|
بۇ خەۋەرنى بەكلا كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن، كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنيالىقى خەيرىلىك بولغاي ، ئائىلە -تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلەيمەن ! غەيرەت ئابدۇللا ئاكىمىز بىلەن ئەسرالىشىش ماڭا نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ ، ئەمما نام -شەرىپىنى ئىجادىيەتلىرىدىن كۆرۈپ تۇرغان ئىدىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ « تەۋەرۈك» رومانىنى ئوقۇپ بەكلا ھاياجانلانغان ئىدىم، روماننىڭ تىلى ئاجايىپ پاساھەتلىك چىقىپتىكەن. مانا ئەمدى ئۆزى تەۋەرۈك سۈپىتىدە ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. : Q; x/ s0 E! b( y9 d. q0 F
مۇشۇ ئاي ، مۇشۇ كۈنلەردە نۇرغۇن ئۆلۈم - مۇسىبەت خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن ھەم كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن . ئۆلۈم دېگەننىڭغۇ ياش-قېرىغا باقمايدىغانلىقى ئېنىق . ئەمما ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە-تەھرىرلىك ، ئاخباراتچىلق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇلارنىڭ بىباھا ئەمگەكلىرى ۋە ئەسەرلىرىدەك ئۇزۇن بولمايدىكەن . ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ، ھەرىكەت كەم بولۇش ، ئۆز كەسپىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئامىللار بىر قىسىم يازغۇچى-شائىرلار ۋە ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىز بىلەن ۋاقىتسىز خوشلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم سەۋەبمىكىن ، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن !
s8 @3 _+ M2 F# J% Z) }5 X, D$ Y: @* s! o2 J- s
* ]& Q8 a/ z, E: }8 q* K
|
|