يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1878|ئىنكاس: 32

يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا ۋاپات بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا ۋاپات بولدى
0 g5 R* @4 C% x
gayrat abdulla.jpg
& _- {' l6 r8 Z+ W9 C

' J0 X5 |/ w; ]8 U& n0 w   بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئاخپاراتچىلىقىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئاخپاراتچىلىقى ۋە پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان يازغۇچىمىز غەيرەت ئابدۇللا،2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن ئاۋال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:10 مىنۇت ئۆتكەندە يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. * p& t) W* b- Y$ B
    يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا  1952 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1970 - يىلىغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1970 - يىلىدىن 1972 - يىلىغىچە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1972 - يىلىدىن 1976 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل - ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە  مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە 1982 - يىلىدىن 1983 - يىلىغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاخبارات تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسپىرانتۇرىيەسىدە بىلىم ئاشۇرغان، 1985 - يىلىدىن 1987 - يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان. + g0 V% q, S6 Z4 c5 L
يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىگەن 40 يىلغا يېقىن ئاخباراتچىلىق ھاياتىدا گېزىت تەھرىرلىكىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىشلەپ، گېزىت خەۋەر - ماقالىلىرىنىڭ سۈپەتلىك، گېزىت بەتلىرىنىڭ رەڭدار بولۇشىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلگەن ھەم سەمەرىلىك ئاخبارات ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىك ئىچىدە مۇئەييەن تەسىرلەرنى قوزغىغان. ئۇ تەھرىرلىگەن ۋە ئۆزى يازغان ئاخبارات ئەسەرلىرىدىن 20 نەچچىسى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ھەر خىل ئاخبارات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. غەيرەت ئابدۇللا 1996 - يىلى ئالىي مۇخبىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خادىمى»نىڭ بىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاھىدە تۆھپىسى بار مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان ۋە جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئالىي شان - شەرىپى − «فەن چاڭجياڭ ئاخبارات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.& z, f' c  g8 T7 s
   يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆردۈم تامچىدىن» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆپلىگەن لىرىك شېئىرلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى ۋە بۇ شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن «گۈل زېمىن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. مۇشۇ مەزگىللەردە ئوتتەك قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئەل ئارىسىدا جاپالىق مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان غەيرەت ئابدۇللا خەلق تۇرمۇشىدىن ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە داۋاملىق مول ئوزۇق ئالدى ۋە تەدرىجىي نەسرىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتىگە كۆچۈپ، بىر نەچچە يىل ئىچىدە «پەگاھتىن تۆرگە»، «ئەقىدە»، «تەخمىنەن مۇدىر»، «شۇنداقمۇ ئاتا بار»، «رەسمىيەت»، «تاشۋاي»، «بەرھەق مەسلىھەت» قاتارلىق20 گە يېقىن ھېكايە، نەسر، ئوچېرك، ئەدەبىي خاتىرىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەشۇ ئەسەرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن «تىيانشان بويلاپ» ناملىق ھېكايە، نەسرلەر توپلىمى ئۇنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا بۇرۇنقى ئىجادىيەتلىرىنى ئۇل تېشى قىلغان ئاساستا يىرىك ژانىر ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، ئارقا - ئارقىدىن راۋاب پېشۋاسى تاشۋايغا بېغىشلانغان بىيوگرافىيەلىك قىسسە − «تاش ئابىدە» ۋە «ئۆز تەقدىرىنىڭ غوجايىنلىرى» ناملىق كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. مۇشۇ مەزگىللەردە يەنە غەيرەت ئابدۇللا قوشۇمچە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ داڭلىق يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم نادىر ھېكايە، نەسر، شېئىرلىرىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى ۋە ئۇ تەرجىمە قىلغان «ياڭ كەيخۇي ناخشىسى» (چوڭ ھەجىملىك داستان)، «زەڭگەر كۆز» (دۆلىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن يازغان ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى)، تارىخىي ئوقۇشلۇق « 5000يىلنىڭ مابەينىدە» ( 3- قىسمى)، «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ( 1- قىسىم «تېرىپىلىق قىز»، 2 - قىسىم «بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى») ۋە يېقىندا تەرجىمە قىلغان ۋاڭ مېڭنىڭ «ئەسسالام، شىنجاڭ» ( 1-، 2 - قىسىم) قاتارلىق كىتابلار ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.- N3 ]1 e1 k% M( o7 D3 f
يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مۇقامچى پېشۋالىرىمىزنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى تارىخىي چىنلىققا سادىق بولغان ھالدا يارقىن بەدىئىي ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بەرگەن «تەۋەررۈك» ناملىق تارىخىي بىيوگرافىيەلىك رومانىنى يازدى ۋە بۇ رومان نەشر قىلىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، شۇنداقلا بۇ رومان 2011 - يىلى دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىنغان 100 مۇنەۋۋەر كىتاب قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ تەقدىرلەندى. شۇنىڭدىن كېيىن غەيرەت ئابدۇللانىڭ يەنە «ئابرال گۇۋاھ» ناملىق تارىخىي بىيوگرافىيەلىك رومانى نەشر قىلىندى ۋە 1960 -، 1970 - يىللاردىكى مۇشەققەتلىك شارائىتتا ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ قانچىلىك ئەگرى - توقاي، بوران - چاپقۇنلۇق بولۇشىغا قارىماي، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزلىرىگە پاراۋانلىق يارىتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچە يۇمۇرىستىك قايناق تۇرمۇش كارتىنىسى ۋە ئۇلارغا باشلامچى بولغان ئەلسۆيەر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بەدىئىي ئوبرازى تۇرمۇش ۋە تارىخ چىنلىقىغا سادىقلىق بىلەن يارقىن يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ ئەسەردىن ئوقۇرمەنلىرىمىز خېلى جىق تارىخىي ساۋات ۋە ئۆزگىچە ئېستېتىك زوق ئالدى. تېخى يېقىندىلا نەشر قىلىنغان «ئەقىدە» ناملىق ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمىغا يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللانىڭ ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي يېزىقچىلىققا ئۇپرىماس ئەقىدە باغلاپ، ياش چاغلىرىدىلا يالقۇنلۇق مۇھەببەت بىلەن خەلقىمىز تۇرمۇشىدىن ئۆز ئىجادىيىتىگە مول ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبتا يازغان«تاش ئابىدە»،«ئارماندىن مۇراد»... قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەنىدى.
( Z# g2 \# s7 `) C9 l9 [( |. W8 M   شۇنداق، جاپالىق ئەجىر - مېھنەت غەيرەت ئابدۇللانى جەمئىيەتتە مۇناسىپ تەسىر ۋە ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئۇ ھايات چېغىدا جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
. y1 O' v! j* ^$ C& t* }  R- w بىز مەرھۇم يازغۇچىمىز غەيرەت ئابدۇللانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋېتى بىلەن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابات ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز!4 H' V" N, @+ e
                                          

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 12:18:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنى تېخى تۆنۈگۈن تېلىۋىزۇردا بىر ئۇيغۇرچە ئۇنۋىرسال پروگگىراممىدا تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم، قارىماققا ساغلام كۆرۈنگەن..."قازا كەلسە كۆرۈنمەس پۇت-قوللىرى ساڭلىلاپ..."دېگەن شۇدە.
8 Z1 {7 t) Q# Z0 M0 N9 w0 A2 P  w6 s& Qقارىسام كاللىسىنى بەك ئىشلىتىدىغانلاردىن پۇت، قولىنى بەك ئىشلىتىدىغان(تەنھەركەتچى، ئۇسۇلچى دېگەندەك) ئادەملەر ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىدىكەن، ئەدەبىياتنىڭ ئوتىنىڭ بۇنداق يامانلىقىنى بىلمەي "چوغ"ئويناپ يۈرۈپتۇق. ئوت تۇتاشقاندا دېڭىزغا سەكرىسىمۇ، جىم تۇرسىمۇ ھامان ئۆلىدىغان گەپكەن، بۇنداق بولمىغاندا ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىدىغان ئىشنى قىلىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ باقاركەنمەن...

باھا سۆز

قىزىق گەپ، بۇمۇ بىر ھساپتا توغرا گەپ.  ۋاقتى: 2016-2-5 02:08 PM
قىزىق گەپ، بۇمۇ بىر ھساپتا توغرا گەپ.  ۋاقتى: 2016-2-5 02:08 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-2 19:10:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللانىڭ ئەدەبىي پائالىيەتلىرىدىن خاتىرە8 h- V0 u4 t6 p
8 L0 e2 H8 F7 ^  t& U8 N
IMG_1317.JPG % l! S0 k1 x" ^7 e
( A, w" H1 d! u( D4 {) p
IMG_1381.JPG " _1 I3 e( S  W' b+ Y. V/ S
$ {  z9 m9 q' F  r% J+ \. r
IMG_1483.JPG
/ w1 R0 l' y, A/ L0 J7 b0 ?
$ }" ], |8 u% U3 C: P9 h* t IMG_1486.JPG ; S) P; G) D& x

$ r3 F: H; [/ R, V& T6 G) s+ F# @' z! t- J8 v+ T$ m

) F; s3 {  r. H& O
( x$ K( P: R: d1 h& ^! t2 A$ F' T0 J0 a2 \" I1 r. c/ ?
9 [2 `( G) ]+ t8 ~7 u

ۋاقتى: 2016-2-2 22:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-2 19:10
; N% |7 a( U" I4 t/ \مەرھۇم يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللانىڭ ئەدەبىي پائالىيەتل ...
2 n6 j7 P+ t, s8 \, E) c( Q
   ئىجتىھادلىق يازغۇچى، سەركە ئاخباراتچى غەيرەت ئابدۇللا پۈتۈن ئۆمرىنى يېزىقچىلىققا بېغىشلاپ، كەسپىگە، خەلقىگە يۈز كېلەلەيدىغان ئىشلارنى قىلدى. كەمتەر، سەمىمىي قەلەمكەش دوستىمىزنى  مەڭگۈ
" w" g5 d- |1 p- W2 F ياد ئېتىمىز. ئائىلىسگە ، قېرىنداشلىرىغا  سەبرى تىلەيمەن ،  ئەلۋىدا، دوستۇم  غەيرەت ئابدۇللا !

ۋاقتى: 2016-2-3 10:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىسگە ، قېرىنداشلىرىغا  سەبرى تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2016-2-4 13:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم شۇ تاپتا تولىمۇ يېرىم ، ئاقسۇدىيارىدىن بىر يازغۇچىنىڭ كەتكىنى   يۇرتۇم ئۈچۈن زوريوقىتىش، غەيرەت ئابدۇللا  ئاكامنى چوڭقۇر ياد ئېتىمەن،   ئائىلىسىگە  سەبىر تىلەيمەن، ئەلۋىدا غەيرەت ئاكا،ياتقان يىرىڭىزدىن  خۇشپۇراق گۈللەر ئۈنسۇن..........

ۋاقتى: 2016-2-4 22:15:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
' \2 P; z+ \: B3 S7 W# D0 x* R0 T: V
ئۇ دۇنيالىقىڭ خەيرىلىك بولسۇن...

ۋاقتى: 2016-2-5 10:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى سەككىز جەننەتتە بولسۇن ، ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2016-2-5 10:47:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ  تېخى ياش ئىدى....بىر ياخشى ئەدىپتىن  ئايرىلىپ قاپتىمىز.....ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا سەبرى تىلەيمەن.....

ۋاقتى: 2016-2-5 11:37:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي،  ئۇنىڭ سەمەرەلىك ئىزلىرى ئەۋلادلىرى ئارقىلىق مەڭگۈ ئۆچمىگەي

ۋاقتى: 2016-2-5 11:56:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

( r- h7 z8 c! g. ]$ _4 J& E  d9 s" C) s: S' m; b4 f
! Q0 [) i% s: q. V$ W+ H
        مەرھۇمنىڭ نەتىجىلىرى خېلى كۆپ ئىكەن...

ۋاقتى: 2016-2-5 12:04:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھپىكار ئاخباراتچى،تونۇلغان يازغۇچى  غەيرەت ئابدۇللانىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىرى تىلەيمەن.مەرھۇم ئۇستازنىڭ تەلەپچان،مەسۇليەتچانلىقى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-5 12:29:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم بىلەن بۇنىڭدىن 6 - 7 يىل مۇقەددەم " تەۋەرۈك " رومانىنى تارقىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن كۇچادا دىدار مۇلاقەت بولغان ئىدۇق .... ئوچۇق - يورۇق ، چىقىشقاق ، ئادەمخۇمار ... كىشى ئىدى . ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !....

ۋاقتى: 2016-2-5 12:43:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقانن يېرى جەننەتتە بولغاي.

ۋاقتى: 2016-2-5 13:11:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablipiz idiris يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 12:43
/ O3 H$ ~# {9 }" I; o7 R% k+ V, l- k4 m! lياتقانن يېرى جەننەتتە بولغاي.

5 n! }$ ]! D- G. f* a) I3 h+ Y1 ]ياتقان يىرىڭىز  جەننەتتە بولسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش