
  ...ئايغا  تىكىلپ  ياتقان گۈلبادامنىڭ  كۆزلىرىدىن  تاراملاپ  ياش  تۆكۈلمەكتە  ئىدى . دادىسى  ئۆيدىن  چىقىپ  كەتكەندە  ئۇ  تۆت  ياشلار  چامىسىدا  بولۇپ ، مىركامىلنىڭ  چىراي – شەكلىنى  ئانچە  ئەسكە  ئالالمايتى .پەقەت  ئېگىز  بوي  بىر  ئادەمنىڭ  سىمايى  كۆز  ئالدىغا  خىرە – شىرە  كېلەتتى .‹‹ قىز  بالا  ئاجىز  بولغاچقا  دادىسىغا ، قورساققا  ئامراق  ئۇغۇل  بالا  ئانىسىغا  ئامراق  بولىدۇ ›› دىگەن  گەپنى  كونىلار  بىلىپ  دەپتىكەن ، دادىسىنىڭ  قىلمىشى  كۆڭلىگە  خوپ  كەلمىسىمۇ  گۈلبادام  يەنىلا  دادىسىنى  ئەسلەيتى . ئۇنى  سېغىناتتى ، بەزىدە  چۈشلىرىدە  مەۋھۇم  بىر  سىيما  ئايان  بولاتتى . مومىسى ، دادىسى ، ئانىسى  خالبانۇملار  ئۇنى  بۇ  دۇنيانىڭ  خارابخانىسىغا  تاشلاپ  كېتىپ  قالدى . ئەمما ، ۋاپادار  بوۋىسىلا  ئۇنىڭ  بېشىنى  سىلايدىغان  شاپائەتچىسى ، ساخاۋەتچىسى  ھەم  غەمگۈزارى  ئىدى .
  قاپقان  يوقالغاندىن  كېيىن ، ئابدۇللا  ئىنتايىن  بىئارام  بولدى . كېچىلىرى  ئۇلۇغ – كىچىك  تىنىشلار ، ئۆزىنى  ئۇياق – بۇياققا  تاشلاپ  ئۇيقىدىن  بىدار  بولۇشلار ، چىرايىدىكى  بىتاقەتلىكلەردىن  ئۇنىڭ  ئازابلىنىۋاتقانلىقى  چىقىپ  تۇراتتى . بوۋىسىنىڭ : ‹‹ قىزىم ، روزىغارىمىزغا  ئوت  كەتسىمۇ  كارايىتى  چاغلىق . ئەمما  قاپقان  بىلەن  قامچىلارنى  ئۆز  جانلىرىدەك  ساقلىسىلا ›› دىگەن  گەپلىرىنى  ئېسىدە  ساقلاپ  كېلىۋاتقان  گۈلبادام  قاپقاننىڭ  ئىز – دېرىكىنى  قىلىپ ، ئۇنى  نەدىن  بولسا  تېپىشنى  قەسەمياد  قىلاتتى .
-ھېلىقى  لەنىتى  ئادەمنى  نەدىنمۇ  تاپارمەن ؟ - گۈلبادام  يۇلتۇزلارغا  باققىنىچە  پىچىرلىدى ،- ئەگەر  ئۇ  قاپقاننى  ئەجنەبىيلەرگە  سېتىۋەتكەن  تەقدىردە ، بوينۇمدىكى  مارجان ، قولۇمدىكى  بىلەزۈكنى  سېتىپ  بولسىمۇ ، چوقۇم  قايتۇرۋالىمەن . ئەگەر  ئۇنىمىسا ، بېشىغا  مىلتىقنى  تەڭلەپ ، جېنىنى  ئالىمەن .
بۈگۈن  پۈتۈن  بىر  كۈن  يول  يۈرگەن  گۈبادام  كۆزلىرىنى  ئاستا  يۇمدى . چۈنكى ، ئۇ  ئەتە  ساق  بىر  كۈنقاتتىق  يول  ماڭسا ، ئۆگۈنلۈككە  قارىقاش  دىيارىنىڭ  قارىسىنى  كۆرەلەيتى .ئۇنىڭ  قېلىن  كىرپىكلىرى  چۈپلىشىپ  بىردىنلا  ئۇيقىغا  كەتتى . بىراق ، بىر  چاغدا  ئۇ  ئاتنىڭ  قاتتىق  پۇشقۇرتۇپ ، كىشنىشىدىن  چۆچۈپ  ئويغاندى – دە ، مىلتىقىنى  دەرھال  قولىغا  ئېلىپ  ئورنىدىن  تۇردى . پەسلىكتىكى  تۈزلەڭلىكتە  بىر  ياۋا  توشقان  جېنىنىڭ  بارىچە  سەكرەپ – تاقلاپ  قېچىپ  كېتىۋاتاتتى . كۆڭلى  جايىغا  چۈشكەن  گۈلبادام  ئېچىشىپ  تۇرغان  كۆزلىرىنى  ئۇۋلاپ  ئاسمانغا  قارىدى . بايا  تىككىدە  ئۆرلىگەن  ئاي  ئەمدىلىكتە  قارىقار  دىيارى  تامان  پەسلەپ  كەتكەنىدى . كۈنچىقىش  تەرەپتە  يۇرۇقلۇقنىڭ  دەسلەپكى  ئىمىر – چىمىر  قىلىپ  تۇرغان  نۇرى  چېچىلىپ ، قۇم  تاغ  چوققىلىرى ، قۇم  تۇزلەڭلىكىدىكى  يەنە  قانداقتۇر  نەرسىلەرنىڭ  ئىزنالىرى  قاراڭغۇلۇقتىن  گىرىمسەن  سۈزۈلۈپ  چىقىۋاتاتتى . بۇ  تاڭ  ئېتىۋاتقانلىقىدىن  بىشارەت  ئىدى . گۈلبادام  تەيەممۇم  قىلىپ  بامدات  نامىزىنى  ئۆتىۋالغاندىن  كېيىن  ئاتقا  بوغۇز  بېرىپ ، ئۆزىمۇ  ناشتا  قىلىۋالدى . .اندىن  ئېتىنى  توقۇپ ، نەرسە – كېرەكلەرنى  غانجۇغلاپ  پەستىكى  يولغا   پىيادە  چۈشتى . ئات ، ئېشەك ، تۆگىلەرنىڭ  ماياقلىرى  چېچىلىپ  ياتقان  يول  جىجىت  ھالدا ، تېخى  قاراڭغۇلۇق  كۆتۈرۈلمىگەن  ئۇپۇق  ئاسمان  گۈمبىزىدە  غايىب  بولغانىدى .
  گۈلبادام ‹‹ بىسمىللا ›› دەپ  ئېتىنى  مىنىپ ، كۈنپىتىشقا ، دەشتىقۇملۇققا  قاراپ  يۈرۈپ  كەتتى . ئۇ  ئۆزى  ئات  ئۈستىدە  كېتىپ  بارغىنى  بىلەن  كۆڭلى  قاپقاننى  ئوغرىلغان  قارا  كۆڭۈل ئادەمدە  ئىدى . ئۇنى  قانداق  تېپىش ، نەدىن  ئىزدەش ، كىملەردىن  سوراش  تولىمۇ  تەسكە  توختايتى  ياكى  ئۇ  ئادەمنى  تونىمىسا ، بىلمىسە ، ئەدناسى  قارىمۇ ، ئاقمۇ ، ساقاللىقمۇ ، ناكوسىمۇ ، ئېگىزمۇ ، پاكارمۇ...بۇ  ئىشلار  خۇددى  قۇمغا  تامغان  بىر  تامچە  سۇنى ، يەرگە  قونغان  چاڭنى  تاپىمەن  دىگەندەكلا مۈشكۈل  ئىش  ئىدى. بىرەرىنىڭ  ئالدىغا  كېلىپ : ‹‹ قاپقىنىمنى  سەن  ئوغرىلىغانمۇ ؟›› دەپ  سورىغىلى  بولامدۇ ؟!ئۇنداقتا  ئۇلار : ‹‹ بۇ  مەزلۇم  ئەر  خاپىلىقىدا  ئېلىشىپ  قاپتۇ...›› ،‹‹ تېزەك  ئۈستىگە  سىيىپ  قويۇپ  شامال  دارىپتۇ...›› دىيىشتىن  يانمايدۇ . كىم  بىلىدۇ  ، قاپقان  ئوغرىسى  ئەتراپىمدا   يۈرسە ، مەن  بىلمەي  يۈرەمدىم . مېنى  باشقا  يولغا  سېلىپ  قويۇپ  ئۆزى  تاماشا  كۆرىۋاتامدۇ ؟توغرا ، ‹‹ كۆلدەمە ›› كارۋان  سارىيىدا ، قاپقان  كۆتۈرۈپ  كەلگەن  يىگىت  ھەققىدە  سۆزلىگەن  شاپاق  دوپپىلىق  شۇ  بولۇپ  قالمىسۇن  يەنە ! ئەگەر  ئۇنى  ئوغرىلىدى  دىگەن  تەقدىردە ‹‹ گۆھەر  ئىزدىگۈچىلەر ›› ، ‹‹ كېپەن ئوغرىلىرى ›› نى  ئەيىبلەپ  يۈرمەس .ئەجەب  تەس  ئىش  بولدىغۇ ، زادى قانداق  قىلىش  كېرەك ؟ ياق ، خۇدا  ئاسايىشلىق  يول  بېرىدۇ . قىسمەت  ئۇنچە  چىشلىرىنى  كۆرسىتىپ، ھېلىقى  ئوغرىنى  ئالدىمغا  ئەكىلىپ  بېرەمدۇ  تېخى . ئاھ  خۇدا ! كارامىتىڭنى  كۆرسەت !
  قۇياش  تىك  كۆتۈرلۈپ ، چۆل – جەزىرىنى  ئىللىتتى . ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› سىلىق  يورغىلاپ  كېتىۋاتاتتى . قوم  بارخانلىرى ، ئېگىز  چوقچايغان  دۆڭلۈكلەر  ئاخىرلىشىپ ، ئەمدىلىكتە  قۇرت – قۇڭغۇز ، كەسلەنچۈك ، پاتمىچۇقلار  گۈلدار  ئىزلارنى  سېلىۋەتكەن  ئۆركەش – ئۆركەش  قۇملۇق  ئېدىرلار ، پەس  غۇللار  ئايان  بولدى . گۈلبادام  ئاچالغا  دۇچ  كېلىپ  قېلىپ ، ئېتىنىڭ  تىزگىنىنى  سىيرىدى .بۇ  قوشمان  بىر – بىرىگە  شۇنچە  يېقىن  تۇرغىنى  بىلەن  ئىچكىرلەپ  ماڭغانسېرى  يىراقلىشىپ  كېتەتتى . سول  تەرەپتىكىسىنىڭ  يول  قىرلىرىدا  پاكار –پاكار  شالاڭ  يۇلغۇنلار ، چاكاندا ، يانتاق  تىكەنلەر  ئۆسكەن  بولۇپ ، ئوڭدىكىسى  گىياھسىز  تۈزلەڭلىك  ئىدى . گۈلبادام  قايسىسىغا  مېڭىشنى  بىلمەي  تۇراتتى ، تۈزلەڭلىك  يولنىڭ  يىراق  بىر  يېرىدە قارا  كۆرۈم  بىر  ئاتلىق  كۆرۈندى . ئۇ  يېقىنلىغانسېرى ، ئۇنىڭ  قاپقارا  تۇرۇق  ئات  مىنگەن  يىگىت  ئىكەنلىكى  ئايان  بولدى . ئۇ  قىزغۇچ  داشقال رەڭ  كالتە  تونى  ئۈستىدىن  ئۇيغۇر  ئەرلىرى  توي ، مەشرەپ ، ھېيت – ئايەملەردا  باغلايدىغان   توق  قىزىل ، غەلۋىر  كۆزلىرىدەك  شالاڭ  سەيلە  باغلىۋالغان  بولۇپ ، سەيلىنىڭ  ئىككى  ئۇچىدىكى  چۇچىلىرى  شامالدا  يىنىك  تەۋرىنىپ  تۇراتتى . گۈلبادام  ئۇنىڭ  ئاپتاپتى  كۆيگەن  قارامۇتۇق  چاسا يۈزىگە ،قاپقارا  توم  قاشلىرىغا ، ئالاھىدە  كۆزگە  چېلىقىپ  تۇرغان  قاڭشارلىق  بۇرنىغا ،ئېغىر  نەزەردە  باقىدىغان  كۆزلىرىگە  قارىدى-يۇ، دەرھال  يەرگە  قارىۋالدى . قىزنىڭ  ھايا  بىلەن  يۈزىنى  قاچۇرغانلىقىنى  سېزىپ  قالغان  يىگىتمۇ  سەيلىنىڭ  ئۇچىدا  تەرلىرىنى  سۈرتكەن  بولۇپ ، تىكىلىپ  قارىمىدى . بىر  غۇلاچتەك  يىراقلىقتا  تۇرغان ‹‹ قاشقا  يۇلتۇز ›› بىلەن  قارا  تۇرۇق  بىر – بىرگە  تونۇشلۇق  بېرىۋاتقاندەك   بوشقىنە كىشنەپ  قويۇپ ، يەر  چاپچىدى . قىزنىڭ  يات  بىراۋغا  ئېغىز  ئاچالمايۋاتقانلىقىنى  سەزگەن  يىگىت  ئاستنە  سورىدى :
-        سىڭلىم  بۇ  يەردە  تۇرۇپ  قاپلىغۇ ؟
-          مەن  قاراقاشقا  ماڭغان ، بۇ  ئاچالغا  كەلگەندە  قايسى  يولغا  مېڭىشىمنى  بىلەلمەي  قالدىم .
-          مۇشۇ  مەن  كەلگەن  يول  بىلەن  مېڭىۋەرسىلا ، ئەتە  چۈشكىچە  قاراقاشنىڭ  قارىسىنى  ئالىدىلا .
-          رەھمەت  ئاكا ،- گۈلبادام  تارتىنىپقىنا  سورىدى ،-يوللاردا  تۈنىگىدەك  دەڭلەر  بارمۇ‹
-تۇنجى  قېتىم  مېڭىشلىرىكەن-دە ،- يىگىت  سالقىنغىنا  كۈلۈپ  قويدى ،- بۈگۈن ‹‹ ئاچچىق  بۇيا ›› ئۆتىڭىدە  قونىدىلا .
- كەچكىچە  يېتىپ  بارغىلى  بولامدۇ ؟
- ئاتلىرى  يارامكەن ، بۈگۈن  كۈن  پاتارغا  يېتىپ  بارىلا .
- بۇياققا  ئالدىراپ  مېڭىپلا ،- گۈلبادام  ھۆرمەت  يۈزىسىدىن  سوراپ  قويدى ،- ئۆيلىرىگە  كېتىۋاتامدىلا ‹
-شۇنداق ،‹‹ غۇدۇرقۇم › جاڭگاللىقىدا  ئۆيۈم  بار..-يىگىتنىڭ  ئارتۇق  گەپ  قىلغۇسى  يوقتەك  قىلاتتى ،-بالىلارنى  كۆرۈپ  كېلەي  دەپ  ماڭدىم .
- ئۇنداقتا  ئۆزلىرى  نەدە  تۇرىدىلا ؟
- قاراقاشتا ، سودا  ئىشى  بىلەن .
- خوش  ئەمىسە ،مالال  قىلدىم .
-  يوقسۇ .
ئىككى  ئات  بىر –بىرگە  تارتىشقاندەك  بولۇپ  يوللىرىغا  راۋان  بولۇشتى . لېكىن ، يىگىت  بىرنەچچە  قەدەم  ماڭا – ماڭمايلا  ئېتىنىڭ  بېشىنى  قايرىپ  ۋاقىردى .
-        توختىسىلا  خان  ئايىم ، بىر  گەپنى  جېكىلەپ  قويمىسام  بولمىغۇدەك .
-        - قېنى  دېسىلە .
-        ئەتە  بىر  ئاش  پىشىم  ماڭغاندا ، مۇشۇنداق  ئاچالغا  يولۇقىدىلا،-يىگىت  قامچا  دەستىسىدە  ئاچال  يولنى كۆرسەتتى ،- ئوڭ  تەرەپكە  ماڭسىلا  قارىقاش  ئاقساراي  ئارقىلىق  تۆنۈن ، تايتاق ، يۇقاقۇنلارغا  بېرىپ  قالىدىلا ، ئۇ  يەرلەر  ئىلچىغا  تەۋە . شۇڭا ، سول  تەرەپتىكى  يول  بىلەن  ماڭسىلا ، دارا  قاراقاش  بازىرىغا  يېتىپ  بارىدىلا .
-        رەھمەت  ئاڭا ...خۇدايىم  سىلىنىڭ  تەنلىرىنى  ساق ، ئىمانلىرىنى  پاك  قىلغايي .
-        ئېيتقانلىرىدەك  بولسۇن ، ئىلاھىم!
گۈلبادامنىڭ  بىردىنلا  كۆڭلى  كۆتۈرلۈپ ، بىلىنەر – بىلىنمەس  بىر  ئىللىقلىق  پۈتۈن  ۋۇجۇدىغا  تارىدى . ‹‹ ئەجەب  پەزىلەتلىك  يىگىتكىنا  ››  دىگەن  بىر  ئوي  ئۇنىڭ  كۆڭلىدىن  يالتىراپ  يۇرۇپ  ئۆتتى .بۇنداق  ئادەمسىز  چۆلدە ، بويىغا  يەتكەن  بىرەر  ساھىبجامالنى  يالغۇز  ئۇچراتقان  ھەرقانداق  ئەركەك  قالايمىقان  ھەزىل  قىلىپ ،نۇمۇسسىز  تەلەپلەرنى  قويىشى  تۇرغانلا  گەپ . ئەمما  بۇ  يىگىت  ئۇنداق  بىزەڭ  چىراي ، تېتىقسىزلاردىن  ئەمەسكەن .
‹‹ خۇدايىمنىڭ  بۇنداق  دۇرۇس  نىيەت ، پاك  مۇسۇلماننى  يولۇقتۇرىشى  ياخشىلىقتىن  بىشارەت ›› دىگەنلەرنى  كۆڭلىدىن  ئۆتكۈزگەن  گۈلبادام  قۇملۇق  يولدا  جېدەللەپ  مېڭىپ  كەتتى...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش